باغداش تورى، باغداش خەۋەرلەر گۇرۇپپىسى، باغداش ئاياللار بىرلەشمىسى، باغداش رەسىم يوللاش گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار بىرلىشىپ، مىلادى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى باغداش تورىدا خەلقارا ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. بۇنىڭغا باغداش ئەزالىرى، باغداش باشقۇرغۇچىلىرى، باغداش مەسئولى قاتارلىقلار قاتناشتى.
ئاۋال گۈلباھار تەييارلىغان گۈللەر باغداشتىكى گۈزەل خانىم-قىزلارغا تۇتۇلدى.
ئاندىن قەلەمشاھ تەييارلىغان زىبۇ زىننەتلەر تېما ۋە ئىنكاس يوللاش ماھىرلىرىغا تەقدىم قىلىندى،
ئاندىن ئىلىم سەھنىگە چىقىپ <<ئاياللار بايرىمى ئۆتكۈزمەي، ئەرلەر بايرىمى ئۆتكۈزىمىز>> دىگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئارقىدىن مۇسلىمە 731 مەيدانغا چىقىپ ئاياللار بايرىمىنى نىمىشقا چىرايلىق قىزلارلا ئۆتكۈزىدۇ دىگەن تېمىدا بايانات ئېلان قىلدى.
ئەسلىمە ئۆزىنىڭ بايرامغا ئاتىغان شېئىرىنى ئوقۇدى، ئۇنى باغداش تورى ئىككى تال كونۇپكا تاختىسى، بىر مائۇس بىلەن مۇكاپاتلىدى، مائۇس قىممەت بولغاچقا، چاشقان مودىلى تەقدىم قىلىندى.
ئەڭ كۆپ ئىنكاس يازغان ۋە باغداش تورى ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن ئەلنۇرغا ئىنكاسنى ئاۋال ئىشخانىدا دەپتەردە يېزىۋىلىپ ئاندىن ئۆيىگە كېلىپ يېزىشى ئۈچۈن ئىككى تال مەشىق دەپتىرى، بىر تال قېرىنداش سوۋغا قىلىندى.
ئەپىل يەنى ئالما تورداش <<ئەڭ گۈزەل ئايال>> ناملىق ھېكايىسىنىڭ داۋامىنى ئاياللار بايرىمىنىڭ 3-كۈنى تۈگىتىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ<< مەن بۇندىن كېيىن ئەڭ ئەڭ گۈزەل ئايال، مارت بايراقدارى ئايال دىگەن تېمىلاردا پوۋسىت، رومان يازىمەن دىدى.
بۇ يىغىلىشقا كۆكتۈرۈكمۇ كەلگەن بولۇپ، ئۇ باشقىلارنى تونۇماي قالمىسۇن دەپ باشتىن ئاياغ كۆك كىيىم كىيىپ كەلگەن بولۇپ، ھەتتا ئېلىپ كەلگەن خاتىرە كومپىيۇتىرىنىڭ تېشىنىمۇ سىرچىغا دەپ كۆك رەڭدە سىرلاتقان. ئۇ سەھنىگە چىقىپ، <<ئاياللار نىمىشقا گۈزەل>>، << گۈزەل ئاياللار ئەمگەكچىمۇ؟>> دىگەندەك تېمىلاردا يازغان لىكسىيەسىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە بۇندىن كېيىن تىرىشىپ يېزىقچىلىق قىلىپ، جىق شېئىرلارنى يېزىپ ئايالىمغا تەقدىم قىلىمەن دەپ قەسەم قىلدى.
ئەلقۇندى يىغىلىشنىڭ بىزەكچىلىكىگە مەسئول بولغان بولۇپ، تۆت تامنىڭ ھەممىسىگە ئاياللارنىڭ رەسىمىنى ئېسىۋەتكەن بولغاچقا، بەزىلەر ھەتتا بىلمەي تامدىكى ئاياللارنى راست دەپ قېلىپ سالاملاشقانمۇ بولدى.
توخۇتۇر بىر مۇنچە توخۇلارنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ ئەكىلىپ، ماۋۇلارنى داپەنجى قىلىڭلار، مەن ئايالىمغا ئالتۇن زەنجىر ئالغىلى كەتتىم دەپ كېتىپ قالدى.
رەيھان 85 كانادادا تۇرۇپ<< بۇ يەردە ئاياللار بايرىمى ئۆتكۈزمەيدىكەن، باغداشقا يېنىپ كىلەيمىكىن>> دىگەن ئەدەبىي خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى.
ھەممىدىن يامىنى باغداش بولدى، ئۇ كۈنى باغداش يىغىلىشقا ھەممەيلەننى چىللاپ قويۇپ ئۆزى كەلمىدى، ئاڭلىسام ئۇ گۈللەرنى كۆتىرىپ باغداشگۈلنى ئىزلەپ كەتكەنمىش.
يوقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى چاخچاق. باغداش تورىغا تۇنجى قېتىم چاخچاق يېزىشىم بولغاچقا بەك ئاشۇرۋەتمىدىم، ئەگەر ياقتۇرمايدىغانلار بولسا ماڭا ئۇچۇر يېزىپ قويساڭلار كىيىنكى قېتىمدا قوشمايمەن.
ئىسمى چۈشۈپ قالغانلاردىن ئەپو سورايمەن، دەماللىققا ئېسىمگە ئالالمىدىم.