saltanat lutun elan berig
«12345»Pages: 1/6     Go
بۇ تېما 9797 قېتىم كۆرۈلدى
achchikh
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8352
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 289
شۆھرەت: 1481 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1485 سوم
تۆھپە: 884 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 890 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 112(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ۋاڭ داخاۋ: ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ

ئاپتور: ۋاڭ داخاۋ (王大豪)
ئەلسۆي تەرجىمىسى
.
تەھرىر ئىلاۋىسى: مەزكۇر ماقالە ئۇزۇن مۇددەت شىنجاڭ مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن، ئىلگىرى شىنجاڭدا مۇخبىرلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بىر خەنزۇ يازغۇچىنىڭ ماقالىسى بولۇپ، بۇ يازغۇچىنىڭ ئىسمى ۋاڭ داخاۋ (王大豪)، ئۇ سۇمرۇغ تورى بلوگىدا ماقالە ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭ سۇمرۇغ تورى بلوگىدىكى يازمىلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىسى شىنجاڭ بىلەن، يەنى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مەن ئىلگىرى بۇ ئاپتۇرنىڭ بلوگىدىكى بىر قانچە يازمىسىنى ئوقۇغان، ھەمدە ئۇنىڭ بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە، يەنى ھە دېسىلا ئۇيغۇرلارنى سۆكۈپ يېزىپ، ئىچكىرىدىكى خەنزۇلاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ يازغان ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئىچىم ئاچچىق بولغانلىقتىن، قايتا ئۇنىڭ يازمىلىرىنى كۆرمەيدىغان بولغان ئىدىم. ئەمما ئالدىنقى كۈنى ئۇنىڭ مەزكۇر ماقالىسىنى سىنا مىكروبلوگدا بايقاپ قېلىپ ئوقۇپ چىقتىم. ماقالە گەرچە ئازراق ھاياجان بىلەن يېزىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇرۇنقى ماقالىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاسمان-زېمىن پەرقكە ئىگە. شۇڭا مەزكۇر ماقالىنىڭ قىسمەن ياشلارغا ئاز تولا ئىلھاملاندۇرۇش رولى بولارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە، ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ بۇ ماقالە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئىلقۇت بلوگىدا ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر ماقالىنىڭ سۇمرۇغ تورىدىكى ئادرىسى:
http://wangdahao.blog.ifeng.com/article/12486596.html
سىنا تورىدىكى ئادرىسى:
http://blog.sina.com.cn/s/blog_60f25ed70102e3ke.html
ئەگەر ئاپتۇرنىڭ باشقا ماقالىسىگە قىزىقىدىغانلار بولسا (خەنزۇچە ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغانلار) ئاپتۇرنىڭ سۇمرۇغ تورىدىكى بلوگىنى زىيارەت قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ.
ئاپتۇرنىڭ سۇمرۇغ تورىدىكى بلوگى: http://wangdahao.blog.ifeng.com/
ئومۇمىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ھازىر كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس، بەزى جەھەتلەردە نىسبەتەن كەينىدە قالغان، لېكىن بۇ مىللەت مەڭگۈ كەينىدە قالمايدۇ. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلغار يوشۇرۇن كۈچى كۈنسايىن روشەنلىشىپ، كەلگۈسىدە چوقۇم زور بولغان يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەدەنىيەت جەلپكارلىقىنى ئىپادىلەپ چىقىدۇ. شۇ كۈنگە كەلگەندە بارلىق خەنزۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىلغارلىق ۋە قالاقلىق دەپ پەرقنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ھەتتا نۇرغۇن تەرەپلەردە خەنزۇلاردىن ئۈستۈنلىكىنى بايقايدۇ. بۇ ئەزەلدىن ئىشەنچ ۋە خۇشاللىق كەم بولمىغان مىللەت. مېنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تونۇشۇم چوڭقۇرلاشقانسېرى بۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم، بۇ يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور بولغان مىللەت. بەزى خەنزۇلاردا ئازدۇر-كۆپتۇر ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش تۇيغۇسى بولۇپ، ئۇلار تېخى «كەينىدە قالغان مىللەت» بىلەن قانداق ئالاقە قىلىشنى ئۆگەنمىگەن تۇرۇقلۇق، كەلگۈسىدە ئالغا ئىلگىرىلەپ كەتكەن مىللەت بىلەن قانداق ئالاقە قىلار؟ خەنزۇلار چوقۇم بۇ تەييارلىقنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، شىنجاڭنىڭ مەلۇم يېرىدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقان ماشىنىنى كۆرگەندىن كېيىن، قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئوت-چۆپ ئاپىرىپ بەرگەن ۋە بۇنى يەۋالسۇن دېگەن—بۇ شىنجاڭدا تارقىلىپ يۈرگەن بىر يۇمۇر. بەزى خەنزۇلار (كۆپ سانلىقلار تەرىپىدىن ئاز سانلىق دەپ قارالغانلىرى) نىڭ نەزىرىدە، ئۇيغۇر مىللىتى «كەينىدە قالغان مىللەت»، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ھەممە جەھەتتە كەينىدە قالغان ئەمەس.

(1) ئۈرۈمچىنىڭ ھەرقايسى چوڭ باغچىلىرى، نۇرغۇن ئوبلاست-ناھىيەلەرنىڭ مەدەنىيەت مەيدانلىرىدا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇسسۇل ئويناپ بەدەن چېنىقتۇرىدۇ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئويناۋاتقىنى ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل، ئۇلار شۇنداق بېرىلىپ ئوينايدۇ. گەرچە 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، شىنجاڭدا ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينايدىغان خەنزۇلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، نۇرغۇن ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاقلارمۇ بۇ توپقا قېتىلىپ، تەڭ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىماقتا. تېخىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى نۇرغۇن ياشانغان خەنزۇلار قىشتا قار ئۇچقۇندىغاندىمۇ باغچىدا ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينايدۇ، نۇرغۇن خەنزۇلار بىر كۈن ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىمىسا پۈتۈن بەدىنى بىئارامسىزلىق ھېس قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا-ئۇسسۇل مەدەنىيىتى شىنجاڭ خەنزۇلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسىمغا ئايلاندى. مۇزىكا-ئۇسسۇلدا شىنجاڭنىڭ خەنزۇلىرى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئاسىمىلاتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ، يەنى خۇشاللىق بىلەن ئاسىلىماتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ.
(2) سىز ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا كېتىۋاتقىنىڭىزدا، ئاشخانىنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن ئۆزى تىككەن گۈللەر (كۆپىنچىسى ئەنجۈر) نى كۆرسىڭىز، بۇ چوقۇم ئۇيغۇرنىڭ ئاشخانىسى. بەزى كۆلىمى چوڭراق ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ ئالدى گۈللۈككە ئوخشاش بولىدۇ. بىر قېتىم، مەن بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا بىر تۈپ يېشىللاشتۇرۇش كۆچىتىنىڭ ئەتراپىغىمۇ گۈل يەنە ئازراق دالا ھىدى ئاتا قىلىدىغان قوناق مايسىسى تىكىپ قويغانلىقىنى كۆرگەن، يېشىللاشتۇرۇش كۆچىتىنىڭ يېنىدا بىر كىۋادرات مېتىرغىمۇ يەتمىگەن يەر بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ يەرنىمۇ يېشىللىققا ئورىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل يېشىللاشتۇرۇش ئېڭى ھازىرقى زامان مۇھىت ئاسراش ئېڭى بىلەن بىردەك بولۇپلا قالماي يەنە بۇ مىللەتنىڭ تۇرمۇشنى ۋە ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەت قىلمايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
(3) بىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى خەلق باغچىسىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتىم. يىراقتىن بىر قانچە ئۇيغۇر ئۆسمۈر كېلىپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چىرايلىققىنا ئۆسمۈر مەردانە ھالدا ئالدىمغا كەلدى، ئون نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بۇ ناتونۇش بالىنىڭ مەيدىسىدە بىر سولياۋ قاپقا ئېلىنغان كىنىشكا بار ئىدى، ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن مەيدىسىدىكىنى ماڭا كۆرسەتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ماڭا بىلدۈرمەكچىدەك قىلاتتى. مەن ئەدەپ بىلەن ئۇنىڭ كىنىشكىسىنى ئەستايىدىل كۆردۈم، ئۇ ئەسلىدە «ئۆسمۈر مۇخبىرلىق كىنىشكىسى» بولۇپ، بۇ بالا كورلىدىن كەلگەن ئىكەن. مەن كۈلۈپ ئۇنىڭغا باشمالتىقىمنى كۆرسىتىپ: «ياخشى، ياخشى» دېدىم. ئۇ ئىنتايىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا بولۇپ، ناھايىتى تەبىئىي ئىدى. ئۇ رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرىگىنىچە دوستلىرى بىلەن كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر «ياشانغان مۇخبىر» غا ئۆزىنىڭ كىنىشكىسىنى كۆرسەتكىنىنى بىلمىسە كېرەك. بۇ نەقەدەر ساپ، سەمىمىي ئۇيغۇر ئۆسمۈر ھە! ئۇيغۇرلار شان-شەرەپنى قىزغىن سۆيىدىغان مىللەت، بۇنداق مىللەت چوقۇم ئۈمىدكە تولغان مىللەت بولىدۇ.
(4) بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىلىرى ئاددىي قوپال بولۇپ، خەنزۇلارنىڭ ئاشخانىسىدەك بېزەشكە ئەھمىيەت بەرمەيتتى. بىراق يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى بېزىلىشى ئىنتايىن كۆركەم ئاشخانىلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، بۇ ئاشخانىلار قويۇق مىللىي پۇراقتا بېزىلىپلا قالماي يەنە ئاشخانا سايمانلىرىنىڭ سەپلىنىشىدىكى ھەر قايسى ئىنچىكە ھالقىلارغىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتكۈل ئاشخانىنى نەپىس سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇپ، ئېسىل، مەرد، دۆلەتمەن سالاپەتكە كىرگۈزۈپ، ھەر قانداق ئەڭ ياخشى بىر ئاشخانىدىن قېلىشمىغۇدەك قىلغان. بىر قېتىم، مەن بىر دوستۇم بىلەن دۆڭكۆۋرۈكتىكى بىر نەپىس بېزەلگەن ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا كىردىم، ئاشخانىدىكى ئۇيغۇر مۇلازىم ئەدەپ بىلەن نېمە يەيدىغانلىقىمىزنى سورىدى، مەن ئاشخانىنىڭ تورۇسىدىكى بېزەكلەرنىڭ لايىھەسىگە قاراپ، خىجىللىق بىلەن: «بىز كۆرگىلى كىرگەن.» دېدىم. مۇلازىمنىڭ مىيىقىدا بىر خىل سۇس ئىپتىخارلىنىش كۈلكىسى پەيدا بولدى ۋە «كۆرۈۋېرىڭلار» دەپ ئۆزىنىڭ ئىشىغا كەتتى. ئاشخانىدىن چىققاندا، دوستۇم ئاشخانىنىڭ بېزەكلىرىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. مەن: «ئەگەر سەن بۇ ئاشخانىنىڭ بېزىلىشىگە يېڭىچە نەزەر بىلەن قارىغان بولساڭ، بۇ مىللەتكىمۇ يېڭىچە نەزەر بىلەن قارىشىڭ كېرەك. ئۇيغۇر مىللىتى ئىنتايىن مۇنەۋۋەر مىللەت. » دېدىم. باشقا مىللەتنىڭ قىلالىغان ئىشىنى ئۇيغۇرلارمۇ ناھايىتى ياخشى قىلالايدۇ، بۇندىن كېيىن نۇرغۇن تەرەپلەردە تېخىمۇ شۇنداق. ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا ئاددىي قوپاللىقتىن نەپىسلىككىچە ئۇچۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى، بۇنىڭ ئۆزىلا ئەمەلىيەتتە بۇ مىللەتنىڭ بىر جايىدا توختاپ قىلىپ ئىلگىرىلىمەيدىغان مىللەت ئەمەسلىكىنى ئەكسىچە ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىدىغان ۋە ئىنتىلىۋاتقان مىللەت ئىكەنلىكىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
(5) ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىنىڭ قولىدا بىر قانچىلا مال بولۇپ يەنە بەزىلىرىنىڭ قولىدا نەچچە دۇربۇن، نەچچە قاشتېشى ياكى بىر قانچە كىچىك پىچاق بار، گەرچە ئۇلارنىڭ قولىدىكى مال كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھەر كۈنى زېرىكمەستىن، ھاردىم دېمەستىن ھەممە كوچىلارنى دېگۈدەك كېزىپ، كوچىدىكى ھەربىر ئادەمگە دېگۈدەك تونۇشتۇرۇپ ساتىدۇ. مەن ئۇلار مۇشۇنداق كوچىدا يۈرۈپ نەچچىنى ساتالار دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن جاپا تارتىشتىن قورقمايدىغان ئېلاستىكلىقى مېنى ئۆزىگە قايىل قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقان گەرچە خەنزۇ تىلىنى بىلمىسىمۇ، تەۋەككۈلچىلىك بىلەن قۇرۇق قول ئىچكىرىگە بېرىپ ئۇ يەردە شىنجاڭنىڭ يەرلىك مېۋىلىرىنى ساتقان، نەچچە يىلدىن كېيىنلا باي بولغان. ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ بىرقانچە يېرىدىكى ئېگىز سودا سارايلار ئۇنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باي بولغانلار نۇرغۇن.
(6) 2010-يىلى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئارال يېزىسىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن تىرىشىپ ئوقۇيدۇ، ھەر كۈنى سەھەردە ئۈرۈمچى ۋاقتى بەش بىلەنلا تۇرۇپ ئۆگىنىشنى باشلايدۇ، كەچتە 12:00 كەر بىلەن ئاندىن ياتاققا قايتىپ ئارام ئالىدۇ، كۈندە ئۇخلىغان ۋاقتى بەش سائەتكىمۇ يەتمەيدۇ، بۇرۇن يېزىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ قەدەر تىرىشىپ ئۆگىنىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن. »
بىر كۈنى كەچتە، ئۇ 8-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ماتېماتىكا تەكرار قىلىپ بېرىۋاتقاندا تۇيۇقسىز توك كېتىپتۇ، ئوقۇغۇچىلار دەرھاللا شام، قولچىراغلارنى چىقىرىپ داۋاملىق ئۆگىنىپتۇ، بەزى شامغا بەش ئالتىدىن ئوقۇغۇچى توغرا كېلىدىكەن. شۇ يىلى مائارىپ ئورۇنلىرى «قايتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتا ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بېرىشىگە بولمايدۇ.» دەپ بەلگىلىمە چىقارغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 39 بالا قايتا ئىمتىھان بېرىش پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالغان. بۇ خەۋەرنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى سىنىپتا يىغلاپ كەتكەن، ئوقۇتقۇچى نەسىھەت قىلىپ سائەت 3:00 لەرگە يېقىن ئاندىن ياتىقىغا قايتۇرغان. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئۇدا ئۈچ ۋاق تاماق يېمىگەن. ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيىدىغان ئادەم چوقۇم ئالغا ئىنتىلىدىغان ئادەم؛ ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيىدىغان مىللەت گەرچە كەينىدە قالغان مىللەت بولسىمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلالايدۇ. ئەگەر بىز بىلىمنىڭ كۈچىنى ئېتىراپ قىلساق، ئۇنداقتا بىز بۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى سەل چاغلىماسلىقىمىز كېرەك. كىم بۇنى ئىنكار قىلسا شۇ نادانلىق قىلغان بولىدۇ.
(7) بۇلارنى ئوقۇغاندا بەزىلەر سەن نېمىشقا رەھىمسىز تىرورچىلارنى تىلغا ئالمايسەن دەپ سورىشى مۇمكىن. ھەر قانداق بىر مىللەتتە ياخشى ۋە يامان ئادەم بولىدۇ، خەنزۇلاردىمۇ ئوخشاش، ئۇنداقتا كىم خەنزۇلارغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ؟ مېنىڭچە بۇ سوئالغا ھەممە خەنزۇ ياخشىلىرى دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ياخشىلىق ھەممە مىللەت ئېتىقاد قىلىدىغان قىممەت ئۆلچىمى. بۇ خىل ئومۇم تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان قىممەت قارىشى پۈتكۈل مىللەتنىڭ قىممەت قارىشىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ، شۇڭا ھەر قانداق مىللەتتىكى ياخشىلارنىڭلا شۇ مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتى بولىدۇ. بىر ئۇيغۇر كادىر بۇرۇن ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى: «دۇنيادا قانداق مىللەتتىن بولسۇن ياخشىمۇ بار، يامانمۇ بار، ھەر قانداق ئادەم تېپىلىدۇ، ھەممە مىللەت ئوخشاش. » ئۇيغۇرلاردا داڭلىق ئۇسسۇلچىلار ۋە ئېسىل داچىلىرى بار بايلار بولۇپلا قىلماي يەنە ھەر قايسى ساھەلەردە يۇقىرى پەن تېخنىكا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتورلارمۇ بار. بىر مىللەتنىڭ ئىلغارلىقتىكى تەبىئىي تالانتىغا باھا بېرىشتە شۇ مىللەتتىكى قالاق نەرسىلەر بىلەن باھا بېرىشكە بولمايدۇ، ئەكسىچە شۇ مىللەتتىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشىلەر توپى ئىپادىلىگەن ساپاغا ئاساسەن باھا بېرىش كېرەك. ھەممە مىللەتتە بەزى قالاق نەرسىلەر بولىدۇ، پەقەت شۇ مىللەتتىكى ئەڭ ئىلغار كوللېكتىپلا شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى، ئىستىقبالى ۋە كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ.
مەن بۇرۇن بىر ماقالىدە مۇنداق بىر ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن: ئۇيغۇرلار ئىنتايىن مۇنەۋۋەر مىللەت، ھۆرمەتكە ئەرزىيدىغان مىللەت، ئىستىقبالى پارلاق بىر مىللەت. مېنىڭ بۇ ماقالەم بلوگدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككى ئۇيغۇر ياش سۆز قالدۇرۇپ، ماڭا رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە ئەسىرىمنى كۆرگەندىن كېيىن تەسىرلىنىپ يىغلىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ماڭا تاسادىپىيلىق تۇيۇلدى، مەن ئاددىيلا بىر پارچە ماقالەمنىڭ ئۇلارنى شۇنچە تەسىرلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن، بۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
(8) ئەڭ ئاخىرىدا سىلەرگە كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان بىر ھېكايىنى ئېيتىپ بېرەي، بۇنى بىر دوستۇم ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىكەن:
قىش كېچىسى، قار ئۇچقۇنلىرى ئۇچۇپ تۇغان، يول چىراغلىرى ئۆچۈشكە ئاز قالاي دېگەن ئادەمنىڭ كۆزىدەك خىرە بولۇپ، يولدىكى ماشىنىلارمۇ ئۇچقاندەك يۈرۈۋاتقان، خۇددى بۇ سوغۇق قىش كېچىسىنى تېز تاشلىۋېتىپ، ئىللىق ئۆيىگە تېزرەك قايتىشقا ئالدىراۋاتقاندەك ۋاقىت ئىكەن. شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن قىش پەسلىدە بۇنداق قىش كېچىسىنىڭ ھېچقانچىلىك تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق. دوستۇم تەخمىنەن كېچە سائەت 22:00 لەر ئەتراپىدا كوچىدا بىر ئۇيغۇر بوۋاي ئەسكى ۋېلىسىپىتنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. بۇ ۋاقىت پىچاق بىلەيدىغان ئادەمنىڭ سودا قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس ئىدى. ئۇ 60 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، ئۈستى بېشى قار بولۇپ كەتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ۋېلىسىپىتى ئۆزگەرتىپ ياسالغان پىچاق بىلەيدىغان ۋېلىسىپىت ئىكەن. يول تەرەپتىن تۇيۇقسىز بىر ئايالنىڭ قاتتىق چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ، (بۇ ئاۋاز ھەرقانداق ئادەمنىڭ تېنىنى جۇغۇلدىتاتتى.) بىر مۈشۈك يولنى كېسىپ ئۆتۈۋاتقاندا ئوقتەك كېلىۋاتقان ماشىنا بېسىۋەتكەن ئىكەن. بۇنى بىر ئايال كۆرۈپ قالغان، بۇ ئاۋاز كىشىنى سۈر باستۇراتتى. بۇ ھېچكىم كۆرۈشنى خالىمايدىغان، ھەممە ئادەم ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغان كۆرۈنۈش. ھەممە ئادەم بۇ ئېچىنىشلىق مۈشۈكنىڭ تاڭ ئاتقىچە يەنە كېيىن كەلگەن ماشىنىلار تەرىپىدىن قايتا قايتا يانچىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. ھېلىقى بېشىنى چۆكۈرۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر بىلەيچى بوۋاي قەدىمىنى توختىتىپ، ۋېلىسىپىتىنى يول بويىدىكى رېشاتكىغا يۆلەپ قويدى. ئۇ نېمە ئىش قىلماقچى؟ ئۇ يولدا ياتقان مۈشۈكنىڭ قېشىغا كەلدى، مۈشۈكنىڭ بەدىنى قان ۋە توپىلارغا مىلىنىپ كەتكەن بولۇپ قارىغىلى بولمايتتى. بىلەيچى بوۋاي ئىككىلەنمەستىن ئۆلۈپ كەتكەن مۈشۈكنى ئىككى قوللاپ ئاۋايلاپ، يېشىللاشتۇرۇش رايونىغا كېلىپ، ئېڭىشكىنىچە مۈشۈكنى خۇددى ئۇخلاۋاتقان بالىنى ئويغىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاستا كارىۋىتىغا ياتقۇزۇپ قويغاندەك چىمغا ياتقۇزۇپ قويدى-دە، بىلەيچى بوۋاي خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ۋېلىسىپىتنى ئىتتەرگىنىچە يولىغا راۋان بولدى. ئۇنىڭ سايىسى قار ئۇچقۇنداۋاتقان قىش كېچىسىدە تېزلا غايىب بولدى. يولدا كېتىۋاتقانلار ئاز بولۇپ، ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان ئىدى. بۇ 2009-يىلى 12-ئايدىكى ئۈرۈمچىنىڭ قىش كېچىسى.
مەنبە:ئىلقۇت بلوگىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى.http://blog.ilqut.com/index.php/archives/3891.html
تېما تەستىقلىغۇچى : kokturuk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-04, 22:20
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-09-04 20:51 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 658
شۆھرەت: 4161 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4154 سوم
تۆھپە: 2347 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2390 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1228(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر  ياخشى خەنزۇنىڭ ھىسداشلىق ۋە ئازاب بىلەن يازغان يۇرەك سۆزلىرى ئىكەن،شۇنداق بىر مىللەتنىڭ ھەممە كىشىسى ئەسكى ئەمەس .بىر مىلەتتنىڭ ساپاسىنى ئالدىن ماڭغان زىيالىيلار توپىلا يىتەكلىيەلەيدۇ،بۇ قوشون تۇگەشسسە تەڭرى ئۇرغىنى شۇ-...
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-04 22:19 |
achchikh
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8352
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 289
شۆھرەت: 1481 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1485 سوم
تۆھپە: 884 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 890 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 112(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

توغرا دەيسىز............ بىزگە يول باشلاۋاتقان زىيالىيلار ساناقلىقلا بولىۋاتىدۇ...........
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-04 22:25 |
esma0999
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3418
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 71
شۆھرەت: 356 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 358 سوم
تۆھپە: 214 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 216 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 50(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى گەپنى قىلسا ئوبدان ھە
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-04 22:46 |
vessal
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9812
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 153 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 154 سوم
تۆھپە: 89 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 90 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىز قاچانغىچە باشقىلانىڭ ماختىشى بىلەن ئالدىنىپ يۇرىمىز ، مەغرۇرلۇق ئادەمنى ئارقىدا قالدىرىدۇ، ھازىر ئۇيغۇر ماختاشقا ئالقىشقا ،ئەمەس بىرلىككە ،تەربىيەگە ،يول كۇرسىتىشكە ،  قانۇنى ھۇقۇق مەنپەئەتى تۇلۇق قانۇننىڭ قوغدىشىغا مۇھتاج، ماختاشنى، داملاشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ !! قانۇنى ھۇقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشنى ھەممە ئادەم بىلمەيدۇ!!
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-04 22:49 |
vessal
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9812
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 153 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 154 سوم
تۆھپە: 89 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 90 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم؟
ئۇنۇرغۇن نەرسىلەنى يۇشۇرۇپ قاپتۇ بۇمۇ كىيىن ھامان ئىچىلىدۇ
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-04 22:53 |
tvrvkohli
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8686
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 80
شۆھرەت: 435 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 435 سوم
تۆھپە: 254 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 254 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 125(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

باشقىلارنىڭ ماختاشلىرى ۋە سۆكۈشلىرى ئىچىدىن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقىي كىملىكىمىزنى، كەلگۈسىمىزنى چوقۇم تاپالايمىز.......
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-04 23:26 |
boxuk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 895
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 23 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 23 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مائاداشنى ئاشۇ ماختىغىنى چۈشەنگىنى ئۈچۈن قويدىن بىر سويۇپ مىھمان قىلىپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ،شۇنداق مىللەتدىشىم بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئەسكى تىرورچى ئەمەس
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-04 23:43 |
albax
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2547
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 232
شۆھرەت: 1189 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1192 سوم
تۆھپە: 709 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 712 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 269(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   موخبىر لارنىڭ كۆرگەن بىلگىنى كۆپ بۇلىدۇ . نەزەر دائىرىسىمۇ كەڭ بۇلىدۇ . بۇكىشىنىڭ باھالىرىدىن ئىپتىخارلىنىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزدىكى ئىللەتلەرنى تازىلاشنى بىرگە ئېلىپ بارايلى .  « زورلۇقتىن قايىل قىلىش ئەۋزەل»
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-05 00:10 |
ulughbek
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9280
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 94
شۆھرەت: 470 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 470 سوم
تۆھپە: 282 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 282 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 275(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن سىز كۆرسەتكەن ئادرىس ئارقىلىق خەنزۇچە ئەسلى يازمىسىنى كۆرۈپ چىقتىم. ھەم شۇ يازمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىمۇ كۆرۈپ چىقتىم.98% ئىنكاستا، ئۇيغۇرلارغا بولغان ھۆرمەت تەكىتلىنىپتۇ. يەنە يازما ئاپتۇرىنى «قەستەن مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلىش ئويى بار»دەپ ئەيبلىگەنلەرمۇ خېلى بار ئىكەن. بولۇپمۇ، شىنجاڭدا تۇرۇپ باققان خەنزۇ قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھۆرمىتىنى، مېھرى-مۇھەببىتىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇرلىقىنى،ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇلار ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى  تەكىتلەپتۇ.مەن بىر دەمدىن كېيىن ماڭا خېلى تەسىر قىلغان بىر ئىنكاسنى بۇ يەرگە يوللاپ قويماقچى.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-05 00:25 |
ulughbek
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9280
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 94
شۆھرەت: 470 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 470 سوم
تۆھپە: 282 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 282 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 275(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

我是一个少年时代在新疆度过的汉族人,在内地上大学后又去新疆住了十年,然后又迁网内地。经常在比较思考汉族和维族的异同。坦白说,感觉新疆什么都是美的,食物,人情,风景,如果说不好也就只是气候,毕竟是距离海洋最远的一个地方。我喜欢那里的少数民族和那里的汉族。有着欧美一样风范,互相关心,尊老爱幼,男人有绅士风度,爱护照顾妇女儿童的风气是内地到处都比不上的。在内地的大街上一个男人打一个女人或小孩,可以没有任何一个人出来阻止,最多也报报警,在新疆的大街上试试?。。这些风气优点与少数民族的侵染肯定有很大关系。我在内地这些年骨子里看不起人与人之间人际关系那么的淡薄,看不起陌生人之间的冷漠,看不起男人不像男人,可以没有任何心理障碍地欺负妇女儿童老弱病残。如果说中国人在国外常被看不起,如果新疆人代表中国去国外就没有这方面的担忧了。因为国人被看不起主要是因为冷漠,没自尊,露骨地自私。一直在想为什么有这些区别?可能与新疆一直以来就衣食丰足有关?(新疆自古就没遇到过什么饥荒灾难什么的。)也正是这个原因,当然那里的人进取心不是热别的强,与内地的发展速度有差异。这与民族的优劣没有任何关系
مەن بولسام ئۆسمۈرلىك چاغلىرىمنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزگەن بىر خەنزۇ.ئىچكىرىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە شىنجاڭغا بېرىپ ئون يىل تۇردۇم،كېيىن يەنە ئىچكىرىگە كۆچۈپ كەلدىم.خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر توغرىسىدا دائىم سېلىشتۇرما ئانالىز قىلىپ تۇرىمەن.راستىمنى دېسەم،شىنجاڭنىڭ ھەممە نېمىسى گۈزەل تۇيىلىدۇ،يېمەك -ئىچمەك،كىشلىك مۇناسىۋەت،مەنزىرىلەر....ئەگەر ياخشى بولمىغان تەرىپى بار دېيىلسە شۇ پەقەت كېلىماتى  ناچار،دەرۋەقە دېڭىز-ئوكياندىن ئەڭ يىراق جاي ئەمەسمۇ؟!مەن ئۇ يەردىكى ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنى شۇنداقلا خەنزۇلارنى ياخشى كۆرىمەن.خۇددى غەرب كىشىلىرىدەك سالاپەت ۋە خۇلق-مىجەز كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىپ، كۆڭۈل بۈلۈشۈپ ئۆتىدۇ.ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدۇ،كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدۇ.ئەرلىرىدە خۇددى ئىسىلزادىلەردەك بىرخىل چوڭ سۈپەتلىك ۋە سالاپەت بار.خۇتۇن-قىزلارنى ، سەبىيلەرنى ئاسراشتەك ئىسىل خىسلەتلىرىنى ئىچكىرىنىڭ ھەر قانداق جايىدىكىلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.ئىچكىرىنىڭ كۇچىلىرىدا بىر ئەر بىر ئايالنى ياكى بالىنى ئۇرسا،شۇنداق دېيىشكە بولۇدۇكى،كۆكرەك كېرىپ چىقىپ تۇسىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمايدۇ.بەك قىلسا بەلكىم ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قويۇدىغانلار چىقىپ قالار...شىنجاڭدىچۇ؟كېلىپ سىناپ باقسىڭىز كۆرۈسىز.بۇ خىل ئىجتىمائىي ئاڭ نەق شۇ ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ سىڭىشى  ۋە تەسىر قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .ئىچكىرىدە ئۆتكۈزگەن بۇ نەچچە يىلدا، مەن كىشلىك مۇناسىۋەتتىكى پەرۋاسىزلىق ۋە خۇنىكلىككە،ناتۇنۇشلارغا قىلىنغان سوغۇقچىلىقلارغا، ئەركەكچىلىكىنى قىلماي،ئەكسىچە روھى ھالىتىدە ھېچقانداق بىنۇرماللىق سەزمىگەن ھالدا تەپ تارتماستىن خۇتۇن -قىز ۋە سەبىيلەرنى،ياشانغان، ئاجىز.كېسەل ۋە مېيىپ كىشىلەرنى بوزەك قىلىۋاتقان ئەركەكلەرگە ئىچ-ئىچىمدىن، سۆڭەك-سۆڭىكىمدىن نەپرەتلىنىپ يۈردۈم.ئەگەر جۇڭگولۇقلار چەتئەللەردە دائىم كەمسىتىلىدۇ ،دېيىلگەندە، مۇبادا ،شىنجاڭلىقلار جۇڭگولىقلارغا ۋاكالىتەن چەتئەللەرگە بارسا بۇ خىل ئەندىشىلەردىن خالىي بولسا بولىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.چۈنكى ۋەتەنداشلارنىڭ چەتئەللەردە كەمسىتىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەر-ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەردىكى مۇزچىرايلىق،غۇرۇرسىزلىق ۋە « مانا مەن »دەپ ئاشكارلىنىپ تۇرىدىغان شەخسىيەتچىلىكلەردىن ئىبارەت.«نىمىشقا مۇنداق پەرقلەر بۇلىدىغاندۇ؟» دەپ دائىم خىيال قىلىمەن.مېنىڭچە بەلكىم شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن  باي-باياشات ماكان ئىكەنلىكى سەۋەبىدىندۇر.(يەنى شىنجاڭدا ئەزەلدىن قەھەتچىلىك كۆرۈلۈپ باقمىغان)دەل مۇشۇ سەۋەپ تۈپەيلىدىن،ئۇ يەردىكى ئادەملەردە ئالغا ئىنتىلىش ، ئىزدىنىش روھىنىڭ كەمچىل بولۇشى ھەقىقەتەن راست. ھەم بۇ تەرەققىيات سۈرئىتىدىكى پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭ بىر مىللەتنىڭ ئىسىل ياكى پەستلىكى بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋىتى يوق.

قارىماققا بۇ ئىنكاس شىنجاڭلىقلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببەتنىڭ كۈچىدىن سەل ھاياجانلىنىپ يېزىلىپ كەتكەندەك تۇيۇلغان بىلەن، ئارىسىدايەنە بەزى ھەقىقەتلەر كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
مۇشۇنىڭدەك ئىنكاسلار خېلى كۆپكەن.كۆرۈپ باقساڭلار بولغۇدەك.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-05 01:07 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/6     Go
Bagdax bbs » تارىخ بەتلىرى