saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 5257 قېتىم كۆرۈلدى
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2265
شۆھرەت: 12484 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 12546 سوم
تۆھپە: 7327 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 7338 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2735(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 دىللاردىكىنى تاپقان دىلچى غىزالىق چايخانىسى

     ئىلاۋە  :ئۇيغۇرلار رېستۇران مەدەنىيتىدىن ئاستا- ئاستا چايخانا مەدەنىيتىگە قاراپ يۈزلەنمەكتە ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ئەگىىشىپ شىنجاڭنىڭ مەركىزى شەھىرى بولغان ئۈرۈمچىدە چايخانىلارنىڭ ئار-ئارقىدىن ئېچىلىشى كىشىلەرنى ئاستا-ئاستا چايخانىغا باشلاپ كىردى ، سودىگەرلەرمۇ بۇ نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ چايغانىغا مەبلەغ سالماقتا ، ئەڭ دەسلەپتە ھېس قىلساق ئۈرۈمچىدە دەسلەپتە تۈرۈك چايخانىلىرى ئېچىلغان بولۇپ ئارقىدىن ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن كۆلەملەشكەن  چايخانىلار ئېچىلدى ، ئارقىدىنلا ھەرقايسى شەھەرلەردىمۇ چايخانا ئېچىلىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا يېڭىچە بىر مەدەنىيەتنى ئېلىپ كەلدى ، تۆۋەندە قومۇل دىيارىدا ئېچىلغان بىر قەدەر كۆلەملەشكەن دىلچى غىزالىق چايخانىسىدىن ئالغان تەسىراتىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى :


1.بۈگۈن سەھەردە باغداش تورىنىڭ مەسئولى ئۇندىدار قىلىپ  كەمىنە توخوتۇرنى باغداش  تورىغا ۋاكالەتەن  دىلچى غىزالىق چايخانىسىنىڭ ئېچىلىشى مەرىكىسىگە بېرىپ قاتنىشىپ كىلىىشىمنى ئېيتتى . مەن ماقۇل دىدىميۇ ، ئەمما بۇ دىلچى غىزالىق چايخانسىى زادى قانداقراق چايخانىدۇ ؟ ھاراق شاراپ  دىگەنلەر يوق بولغىيدى دىگەندەك گادىرماچ سۇئاللار بىلەن دىلچى غىزالىق چايخانىسغا قاراپ يول ئالدىم .

2.نەق سائەت 10 دا دىلچى غىزالىق چايخانىسىغا بارسام ئالدىدا ناغرىچىلار شادىيانەگە چېلىپ قايناپ كىتىپتۇ . كەڭ ھەم ئازادە ھازىرقى زامان ياۋرۇپا رۇمانتىك ئۇسلۇبى بىلەن ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مىللى ئۇسلۇبى بىرلەشتۇرۇلۇپ  ياسالغان  چايخانىغا قەدەم باستىم .

3. مەن چايخانىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئوتتۇرسدىكى ئورۇنغا كىلىپ باشقا مىھمانلار بىلەن كۆرۇشۇپ ئولتۇرۇغاچ 300 كۇۋادىرات مىتىر كىلىدىغان بۇ ئازادە ياسىداق چايخانىغا نەزىرىمىنى ئاغدۇردۇم . كۆزۇم چايخانىنىڭ كۆركەم بىزەكلىرىنى كۆزۇتۇپ  يەنە بىر كۆز بىلەن  ئۇچۇرشۇپ قالدى .ۋاي بۇ كانۋاي بىزەكچىلىك شېركىتىنىڭ لىدىرى ئالىمجانغۇ . ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەپەندىم بىزەكچىلىكنى سىلى پۇتتۇرگەن ئوخشىماملا .مۇبارەك بولسۇن مۇبارەك بولسۇن چوڭ ئىشلارنى تۇتۇش قىلىپ پۇتتۇرۇپلا .ئەپسۇس ئالىم لېدىر بەك ئالدىراشكەن .ئۇنۇڭ بىلەن يەنە ئايرىم سوھبەت قۇرۇمىز ئىنشائاللا ھازىرچە ئۇ ئېغىز ئاچماستا دىلچى چايخانىسىنىڭ بىزەكلىرى توغۇرلۇق دەسلەپكى تەسىراتىمنى ئوتتۇرغا قويىۋالاي .قېنى كىيىن ئالىم لېدىر بىلەن بىزەك توغۇرلۇق سۆزلەشكەندە   سېلىشتۇرسام بۇمۇ قىززىق بولغۇدەك .

