دېكتور،يېتىلۋاتقان ناخشىچى ئەبەيدۇللا باسىتنىڭ ئورۇنلىشىدا ناخشا - قومۇل
ئەبەيدۇللا باسىت،ئەر،ئۇيغۇر.1978-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇمۇل شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ يېزىسى قىزىليار كەنتىدە تۇغۇلغان. 1995- يىلى 7-ئايدا تەڭرىتاغ يېزىسى قوراي ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ، 9-ئايدا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى مىللىي پىداگكىكا مەكتىپىنىڭ مۇزىكا سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرگەن.ئوقۇشى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقتىن 1998-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، مەكتەپتەئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.ھەمدە سىنىپ مەسئولى ،ئىتتىپاق كادىرى دەرس ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.مەكتەپنىڭ تەلىۋى بويىچە 1999-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى مۇزىكا فاكولتىتىدا مۇزىكا ئورۇنلاش كەسپى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەن،ھەمدە ئىمتىھان بېرىپ قۇمۇل تېلېۋىزىيە ئىستاسىغا كىرىپ ھازىرغىچە دىكتورلۇق، تەرجىمانلىق خىزمەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەبەيدۇللا باسىتنىڭ باشقا ناخشىلىرى باغداش مۇزىكا قانىلىغا يوللاندى :
بۇ يەردىن كىرىڭ : http://music.bagdax.cn