ھىكايەت:
مەيدان ئارقا كۆرۇنىشى:ياۋرۇپا بىرلەشمە ئارمىيەسى ئىستانبولغا قىستاپ كەلگەن ،تۇرك مىللىتىنىڭ ھايات-ماماتلىق،قۇللۇق ۋە ھۆرلۇگى بەلگىلىندىغان تارىخى پەيت
سىم- سىم يامغۇردا ئۇستى -بېشى پۇتۇنلەي ھۆل بولۇپ كەتكەن بىر ئانا كالا ھارۋىسىغا لىق مىلتىق بېسىلغان ھالدا ئالدىنقى سەپكە كىتىۋاتقان بولۇپ بۇ ئانىنىڭ ئىككى بالىسى بۇ ھۆل سوغۇقتا لاغىلداپ تىترەپ ھارۋىدا ئولتۇرغان بولۇپ يۇز-كۆزلىرى كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى،كامال ئەپەندى،ھېلقى ئانىدىن:
- ئانا ،نىمىشقا ئەدىيالنى بالىلارغا يېپىپ قويمايسىز؟
-مىلتىقلارغا يېپىپ قويدۇم ،ئەپەندى
-مىلتىقتىن ،بالىلىرىمىز مۇھىم،ئانا.
-ياق ،بالىلىرىمىزدىن مىلتىق مۇھىم،چۇنكى مەن يەنە پەرزەنت تۇغالايمەن،ئەمما ۋەتەننى ،ئانا ۋەتەننى قايتا تۇغالمايمەن ئەپەندى.
مۇستاپا كامال ،يېنىدىكى كۆكتۇرۇكنى قۇچاقلىغىنچە يىغلاپ كەتكەن ئىكەن،مانا بۇ ھەقىقى ئانا،مۇستاپا كامالنى،مىڭلىغان كاماللارنى تۇغالايدىغان ئانا،شۇ چاغدا كۆكتۇرۇك مۇستاپا كامالغا تەسەللى بەرگەن ۋە ۋەتەننى چوقۇم قۇتۇلدۇرۇش كىرەكلىگىنى ئيتقان ئىكەن.
[ بۇ يازمىنىkokturukدە2011-03-15 14:03قايتا تەھرىرل ]