-
2009-05-23
قەدىمقى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ داۋامى...... - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39792358.html
2 . ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻻﺭ
ﺗﻮﺗﯧﻤﯩﺰﻡ
ﺗﻮﺗﯧﻤﯩﺰﻡ - ﺗﻮﺗﯧﻤﻐﺎ ﺗﯧﯟﯨﻨﯩﺶ . ﺗﻮﺗﯧﻢ ( totem ) ﺋﯩﻨﺪﯨﺌﺎﻥ ﺗﯧﻠﯩﺪﺍ < ﻗﺎﻳﺎﺷﻰ > ، < ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﻰ > ، < ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ - ﺋﻮﺭﺍﻝ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﮬﻪﺭ - ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺭﯗﻗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺷﻪﻳﺌﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﺗﺘﻰ ؛ ﻣﻪﺯﻛﯜﺭ ﺷﻪﻳﺌﻰ ( ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ ) ﺷﯘ ﺋﯘﺭﯗﻗﻨﯩﯔ ﺗﻮﺗﯧﻤﻰ - ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺗﯩﻤﺴﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ، ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ < ﻗﻮﺵ > ﺋﯧﻠﻰ ﺋﯚﻛﯚﺯﻧﻰ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﻳﺘﻰ . ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ( ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﻛﯚﭼﯜﺵ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ) ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻗﻮﺵ ( ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﺋﯚﻛﯚﺯ ) ﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻗﻮﺵ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭼﯚﻛﻜﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺟﻪﯕﺪﻩ ﻗﻮﺵ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺴﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ < ﻗﻮﺵ ﻗﻮﻳﺎﺭﻻﺭ > ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯘﻧﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ < ﮔﯘﻳﻪﻥ ﮔﯘﺷﻰ > ( ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﯘﺷﻰ ~ ﭼﯧﺸﻰ ) ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ . < ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﻪﺑﯩﺮﻯ > ﯞﻩ ﻓﯧﻲ ﺗﻴﯧﻨﯩﯔ < ﺷﻪﺭﮬﻨﺎﻣﻪ > ﺳﯩﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ، < ﻗﻮﺵ > ﺑﯩﻠﻪﻥ < ﮔﯘﺵ > ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﺩﯗﺭ . < ﮔﯘ > ﺑﯩﻠﻪﻥ < ﮔﯜ > ( ﺟﯜ ) ﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﻯ ﻳﯧﻘﯩﻦ ؛ ﺑﯘ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻝ < ﺋﯚﮔﯜﺯ > ( ﺋﻮﻏﯘﺯ ) ﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﺪﯗﺭ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ ، < ﻗﻮﺵ ﻗﻮﻳﺎﺭﻻﺭ > ﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﺗﯧﻤﻰ < ﺋﯚﻛﯜﺯ > ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﻪﯞﯨﻤﻠﻪﺭ ﺋﯩﺖ ، ﺋﯧﻴﯩﻖ ، ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ، ﺑﯚﺭﻩ ، ﻛﯩﻴﯩﻚ ، ﺋﯚﻛﯜﺯ ، ﻗﯘﺷﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﺗﯧﻢ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﭖ ، ﺷﯘﻻﺭﻏﺎ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﺟﺎﻧﯩﯟﺍﺭ - ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎﻏﺎ ﺗﯧﯟﯨﻨﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ، ﻳﯧﻴﯩﺶ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ( ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺪﯨﺌﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺖ ، ﻛﯩﻴﯩﻜﻨﻰ ﺗﻮﺗﯧﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯧﯟﯨﻨﯩﺪﯗ ) . ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺗﻮﺗﯧﻤﻐﺎ ﺗﯧﯟﯨﻨﯩﺶ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ . ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻲ < < ﺑﺎﺭﺍﻕ > ( ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﯞ ﺋﯩﺘﻰ ) ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺰﺍﮬﻠﯩﻐﺎﻥ ؛ < ﺑﺎﺭﺍﻕ - ﭘﺎﺧﻤﺎﻕ ﻳﯘﯕﻠﯘﻕ ﺋﻮﯞ ﺋﯩﺘﻰ ، ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﭽﻪ ، ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﻗﯧﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺗﯘﻏﯘﭖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﺳﺎﺭ ﺋﯩﻤﯩﺶ ؛ ﺗﯘﺧﯘﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭﺍﻕ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﯜﻙ ﭼﯩﻘﺎﺭ ﺋﯩﻤﯩﺶ ، ﺋﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯜﮔﺮﯛﻛﻰ ﯞﻩ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﻮﯞ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺑﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﺘﻰ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﻤﯩﺶ ؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺑﯜﺭﻛﯜﺗﻨﯩﯔ ﭼﯜﺟﯩﺴﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭ ﺋﯩﻤﯩﺶ ، ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﯨﯩﺮﻗﻰ ﭼﯜﺟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﻤﯩﺶ > ( < ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ > ، 1 - ﺗﻮﻡ ) . ﺩﯨﻤﻪﻙ ، ﺑﯘ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ < ﺋﯩﺖ > ﺗﻮﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﺭﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺗﻮﺗﯧﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﺎﺵ - ﺟﻪﻣﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﺎﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺗﯧﻤﻼﺭ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺎﺗﯩﺮ - ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻴﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻨﺮﻩﻙ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻼﺭ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺩﻩﭖ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻧﯟﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮬﻪﺗﺘﺎ 7 - ، 8 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻝ ﻗﯘﺷﻰ ( ﺷﯘﯕﻘﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﻗﯘﺵ ) ﻧﻰ ﺋﻪﺯﯨﺰﻟﯩﮕﻪﻥ ؛ ﺷﯘﯕﺎ < ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ > ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺧﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﺘﻪ < ﺗﻮﻏﺮﯗﻝ > ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ . ﺧﯘ 鹘 خېتىنى قوللىنىش توغرىسىدا مەلۇم شەرتنامىلەر تۈزۈلگەن بۇ قۇشنىڭ ئېتى بەزى ئەرباپلارغىمۇ ئات قىلىپ قويۇلغان ) مەسىلەن: ﺗﻮﻏﺮﯗﻝ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ) . ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺧﺎﻥ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﻙ ﺧﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﻻﭼﯩﻨﻨﻰ ، ﺋﺎﻱ ﺧﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻏﯩﻨﻰ ، ﻛﯜﻥ ﺧﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﯕﻘﺎﺭﻧﻰ ، ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺧﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﭼﺎﻗﯩﺮﻧﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﻐﺎﻥ . ﺗﻮﺗﯧﻤﯩﺰﻣﻐﺎ ﭼﯧﺘﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺳﺎﺗﯩﺮ - ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﯚﺭﻩ ، ﺩﻩﺭﻩﺥ ، ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﻧﯘﺭﺩﯨﻦ ﺗﯚﺭﻩﻟﮕﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ( 3 - ﺑﺎﺑﺘﺎ ﺳﯚﺯﻟﯩﻨﯩﺪﯗ )
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﯘﻧﻼﺭ ، ﻏﯘﺯﻻﺭ ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻗﻪﯞﻣﻠﻪﺭ ( ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺩﯨﻚ - ﺳﯩﺮ ، ﻳﻪﻧﻰ ﺩﻯ ، ﭼﻴﺎﯕﻼﺭ ﯞﻩ ﻳﯚﺯﻯ ، ﻳﻪﻧﻰ ﮔﯚﺯﻟﻪﺭ ) ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎﻧﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . < ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ > ﺩﻩ ﮬﯘﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ . ( ﻳﺎﭘﻮﻥ ) ﻟﻮﯕﭽﯘﻩﻥ ﺯﯨﻴﻪﻧﻨﯩﯔ < ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﻪ ﺷﻪﺭﮬﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﯩﺮﻯ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ ﺗﺎﻟﻠﯘﺭ ﺋﻮﺥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯚﻝ ﺑﺎﺭ . ﻛﯚﻟﺪﻩ ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻤﯩﺶ . ﺷﯘﯕﺎ ، 5 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻧﻪﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . . . ﺳﯜﻱ ﻛﻮﻧﯩﯔ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﻏﻪﺭﭖ ﻏﯘﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎﻏﺎ ﺗﯧﯟﯨﻨﯩﺪﯗ . ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﻳﯧﻐﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺩﻩﻳﺪﯗ . < ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ > ﺩﻩ ، ﮬﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﻙ ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﻧﻪﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ .
ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻟﻤﺎﯞﯗﺯ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﻧﯩﺪﺍﺵ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﭗ < ﺑﯚﻛﻪ > ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ، < ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ > ( 3 - ﺗﻮﻡ ) ﺩﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺰﺍﮬﻼﻧﻐﺎﻥ ؛ < ﺑﯚﻛﻪ - ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎ ، ﻳﺎﻟﻤﺎﯞﯗﺯ . ﻳﻪﺗﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻎ ﻳﻪﻝ ﺑﯚﻛﻪ - ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻎ ﻳﻪﻝ ﺑﯚﻛﻪ > . ﻳﺎﻟﻤﺎﯞﯗﺯ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﺪﺍ < ﻳﻪﻟﻤﯚﯕﯜﺯ > ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ . 8 - ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ < ﻟﻮﯓ > ( ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎ ) ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ < ﻟﯘ > ﺩﻩﭖ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . < ﻳﯘﻳﺎﯓ ﺯﺍﺯﯗ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﺎ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯘﭼﺎﺭ ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎﺳﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻛﯘﭼﺎﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﺋﺎﺟﯘﺭ ﺋﺎﻗﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎﻧﻰ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯩﺶ ؛ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎﻧﻰ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯩﺶ .
< ﯞﯦﻴﻨﺎﻣﻪ > ﺩﻩ ﺗﯘﻳﻐﯘﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎ ﺋﺎﺕ ، ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎ ﺗﺎﻱ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﻛﯚﻛﻨﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻼﻧﻤﯩﺴﻰ 1000 ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻛﯚﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﺎﻍ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﮬﻪﺭ ﻳﯧﻠﻰ ﻗﯩﺸﺘﺎ ﻣﯘﺯ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﻳﺘﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ؛ ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﺍ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺑﺎﻳﺘﺎﻟﻼﺭ ﺑﻮﻏﺎﺯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ - ﺩﻩ ، ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﺗﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎ ﭘﯘﺷﺘﻰ ، ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺗﯘﻳﻐﯘﻧﻼﺭ ﭘﺎﺭﺱ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﻛﯚﻟﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯩﻜﻪﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﻱ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ 1000 ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﻛﻨﯘﺭ ﻗﯘﻟﯩﻨﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ .
ﻣﺎﻧﺎ
ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭ ، ﺟﯘﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ < ﻣﺎﻧﺎ > ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ، ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ . ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺷﻪﻳﺌﻰ ﺩﻩﭖ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﮬﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ( ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺩﻩﺭﻩﺥ ) ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﻨﻰ < ﺗﻪﯕﺮﻯ > ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﯧﯟﯨﻨﻐﺎﻥ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﺎﺭ ، ﺋﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﺗﺘﻰ . < ﻣﺎﻧﺎ > ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻻﺗﯩﻦ ﺗﯧﻠﯩﺪﺍ ( manes ) < ﺭﻭﮬ > ، < ﺋﻪﺭﯞﺍﮬ > ، < ﺟﺎﻥ > ، < ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯙﻧﻤﻪﺱ ﻧﻪﺭﺳﻪ > ، < ﺋﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻟﯩﻖ > ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ . < ﻣﺎﻧﺎ > ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻮﻛﺌﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ < ﺟﯩﻦ _ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﻰ > ، < ﻧﻪﺳﻠﯩﻚ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺩﯨﻤﻪﻙ ، ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ < ﻣﺎﻧﺎ > ﺳﯚﺯﻯ < ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻛﯜﭺ > ، < ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ > ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻠﮕﻪﻥ .
ﺋﯚﺯ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﯩﻲ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ < ﺋﯚﺯ > ﮔﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ < ﺋﯚﺯ > ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ .
ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﯚﻟﯚﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭﻟﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ، ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺘﻰ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ . ﺋﯘﺭﯗﻕ - ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺭﻭﮬﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﯕﻪﯜﻟﯜﻛﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎ ﻗﯩﻴﺎﺱ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ . ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ < ﺋﯚﺯ > ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ < ﮬﯘﺵ ، ﺧﯘﺩ ، ﺋﻪﺱ > ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ < ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻤﻪﻙ > ( ﮬﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻤﻪﻙ ) ، < ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﻤﻪﻙ > ( ﮬﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻙ ) ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ .
ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ < ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ > ﺩﺍ < ﺋﯚﺯ > ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ؛ 1 . ﺋﯚﺯ - ﺟﯩﻠﻐﺎ ، ﺗﺎﻍ ﺋﯚﺯﻯ ؛ 2 . ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯ ﻛﯩﺸﻰ ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻰ ؛ 3 . ﺋﯚﺯ - ﻳﯜﺭﻩﻙ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ؛ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﺪﻯ ، ﻗﻮﺭﺳﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﺪﻯ ؛ 5 . ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯ ﻗﯘﻧﯘﻗﻰ - ﺑﻪﺩﻩﻥ ( ﮔﻪﯞﺩﻩ ) ﺩﻩ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ، ﺭﻭﮬ ، ﺟﺎﻥ .
ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻲ < ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ > ( 3 - ﺗﻮﻡ ) ﺩﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ؛
ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﻮﻟﯘﻏﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺯﯛﯕﻪ ،
ﺑﻪﺭﮔﻪﻟﻪﺭ ﺋﯚﺯﯗﻥ ﺋﺎﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯛﯕﻪ .
( ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ، ﺑﻪﺭﮔﯜﺳﯩﺪﯗﺭ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ )
ﺋﯚﺯ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﺍ ﺟﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .
ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺭﻭﮬ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ < ﺗﻪﮔﻰ > ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . < ﺗﻪﮔﻰ - ﻛﯧﭽﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯘﯓ - ﮔﯘﯓ ﺋﺎﯞﺍﺯ . ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗﻛﻰ ، ﺋﯚﻟﯚﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﯞﺍﺯﻏﺎ ﻛﯩﻢ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ، ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ > ( < ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ > ، 3 - ﺗﻮﻡ ) . ﺩﯨﻤﻪﻙ ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ < ﺋﯚﺯ > ( ﺭﻭﮬ - ﺋﻪﺭﯞﺍﮬ ) ﺋﯚﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ، ﺋﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺑﻪﺩﻩﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﺗﺘﻰ .
ﻝ . ﺯ . ﺑﯘﺩﺍﮔﻮﻑ < ﺗﯜﺭﻙ - ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ( 1987 - ﻳﯩﻠﻰ ، 1 - ﺗﻮﻡ ) ﺩﻩ < ﺋﯚﺯ > ﺳﯚﺯﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺳﯚﺯ ، ﺗﺎﺯﺍ ، ﺋﯩﭻ ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ، ﻣﯧﯖﻪ ، ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺕ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺷﻪﺭﮬﯩﻴﻠﯩﮕﻪﻥ .
ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻨﯩﯔ < ﺋﯚﺯ > ﻧﻰ < ﺭﻭﮬ - ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ > ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﮕﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩﯨﻤﻪﻙ ، ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭ ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺭﻭﮬﻼﺭﻏﺎ ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺳﯩﻐﯩﻨﺎﺗﺘﻰ .
ﻗﯘﺕ
ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ < ﻣﺎﻧﺎ > ﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻐﺎ ﺩﺍﺩﺍﻟﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ < ﻣﺎﻧﺎ > ﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻛﻪﯓ ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ < ﻗﯘﺕ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ . ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ . < ﻗﯘﺕ > ﺑﯩﺮ ﺗﯘﯞﺭﯗﻙ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﻧﯘﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ ﯞﻩ < ﻗﯘﺕ > ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﻨﻰ < ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻗﻮﯞﯗﻕ > ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .
ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ < ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ > ﺩﺍ < ﻗﯘﺕ > ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ؛ < ﻗﯘﺕ - ﺑﻪﺧﺖ ، ﺩﯙﻟﻪﺕ > ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺳﯚﺯﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ .
ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ؛
ﻗﯘﺕ ﻗﻮﯞﯨﻎ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﻗﻮﻟﯘﯕﺎ ،
ﻛﯘﻧﺪﻩ ﺋﯩﺸﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﭘﻪﻥ ﻳﯘﻗﺎﺭﯗ ﺋﺎﻏﺎﺭ .
( ﻗﯘﺕ - ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺋﯩﮕﻪﻡ ﻗﯘﻟﯩﻐﺎ
ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯩﺸﻰ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﭗ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯚﺭﻟﻪﺭ )ﻳﻪﻧﻪ ؛
ﻗﯘﺗﺴﯩﺰ ﻗﯘﺩﯗﻏﻘﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﻗﯘﻡ ﻳﺎﻏﺎﺭ
( ﺑﻪﺧﯩﺘﺴﯩﺰ ﻗﯘﺩﯗﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﻗﯘﻡ ﻳﺎﻏﺎﺭ )ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ < ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ > ﺗﻪ < ﻗﯘﺕ > ﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ ؛
ﺗﺎﺑﯘﻏﺪﺍ ﻛﻪﻟﯩﭗ ﻗﯘﺕ ﻗﺎﺑﯘﻏﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺭ ،
ﻗﺎﺑﯘﻏﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﻏﻠﻰ ﺗﺎﺑﯘﻏﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺭ .
( ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﯘﺕ ﻗﻮﯞﯗﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗﺭ ،
ﻗﻮﯞﯗﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺗﯘﺭﯗﺭ )ﺑﯘ ﻗﯘﺕ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻳﺎﻟﯖﻮﻕ ﻗﯘﺗﺎﺯﯗﺭ ﻛﯚﻧﻰ
ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺗﺎﻟﯘﻻﭖ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺵ .
( ﺑﯘ ﻗﯘﺕ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﻗﯘﺗﺎﺗﯘﺭ ،
ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺗﻮﻳﯘﭖ ﻳﻪﻳﺪﯗ ﺋﺎﺵ )ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ، < ﻗﯘﺕ > ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ
1 . < ﻗﯘﺕ - ﻗﯘﺕ ، ﺑﻪﺧﯩﺖ - ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ ، ﻗﯘﺗﻼﺵ ، ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ، ﺭﻭﮬ > ( ﺑﺎﯓ ﯞﻩ ﮔﺎﺑﺎﺋﯩﻦ : < ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ > )
2 . < ﻗﯘﺕ - ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻕ ، ﮬﻪﻳﯟﻩﺕ ، ﮬﻪﺯﺭﻩﺕ ، ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺕ > ( ﭖ . ﭘﯩﻠﻠﯩﺌﻮﺕ < ﻗﺎﻟﻴﺎﻧﺎﻣﺎﻗﺎﺭﺍ ﯞﻩ ﭘﺎﭘﺎﻣﻘﺎﺭﺍ ﺗﯧﮕﯩﻨﻠﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﮬﯩﻜﺎﻳﻪ > )
3 . < ﻗﯘﺕ - ﺋﯘﻧﺴﯘﺭ ، ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﻨﺖ ؛ ﻗﯘﺕ ﻗﻮﻟﯘﻧﻤﺎﻕ - ﻗﯘﺕ ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﯩﺘﻰ ، ﻗﯘﺗﻘﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ ؛ ﺋﺎﻧﺖ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ > ( < ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ > )
4 . < ﻗﯘﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻳﻤﻪﻥ > ( < ﺋﯩﺮﻕ ﺑﯩﺘﯩﮓ > )
5 . < ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻗﯘﺗﯩﻨﺘﺎ - ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﯩﺘﯩﺪﻩ > ( ﺧﯘﺋﺎﺱ ﺗﯘﺋﺎﻧﯩﻔﯩﺖ )
6 . < ﻗﯘﺕ ﻗﻮﻟﯘ ﻳﯜﻛﯜﻧﺘﯜﻣﯜﺯ - ﻗﯘﺕ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﯩﺰ > ( ﺧﯘﺋﺎﺱ ﺗﯘﺋﺎﻧﯩﻔﯩﺖ )
7 . < ﺗﯜﻛﻪﻝ ﻗﯘﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﯩﯖﯩﺰ ( ﺑﻮﻟﺰﯗﻥ ) - ﺗﯜﮔﻪﻝ - ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﯖﯩﺰ ﻛﻪﻟﺴﯘﻥ > ( ﻓﻮﻥ ﻟﯧﻜﻮﻙ < ﻗﯘﭼﯘﺩﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﻧﻰ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ > )
8 . < ﻳﻪﺭ - ﺳﯘ ﻗﯘﺗﻰ ﺋﯩﺮﯨﻨﯘﺭ ، ﺋﻮﺕ - ﺳﯘ ﻗﯘﺗﻰ ﺋﯩﻐﻼﻳﯘﺭ ، ﻳﯩﻐﺎﭺ ﻗﯘﺗﻰ ﺋﯩﻐﻼﻳﯘﺭ ---- ﻳﻪﺭ - ﺳﯘ ﻗﯘﺗﻰ ﺋﯩﯖﺮﺍﻳﺪﯗ ، ﺋﻮﺕ - ﺳﯘ ﻗﯘﺗﻰ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ ، ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻗﯘﺗﻰ ﮬﯘﯞﻻﻳﺪﯗ . > ( < ﻣﺎﻧﻰ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ > 1 )
9 . < ﺋﺎﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻗﯘﺗﯩﯖﺎ - ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻗﯘﺗﯩﻐﺎ > ( ﻣﻮﻟﻠﯩﺮ < ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ > 1 ، 2 ، 3 )
10 . < ﻗﺎﯕﯩﻢ ﻗﯘﺗﻰ - ﺋﺎﺗﺎﻡ ﻗﯘﺗﻰ > ( ﭘﯧﻠﻠﯩﺌﻮﺕ < ﺗﯧﮕﯩﻨﻠﻪﺭ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﺴﻰ > )
11 . < ﺋﺎﻳﺘﻪﯕﺮﻯ ﭘﺎﺗﺘﻰ ﻗﯘﺗﯘﯓ ﺋﯜﺯﻩ --- ﺋﺎﻳﺘﻪﯕﺮﻯ ﻗﯘﺗﯘﯓ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭘﺎﺗﺘﻰ > ( < ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ > )ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ < ﻗﯘﺕ > ﻧﯩﯔ < ﺗﻪﻟﻪﻱ > < ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ > ، < ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺕ > ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ . ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ < ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ > ، < ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ > ، < ﻗﯘﺗﻼﺵ > ، < ﻗﯘﺗﺎﺗﺴﯘﻥ > ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺕ ( ﺋﯩﺴﯩﻢ ) ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ؛ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﯘﺗﺎﺷﺨﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯩﻠﯩﺪﯗ .
< ﻗﯘﺕ > ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ < ﺋﯩﺰﯗﻕ > ﺳﯚﺯﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ . ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻲ < ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ > ﺩﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ؛ < ﺋﯩﺰﯗﻕ - ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﻧﻪﺭﺳﻪ ، ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻣﺎﻝ - ﺋﯩﺰﯗﻕ ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ ؛ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯜﻙ ﺋﺎﺭﺗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯜﺗﻰ ﺳﯧﻐﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﻳﯘﯕﻰ ﻗﯩﺮﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺋﯧﮕﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ > . < ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ' ﺋﯩﺰﻯ ' ﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯩﺰﻯ - ﺋﯧﮕﻪ ، ﺗﻪﯕﺮﯨﻤﯘ ﺋﯩﺰﻯ ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯩﺰﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺭﻟﯩﻘﻰ - ﺋﯧﮕﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﺭﻟﯩﻘﻰ . ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﻟﯩﻘﻰ > ( < ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ > ، 1 - ﺗﻮﻡ ) ﻗﯘﺕ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ < ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ > ﺗﯩﻤﯘ < ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ، ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ، ﺑﻪﺧﯩﺖ - ﺗﻪﻟﻪﻱ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ؛
ﺑﯘﻗﺎﭺ ﻧﻪﯓ ﺑﯩﺮﯨﻜﺴﻪ ﺑﯩﺮﻩﮔﯜ ﺋﯚﺯﻩ ،
ﺋﺎﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﺭ ﺋﯘﻝ ﺋﯩﺰﯗﻕ ﻗﯘﺕ ﺗﻪﺯﻩ .
( ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯩﻤﺪﻩ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯩﺮﯨﻜﺴﻪ
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺗﻪﻟﻪﻱ ﻳﯩﺮﯨﭗ ﺗﯧﺰﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ )ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ < ﺋﯩﺰﯗﻕ > ﺳﯚﺯﻯ < ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ > ، < ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ > ، < ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ > ، < ﺋﻪﺯﯨﺰ > ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . < ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﻰ > ﻧﯩﯔ ﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﺮﻯ < ﺋﯩﺪﯗﻕ ﻗﯘﺕ > ﻧﻰ ﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﺭﯗﻧﺒﻪ ، ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ .
ﺋﺎﻱ - ﻛﯜﻥ
ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻜﻪ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ، ﻛﯜﻥ ( ﻗﯘﻳﺎﺵ ) ﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﯕﺪﺍﺷﺴﯩﺰ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ، ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ، ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺗﯩﯟﯨﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ .ﺋﺎﻳﻨﻰ ﺗﯜﻧﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ، ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﻛﯧﻤﯩﻴﯩﺶ ﻗﺎﻧﻮﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺑﯘ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﻗﯩﻴﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻧﺘﻪﯕﺮﻯ ، ﺋﺎﻳﺘﻪﯕﺮﻯ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .
ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ < ﻛﯩﺮﻭﺭﻩﻥ ﮔﯜﺯﯨﻠﻰ > ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻣﻮﺭﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﻪﻡ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ 4000 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﻣﻮﺭﺩﺍ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻗﻮﺯﯗﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ . ﺑﯘ ﮬﺎﻝ ﻣﻪﺯﻛﯜﺭ ﻣﻮﺭﺩﺍ ﻣﻪﻧﺴﯜﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺘﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺗﯩﯟﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﻨﺪﯨﺌﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﻛﯜﻧﺘﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ .
< ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﻪ > ﻧﯩﯔ < ﮬﯘﻧﻼﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ > ﺩﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ؛ < ﮬﯘﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﻛﻪﯕﺮﯗ ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺗﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ، ﻛﻪﭼﻘﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﺗﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ > . ﻳﻪﻧﻪ < ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯘﻟﯘﻍ - ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﻛﻪﯕﺮﯗ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺪﯗ . 5 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﮬﯘﻣﺎﻳﯘﻥ ( ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎ - ﺑﯚﻛﻪ ) ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ - ﺯﯨﻤﯩﻨﻐﺎ ، ﺟﯩﻦ - ﺋﻪﺭﯞﺍﮬﻼﺭﻏﺎ ﻧﻪﺯﯨﺮ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . >
< ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﻪ > ﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ؛ < ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ، ﺋﺎﻱ ﺗﻮﻟﯘﻥ - ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﮬﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻱ ﻛﻪﻣﺘﯜﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺪﯗ > . ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . < ﺳﯜﻳﻨﺎﻣﻪ > ﻧﯩﯔ < ﺗﯜﺭﻙ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ > ﺩﻩ ؛ < ﺋﺎﻳﻐﺎ ﺑﺎﻗﯩﺪﯗ ، ﺋﺎﻱ ﺗﻮﻟﯘﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘﻻﯓ - ﺗﺎﻻﯕﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ > ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ . ( ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ < ﺑﯘﻻﯓ - ﺗﺎﻻﯓ > ﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻥ .
ﺋﺎﻳﻐﺎ ﺗﯩﯟﯨﻨﯩﺶ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﺭﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . < ﺋﺎﻳﻨﻰ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ . ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻲ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﯩﺴﺎﻟﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ؛ < ﺋﺎﻱ ﺗﻮﻟﯘﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﻪﻟﻜﯩﻦ ﺋﯩﻤﻼﻣﺎﺱ > ( ﺋﺎﻱ ﺗﻮﻟﯘﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﻮﻝ - ﺋﯩﻠﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻤﻠﯩﻤﺎﺱ ) .
ﻛﯚﻛﺘﻪﯕﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﻮﺯﺗﻪﯕﺮﻯ
ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭ ﻧﺎﺗﻮﺭﯨﺰﻡ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﮕﻪ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ ؛ ﺑﯩﺮﻯ ﻛﯚﻛﺘﻪﯕﺮﻯ ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﯩﺪﯗﺭ . ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﻛﺘﻪﯕﺮﯨﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﺕ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﻗﻪﯞﻩﺕ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﻗﻪﯞﻩﺕ ﺩﻩﭖ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ . ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﻗﺎﺕ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﻗﺎﺕ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﻣﯚﺟﯩﺰﺍﺕ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻠﮕﻪﻥ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯚﻙ ( ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ) ﻧﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﺎﺕ ( ﻳﻪﻧﻰ ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﺎﺕ ) ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﺎﺕ ﻛﯚﻛﻨﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﺗﻘﺎ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ . ﻛﯚﻛﺘﻪﯕﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯚﻟﯚﻧﯜﺷﻠﻪﺭ ﻳﺎﻗﯘﺗﻼﺭ ( ﺳﺎﻗﯘﺗﻼﺭ ) ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺭﯗﺱ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞ . ﻝ . ﺳﯧﺮﻭﺷﯧﯟﯨﺴﻜﯩﻲ 19 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﻗﯘﺗﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ .
ﻳﺎﻗﯘﺗﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺑﯚﻟﺒﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ؛ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﻏﺎ ﺋﯘﺯﺍ ، ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺋﺎﻏﺎ ﺋﯘﺯﺍ .
ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﺎﺭﭘﺎﻱ ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﻰ ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺷﻪﺭﯨﻘﺘﻪ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺑﯘ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ، ﺑﺎﻱ ، ﺧﻪﻳﺮﯨﺨﺎﮬ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻥ ؛ ﺋﺎﻻ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﺎﻱ - ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﻱ ( ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﻰ ) ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ، ﺩﺍﻟﯩﻼﺭﺩﺍ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻮﯞﭼﯩﻼﺭ ﺋﻮﯞﺩﺍ ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ < ﻣﺎﻧﺪﺍ > ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﺎﺷﻘﺎ ( ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ) ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﻰ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯧﻠﯩﻘﭽﯩﻼﺭ ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﭼﻮﭘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺮﯨﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﭼﺎﺭﭘﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻥ .
ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺋﺎﻏﺎ ﺋﯘﺯﺍ -- ﻳﺎﻗﯘﺗﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯜﭖ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭ ، ﺑﯘ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﻮﻳﯘﻥ . ﺑﯘ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺯﯨﭻ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﻩ ﺋﯜﭼﯩﻨﺠﻰ ﻗﺎﺕ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ، ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﻮﻳﯘﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳﻪﯞﻩﭘﺴﯩﺰ ﭼﯜﺷﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭘﯘﺗﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﮔﺴﻪ ﻳﻪﺭ ﺗﯩﺘﺮﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .
ﯞ . ﺭﺍﺩﻟﻮﻓﻨﯩﯔ < ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﯩﺪﯨﻦ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ؛ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﻪﯞﻩﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﮕﻪﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ؛ ﺑﯩﺮﻯ ، ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ . ﺋﯘ 17 ﻗﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻭﮬﻼﺭ ، ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﻗﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ؛ ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﻛﯚﻛﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ، ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ( ﻧﯘﺭ ) ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻰ ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﻛﯚﺭﯙﻧﯜﺷﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﺯﻩﺗﭽﯩﺴﻰ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ، ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ . ﺋﯘ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ ؛ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ( ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ) ﻧﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﻗﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﻪﺩﺑﻪﺧﺖ ﺭﻭﮬﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﻪﯓ - ﺟﯩﺪﻩﻟﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺭﻭﮬﻼﺭﻧﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﮕﻪ ، ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﻘﺎ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﻗﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﺍﺭ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ < ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﻯ > ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . 17 ﻗﺎﺕ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﻗﻪﯞﯨﺘﻰ ، ﻳﻪﻧﻰ 17 - ﻗﺎﺗﺘﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ < ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻥ > ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ < ﻳﺎﻏﯩﺰ ﻳﻪﺭ > ، ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ < ﻗﺎﺭﺍ ﻳﻪﺭ > ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ .
< ﺟﯘﻧﺎﻣﻪ > ﻧﯩﯔ < ﻳﺎﺗﻼﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ > ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﻩ ، ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ : < ﻗﺎﻏﺎﻥ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﯚﺗﯜﻛﻪﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﻗﺎﻏﺎﻥ ﭼﯩﺪﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﻛﯜﻧﭙﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﻳﺪﯗ ، ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯧﺴﯩﻠﺰﺍﺩﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻢ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﻧﻪﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺋﯚﺗﯜﻛﻪﻧﺪﯨﻦ 400 - 500 ﻳﻮﻝ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺗﺎﻍ ﺑﺎﺭ . ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﺕ - ﮔﯩﻴﺎﮬ ، ﺩﻩﻝ - ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻳﻮﻕ . ﺋﯘﻧﻰ ﺑﻮﺯ ﺑﻮﺯ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺩﻩﻳﺪﯗ ، ﺷﻴﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﻳﻪﺭ - ﺳﯘ ﯞﻩ ﺋﻮﻏﺎﻥ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ < ﻳﻪﺭ - ﺳﯘ > ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺕ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎﻥ . ﺑﯘ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭ ﻳﻪﺭ ﯞﻩ ﺳﯘﻧﯩﯔ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯘﺩﯗﻥ ( ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻪﻝ ) ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺑﯘﺩﯗﻥ ( ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﻝ ) ﯞﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﯘﺩﯗﻥ ( ﭼﻮﯓ ﺋﻪﻝ ) ﺩﻩﭖ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . ﺑﯘﺩﯗﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻝ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻏﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﯞﯨﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ . ﻳﻪﺭ - ﺳﯘ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯚﺕ ﺧﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ؛ ﺷﻪﺭﯨﻘﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪﯞﯨﻤﻨﯩﯔ ﻛﯚﻙ ﺧﺎﻥ ، ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪﯞﯨﻤﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺧﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﯨﻤﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭ - ﺳﯘ ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﯞﻣﯩﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻐﺎ ، ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ، ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺯﻭﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻳﻪﺭ - ﺳﯘ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ < ﭼﯩﯟﻯ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺟﯩﻦ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﺶ . < ﭼﯩﯟﻯ > ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻲ < ﺗﯘﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ > ( 3 - ﺗﻮﻡ ) ﺩﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ . < ﭼﯩﯟﻯ - ﺟﯩﻨﻼﺭ ﮔﯘﺭﯗﮬﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻰ . ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗﻛﻰ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﺴﺎ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺟﯩﻨﻼﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯗ . ﺟﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﻳﻪﯕﺴﻪ ، ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺷﯘ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﺟﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﻳﯧﯖﯩﻠﺴﻪ ، ﺷﯘ ﺟﯩﻨﻼﺭ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﯩﻤﯘ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﯜﺭﻙ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺟﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﭼﯩﺪﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ . >
ﺋﻮﻏﺎﻥ - ﺋﻮﻣﻮﻣﯩﻲ ﺑﯘﺩﯗﻥ ( ﺋﻪﻝ ) ﻧﯩﯔ ﺗﯩﻤﺴﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻰ . ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ < ﺋﻮﻏﺎﻥ > ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ < ﺳﯘﺧﺎﻥ > ، < ﺗﯚﻣﯜﺭﺧﺎﻥ > ، < ﺋﻮﺕ ﺧﺎﻥ > ، < ﻳﯩﻐﺎﭺ ﺧﺎﻥ > . ﺳﯘﺧﺎﻧﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻥ ، ﺗﯚﻣﯜﺭﺧﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﻕ ﺧﺎﻥ ، ﺋﻮﺕ ﺧﺎﻧﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺧﺎﻥ ، ﻳﯩﻐﺎﭺ ﺧﺎﻧﻨﻰ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺧﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ .
ﺋﻮﻏﺎﻥ ﻳﻪﺭ - ﺳﯘ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﺪﯨﻦ ، ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﻮﺳﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﻛﯚﭘﯜﻧﭽﻪ ﻗﺎﻥ ﺩﻩﯞﺍﺳﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ < ﺑﯘﺩﯗﻥ > ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺑﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﻮﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ - ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﯔ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯘﺩﯗﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩﻣﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .
ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﮬﻪﺭ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯚﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ 24 ﻗﻪﯞﯨﻢ ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ( ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ) ﺋﯩﺮﻗﯩﻞ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ 24 ﻗﻪﯞﯨﻤﮕﻪ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺑﯚﻟﯜﭖ ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻡ ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﯕﺮﻯ ، ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻧﻐﯘﻥ ( ﺋﻮﻏﺎﻥ ) ، ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯜﻥ ، ﺋﺎﻱ ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺳﯩﻤﯟﻭﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺷﯘ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ -- ﻛﯚﻙ ، ﺗﺎﻍ ، ﺩﯨﯖﯩﺰ ﺧﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﻮﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ، ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻏﺎﻥ ، ﻧﻪﯞﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻏﺎﻥ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﺪﯗﺭ ، ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻥ ﺋﻮﻣﻮﻣﯩﻲ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﻰ ، ﺋﻮﻏﺎﻧﻰ ﺋﯩﺪﻯ .
< ﺋﻮﻏﺎﻥ > ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺋﯘ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﮬﯧﺴﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ . < ﺍﻟﻠﻪ > ، < ﺧﯘﺩﺍ > ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ < ﺋﻮﻏﺎﻥ > ﺳﯚﺯﻯ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺍﮬﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ؛ < ﺋﻮﻏﺎﻥ - ﮬﻪﺭ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ، ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ . ﺋﻮﻏﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ - ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﯕﺮﻯ . >
ﻳﺎﻗﯘﺗﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ( ﺗﯘﯞﺍﻻﺭ ) ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺩﯨﯖﻠﯩﻨﻼﺭ ﯞﻩ ﮬﯘﻧﻼﺭ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﯞﯨﻤﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﻪﺏ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺩﯨﯖﻠﯩﻨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﻗﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .
3 . ﺟﯩﻦ - ﺋﻪﺭﯞﺍﮬﻼﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ
ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺭﻭﮬ - ﺋﻪﺭﯞﺍﮬ ﯞﻩ ﺟﯩﻦ - ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﯩﻼﺭ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ < ﻣﺎﻧﺎ > ﯞﻩ < ﺋﯚﺯ > ( ﺭﻭﮬ - ﺟﺎﻥ ) ﺗﯜﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ( ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ) < ﭼﯜﺭ > ، < ﻳﻪﻙ > ، < ﻳﻪﻝ > ، < ﺋﯜﯕﯜﮊﯨﻦ > ، < ﺋﺎﺑﺎﺟﻰ > ، < ﻗﯘﯞﯗﺝ > ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ .ﭼﯜﺭ ~ ﭼﻮﺭ
ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭ ، ﺟﯘﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﻯ < ﻣﺎﻧﺎ > ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻪﺭﯞﺍﮬﻼﺭﻧﻰ < ﺋﯩﺰﯗﻕ > ، ﻳﻪﻧﻰ < ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ > ﯞﻩ < ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ > ﺑﯩﻠﯩﭗ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ . ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭﯞﺍﮬﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ < ﭼﯜﺭ > ﻳﺎﻛﻰ < ﭼﻮﺭ > ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯘﻻﺭ < ﺋﺎﻕ ﭼﻮﺭ > ، < ﻗﺎﺭﺍ ﭼﻮﺭ > ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯚﻧﮕﻪﻥ . ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ، ﻳﻪﺭ - ﺳﯘ ﻣﯘﺋﻪﻛﻜﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﻪﺭﯞﺍﮬ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻠﮕﻪﻥ . < ﭼﻮﺭ > ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﯞﺍﮬﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ . ﻛﯩﻴﯩﻨﭽﻪ < ﭼﻮﺭ > ﺑﻪﮒ _ ﺧﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﯗﺗﺒﻪ ، ﻣﻪﻧﺴﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ، ﺗﯘﺩﯗﻥ ﭼﻮﺭ ( ﻗﺎﭘﺎﻏﺎﻥ ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ) ، ﺑﯚﮔﯜ ﭼﻮﺭ ، ﺗﺎﺭ ﺩﯗﺵ ﺋﯩﻨﺎﻧﭽﯘ ﭼﻮﺭ ، ﻛﯜﻝ ﭼﻮﺭ ، ﺋﻪﻟﭽﻰ ﭼﻮﺭ ﻛﯜﭺ ﺑﺎﺭﺱ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ( ﺗﯜﺭﻙ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﻏﺎﻥ - ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ )ﻳﻪﯓ
ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﯩﺪﯨﻦ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯩﻦ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ < ﻳﻪﻙ > ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ . ( ﺑﻪﺯﻯ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ < ﻳﻪﻙ > ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﺎﻧﺴﻜﯩﺮﯨﺘﭽﻪ < ﻳﻪﻛﺴﺎ > ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﻮﻏﺪﯨﭽﻪ ﺳﯚﺯ ﺩﻩﭖ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺧﻤﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ )
ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻲ < ﻳﻪﻙ > ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ < ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ > ﯞﻩ < ﺟﯩﻦ > ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﺍﮬ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﻗﺎﻟﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ؛ < ﺑﯩﻠﻤﯩﺶ ﻳﻪﻙ ﺑﯩﻠﻤﻪﺩﯛﻙ ﻛﯩﺸﯩﺪﻩﻥ ﻳﻪﮒ . -- ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ، ﺗﻮﻧﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺗﻮﻧﯩﻐﺎﻥ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ > ( < ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ > 3 - ﺗﻮﻡ )ﻳﻪﻝ
< ﻳﻪﻝ - ﺟﯩﻦ ، ﺟﯩﻦ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ . ﺋﻪﺭ ﻳﻪﻟﭙﯩﻨﺪﻯ - ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻳﻪﻝ ( ﺷﺎﻣﺎﻝ ) ﺩﺍﺭﯨﺪﻯ ، ﻳﻪﻧﻰ ﺟﯩﻦ ﭼﺎﭘﻼﺷﺘﻰ > ( < ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ > 3 - ﺗﻮﻡ ) .
< ﻳﻪﻝ ﻗﻮﯞﯗﭺ ﺑﯩﺘﯩﻜﻰ - ﻳﻪﻝ ( ﺟﯩﻦ ) ﺩﺍﺭﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯗﺋﺎ - ﺋﻪﭘﺴﯘﻥ > ( < ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ > 3 - ﺗﻮﻡ )
< ﻗﻮﯞﯗﭺ - ﺟﯩﻦ ﺗﻪﻛﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯧﺴﯩﺮﻯ ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﯘ ﺳﯧﭙﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﻗﯘﯞﯗﭺ - ﻗﯘﯞﯗﭺ ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺋﺎﺩﯨﺮﺍﺳﻤﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﺩ ﮬﯩﻨﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺮﯨﻖ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﻗﺎﭺ - ﻗﺎﭺ ، ﮬﻪﻱ ﺟﯩﻦ ﻗﺎﭺ - ﻗﺎﭺ ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ > ( < ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ > 3 - ﺗﻮﻡ )
< ﺋﺎﺑﺎﭼﻰ - ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﻰ - ﮬﯜﺟﯜ . ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺋﺎﺑﺎﭼﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ -- ﮬﯜﺟﯜ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ > ( < ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ > 3 - ﺗﻮﻡ )
ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺩﯨﻨﻼﺭﺩﺍ < ﺟﯩﻦ - ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﻰ > ، < ﺋﻪﺭﯞﺍﮬ > ، < ﺟﺎﻥ > ، < ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺋﻪﺭﯞﺍﮬﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﮬﺎﺩﯨﺴﻪ .ﻗﻮﺭﯗﻕ
< ﻗﻮﺭﯗﻕ > - ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯ . ﺑﯘﻧﻰ < ﺗﺎﺑﯘ > ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ . ﺗﺎﺑﯘ - ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺪﯗﻕ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ . ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ، < ﻗﻮﺭﯗﻕ > ﻳﺎﻛﻰ < ﺗﺎﺑﯘ > --< ﻣﺎﻧﺎ > ﯞﻩ < ﺗﻮﺗﯧﻢ > ﺩﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﺎﺱ ﺋﯩﺴﯩﻢ . ﻗﺎﻏﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﮒ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺴﻤﻰ < ﻗﻮﺭﯗﻕ > ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﮬﯩﭽﻜﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﻗﺎﻏﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﮒ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯜﺷﻠﻪﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﮔﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ . ﺑﻪﺯﻯ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﮕﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ - ﺑﻮﺵ ﻗﻮﻳﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﻤﯘ < ﺋﯩﺪﯗﻕ > ﺩﻩﭖ ﻗﻮﺭﯗﻕ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﻳﺪﯗ .
4 . ﺷﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﻮﻳﯘﻧﻠﯘﻕ
ﺑﯘ ﭼﺎﻏﻘﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ، ﺟﯘﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ - ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﻰ ﺩﯨﻨﻰ < ﺷﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ > ( ﺷﺎﻣﺎﻧﯩﺰﯨﻢ ) ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﺪﻯ . ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﺯﯨﻴﺎﮔﻮﻛﺌﺎﻟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ( < ﺗﯜﺭﻙ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ > ) ، ﺷﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ -- ﺳﯧﮭﯩﺮﮔﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯗﺭ ، ﺷﺎﻣﺎﻥ -- ﻛﺎﮬﯩﻦ ﯞﻩ ﺳﯧﮭﺮﯨﮕﻪﺭ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ .
< ﺷﺎﻣﺎﻥ > ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ < ﺧﺎﻡ ~ ﮬﺎﻡ / ﮬﺎﻡ > ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ < ﻗﺎﻡ - ﻗﺎﻣﺎﻥ > ﺑﯘ ﺋﻪﺭﻩﭘﭽﯩﺪﻩ < ﻛﺎﮬﯩﻦ > ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ . ( ﻛﮭﻦ - ﻛﻪﮬﻪﻧﻪ - ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﺶ ، ﭘﺎﻝ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ < ﻛﺎﮬﯩﻦ > ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﭘﺎﻟﭽﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﻰ ، ﻧﻪﺯﯨﺮ - ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ . ) ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯜﺭﯨﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻮﯞﺍ ، ﺗﯚﻟﻪﻧﮕﯜﺗﻠﻪﺭ < ﻗﺎﻣﺪﺍﻥ > ، < ﻗﺎﻣﯘﻕ > ( ﺷﺎﻣﺎﻥ ، ﺷﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ) ﺩﻩﻳﺪﯗ ؛ ﺳﯩﮭﺮﻯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﻨﻰ < ﻗﺎﻣﺪﺍ > ﺩﻩﻳﺪﯗ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ، < ﭼﯩﻦ ﺋﯚﻟﯜﺭﺩﻯ ﻗﺎﻡ ﺋﺎﻟﺒﺎﺱ > ( ﭼﯩﻦ - ﺭﮬﺴﺖ ﺋﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻨﻰ ﻗﺎﻡ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﺍﻟﻤﺎﺱ ) ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﻤﯘ ﺑﺎﺭ . ﺩﯨﻤﻪﻙ ، < ﺷﺎﻣﺎﻥ > ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺳﯧﮭﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ، ﺋﻪﺭﯞﻩﺷﭽﻰ ( ﺋﻪﭘﺴﯘﻧﭽﻰ ) ﺩﯗﺭ .
ﺷﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ، ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﻪ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ ؛ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻧﻮﻡ - ﺑﯧﺘﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺷﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻤﯘ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﯞﺍﮬﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺷﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺋﯜﭺ ﻗﺎﺗﻘﺎ ﺑﯚﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ --- ﺋﯘﺟﻤﺎﺥ ( ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ) ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﺪﯗﺭ ؛ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﻟﻪﻡ -- ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ؛ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ -- ﺗﺎﻣﯘ / ﺗﺎﻣﯘﻍ --ﺩﻭﺯﺍﺥ ) ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺟﯩﻦ - ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﻗﺎﻡ ( ﺷﺎﻣﺎﻥ ) ﺩﯨﮕﻪﻥ < ﻳﻪﻟﯟﻯ > ( ﺳﯧﮭﺮﯨﮕﻪﺭ ) ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯜﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ، ﺟﯩﻦ - ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ، < ﻳﯩﮓ > ( ﻛﯧﺴﻪﻝ ) ﺩﺍﯞﺍﻻﻳﺪﯗ ؛ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ < ﺋﯩﺮﻕ > ( ﭘﺎﻝ ) ﺑﯧﻘﯩﭗ ، ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ - ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ . ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ < ﻳﻪﻟﯟﻯ > ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ . ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺷﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ - ﻳﻪﻟﯟﯨﻠﯩﻚ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻪﺳﯩﭙﻜﻪ历史上的今天:
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىنجاڭنىڭ ئۆتەڭلىرى 2009-05-23ئۇﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻚ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﻯ 2009-05-23قەدىمقى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ داۋامى...... 2009-05-23قەدىمقى ئۇيغۇر مەدىنيىتىنىڭ داۋامى.... 2009-05-23ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﯩﺘﻰ 2009-05-23
收藏到:Del.icio.us