مىزاج ھەققىدە چۈشەنچە

سەھپە: تىبابەتچىلىك باھا:0

مىزاج سۆزى بىرىكمە، ئارىلاشما، قوشۇلما دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپلۈك سان بويىچە ئېيتىلىشىى مىزاجلار، ئەرھبپە ئەمزىجە مېيىلىدۇ. تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىدىكى ئۇششاق بىرلىكلىرىنىڭ يەنە بىر ماددىنىڭ ئۇششاق بىرلىكلىرى بىلەن بىرىكىشى ياكى تەسىر قىلىنىشىدىن شەكىللەنگەن كەيپىياتنى مىزاج دەپ ئاتايمىز. يەنى قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك ئوتنىڭ ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك سۇغا تەسىر قىلىشى، قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك تۇپراقىنىڭ ھۆل ئىسىق تەبىئەتلىك ھاۋاغا تەسىر قىلىشى، … قاتارلىق جەريانلار ئاساسىدا ھەر بىر جانلىق ياكى جانسىز ماددىدا ئورناشقان ياكى نۆۋەتتە ھۆكۈمران جەريانلار ئاساسىدا ھەر بىر جانلىق ياكى جانسىز ماددىدا ئورناشقان ياكى تۆۋەتتە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان كەيپىياتقا ئېيتىلدۇ. دېمەك، تۆت چوڭ ماددىدىلا تەبىئەت مەۋجۇت بولۇپ قالماي، بەلكى شۇ تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىرىنى ئالغان بارلىق جانلىق – جانسىز شەيئىلەردىمۇ تەبىئەت(مىزاج) بولىدۇ. ھەر بىر شەيئىنىڭ ئىچىكى قىسىملىرىدىكى ماددىلار يەنە ئوخشىمىغان تەبىئەتلەرگە ئىگە، مەسىلەن: ھۈجەيرە، مالېككۇلا، …لارنىڭ مىزاجى بولغىنىدەك. مىزاج نىسبەتەن تۇراقلىق بولغاندىن باشقا، سىرتقى تەسىرىلەرگە مىزاج سۆزى ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان ۋە ئىشلىتىلىش دائىرىسى، ئىپادىلەيدىغان مەناسى كەڭ بولغان ئاتالغۇ. مەسىلەن: بارلىق مەخلۇقات ۋە بارلىق تەبىئەت جىسىملىرىنىڭ كەيپىياتلىرىنى ئىپادىلەشتە، ھەر قايسى مەملىكەت ۋە جۇغراپىيىلىك ئىقلىملارنىڭ ھاۋا كېلىماتىنى ئىپادىلەشتە مىزاج سۆزى قوللنىلغان. ئىنسان بەدىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى – تاشقى ئەزالىرى، روھىي ۋە جىسمانىي خۇسۇسىيەتلىرى، پىسخولوگىيىلىك ھالەتلىرى خۇي – پەيلى، ئادەتلىرىنىمۇ«مىزاج» ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادىلىگەن. ئۇندىن باشقا، ئىنسان بەدىنىدىكى نورمال فىزىئولوگىيىلىك جەريانلارنمۇ مىزاج ئۇقۇمى بىلەن شەرھلىگەن. مانا بۇ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ داۋاملىق تەرەققىي قىلالىشىدىكى ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىق. كۆرۈنۈشتە ئوخشاش تۇرغانجىسىملار ۋە ئىنسانلارنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىت ۋە ماكاندىكى ئىچكى ھالەتلىرى كېسەللىك ۋە ساغلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى پەرقلىق ھالدا چۈشەندۈرۈشتە ئۇيغۇر تېۋىپلىرى«مىزاج» تەلىماتىنى يارىتىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ كېسەل داۋالاش ئىشلىرىغا خىزمەت قىلدۇرغان. دېمەك، مىزاج ئۇقۇمى ئۇيغۇر خەلقىمۇ تېبابەتتىكى ئۇشبۇ ئۇقۇمنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا تەدبىقلاپ، زۆرۈرىيەت ۋە پەرھىزلەرنى ھېس قىلغان، شۇ ئاساستا ھازىرقى قىممەت تارىشىغا ئىگە بولغان ئۇيغۇر خەلقى شەكىللەنگەن.

تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىزاجى بولىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدكى جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇداتلارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكى تۆت چوڭ ماددىنى چۆرىدىگەن ئاساستا شەكىللەنگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ قايسى مىزاجغا مەنسۇپ بولۇشى تۆت چوڭ ماددىنىڭ قايسى بىرىنىڭ غالىپ ئورۇندا تۇرغدانلىقىغاباغلىق. ئىنسانلارنىڭ رەڭگىرويى (ئۆڭى) ، تۇرقى، خۇلۇق – مىزاجى(مىجەزى)، ئادەتلىرى، پىسخولوگىيىلىك ھالىتى قاتارلىقلارغا باغلىنىشلىق تۈپ پەرقلەرنىڭ ئاساسىي قىسمى ئىنسانلارنىڭ مىزاجىنى بەرپا قىلىشقا خام ئەشيا بولغان تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئارىلاش كەيپىياتىدىن ھاسىل بولىدۇ.

ئادەمنىڭ قەددى – قامىتى، رەڭگى – رويىغا مەنسۇپ سۈپەت پەرقلىرىگە سەۋەبچى بولغان ئىچكى ئامىللار ئىنسانلارنىڭ تۇغما مىزاجىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ خىل تۇغما مىزاجنى سۇنئىي ئۇسۇل ياكى باشقا بىرەر ۋاستە ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

ئەمما ئىنسانلارنىڭ خۇلۇق – مىجەزى، روھىي ھالىتى، ئۆرپ – ئادىتىتۇغۇلغاندىن كېيىن ئىجتىمائىي مۇھىت تەسىرىدىن ھاسىل بولغاچقا، بۇ خىل ھالەتنى ئەخلاقىي ۋە روھىي تەربىيىلەر ئارقىلىق ئۆزگەرتىش مۇمكىن.

مىزاجمۇ تۆتكە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇقتىن ئىبارەت يەككە مىزاجغا ۋە قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سۇغۇق، قۇرۇق سۇغۇقتىن ئىبارەت مۇرەككەپ مىزاجغا تەقسىملىنىدۇ. ھەر بىر يەككە ۋە مۇرەككەپ مىزاجنىڭ يەنە نورمال، غەيرىي نورمال ھالەتلىرى بولۇپ، جەمئىي 64 خىل مىزاج مەۋجۇت، بۇلار يەنە سېكونت ۋە مىنۇتتا ئۆزگىرىش ياسىشى، يېڭىدىن باشقا قوشنا مىكرو مىزاجغا ئايلىنىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى شۇنچە كۆپ بولسىمۇ بىر – بىرگە ئوخشىمىغىنىدەك مىلياردلىغان ئىنسانلار ئىچىدە بىر – بىرىگە شەكىل ۋە پىسخىك خۇسۇسىيەت جەھەتتىن قۇيۇپ قويغاندەك ئىككى ئادەمنى تاپقىلى بولمايدۇ.

نۇرغۇن شەيئىلەردە مۇرەككەپ مىزاج مەۋجۇت بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ يەككە مىزاجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قىسمەن ۋە ئىنتايىن كەم تېپىلىدىغان ماددىلار، مەسىلەن: سېنتىزلانغان، پەيدا قىلىنغان ۋە يەككە مولېكۇلىلىق ماددىلار ۋە سېكونت ئىچىدە يوقىلىدىغان ئېلېمېنترلار مۇشۇ دائىرىدە بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: مۇتلەق قۇرۇق، مۇتلەق سوغۇق دېگەندەك.

ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى تۆت چوڭ ماددا ۋە ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ مەلۇم مىجازىغا ئىگە بولغان ماددىلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇلارنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن بەدەندە شۇنىڭغا لايىق بولغان ئىنسان مىزاجى شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن: ئىسسىق تەبىئەتلىك نەرسىلەرنى كۆپ يەپ، ئىسسىق تەبىئەتلىك ھاۋادىن نەپەسلەنسە، ئىنساننىڭ مىزاجى ئىسسىققا ئۆزگىرىپ قالىدۇ، بۇنىڭغا تۈزەتكۈچى سۈپىتىدە سوغۇق ۋە سالقىن ھاۋا، سوغۇق تەبىئەتلىك سۇيۇقلۇقلار ۋە دورىلار بىرىلىدۇ، دېمەك، ئىنسان چوڭ تەبىئەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان كىچىك تەبىئەت. ئىنسان ئۈچۈن تەبىئەت دۇنياسى شۇنچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇكى، ئەگەر چوڭ تەبىئەتتىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرەرى ئىنسانغا ئارتۇق يا كەم تەسىر قىلسا، ئىنسان شۇ ھامان ساقسىزلىققا قاراپ يۈلىنىدۇ، ئۇزۇنراق داۋام قىلسا، ئىجتىمائىي كېسەللىنىش، ھەتتا ساپاسىزلىنىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ يېتىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزەلدىن ئىنسانلارنىڭ ياشاش شارائىتلىرى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك، ئوت(كۈن ۋە باشقا ئىسسىقلىق مەنبەلىرى)، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ماددا ئىنسانلار تۇرمۇشىنى تەمىن ئەتكۈچى تۇپكى ئامىل. كۆپىنچە كىشىلەر بۇ چوڭ ئامىللارنى كىتاب يۈزىدىلا ئوقۇپ، ئەمەلىي تۇرمۇشقا باغلاپ چۈشىنىشىنى ئويلاپ كۆرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئامىللار ھەر كۈنى، ھەر سېكونت بىز بىلەن بىللە. مەسىلەن: بىز ئىسسىقلىق مەنبەسى ئارقىلىق ئىسسىنىش، تاماق ئېتىش، نۇردىن مەنپەئەتلىنىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز. سۇ مەنبەسىگە ئېرىشىش ئارقىلىق ئۇسسۇلۇق ئىچىش، بەدەننى زۆرۈر سۇيۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش، قۇرغاقلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز. ھاۋانىڭ قانچىلىك زۆرۈرلىكىنى ھەممەيلەن ھېس قىللالايدۇ، لېكىن تۇپراقنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى كىشىلەر دەرھاللا كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىنساننىىڭ ئۆزى ئۇستىخان، چاچ، تېرە، تۈك ۋە تىرناقلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلار«تۇپراق» تەركىبىدىكى ھەر خىل ئورگانىك، ئانىئورگانىك ماددىلار، مىكرو ئېلېمېنتلار ئىنسانلار ئىستېمال قىلىدىغان ھەر خىل ئاشلىق، مېۋە، كۆكتاتلارغا ئۆتۈپ، مەلۇم شەكىلدىكى، مۇئەييەن مىزاجدىكى ئاشلىق، مېۋە ۋە كۆكتاتلارغا ئۆزگەرگەرندىن كېيىن، ئۇلارنى بەدەن قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئىنسان ئىسكىلىتى شۇلارنىڭ خاسىيىتىدە پەيدا بولغان گۆش، يۇلۇن، پەردە ۋە ھەر قايسى ئەزالارنى ئۆزىگە«قاچىلاپ» ئۆرە تۇرىدۇ. تاغ، ئېدىرلىق، قۇملۇق ۋە تۈزلەڭلىكلەر تۇپراق ھېسابلىنىدۇ، تۇپراق سۇنىڭ تېگىدە ھەم سۇنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ، تېبابەت پەلسەپىسىدە ئېيتىلغان تۇپراقنىڭ سۇنىڭ تېگىدە ئىكەنلىكى ئىككى خىل مەنبەگە ئىگە.

بىرىنچىسى، ئۇ ئېغىرلىق ۋە تەبىئەت جەھەتتىن؛ ئىككىنچىسى، ئەمەلىيەتتىمۇ تۇپراق سۇنىڭ تېگىدە بولۇشى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنى يەر شارىنىڭ %71 نى ئىگىلەيدىغان دېڭىز – ئوكيانلارنىڭ تېگى دەل تۇپراقتۇر. بۇ تۇپراقتىن يەنە ئىچكىرىلىسە، ئىسسىق(ئوت) مەلۇم بولىدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ ئىچكىرىلىسە، ھاۋا ئۇچۇقچىلىقغا ئۇچرايدۇ، ئۇندىنكېيىن يەنە سۇغا، ئۇندىن كېيىن تۇپراققا ئۇلىشدۇ. بۇ مانا شۇنداق دەۋرىي تۈستە داۋاملىشىدۇ، نەزەيىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا يەر شارىنىڭ مەلۇم يېرىنى تېشىپ ئكتكىلى بولسا، يەر شارىنىڭ پاراللېل بولغان يەنە بىرى يېرىدىن چىققىلى بولىدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇر تېبابىتى تۆت چوڭ ماددا تەلىماتىنىڭ ئاساسىي نىگىزى. دېمەك، تۆت چوڭ ماددا ھەر بىر ئىنساننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ياشىشى، شان – شەرىپى ۋە ئىنسانىي غۇرۇرىغا بېرىپ تاقىلىدىغان ھەم ماددى ھەم ئىجتىمائىي تۈپكى مەۋجۇددىيەت. بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەرى كېمەيسە ياكى يوقالسا، ئىنساننىڭ ياشاش ئىمكانىيىتىى ئازىيىدۇ ياكى يوقىلىدۇ، ياكى بولمىسا ئىنساننىڭ شان – شەرىپى ۋە غۇرۇرى تۆۋەنلەپ يوقىلىپ بارىدۇ

2012.01.4 ئاپتور: ئاتاچى
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup