ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺑﻪﺭﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰنىڭ داۋامى............. - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39672706.html

    ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ، ﺗﺎﺭﯨﻢﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﻛﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻕ ﺳﯜﺕ ﺋﯧﻤﯩﭗﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻟﻠﻪﻱ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯔﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺗﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﯩﻨﺪﯗﺭﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﯗﻕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯘﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﮕﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺭﯨﻴﺎﺯﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﺎﺭﭼﯩﺪﻯ ، ﺟﯩﺴﻤﻰ ﺧﻮﺭﯨﺪﻯ ، ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻕ ﻛﯩﺮﺩﻯ ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ ﺧﻮﺭﯨﺪﻯ ، ﺋﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪﺭﭼﻪﻛﺘﻰ . ﺋﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ ! ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﺎﺳﺮﺍﻳﻠﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﺳﯚﻳﻪﻳﻠﻰ ! .....

    ﭼﯚﻛﻤﻪﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ < ﮔﯚﮬﻪﺭ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ >



            
    ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﮔﻮﻳﺎ ﺑﺎﺭﺧﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻣﻪﯕﮕﯜﺑﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻚ، ﻏﯧﺮﯨﺒﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﻪﻙ ﺧﺎﻣﯘﺵ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺑﻪﺧﺸﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﯞﺍﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﻰﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺷﯘ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﻩ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﭖ ، ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺧﯩﻴﺎﻝﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﻚ ﮬﯧﺲ - ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯚﻟﺪﻩﺷﻜﻪ ، ﺯﯦﺮﯨﻜﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﻼﮬﯩﻲ ، ﺳﯧﮭﺮﯨﻲ ﯞﻩ ﻏﺎﻳﯩﯟﻯ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺸﻜﻪ ﻛﯚﻧﯜﻛﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﻗﻠﯩﻘﻰ ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ، ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻘﻰ ﮬﯧﭻ ﮔﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝﻗﯘﻡ ﺩﺍﻧﯩﭽﯩﺴﯩﺪﺍ ، ﺳﯜﺭﺭﻩﯓ ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺭﺧﺎﻧﻠﯩﺮﺩﺍ ، ﺗﻮﭘﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﺍ ، ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﻥﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﻡ - ﺑﻮﺭﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﯞﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻏﺠﯩﺮﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱﻣﻪﻧﺎ ، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺑﺎﺭ ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ .ﺋﯚﺗﻜﻪﻥﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 40 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﻧﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺩﯨﺌﺎﻧﻨﺎ ﺳﯩﻤﭙﺘﻮﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪﻩﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﻯ : < ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ، ﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﺪﻯ ، ﻛﯚﺯﻳﻪﺗﻜﯜﺳﯩﺰ ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙﻛﯚﺭﯛﻧﺴﯩﻤﯘ ، ﺗﯧﮕﻰ - ﺗﻪﻛﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ( ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﻚ ) ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺋﺎﺗﺎﻗﯩﻼﺗﺘﻰ . ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﺟﺎﻱ ﺑﻪﺋﻪﻳﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻏﺎﻳﯩﺒﺎﻧﻪ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ، ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ، ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭ ....... ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﻚ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ ....... ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﯩﻨﻰﻛﯚﺭﺩﯛﻡ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﺴﯩﺰ ، ﺳﯜﺭﻟﯜﻙ ، ﺗﯩﻤﺘﺎﺱ ، ﺯﯦﺮﯨﻜﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ ، ﻛﯜﻝ ﺭﻩﯓ ﺷﯧﻐﯩﻞ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺩﻩﻝ - ﺩﻩﺭﺍﺥ ، ﮔﯩﻴﺎﮬﺗﻮﺳﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺷﻼﺭﻣﯘ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﺋﯘﭘﯘﻕ ﺳﯩﺰﯨﻘﯩﻐﯩﭽﻪ ﻳﯧﻴﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺗﺘﻰ . ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﺘﻪﻙ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﻪﺭ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﭼﯜﺷﻪﺗﺘﻰ ، ﺑﯘ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﻪﺭﺭﻭﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺳﻪﮬﺮﺍﻳﻰ ﻛﻪﺑﯩﺮ ﭼﯚﻟﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﻮﻟﺪﯗﺭﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﻐﯩﻤﯘ ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎﭼﯚﻣﺪﯛﺭﯛﭖ ، ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﻣﻪﻳﯜﺳﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ، ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ ، ﺋﯚﻟﯜﻙ ﯞﻩ ﺯﯦﺮﯨﻜﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﻨﻰﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯗ .....>
          
    ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ، ﺗﯩﻤﺘﺎﺱ ﯞﻩ ﺯﯦﺮﯨﻜﻪﺭﻟﯩﻚﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ﮬﻪﻣﺪﻩ < ﮔﻮﻳﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﮬﺒﯘﺳﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ، ﺋﯚﺯﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﯟﻯ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻗﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ > __ ﺩﯛﻣﻠﻪﻧﻤﻪﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﺪﻯ .
            
    ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ، ﻗﯘﻡ ﺑﻮﺭﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﻩﺭﺑﯩﺴﻰ ، ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﯧﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﯘﻧﺒﻪﺕ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﯞﻩﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﯘﻡ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻏﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮔﻮﻳﺎ ﻗﯘﻡ ﯞﻩﻗﯘﺭﻏﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻛﻼ ﻧﻪﺩﻩ ﺳﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻳﯧﯖﻰﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺗﺎﻍ ، ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﮔﯩﺮﻩﻟﻪﺷﻤﻪﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ
    .
        
    ﺗﺎﻻﻱﻳﯩﻠﻼﺭ ، ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﻡ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻳﯧﯖﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﮕﻪﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﻙ - ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ . ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﯗﻕ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﻪﺭﻧﻰ < ﻗﺎﻟﻤﺎﻕ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ > ﺩﻩﭖﺋﺎﺗﺎﺷﺘﻰ . ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻣﯘﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﻗﯘﻡ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎﻏﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ .
          
    ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﺯﻩﺭﺑﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﯞﻩﺗﺘﻰ . ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﮔﯜﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﺋﯘﺯﺍﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻗﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .  ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ X ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻰﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﺑﻮﺩﺩﯨﺰﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﻪﻙ - ﭼﯧﮕﺮﺍ ﮬﺎﺳﯩﻞﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ، ﻗﯘﻣﻐﺎ ﻛﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﯛﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﺧﺎﮬﯩﺸﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﻗﯘﻡ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻰ ﺟﯘﻻﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺷﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﺳﻰﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ .
        
    ﺯﺍﻣﺎﻥﭘﺎﺭﺍﯞﯗﺯﻯ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﺪﻯ ، ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰﺋﯘﻧﺘﯘﻟﺪﯗﺭﯗﯞﻩﺗﺘﻰ .  ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻤﺘﺎﺱ ﯞﻩ ﺗﯩﻨﺪﯗﺭﻣﺎ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺋﯚﺯ ﺭﯦﺘﯩﻤﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻡﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﺎﯞﺍﮬﯩﺮﺍﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪﻡ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﮬﻪﻡﯞﻩﮬﯩﻤﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ - ﻏﺎﺭﺍﻳﯩﭗ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ - ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻻ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .
            
    ﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ - ﻛﯚﻣﯜﺵ ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻼﺭ ﯞﻩﺋﯩﺸﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﭘﺴﯘﻥ - ﺟﺎﺩﯗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﻠﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ - ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﺴﺰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ . ﻳﯧﯖﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻖ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻟﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ - ﻛﯜﻣﯜﺵ ﯞﻩ ﺧﯘﺵ ﭘﯘﺭﺍﻕﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﺎﺭﺍﻟﻼﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ، ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ - ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﻪﭖ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺗﻼﻧﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ، ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰﭘﯩﻨﮭﺎﻥ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﺎﺩﺩﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻲ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ < ﺷﯩﯟﻯ ﻗﻪﺩﯨﺮﻛﯧﭽﯩﺴﻰ > ﮔﻪ ﺷﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﺗﺘﻰ . ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥﺗﯧﺰﻩﻛﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﺸﻪﻙ ، ﮔﯚﮬﻪﺭ ﺗﯘﻏﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﺧﯘ ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻧﺎﺯﯗ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯘﭘﺮﺍ ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻖ ﺗﻪﺧﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯘﻣﯘﺭﻍ ﻗﯘﺵ ﯞﻩ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔﺋﻪﻗﻠﯩﻨﻰ ﻻﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﯚﺭ - ﭘﻪﺭﯨﻠﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﯓ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﻪﯞﺝﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﭽﻪ ﺋﻪﺟﻪﭘﻠﯩﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﯧﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭ ، ﭘﺎﺭﺳﻼﺭ ، ﮬﯩﻨﺪﯨﻼﺭ ﯞﻩ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﻧﺎﻥ - ﺭﯗﻣﻠﯘﻗﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ، ﺳﯩﻨﺪﯨﺒﺎﺩ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﻰ ، ﺋﻪﺳﮭﺎﺑﯘﻝ ﻛﻪﮬﻒ ، ﺋﻪﻟﻰ ﺑﺎﺑﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯛﺭﯛﯞﯦﺘﻪﻟﻪﻳﺘﺘﻰ .
          
    ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ، ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻴﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ، ﺗﻪﻟﯩﻴﻰ ﺋﻮﯕﺪﯨﻦﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﺑﯧﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻟﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻗﺎﺗﻼﻡ __ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ < ﮔﯚﮬﻪﺭﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ > ﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ .
        <
    ﮔﯚﮬﻪﺭﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ > __ ﻗﻮﻣﻐﺎ ﻛﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﺮﻯ ، ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻤﺴﯩﻘﻼﭖ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ <ﺗﻪﻟﻪﻱﺳﯩﻨﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭ > ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ < ﻛﯧﭙﻪﻥﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﺮﻯ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻗﯘﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻛﻮﻧﺎ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭ ﯞﻩﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯧﺰﯨﭗ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ - ﻛﯜﻣﯜﺵ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺋﻪﻣﻤﺎ XIX ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭼﺎﺭﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻖ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻟﭽﯩﻠﻪﺭ ، ﺋﯧﻜﺴﭙﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﺎ - ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﺎﺳﺎﺭ ﺋﻪﺗﯩﻘﻪ ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﯩﻼﺭ ، ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ ، ﻻﻱ ﭘﯜﺗﯜﻛﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻧﻪﭘﯩﺲﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯘﺯﯦﻴﻼﺭﻏﺎ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ . ﺑﯘﻧﯩﯔﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ < ' ﮔﯚﮬﻪﺭﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ' ، ' ﻛﯧﭙﻪﻥ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ' ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩﺑﯩﺮ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛﯜﭺ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﺩﻯ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﻮﻟﻰ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﻛﻮﻧﺎ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ > .
          
    ﺋﯘﻻﺭ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛﯜﭺ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩﺋﯘﻳﯘﺷﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ، ﻳﻪﻛﻪﻥ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ، ﻛﻮﭼﺎ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ < ﮔﯚﮬﻪﺭ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ > ﻗﻮﺷﯘﻧﻰﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ . ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﻝ ﯞﻩ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻟﭽﯩﻠﻪﺭ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺩﻭﻏﺎ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﻗﻪﺑﺮﯨﻤﯘ ﻗﻪﺑﺮﻩ، ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻤﯘ ﺧﺎﺭﺍﺑﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﺩﻯ . ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﻟﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﯕﮕﯩﮕﻪ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﻙ ﻛﯚﺯ ، ﺳﯧﺮﯨﻖﭼﺎﭺ ﭘﻪﺭﻩﯕﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﯩﺸﯩﻠﮕﯜﭼﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﻰ . ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰﻗﺎﻳﺎﻗﺘﯩﻨﺪﯗﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺟﻨﻪﺑﯩﻲ ﭘﻪﺭﻩﯓ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﯞﯨﺴﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥﭼﯜﻣﯜﻟﯩﺪﻩﻙ ﺗﻪﺭﻩﭖ - ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻳﻮﭘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ < ﺋﻮﻟﺠﺎ > ﻟﯩﺮﯨﻨﻰﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯚﺯ - ﻛﯚﺯ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ . ﭼﯩﯖﻘﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﮬﺎ ﺗﺎﻟﯩﺸﺎﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪﺗﻪﯕﮕﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ < ﺧﯘﺩﺍﻏﺎ ﺷﯜﻛﯜﺭ ، ﺋﻪﺳﻜﻰ - ﺗﯜﺳﻜﻰ ، ﺟﯘﻟﺪﯗﺭ ﻛﯧﭙﻪﻧﻨﻰ ﺷﺎﺭﺍﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﯕﮕﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺧﻤﻪﻕ ﭘﻪﺭﻩﯕﻨﻰ ﺋﻪﺟﻪﭖﺑﺎﺑﻠﯩﺪﯨﻢ ! > ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭘﯩﺸﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﻳﻤﯘ ﺋﯚﻱ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺑﺎﮬﺎﺩﺍﻳﯩﻐﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﻪﺟﻨﻪﺑﯩﻲ ﭘﻪﺭﻩﯕﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻱ ، ﺋﯘﺯﺍﻕﺩﻩﺷﺖ - ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯧﺰﯨﭗ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ، ﭼﺎﺭﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ . ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺋﯧﻜﺴﭙﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، XX ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﭼﺎﺭﯨﻜﯩﺪﻩ ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﻩ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ < ﮔﯚﮬﻪﺭ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ > ﻧﯩﯔﺋﯚﺯ < ﺋﻮﻟﺠﺎ > ﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺕ - ﺋﯧﺸﻪﻛﻜﻪ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ، ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺭﯗﻣﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﻪﺷﻤﯩﺮﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯩﻠﮕﯧﺖ ، ﺳﯧﺮﯨﻨﺎﮔﺎﺭ ، ﺧﯘﻧﺰﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺭ - ﺋﻪﺗﯩﻘﻪ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ .
          
    ﺋﺎﯞﺭﯦﻞ ﺳﺘﻪﻳﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ < ﻗﯘﻣﻐﺎ ﻛﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻥﺧﻮﺗﻪﻥ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﺮﻯ > ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ < ' ﮔﯚﮬﻪﺭﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ' ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﮬﺎﻟﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯧﺘﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯩﺶﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﭼﺎﻳﻘﺎﺵ، ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ .... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ . ﺋﺎﻣﻪﺕ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭ ﺩﻩﭖ ' ﮔﯚﮬﻪﺭﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ' ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﮕﯜﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﺰﯨﻘﺘﯘﺭﯗﺵ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮬﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻖ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﻪﺳﭙﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘ ' ﮔﯚﮬﻪﺭﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ' ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﺘﻪ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻨﻰ ﭘﯘﻝﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ > . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥﭘﯜﺗﯜﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ، ﺗﻪﻟﻪﻱ ﺳﯩﻨﺎﭖﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ < ﮔﯚﮬﻪﺭ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ > ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻤﯘﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .
    ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺗﻜﻪﺳﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﺟﻨﻪﺑﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﯕﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﯞﺟﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ __ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ، ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻮﻻﭖ ، ﻛﯧﭙﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﺩﻯ . ﻗﯘﻡ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﺗﺘﻰ . ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦﻳﯧﻐﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩﺳﯩﻘﻪﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﭖ - ﺗﻮﭘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﯧﺘﯧﺮ ﺑﯘﺭﮒ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺮﻟﯩﻦ ، ﮬﺎﻣﺒﯘﺭﮒ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ، ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺘﻮﻛﮭﻮﻟﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺯﯦﻴﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ . ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻜﺴﭙﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺋﻪﺗﺮﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ < ﺋﻮﻟﺠﯩﻼﺭ > ﺩﯨﻦﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﺪﻯ . ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﯞﺍﻟﻨﺎ 1923 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺑﯧﺰﻩﻛﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ 12 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺗﺎﻡ ﺭﻩﺳﯩﻤﯩﻨﻰ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﯟﻯ ﺋﯧﺮﯨﺘﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﻣﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ : < 20 ﻳﯩﻠﻐﺎﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻼ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﻛﯚﺭﮔﯜﭼﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ! > ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ .
           <
    ﮔﯚﮬﻪﺭ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ > ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺟﻨﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ، ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯘﭘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ < ﮔﯚﮬﻪﺭﻳﯩﻐﻘﯘﭼﻰ > ﭘﻪﺭﻩﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ، ﺋﺎﯞﺭﯦﻞ ﺳﺘﻪﻳﻦ ، ﮔﺮﻭﻧﯟﯦﺮﺩﯨﻞ ، ﻓﻮﻥ ﻟﯧﻜﻮﻙ ، ﭘﯧﻠﻠﯩﺌﻮﺕ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺎﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻜﺴﭙﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺋﻪﺗﺮﻩﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﺟﻨﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﺎﺭﺩﻯ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻡ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻛﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﺎﯞﺍﮬﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻮﻻﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﻮﻝﻗﻮﯞﯗﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺋﻪﺟﻨﻪﺑﯩﻲ ﭘﻪﺭﻩﯕﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻳﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﻰ .
    ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ < ﻛﯧﭙﻪﻥﺋﻮﻏﺮﯨﻼﺵ > ﻧﻰ ﻛﻪﺳﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ < ﮔﯚﮬﻪﺭﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ > ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﯘﺳﯩﺰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﯧﺘﯩﭗﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺋﻪﺟﻨﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﺱ ﺗﻪﯕﮕﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ < ﺋﻪﺳﻜﻰ - ﺗﯜﺳﻜﻰ > ﻟﻪﺭﻧﯩﯔﻧﯧﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻗﻪﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰﺋﺎﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﮬﺎﺟﻪﺗﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻐﯩﻤﯘ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﻯ . ﭘﯜﺗﯜﻥﺩﯗﻧﻴﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﯓ ﻧﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻥ ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰﺯﺍﻣﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﯓ ﯞﻩﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻚ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯧﻘﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺟﯘﺵ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ XX ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﺎﺭﯨﻢﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘﺋﺎﺯﺍﺑﻼﻳﺘﺘﻰ . ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺋﯚﺯ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﯩﻨﻰ ﭘﺎﻙ - ﭘﺎﻛﯩﺰﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ، ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﻮﻻﭖ ، ﻛﯧﭙﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ، ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻜﻪ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥﻗﯩﻠﭽﯩﻤﯘ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ .... ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲﺗﺮﺍﮔﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ !
          
    ﺳﺘﻪﻳﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ < ﮔﯚﮬﻪﺭﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ > ﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﻯ: < ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﻩﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭﯞﻩ ' ﮔﯚﮬﻪﺭﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ' ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﯩﻲ ﭘﯘﻝ، ﺳﺎﭘﺎﻝﮬﻪﻳﻜﻪﻝ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﯩﻲ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺗﺎﻏﺎﺭﻏﺎ ﻟﯩﻖ ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺳﯘﻧﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﺎﭘﺎﻝ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ، ﻣﯧﺘﺎﻝ ﭘﯘﻟﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻮﺗﻘﺎﻥﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ . ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﻛﻤﯘﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﯧﻨﯩﻘﯩﺶ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ' ﮔﯚﮬﻪﺭ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ' ﻧﯩﯔﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺩﻩﺳﻠﯩﯟﯨﺪﯨﻼ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻢ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﮬﯧﺲﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻜﻰ ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘ ﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺵ ﻳﯧﺰﯨﻘﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ' ﺋﻮﻳﻤﺎﺑﺎﺳﻤﺎ ' ﺩﯨﻜﻰ ' ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﭖ ' ﻻﺭﻧﻰﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩﻙ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯚﭘﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ > .
          <
    ﮔﯚﮬﻪﺭ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ > ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﺵ ﻗﻮﻟﺪﻩﻙ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ . ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻜﻰﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﻛﻮﻟﯩﺴﺎﻧﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﭘﻪﺭﻕ ﺋﯧﺘﯩﺶﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺳﯧﺰﯨﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻏﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﯩﯖﻨﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻻﺗﺘﻰ. ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚﺋﯧﻜﺴﭙﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺑﯧﺴﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ < ﮔﯚﮬﻪﺭﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ > ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ - ﻛﯜﻣﯜﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ ﻗﯩﺪﯨﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻐﺎ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ، < ﮔﯚﮬﻪﺭﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ > ﻧﯩﯔ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻖﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻳﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ، ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭﺋﻪﺳﻠﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﻗﯘﻝ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ - ﻛﯜﻣﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﺱ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﺑﯘﺯﯗﭖ - ﭼﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺑﯘﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﮔﯚﮬﻪﺭ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ، ﺩﻩﭖ ﺑﯘﺗﻼﺭﻧﻰﭼﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ . ﺳﯧﯟﯨﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﮬﺎﯞﺍ ﺭﺍﻳﯩﻐﺎﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﻛﯧﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﺍﺳﺎﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ < ﻛﯧﭙﻪﻥﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﺮﻯ> ﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﺭﺍﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﭘﻪﻳﺘﯩﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ .
        
    ﺧﻮﺗﻪﻥﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﻳﻪﻛﻪﻥ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ، ﻛﻮﭼﺎ ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺯﻭﺭﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ <ﮔﯚﮬﻪﺭ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ> ﻗﻮﺷﯘﻧﻰﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻟﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻖﻗﯩﺪﯨﺮﯨﺸﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ < ﺗﻪﻟﻪﻱ ﺳﯩﻨﺎﺵ > ﻟﯩﺮﻯ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﻪﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﻯ ، ﺳﺎﻥ - ﺳﺎﻧﺎﻗﺴﯩﺰﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺵ ﺋﻪﺟﻨﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻳﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻠﺪﻯ . ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ - ﻛﯜﻣﯜﺵ ﯞﻩﺳﯟﻩﺳﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﺰﺩﯗﺭﯗﭖ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﻚﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ . ﺳﺘﻪﻳﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻧﻪﭘﯩﺲ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪﺑﯘﺗﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﮬﻪﻡ ﻗﻮﻻﻳﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﻣﻐﺎﻛﯚﻣﯜﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﺪﻩ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯚﻣﯜﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﯘﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﯞﺍﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ ، ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺗﻪﻣﻪﺳﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺷﻜﻪﻥ < ﮔﯚﮬﻪﺭﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ > ﺑﯘ ﺑﯘﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﻛﻮﻻﭖﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ، ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ - ﻛﯜﻣﯜﺵ ﺑﺎﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﭘﺎﺭﻩ - ﭘﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺳﺘﻪﻳﻦ ﺑﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ .
          
    ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﻛﻮﻧﺎﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ، ﻳﺎﻏ


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.