4. دىلىچى چايخانسىنىڭ بىزەكلىرىنى دەپ كەلسەك:
 1. دىلچى چايخانىسىنىڭ ئۇستىگە لاھىيلەنگەن چەمبەرنىڭ ئىچىدەك چەمبەر ئۇنۇڭ ئىچىدىمۇ چەمبەر ، خۇددى كىچىك چېغىمدا مەن بەك ئامراق پەيدا قىلشىنى ئويلايدىغان چولتۇق قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ پەيدا بولىدىغان سۇ دولقۇن چەمبەرلىرىنى ئەسلەتتى ، چەمبەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئالتە تەرەپلىك  پارچە تاختىلار بولسا ماڭا كۆل بويىدىكى نىلۇپەرلەرنى ئەسلەتتى ، بۇ چاغدا مەن ئۆزەمنى  كۆلنىڭ يۇزى شىپ بولسا مەن سۇئاستىدىمۇ قانداق دەپ ئويلاپ قالدىم . 
  2. بىزەكچىلىكتىكى  ئالىم لېدىرنىڭ ئەڭ جاسارەتلىك تەسەۋۋۇرى دەل چايخانىنىڭ توپىسىگە لاھىلىگەن پەنجىرە ،  كۆپچۇلۇكنىڭ ئىسىدە بارمىكىن ، بۇ نداق ياغاچتىن ياسىلىدىغان پەنجىرلەر نى ھازىر پەقەت قومۇل ھىيىتكاھتا ،قومۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇتنىڭ ، مېھرىبانۇ پۇجۇڭ خېنىمنىڭ (ئاللاھ قەبرىسىنى نۇرلۇق قىلسۇن .ئامىن )   مەقبەرلىرىدىلا  كۆرۇش مۇمكىن . شىپقا پەنجىر شەكىل چىقىرىش تەسەۋۋۇرىدىن ئالىمنىڭ جاسارەتكە تولغان ، گۇزەل تەسەۋۋرۇىنى ھىس قىلىپ  يەتتىم ،پەنجىرنىڭ ئادەتتە ئۆينىڭ شىپىغا لاھىيلىنىشى بىر قارام تەسەۋۋۇر . بۇ شىپتىكى پەنجىرلەر يەنە ئۆز نوۋىتىدە ۋېۋىسكىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ ،بىرخىل ماسلىق بىر خىل ئەنئەنە مېنىڭغا تولۇمۇ ئىللىق تەسىر بەردى ،
 3. چايخانىنىڭ ئارقاسەپ غىزاتەييارلاش ئۆيىنىڭ تېىمى ئەينەك بولۇپ مېھمانلار ئىچىنى بىۋاستە كۆرەلەيدىكەن . بۇ ھالەت چايخانا خوجايىنىنىڭ  مەردۇمەردانە ئوچۇق ئاشكارىلىقىنى چۇشەندۇرىدۇ ،  بۇ غىزا تەييارلاش ئۆيىگە كىرىشنى چەكلەيدىغان ئاشخانىلار بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ ، ئادەمگە خاتىرجەملىك ، پاكىزلىق ، ئىشەنىچ تۇيغۇسى بەخىش ئېتىدىكەن . رەڭلەرمۇ شۇنداق ماسلاشقان   سەنئەت ئۇنۋېرسىتىنىىڭ ماي بوياق كەسپىنى پۇتتەرگەن ئالىم لېىدىر  قەدىم رەڭ  تەڭشەشلەردىن كۆرە ئىجادىلىققا تولغان رەڭ ماسلاشتۇرۇش ۋە رەڭ تەڭشەشنىڭ ئۇستىىسى دىسەك  ئارتۇق كەتمەيدۇ .  

5.  مەن يەنە دىلچى غىزالىق چايخانىسىنىڭ  خوجايىنى ئىساق ئاكىنىڭ  ئۆز ئوغلىغا بەرگەن قوللاش ئىشنىش ، مەدەت بىرىشى ھەم ئوغلى ئەخمەتجاننى چايخانىنىىڭ بىزەكچىلىكىدىن باشلاپ مەسئول قىلىشىدىن  تولۇمۇ تەسىرلەندىم .ئادەتتە نۇرغۇن ئائىللەر بار پەرزەنىتلىرى بىر ئىش قىلاي دىسمۇ  ئاتا ئانىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەي نۇرغۇن گۇزەل ئارزۇلار نىڭ پايخان بولۇپ كەتكەنلىكىگە شاھىت بولدۇق . مەن ئىساق ئاكىنىڭ بۇخىل پەرزەنتىگە ئىشىنىش ۋە قوللاش روھىدىن تولۇمۇ تەسىرلەندىم .

6. ئارلىقتا ئىساق ئاكا بىزنىڭ داستىرخاندىمۇ ئازراق ئولتۇرۇپ ،غىزالىق چايخانا توغۇرلۇق سۆزلەپ بەردى . دىيىشىچە ئاشپەز ۋە باشقا مۇلازىملارنىڭ ياتاق مەسەلسىنىمۇ ئاشۇ بىنانىڭ ئۇستىدىكى بىر تور ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ  ھەل قىلغان . مېنى ئەڭ خوشال قىلغىنى ئىساق ئاكا ئۆزى قەتئى ھالدا بۇ ئاشىخانىنىڭ ھاراق شاراپسىز پاكىز ئاشخانا بولىدىغانلىغىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى .

7. داستىرخانغا يەنە دىخان شورپىسى دىگەن بىر ئەنئەنۋى مىللىچە تاماق كەلتۇرۇلگەن بولۇپ كەلگەن مىېھمانلارنىڭ ھەممىسى ماختاپ كەتتى .  مەنمۇ يېراق يېققىنىدىن ئەل ئاغىنە بۇرادەرلەر كەلسە قىلچە شۇبھىلەنمەي دىلچى غىزالىق چايخانسىغا باشلاشنى كۆڭلۇمگە پۇكۇپ ئىساق ئاكا ۋە ئەخمەتجانلار بىلەن خوشلاشتىم .

رەسىملارنى ئالدىرماي يوللايمەن .
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-16, 13:07
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-09-15 15:25 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 1059
شۆھرەت: 5889 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5863 سوم
تۆھپە: 3463 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3450 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3285(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ قومۇلغا بارسام شۇ يەرگە بىر بارمىسام...خەپ ھەجەپ ئىچىم قىزىدى.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-16 13:50 |
huxfal
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 57 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 57 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇ چايخانىنىڭ رەسىملەرنى تارتىپمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭىز...بەھىرلەنسەك بولاتتى....
ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-16 13:54 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1038
شۆھرەت: 5281 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5288 سوم
تۆھپە: 3161 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3167 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 966(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قومۇلدا مۇشۇنداق ياخشى بىر چايخانىنىڭ ئېچىلغانلىقىدېن خوش بولدۇم ...قومۇلدايۇرۇشلەشكەن   تېزتاماقخانا بىلەن چايخانا ھەقىقەتەن كەمچىلتى مىسران تاماقخانىنڭ ئورنىنى تولدۇرغان بولسا ئەمدى دىلچى چايخانا ئېچىپ ھەقىقەتەن ياخشى قىلىپتۇ...ئىسھاق ئاكىنىڭ تېنىغا سالامەتلىك ئەخمەتجاننىڭ سودىسىغا بەركەت تىلەيمەن...
istanbol
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-16 14:19 |
iltebir107
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9801
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 175
شۆھرەت: 888 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 889 سوم
تۆھپە: 531 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 532 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 197(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەسىملىك بىر چۈشەندۈرۋەتسىڭىز تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇپ كىتەتتى-دە!
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-16 14:54 |
ark-zat618
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9837
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 36
شۆھرەت: 180 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 180 سوم
تۆھپە: 108 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 108 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

