-
2009-05-26
" ئون ئۇيغۇر " ۋە " توققۇز ئوغۇز "لار - [ئۇيغۇرتارىخى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39993157.html
ئۇيغۇرلار تارىخى 200 يىلدىن بۇيان تەتقىق قىلىنماقتا . مانا بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان نۇرغۇنلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋۇجۇدقا كەلدى . لېكىن نۇرغۇن مەسىلىلەر مەسىلەن : قەدىمكى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشى ، ئۇيغۇرلار خاقانلىقىنىڭ ئۇرۇق-قەبىلىلەر تەركىبى ، خاقانلىق ھالاك بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاھالىسىنىڭ تەقدىرى ، ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر تېخى ئۈزۈل كېسىل يېشىلگىنى يوق . <ئۇيغۇر> ئېتنونىمىنى قوللىنىشتىمۇ دىگەندەك ئېنىقلىق يوق . ھازىرقى زامان ئاپتورلىرىنىڭ كۆپچىلىكى بۇ سۆزنى كەڭ مەنىدە چۈشۈنىدۇ . بۇنداق بولغاندا خاقانلىقتىكى ۋە ئۇ پارچىلانغاندىن كېيىنكى جەريانلارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلغاندا توسالغۇلار كېلىپ چىقماقتا . ئۇيغۇر خاقانلىقىدىكى ھەممە ئاھالىنى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت ، دەپ قاراش ئېغىر خاتالىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ ، شۇڭلاشقا بارلىق بىرىنچى قول مەنبەلەرنى ۋە شۇنىڭدەك ھازىرقى زامان ئاپتورلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى تەنقىدىي تەھلىل قىلىپ كۆرۈش زۆرۈريىتى ئوتتۇرغا چىقماقتا . بىرىنچى قول مەنبەلەر ئۈستىدىكى تەنقىدىي تەھلىلگە ۋە ئالىملارنىڭ ئوبىكتىپ خۇلاسىلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ شۇنى كۆرسىتىش مۇھىمكى ، جوڭگونىڭ قوشنىلىرى قەدىمكى زاماندا بولسۇن ياكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە بولسۇن ، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتلىرىنى پۈتۈنلەي مۇستەقىل ھالدا تەشكىللىگەن ، ياشىغان ۋە تەرەققىي قىلغان . سەددىچىننىڭ جەنۇپ تەرىپىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ تۇرمۇشىغا پات-پات ئارىلىشىپ ، ئۇلار ئۈستىدىن ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەشكە بولغان ئىنتىلىشلىرى ھەر دائىم مەغلۇبىيەت بىلەن تاماملىنىپ تۇرغان ، خەنزۇلارنىڭ كېڭەيمىچىلىكى ئىز قالدۇرمايمۇ قالمىغان ، بۇ كېڭەيمىچىلىك سانسىز قۇربانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئالغا قاراپ ئىلگىرلىشىنى ئۈزۈپ تۇرغان . بۇ خۇسۇستىكى تارىخ ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىنى بايانلاپ ئۆتۈشتىن ئاۋۋال بىر قانچە ئىزاھاتلارنى بېرىشنى زۆرۈر دەپ ھېسابلايمىز . ھەممىدىن ئاۋۋال شۇنى كۆرسىتىمىزكى ، مەزكۇر ئەسەردە <ئۇيغۇر> دەپ تىلغا ئېلىنغانلار ئەسلى ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ . بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ياغلاقار ئۇرۇقىنىڭ باشچىلىقىدىكى يەتتە تېلى (توققۇز ئوغۇز) قەبىلىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر كونفېدېراتسىيە تۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولالىغانىدى . مەزكۇر كونفېدېراتسىيە تارىختا <ئىككىنچى ئۇيغۇر خاقانلىقى> دېگەن نام بىلەن مەشھۇر . يەتتە تېلى <توققۇز ئوغۇز> قەبىلىسى : ئۇيغۇرلار ، بۇكۇ (بۇكۇت) ، خۇن (كۈن) ، بايئېرقۇ ، توڭرا ، سۆگىر (سۆكىر) ، كىبىلاردىن ئىبارەت . بۇ تەركىبكە خاقانلىق تارىخىدا يامان رول ئوينىغان ئېدىز (ئاتېئىز) لەرنىمۇ كىرگۈزۈش كېرەك . ئومۇمەن ، تېلى قەبىلىلىرى تاڭ دۆلىتى ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلاردىن باشلاپ جوڭگو مەنبەلىرىدە <توققۇز ئۇرۇق> نامىدا ئاتاپ كەلگەن . بۇنىڭدا ئاساسەن <توققۇز تېلى> قەبىلىسى نەزەردە تۇتۇلماقتا .
مۇشۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان گېرمانىيە ئالىمى ليۇ ماۋسەي ئۆزگىچە بولغان ئايرىم ئالىملارنىڭ مۇشۇ ئىككىسىنىڭ بىر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى . تاڭ دۆلىتىنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا كىرىشىگە بېغىشلانغان ماقالىدە بىز ليۇ ماۋسەينىڭ خۇلاسىلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىرقانچە قوشۇمچە ماتىرياللارنى نەقىل كەلتۈردۇق . بىز <ئاساسەن> دېگەن سۆزنى تەسادىپىي ئىشلەتمىدۇق . گەپ مۇشۇنىڭدىكى جوڭگو مەنبەلىرىدە توققۇز ئۇرۇق (九姓) دېگەن ئېنىقلىغۇچى سۆز ۋە باشقا خەلقلەر ياكى قەبىلىلەر ئۈستىدە گەپ كېتىۋاتقاندىمۇ پات-پاتلا يولۇقىدۇ . مەسىلەن ، ئۇيغۇرلار ئۈستۈدە گەپ بولغاندا ئۇلار ياغلاقار ئۇرۇقى باشچىلىقىدىكى توققۇز ئۇرۇققا بۆلۈنگەنىدى ، دەپ كەڭ بايان قىلىنىدۇ . <يېڭى تاڭنامە> (新唐书) دە بايئېرقۇلارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى ئۈستىدە سۆزلىنىدۇ ، <كىتابلار جەۋھىرى>(册府元龟) قامۇسىدا توڭرالارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى ئۈستىدە ئىككى يەردە بايان قىلىنىدۇ(تېلى قەبىلىلىرىگە مەنسۇپ بايئېرقۇ ۋە توڭرالار ئۇيغۇرلار كۆنفېدېراتسىيىگە كىرگەن ئىدى) . كونا تاڭنامە (旧唐书) دە :<باسمىللارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى> نىڭ تۈركلەر (突厥) خاقانى ئۆزمىسقا قىلىنغان ھۇجۇمى سۆزلىنىدۇ . <لىياۋ سۇلالىسى تارىخى> دا تاتارلارنىڭ توققۇز قەبىلىسى ئۈستىدە سۆزلىنىدۇ (كولتىكىن شەرىپىگە قويۇلغان ئابىدىدىكى چوڭ خەتلەردە بۇ ئىككى قېتىم يولۇقىدۇ) . جوڭگو مەنبەلىرىدە سوغدىلارنى <توققۇز ئۇرۇقلۇق خۇ> دەپ كۆرسىتىدۇ . <شۆ رېنگۇينىڭ تەرجىمىھالى> دا <تۈركلەرنىڭ توققۇز قەبىلىسى> گە قىلىنغان ھەربىي يۈرۈش بايان قىلىنىدۇ .
شۇنداق قىلىپ توققۇز قەبىلىگە <ئۇرۇق > قا بۆلۈنۈش شۇ چاغدىكى خەلقلەر ئىچىدە بەك كەڭ تارقالغان . ئەرەپ جۇغراپىيە ئالىملىرىنىڭ يازغانلىرىدا توققۇز ئوغۇز دېگەن ئېتنونىم پات-پاتلا يولۇقىدۇ . بۇ ئىسىم بىلەن كۇچانىڭ شەرق تەرىپىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاھالىلىرى ئاتىلىدۇ . مانا مۇشۇ مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ بارتولد : <ئەرەپلەر توققۇز ئوغۇزلار ياشىغان جايلار دەپ كۆرسەتكەن يەرلەردە ، جوڭگو مەنبەلىرىگە قارىغاندا ، 840-يىلى موڭغۇلىيىدىن قىرغىزلار تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلغان ئۇيغۇرلار ياشىغان . تۇرپان ئەتراپىدىكى قايلارنى ئۇلار 866-يىلى ئىگەللىۋالغان . مانا بۇنىڭدىن ئەرەپ مەنبەلىرىدىكى توققۇز ئوغۇزلار بىلەن جوڭگو مەنبەلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىر خەلق دېگەن خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ . ئالىملار مانا مۇشۇ ئوخشىتىشنى تولۇق ئىسپات قىلىنغان پاكىت قاتارىدا ئۆزلىرىنىڭ يېڭى خۇلاسىلىرى ئۈچۈن پايدىلاندى> دەپ يازىدۇ (<بارتولد ئەسەرلىرى> 2-توم ، 1-قىسىم ، 1963-يىل نەشرى 554-بەت) . مانا بۇ بايانلارنىڭ ئاپتورى گەرچە ئەرەپ قۇغراپىيە ئالىملرىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى <توققۇز ئوغۇز> ئاتالغۇسىنىڭ ئۆزىدىكى ئېنىقسىزلىق ۋە مئۈجىمەللىكلەرنى كۆرسەتسىمۇ ، ئومۇمەن مۇشۇ نۇقتىنەزەرگە قوشۇلسا كېرەك ، چۈنكى بارتولد توققۇز ئوغۇزلار ھەققىدىكى بەزى ئەرەپ مەلۇماتلىرىنىڭ جوڭگو مەنبەلرىدكى چۆل تۈركلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار بىلەن دەل كېلىپ قالغالىقىنى كۆرسىتىدىغان پاكىتلارنى كەلتۈرىدۇ . بارتولد پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى جۇغراپىيەگە ئائىت ئەدىبىياتقا خاس مۇھىم كەمچىللىكلەرنى ، جۈملىدىن يا ئۇنداق يا مۇنداق مەلۇماتلارنى يازغاندا ئۇنىڭ كېلىپ چىققان ۋاقتىنى بايان قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ كېلىپ تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ : <ئەرەبلەر ئەھۋالغا قارىغاندا ، شۇ چاغدا ئوغۇزلارغا مەنسۇپ يەرلەر بىلەن تونۇشقاندا شۇ جايلاردا كېيىن بولغان ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەرسىز بولغان بولسا كېرەك . شۇڭلاشقا ، كېيىنمۇ شۇ يەردىكى ئاھالىنى <توققۇز ئوغۇز> دەپ ئاتاشنى داۋاملاشتۇرغان .>
Ⅸ-ئەسىردە ياشىغان مەھمۇد قەشقەرى ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدە بۇ ئەلدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى ئەرەب تىلىدا يېزىشقا ئىمكانىيەت تاپقان بىردىنبىر ئالىم بولۇپ ، ئۇ يازغانلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە <توققۇز غۇز> دېگەننىڭ ئورنىغا <ئۇيغۇر> دەپ يازىدۇ . يۇقۇرىدا ئېيتىلغانلارنى ئومولاشتۇرۇپ شۇنداق خۇلاسىگە كېلىش مۈمكىنكى ، بارتولدنىڭ پىكرىچە ئەرەپ جۇغراپىيىونلىرى بۇ ئاتالغۇنى دېگەندەك ئېنىقلىق بىلەن ئىشلەتمىگەن . مەزكۇر ئاتالغۇنى تۈرلۈك خەلقلەرگە قوللانغان .
توققۇز ئۇغۇز مەسلىسى نۇرغۇنلىغان تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ۋە بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەپ بولدى . بىز بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئانچە تەپسىلىي توختىلىپ ئولتۇرماستىن ، مۇشۇ تەتقىقات تېمىسىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ، كانادالىق ئالىم ئې . پوللېي بلانگنىڭ مەخسۇس ماقالىسىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز . پوللېي بلانگ 1919-يىلىلا مەشھۇر ياپون ئالىمى خانېداتۇرۇنىڭ جوڭگونىڭ مەنبەلىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ ، ئۇرقۇن يازمىلىرىدىكى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ جوڭگو ئەسەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن <توققۇز تېلى قەبىلىسى(九姓铁勒)> يەنى تېلى قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىر خەلق ئىكەنلىكىنى روشەن قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ . پوللېي بلانگ ياپون تەتقىقاتچىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلغان مەزكۇر ماقالىسىنى غەرب ئاپتورلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ---مۇھاكىمە ئىشتىراكچىلىرى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىدى ، دەپ ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ . تۇرپان ۋادىسى رايونىغا ۋە ئۇنىڭغا قوشنا جايلارغا بۇرۇن ئۇيغۇر خاقانلىقى تەركىبىگە كىرگەن تېلى قەبىلىلىرى كۆچۈپ كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى بىزنىڭ مۇشۇ مەخسۇس ئەسرىمىزدە كۆرسىتىمىز . بۇ قەبىلىلەر باشقا قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە توققۇز تېلى قەبىلىسى بىرلەشمىسىنىڭ تەركىبىگە كىرگەنىدى . شۇنداق قىلىپ ئەرەب جۇغراپىيە ئالىملىرىنىڭ كۇچانىڭ شەرق تەرىپىدە توققۇز ئوغۇز ئاھالىسىنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى يازمىلىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغىلى بولىدۇ . ئەسلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى بولسا تېىىمۇ يىراقتىراق ، شەرق تەرەپتە---نەنسەن تاغلىرى ئېتىكىدە ياشىغانىدى . ئەرەب جۇغراپىيە ئالىملىرى ئۇلار توغرىلىق تەپسىلاتلارنى بىلمىگەن بولۇشى مۈمكىن . بىزنىڭچە ، ئەسلى مەنبەلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغاندەك كۆرۈنگەن پوللېي بلانگنىڭ يەنە بىر پەرىزى ئۈستۈدە توختىلىپ ئۆتۈش لازىم بولىدۇ . مەزكۇر ئالىم جوڭگو مەنبەلىرىدكى <توققۇز ئۇرۇق تېلى قەبىلىلىرى> نامىدىكى تېلى قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يىتەكچى رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى تامامەن ئاساسلىق ھالدا تەكىتلەپ كېلىپ ، <ئۇيغۇرلارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى (九姓回纥)> دېگەن سۆز بىرىكمىسىنى <توققۇز ئۇرۇققا مەنسۇپ ئۇيغۇرلار> دەپ چۈشۈنۈشنى تەكلىپ قىلىدۇ . پوللېي بلانگ : <ھەتتا خانېدامۇ <ئۇيغۇرلارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى> دېگەن ئاتالغۇ دائىم <توققۇز ئۇرۇققا مەنسۇپ ئۇيغۇرلار> دېگەن مەنىنى بېرىدۇ . <توققۇز قەبىلىسى بار ئۇيغۇرلار> دېگەنلىك ئەمەس دەپ مۇقىملاشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلمايدۇ . مەن بۇ يەردە ئېزىقىپ كېتىش بار ، دەپ ھېسابلايمەن ، <توققۇز ئۇرۇق> دېگەن دائىم مۇشۇ ئادەتتىكى توققۇز ئوغۇزلار يەنى توققۇز ئۇيغۇرلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان كونفېرېداتسىيە دەپ چۈشۈنۈپ كېلىنگەن> ، دەپ يازىدۇ . مەلۇمكى ، تېلى قەبىلىلىرىدىن بولغان بايئېرقۇ ۋە توڭرالارمۇ ئوخشاشلا <توققۇز ئۇرۇق> قا بۆلۈنگەنىدى . جوڭگو مەنبەلىرىدكى مانا مۇشۇ مەلۇماتقا پوللېي بلانگ دېگەندەك دىققەت قىلماي قالغان بولسا كېرەك . ئەگەردە ئۇ بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەن بولسا ، ئۆزىنىڭ يۇقىرقى پەرىزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇنى تىلغا ئالغان بولار ئىدى . جوڭگو مەنبەلىرىدە توققۇز ئۇرۇق سۆزى بىلەن قوشۇلۇپ كەلگەن باشقا نۇرغۇنلىغان ئېتنونىملار (باسمىللار ، تاتارلار ۋە تۈركلەر) نىڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكى توغرۇلۇق ئۇ ھىچقانداق سۆز ئاچمايدۇ . ئاپتور نىمە ئۈچۈن بۇ يەردە <تېلىلارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى> دەپ چۈشۈنۈش لازىملىقىنى ، ئىككىنچى بىر يەردە گەپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە كېتىۋاتقاندا ، تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولغان سۆز بىرىكمىسىنى <توققۇز تېلى ئۇرۇقىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلار> دەپ تەرجىمە قىلىش لازىم بولغانلىقىنى چۈشۈنىۋېلىشقا ياردەم قىلىدىغان ئۆلچەم ئۈستىدىمۇ توختىمايدۇ . <تاتارلارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى> دېگەن سۆز بىرىكمىسىنى ۋە يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلارنى قانداق چۈشۈنۈش لازىم؟ بەلكىم ئوخشاشلا <توققۇز ئۇرۇققا مەنسۇپ تاتارلار> دەپ چۈشۈنۈش لازىممۇ ؟ ئۇنداق بولسا بۇ ئۇرۇقلار قايسىلار ؟ ئې . پوللېي . بلانگنىڭ <توققۇز قىسىمغا (ئۇرققا) بۆلۈنۈشنى ھەممىدىن ئاۋۋال بىر سىياسىي ھادىسە ، ئېتنىك ھادىسە ئەمەس> دېگەن قارىشى قارشى پىكىر پەيدا قىلماي قالمايدۇ . مۇشۇ ئەھۋالغا قانداقتۇر بىر ئەنئەنە ، ئېھتىمال دىنىي قاراشتىن كېلىپ چىققان ئەنئەنە ئارىلىشىپ قالغانلىقىغا تولۇق يول قويۇش مۈمكىن . ۋېنگىرىيە ئالىمى ك . سېگىلىدې قەدىمكى تۈركىي قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ سان تەركىبى بىلەن بەك قەدىمكى غەرب تۈركلىرىنىڭ نەسەبنامىسى ھەققىدىكى ئەپسانىلەرنىڭ سان تەركىبىدە ئادەم ھەيران قالغۇدەك پارالېللىقنى ئوتتۇرغا قويىدۇ .
[روسىيە] ئا . گ . مالياۋكىن :ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ماتىرياللار(1)
تاڭ سۇلالىسى يېڭى تارىخى> ، 217-جىلىد (بىرىنچى بۆلۈم) دە مۇنداق دەپ يېزىلغان :"خۇيخېلارنىڭ ئەسلى ئىسمى ياغلاقار ئىدى . ئۇلار سىر-تادۇشلارنىڭ شىمالىدا ، يەنى سېلىنگا دەرياسى بويىدا ياشايتتى ." يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن مەلۇماتنى ھالدا تۈرك يېزىغىدىكى <قەيسەر بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى> تەمىنلىگەن ، بۇنىڭدا مۇنداق دىيىلىدۇ:...."ئۇلارنىڭ دۆلىتى ، ئۇلارنىڭ (يۇرتىدىكى) دەرياسى سېلىنگا دەرياسى ئىدى . ئۇلارنىڭ خەلقى ....قەدىمدىن تارتىپلا بۇ جايدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىدى ." نەقىل كەلتۈرۈلگەن بۇ مەلۇماتلاردىن ئايانكى ، شۇ دەۋرلەردە موڭغۇل دالاسىدىن ئورخۇن ، تۇغلا ۋە سېلىنگا دەريالىرى بويلىرى ئۇيغۇرلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دىيار بولۇپ قالغان . ئوت-چۆپ ۋە سۇ مەنبەلىرى مول بولغان بۇ دەريا ۋادىلىرىنىڭ ھەر بىر چارۋىچى قەبىلىنىڭ گۈللىنىشىدە كۆرسەتكەن رولىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە ، مۇبالىغىسىز ھالدا شۇنداى دەپ ئېيتالايمىزكى ، جۇغراپىيە شارائىتىدىن ئېلىپ قارىغاندا ، شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سېلىۋالغان . كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى بەزىدە كېڭىيىپ ، بەزىدە تارىيىپ تۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاساسىي قىسمى يەنىلا ئىزچىل ھالدا ئورخون ، تۇغلا ، سېلىنگا دەريالىرى بويىدا ياشاپ كەلگەن .
ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ ئۆز قەبىلىسىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈمىز .
ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى بۇ جەھەتتىكى ئاساسلىق مەزمۇن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . بۇ قەبىلىلەر لىتتىپاقى توققۇز قەبىلىدىن تەركىپ تاپقان ، ئۇلار خۇيخې(ئۇيغۇر) ، بارغۇت ، غون ، بايىرقۇ ، تۇڭرا ، ئىزگىل ، قىبئار ، باسمىل (ئابوس) ، قارلۇقلاردىن ئىبارەت . مۇشۇ توققۇز قەبىلىدىن تەركىپ تاپقان ئىتتىپاق تاشقى توققۇز قەبىلە ۋە ياكى توققۇز ئوغۇز دەپمۇ ئاتىلىدۇ (تاڭ سۇلالىسى يېڭى تارىخى. 217-جىلد، "ئۇيغۇرلار شەجەرىسى" ، بىرىنچى بۆلۈم) .
فېڭ جياشىڭ ، چېڭ شۇلو ، مۇ گۇاڭۋېن ئەپەندىلەر تەرىپىدىن تۈزۈلگەن "ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت قىسقىچە ماتىرياللار توپلىمى(بىرىنچى كىتاب)" دا "تاڭ سۇلالىسى كونا تارىخى" ، "تاڭ سۇلالىسى يېڭى تارىخى" ، "تاڭ سۇلالىسى تارىخىدىن مەجمۇئە" قاتارلىق ھۆججەتلەرگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالى 41-بەتتىكى جەدۋەل بىلەن كۆرسىتىلگەن .
قارىماققا بۇ خېلى مۇرەككەپ ئىككى سېستىمىدەك كۆرۈنىدۇ ، ئەمما بۇلارنى بىر بىرىدىن پەرق ئېتىش ئانچە قىيىنمۇ ئەمەس .
ئىچكى توققۇز قەۋم (توققۇز ئۇيغۇر)
تاشقى توققۇز قەبىلە (توققۇز ئوغۇز)
ياغلاقار (ئوپۇرغۇر)
قۇرتارغار
دېرىمار
بايېرسېق
ئابدال
قاسار
قوغۇرسۇ (قۇلاس)
ئوۋۇغار
سابار (سارۇغار)
خۇيخې (ئۇيغۇر)
بارغۇت (بۇغۇ)
غون
بايىرقۇ
توڭرا
ئىزگىل
قىبئار
باسمىل (ئابوس)
قارلۇق
توققۇز ئۇيغۇر دىيىلگىنى ياغلاقار قەۋمى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىسىنى كۆرسىتىدۇ ، توققۇز ئوغۇز دىيىلگىنى ئۇيغۇر قەبىلىلەر بىرلەشمىسىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرق شۇكى ، توققۇز ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان قەۋملەر ئارىسىدا ئۇرۇقداشلىق رىشتە قىلىنىدۇ ، توققۇز ئوغۇز دەپ ئاتالغان قەبىلىلەر ئارىسىدا بولسا سىياسىي ۋە ھەربىي مۇناسىۋەت رىشتە قىلىنىدۇ .
ليۇ زىشياۋ » ئۇيغۇر تارىخى « بىرىنچى قىسىم (1)
ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىش جەريانى توغرىسىدا 13----14-ئەسىرلەردىلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرمۇنچە رىۋايەتلەر تارقالغان . بۇ رىۋايەتلەرنىڭ بىرىدە ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى ئەپسانىلەردىكى ئوغۇزخانغا باغلايدۇ . بۇ رىۋايەت تۈركىي تىل سېستىمىسىدىكى باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ ، قەدىمكى موڭغۇل قەبىلىلىرى ئارىسىدىمۇ كەڭ تارقالغان (موللا موسا سايرامى: "تارىخىي ھەمىدى" بېيجىڭ ، مىللەتلەر نەشرياتى ، 1988-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى).
بۇ رىۋايەت ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى <ئوغۇزنامە> دىن ئىبارەت ئەدەبىي شەكىلدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋام قىلىپ كەلمەكتە . داستاندا دىيىلىشىچە ، ئوغۇزخان ئىنتايىن باتۇر قابىل بىر شەخس ئىكەن . ئۇ بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن بىر پەرىزات بىلەن توي قىلىپ ، ئالتە ئوغۇل تېپىپتۇ . بىرىنىڭ ئىسمىنى كۈنخان قويۇپتۇ ، بىرىنىڭ ئىسمىنى ئايخان قويۇپتۇ ، بىرىنىڭ ئىسمىنى يۇلتۇزخان قويۇپتۇ ، بىرىنىڭ ئىسمىنى كۆكخان قويۇپتۇ ، بىرىنىڭ ئىسمىنى تاغخان قويۇپتۇ ، بىرىنىڭ ئىسمىنى دېڭىزخان قويۇپتۇ . ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ، ئوغۇزخان كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ ، ئەتراپتىكى پۇقرالارنى تەكلىپ قىلىپتۇ . زىياپەتتىن كېيىن ، ئوغۇزخان ئەلچى ۋەزىرلەر ئارقىلىق يارلىق چىقىرىپتۇ . ئۇ بۇ يارلىققا ئۆزىنى "ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى" دەپ ئاتىغانكەن . كېيىنرەك ، ئوغۇزخان شەرققە ، غەرپكە يۈرۈش قىلىپ دۇنياغا تونۇلۇپتۇ . بۇ رىۋايەتتىن شۇنى چۈشۈنۈش مۈمكىنكى ، "ئۇيغۇر" بۇ بىر مىللەت نامى بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ قاغانى "ئوغۇزلار" غا مەنسۇپ ئىدى . دېمەك ، "ئۇيغۇر" بىلەن "ئوغۇز" بىر بىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئۇقۇمدۇر .
13-ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەمىليەتكە تېخىمۇ يېقىن ، تېخىمۇ تەپسىلىي بولغان يەنە بىرخىل رىۋايەت تارقالغان . بۇ رىۋايەت ئىرانلىق تارىخچى راشىددىن تەرىپىدىن <جامىئۇل تاۋارىخ> دېگەن ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەن . راشىددىن مۇنداق دەيدۇ : "ئېيتىلىشىچە ، ئۇيغۇرىستان ۋىلايىتىدە ئىككى چوڭ تاغ بولۇپ ، بىرى 'بۇقارتۇ---بوزلۇق' دېيىلىدىكەن ، يەنە بىرى <ئۇشقۇنلۇق تەڭرىم> دېيىلىدىكەن ؛ قارا قۇرۇم شۇ ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقانىكەن . ئۇگدايخان بىنا قىلغان شەھەرمۇ شۇ تاغنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىكەن . بۇ ئىككى تاغنىڭ يېنىدا قۇت تاغ دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر تاغ بار ئىكەن . بۇ تاغلىق رايوننىڭ بىر يېرىدە ئون دەريا ، يەنە بىر يېرىدە توققۇز دەريا بار ئىكەن . قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئاشۇ دەريالارنىڭ قىرغاقلىرىدىكى تاغلىق جايلارغا ۋە تۈزلەڭلىكلەرگە جايلاشقانىكەن . ئون دەريا ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار <ئون ئۇيغۇر> دىيىلىدىكەن . توققۇز دەريا ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار <توققۇز ئۇيغۇر> دىيىلىدىكەن . ھېلىقى ئون دەريا ئون ئورغۇن دىيىلىدىكەن ، ئۇلارنىڭ ئىسمى رەت تەرتىپى بويىچە :'ئايئىشلىق ، ئوتىنكار ، بۇقىز ، ئوزقوندۇر ، تۇلار ، تاردار ، ئادار ، ئۈچ تابىن ، قاملابقۇ ، ئۆتىكەن> دىيىلىدىكەن . "
"كونا تاڭنامە" ، "يېڭى تاڭنامە" ، "تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر" قاتارلىق كىتابلاردا يېزىلىشىچە ، ئۇيغۇرلار <ئىچكى توققۇز ئۇرۇق> ، <تاشقى توققۇز قەۋم> دېگەن ئىككى چوڭ تارماققا بۆلۈنگەن . ئىچكى توققۇز ئۇرۇق <توققۇز ئۇيغۇر>(يەنە ئون ئۇيغۇر دەيدىغان گەپمۇ بار) دەپ ئاتالغان ، تاشقى توققۇز قەۋم <توققۇز ئوغۇز> دەپمۇ ئاتالغان .
"كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە" دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى توققۇز ئۇرۇقى رەت بويىچە بىرىنچىسى 'ياغلاقار' دەسلەپكى مەزگىلدىكى قاغاننىڭ فامىلىسى ئىدى ؛ قالغانلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 'ئوتىنگىر' ، 'قۇرابىر' ، 'باشقىرت' ، 'ئاۋاسار' ، 'قازار' ، 'قۇسار' ، 'ياماقار' ، 'ئاياۋىر' دەپ ئاتىلاتتى .
ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قوۋمى ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا چوڭراق سەككىز قەبىلىنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن بىر گۇرۇھ ئىدى . "تاڭ سۇلالىسىگە ئائىت مۇھىم خاتىرىلەر . ئۇيغۇرلار" دا ، تاشقى توققۇز قوۋمنىڭ نامى تەرتىپ بويىچە مۇنداق يېزىلغان : ئۇيغۇر ، بارغۇت ، خۇن ، بايئېرقۇ ، توڭرا ، ئىزگىل ، چۆبە ، باسمىل ، قارلۇق . بۇلاردىن باسمىل بىلەن قارلۇقلار Ⅷ-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى قورال كۈچى بىلەن قوشۇۋېلىنغان قەبىلىلەردۇر . شۇڭا ، ئۇرۇش بولسىلا ئۇيغۇرلار بۇ ئىككى قەبىلىنى ئاۋانگارت قىلىپ ئالدىغا چىقىرىپ قوياتتى .
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى توغرىسىدا راشىددىننىڭ <جامىئۇل تاۋارىخ> دېگەن كىتابىدا خېلى مۇھىم بىر خاتىرە بار . بۇ خاتىرىدە Ⅷ-ئەسىردە تۇرپان ئويمانلىقىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان رىۋايەت يېزىلغان . ئۇنىڭدا مۇنداق دىيىلىدۇ : ئۇيغۇرلار ئۇرقۇن دەرياسى ۋادىلىرىدا ياشىغان چاغلاردا ، ئۆزلىرىنىڭ تۇرغان جايلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىغىغا ئاساسەن ، ئون قەبىلىگە ئايرىلغان . بۇ ئون قەبىلە ئۇرقۇن دەرياسىنىڭ ئون تارماق ئېقىنىدا ئولتۇراقلاشقان . بۇ تارماق ئېقىملارنىڭ نامى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ يەردە ياشىغان قەبىلىلىرىنىڭ نامى بولغان (جامىئۇل تاۋارىخ . 1-توم، 1-كىتاب ، شاڭۋۇ كىتاپخانىسى ، 1983-يىل ، خەنزۇچە نەشىرى ، 240-بەت) . بۇ قەبىلىلەرنىڭ نامى ئىچكى توققۇز ئۇرۇق تاشقى توققۇز قەۋمنىڭ نامى بىلەن دىگەندەك ئوخشىشىپ كەتمىسىمۇ ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئۇرۇقلاردىن تەركىب تاپقانلىقى ، ھەر بىر ئۇرۇقنىڭ ئۆزىگە خاس نامغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن قارىغاندا ، بۇ ناملارنىڭ ئاشۇ ئىككى تارىخ كىتابىدا يېزىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەپ ھېساپلاشقا بولىدۇكى : 'يېڭى تاڭنامە' ، 'كونا تاڭنامە' ، 'تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر' دېگەن كىتابلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى (ئۇرۇقلىرى) توغرىسىدىكى يېزىلغان خاتىرىلەر يەنىلا ئىشەنچىلىكتۇر .
"ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى"
شەرقىي تۈرك خاقانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ، يەنى مىلادى 6-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 7-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ غول قىسمى يەنىلا ئورخۇن ، سېلىنگېر ۋە تۇغلا دەريا ۋادىلىرىدا ياشايتتى . بەزى تارىخي ماتىرياللارغا قارىغاندا ، بۇ چاغدا ئۇيغۇرلار "توققۇز ئۇيغۇر" ۋە "توققۇز ئوغۇز" دېگەن ناملار بىلەن تىلغا ئېلىنغان . "توققۇز ئۇيغۇر" ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىگە يېقىن نەسىلداش بولغان ياغلاقار ، قۇرتارغار ، دېرېمار ، بايىرسىق ، ئادېز (ئابدال) ، قاسار ، قۇۋلاس (قۇۋۇنلاس) ، ئوۋۇغار (ياغما) ، سابار (سارورغۇر) قاتارلىق توققۇز ئۇرۇقتىن تەشكىللەنگەن . ياغلاقار قەبىلىسى بولسا ، بۇ توققۇز ئۇرۇققا يىتەكچىلىك قىلاتتى (كونا تاڭنامە ، ئۇيغۇرلار) . توققۇز ئوغۇز دېگەن نام بولسا ، توققۇز ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ۋە ئۇيغۇر ، بارغۇت ، قۇۋۇن (قۇن) ، بايىرقۇ ، توڭرا ، ئىزگىل ، چەۋۈك(چەۋىك) ، باسمىل ، قارلۇق قاتارلىق توققۇز قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەبىلە ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت .
بۇ چاغدا توققۇز ئوغۇز قەبىلە ئىتتىپاقى ناھايتى كەڭ رايونلارغا تارقالغان بولۇپ ، بارغۇت قەبىلىسى ئاساسەن تۇغلا دەرياسىنىڭ شىمالىدا ، قۇۋۇن قەبىلىسى ئاساسەن تۇغلا دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا ، بايىرقۇ قەبىلىسى بولسا بايقال كۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ۋە ھازىرقى خېيلوڭجىياڭ ئۆلكىسى بەيىر كۆلىنىڭ ئەتراپىدا ، ئىزگىل قەبىلىسى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدا ، چەۋۈك ، باسمىل قەبىلىلىرى ئالتاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا ، قارلۇق قەبىلىسى تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربى قاتارلىق جايلاردا ياشايتتى . توققۇز ئوغۇز قەبىلە ئىتتىپاقىغا ئۇيغۇرلار يىتەكچىلىك قىلاتتى .
(ئەنۋەر بايتۇر ، خەيرىنسا سىدىق . شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى)
收藏到:Del.icio.us