گېن قورالى ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى ۋەيران قىلىدۇ
مەنبە:«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دىن شىنجاڭ گېزىتى 2000- يىلى 9- ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى سانىغا تەرجىمە قىلىنغان.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كىلىنتون بىلەن ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بلايېر يېقىندا بىرلىكتە ئىنسانلارنىڭ 1- گېن گۇرۇپپىسى خەرىتىسىنىڭ شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، ھەر قايسى ئەللەرنى بىئو ۋە گېن تەتقىقاتىغا بولغان قىزىقىشى كۈچىيىپ كەتتى. ۋەھالەنكى ئىنسانلار گېن خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىشتىن ئىلگىرى، بەزى دۆلەتلەر بىئو تېخنىكىسىنى ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىش توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى باشلىغان ئىدى. ھازىر ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن، كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان مىكروجانلىقلارنىڭ ئېرسىيەت گېنىنى كۆپەيتىپ ئىشلىگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بىئو دورا ياساپ، ئۇنى ھەرخىل تارقىتىدىغان ئۈسكۈنىلەرگە قاچىلاپ، گېن قورالىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان خەۋەر
ئىگىلىنىشچە، بۇلتۇر 1999- يىلى 10- ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىئو – خىمىيىلىك قوراللاردىن قوغدىنىش توغرىسىدىكى مەخپىي گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا 1982- يىلى ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىئو ئۇرۇشى تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى، دوكتور ك.ئەلبىك مۇنداق دېگەن: « سوۋېت ئىتتىپاقى سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە بىئو قورالى تەتقىقاتىغا بەكمۇ كۈچىگەنىدى. ھازىرمۇ روسسىيىدىكى تۆت ئاساسلىق تەجرىبىخانا بىئو ئۇرۇشىغا كېرەكلىك دورىلارنىڭ ياساش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى چاغدا بىئو مىكروب قاچىلانغان ئوق ئۇچىنى « س س – 18 » قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان زەمبىرەك ئوقسىمان باشقۇرۇلدىغان بومبىغا ئورناتقانىدى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىنى نىشانلىغانىدى ».
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ خىجالەتچىلىكى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەربىي دائىرىلەر 80- يىللاردىلا بىئو ئۇرۇشى دورىسىدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى باشلىغانىدى. ھەمدە بئو قورالىنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان نۇرغۇن ۋاكسىنىنى ياساپ چىققانىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كوئىن 1997- يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىدىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە زاپاس قىسىمدىكى 2 مىليۇن 400 مىڭ ھەربىينىڭ بەلگىلىمە بويىچە بئو ئۇرۇشى دورىسىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزۇشى، شۇنداقلا 2003- يىلىدىن بۇرۇن بارلىق ھەربىيگە ۋاكسىنا ئۇرۇپ بولۇش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگەنىدى.
ئەمما، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇنداق ياخشى نىيىتىنى ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەر قارشى ئالمىدى.ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ ۋاكسىنىلارنىڭ بئو مىكروبلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۈنۈملۈك ساقلايدىغانلىقىنى، سالامەتلىككە زىيانلىق ئەمەسلىكىنى قايتا – قايتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ۋاكسىنا ئۇرۇلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان ئەكس تەسىر ئامېرىكا ئارمىيىسىدە يامان تەسىر پەيدا قىلدى. ۋاكسىنا ئۇرۇلغان نۇرغۇن ئوفىتسېر، ئەسكەرلەردە قىزىش، ھارغىنلىق، مۇسكۇل ئاغرىش، نېرۋا قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلدى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يېقىندا بۇنداق ۋاكسىنىلاردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، بۇ ۋاكسىنىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۈنۈمىنى يوقاتقان. بەش بۇرجەك بىنا ھازىر 2003- يىلىدىن بۇرۇن ۋاكسىنا ئۇرۇپ بولۇش پىلانىنى كېچىكتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىدۇ.
بۇ ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس
ھەربىي تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، 20- ئەسىردە ئىسسىق يادرو قوراللىرىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۇرۇش ھالىتى ۋە ئۇرۇش نەزەرىيىسىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆزگەرتكەن، ۋەھالەنكى 21- ئەسىردە بئو گېن تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلاندۇرۇلۇشى ۋە كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىشى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئىنسانلارنىڭ گېن گوروپپىسى پىلانىدا ئىلگىرلەش بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ، بەزىلەر بىئو گېن تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ گېن قورالى ياساش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭ ماھىيىتى شۇكى، ئوخشاش بولمىغان ئىرق، كىشىلەر توپىنىڭ ئالاھىدە گېنىنى تەتقىق قىلىپ، زۆرۈر بولغاندا ئالاھىدە نىشان قىلىنغان كىشىلەر توپىغا مۇئەييەن ئۇسۇلدا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىرقىي ۋە مىللىي قىرغىنچىلىقنى پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىلدىكى گېن قوراللىرىنى بايقىماق ناھايىتى تەس، بىر نەچچە يىل يوشۇرۇن ئىرقىي يوقىتىش داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئاندىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھېس قىلالىشى مۇمكىن.