tohotur ئەپەندىم .كەمىنە تۈۋەنچىلىك بىلەن سۇراي .سىز نىمىشقا تىما يازسىڭىز يىغىن ئىچۋاتقاندەك 1،2،3دەپ يازىسىز. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە 1،2نىڭ ئوتتۇرسىدا ئاخىرلاشمىغان مەزمۇن بار ئىكەن .بۇنداق تىما يازسىڭىز خۇددى باشلىق يېىغىن ئېچۋاتقاندەك تۇيۇلدىكەن. بولسا رەسىملىرى بىلەن يوللاڭ .خۇدايىم بۇيرۇسا بېرىپ قالساق ئاسان تاپارمىز.
lutun
مصللةت ئۇرۇشتا ئةمةس سۈكۈتتة ئۈلصدۇ-ئادولوف گصتلصر
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-16 16:06 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1038
شۆھرەت: 5281 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5288 سوم
تۆھپە: 3161 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3167 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 966(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەسىم:
بۇرەسىمنى چىن سۆزلەر -مۇنبەر كۈندۈلۈك خاتىرىسىگە ئەلقوندى يوللاپتىكەن كۆچۈرۈپ قويدۇم
simfoniya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-16 20:52 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 661
شۆھرەت: 4176 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4169 سوم
تۆھپە: 2356 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2399 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1236(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى ark-zat618دە2012-09-16 16:06يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
tohotur ئەپەندىم .كەمىنە تۈۋەنچىلىك بىلەن سۇراي .سىز نىمىشقا تىما يازسىڭىز يىغىن ئىچۋاتقاندەك 1،2،3دەپ يازىسىز. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە 1،2نىڭ ئوتتۇرسىدا ئاخىرلاشمىغان مەزمۇن بار ئىكەن .بۇنداق تىما يازسىڭىز خۇددى باشلىق يېىغىن ئېچۋاتقاندەك تۇيۇلدىكەن. بولسا رەسىملىرى بىلەن يوللاڭ .خۇدايىم بۇيرۇسا بېرىپ قالساق ئاسان تاپارمىز.

قاتلاملىق پىكىر قىلىدىغانلار شۇنداق سۆزلەيدۇ،گىرمانلارنىڭ پىكىر قىلىشىغا ئوخشاش
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-16 21:44 |
alnur
ئىنسانسەن، ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر،بولسۇن ھەم ..

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 62
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 719
شۆھرەت: 3913 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3908 سوم
تۆھپە: 2304 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2313 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 709(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئورنىنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلسەك بولارمۇ؟
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-16 22:21 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2265
شۆھرەت: 12484 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 12546 سوم
تۆھپە: 7327 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 7338 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2735(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماۋۇ شەھەر ئايلانما يولىدا ، ئاپپاقتۇرنىڭ ئۇددۇلسىدىكى بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتى دىسەك قانداق بولار
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-16 23:00 |
abdigeni
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3706
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 125 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 125 سوم
تۆھپە: 74 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 74 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 194(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇبارەك بولسۇن،ئەخمەتجان ئۇكام! تىجارەتلىرىنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن!
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-17 00:00 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى