«1234»Pages: 1/4     Go
بۇ تېما 841 قېتىم كۆرۈلدى
ozturuk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 860
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 143 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 139 سوم
تۆھپە: 80 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 81 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 باغداشنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ،ئەتىسى توغرىسىدا پاراڭ

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما alqondi تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-04-07)

  باغداش تورىنىڭ قاچاندىن باشلاپ قۇرۇلغانلىقى بەلكىم كۆپىنچە تورداشلارغا نامالۇم بولغىنىغا ئوخشاش ماڭىمۇ نامەلۇم . لېكىن باغداشنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىن تاكى بىر تاقىلىپ قايتا ئېچىلغانغا قەدەر مەن باغداشنىڭ ئەزىز كۆرۈرمىنى  ۋە ئەزاسى بولۇپ كەلدىم ،  شۇنداقلا گۇۋاھچىسى بولۇپ كەلدىم .
   باغداش تاقىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىدا ناھايىتى تېز تەرەققى قىلىپ نەچچە مىڭلىغان يوقىرى سەۋىيىلىك ئەزاسى بار تور بېكىتىگە ئايلانغان ئىدى ، ۋە تورداشلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا تۈرلۈك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپلا قالماي  تورداشلار خەير -ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەپەرۋەر قىلىپ نۇرغۇن كشىلەرنىڭ  ئالقىشىغا ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى .
   بۇ ئۆتمۈش ، ئەمدى بۈگۈنچۇ ؟
 باغداش قايتا ئېچىلدى ، ناھايىتى خوشال بولۇشتۇق ، مۇبارەكلىدۇق ،  بەكمۇ ياخشى بولدى دېدۇق ، سېغىنغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق ، لېكىن  بۇ پەقەت ئوپىراتسىيەدىن چىققان ئېغىر كېسەلنى مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن يوقلاپ ئەھۋال سوراپ قويغانغا ئوخشاش ئارقىدىنلا جىمىپ كەتتۇق. 
  بۇنىڭ سەۋەبى قەيەردە ؟ 
  باغداش تور مەسئوللىرىدىمۇ ؟
  تور تاقالغاندىن كېيىن  بىر قىسىم چوڭ تور بېكەتلەر قايتا ئېچىلمىدى ، باغداش قاتارلىق بىر قىسىم بېكەتلەر ئۇزۇن مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئېچىلدى .

  شۇنداق بىر ھېكايەت   ؛ قەدىمقى زاماندا كىرورەن ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرىدا بىر قايناق بازار بار ئىكەن ،بۇ بازاردىكى دۇكان رەستىلەرنىڭ سودىسى تولىمۇ ياخشىكەن ، يىراق- يىراقلاردىن كەلگەن كارۋانلار بۇ يەردىن نەرسە كېرەك سېتىۋالدىكەن ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ قايناق بازارغا تۇيۇقسىز كەلكۈن كەپتۇ . بۇ چاغدا بىر قىسىم مەرد دۇكان ئىگىلىرى دۇكان ۋە ماللىرى بىلەن كارى بولماي كەلكۈن توساشقا ئاتلىنىپتۇ ، يەنە بىر قسىم دۇكان ئىگىلىرى رەستىلىرىنى يىغشتۇرۇپ دۇكانلىرىنى تاقاپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپتۇ . كەلكۈن تىزگىللىنىپتۇ  ،لېكىن كەلكۈن توساشقا ئاتلانغان دۇكانچىلارنىڭ دۇكانلىرىنى سۇ بېسىپ ماللىرىنى ئېقىتىپ كېتىپتۇ .
   بىر قانچە كۈندىن كېيىن ھەممە ئەسلىگە كەپتۇ . ھېلىقى دۇكانلىرىنى ھىم تاقىۋالغان دۇكانچىلار سودىسىنى قىلىۋىرىپتۇ  ، ئەينى ئىشتىن خەۋىرى يوق كىشىلەر ئۇلارنىڭ ماللىرنى ياقتۇرۇپ سېتىۋاپتۇ ، يەنە بىرلىرى بولسا لىۋىنى چىشلەپ قاپتۇ ،  ئەسلى ۋەسلىدىن ئايرىلغان بۇ سودىگەرلەر نۇرغۇن تەرەددۇت قىلپ دۇكانلىرىنى قايتا ئېچىپتۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ سودىسى ياخشى بولماپتۇ ، .ئالدىنقى دۇكاننىڭ سودىلىرى تېخىمۇ قىزىپتۇ ،ئۇلار ئۆزلىرىنى كاتتا سودىگەر دەپ ساناپتۇ . ئەزەلدىنلا سودىدا پۇل تېپىشنى ئاساس قىلىپ خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى  ئويلىمايدىغان  سودىگەرلەر  خەلق تەرىپىدىن كاتتا ھېساپلىنىپ يۈرۈپتۇ .
  دەرۋەقە كۆپىنچە ھاللاردا بىر بەزى ئىشلارنى نەزەردە تۇتمايمىز ، كىمنىڭ بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى كىمنىڭ تور قۇرۇشتىكى مەقسىتى نىمە ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتمەيمىز ، تەپەككۈرىنى ئاغامچا بىلەن باغلىۋەتكەن موزايدەك يۈرىمىز ،،،،،،  پولو بىلەن پىۋە ئىچكەندەك باغداش توغرىسدا  سۆزلەپ كېلىپ  باشقا ھېكايەتلەرگە چۈشۈپ كېتىپتىمەن ، 
      خوش ، باغداشنىڭ بۈگۈنى قانداق بولىۋاتىدۇ ؟
  نەق گەپكە كەلسەك ، باغداشنىڭ بۈگۈنى  ناھايىتى چۆلدەرەپ قالدى ، يەنە نۇرغۇن نۇرغۇن مۇنبەرلەرگە قارىغاندا نۇرغۇن تەرەپلەردە  بەك ياخشى ، تېمىلارنىڭ سۈپىتى  ،ئەزالارنىڭ سەۋىيىسى جەھەتتە خېلى كۆپ مۇنبەرلەردىن  ئالدىدا دەپ قارايمەن ،لېكىن باغداشقا بۇ كۇپايە قىلمايدۇ ...............
   بىزنىڭ داۋاملىق قوللىشىمىزغا  مۇھتاج ،. نۇرغۇن ئەزالار باغداشنى تاشلاپ كېتىپ قاپتۇ . تاشلاپ كېتىش نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ،بىزدە شۇنداق بىر نەرسىلەر كامكى سۆزلەشكە پۇرسەت يار بەرمەي قالىدۇ بەزىدە .  
  شۇنداق قىلىپ ھەتتا بەزى سودىگەرلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇرۇنقى نامى بار تورلارنىڭ تور ناملىرىنى تىزىملىتىۋېلىپ سېتىپ خېلى پۇل تاپقانلارمۇ ھازىرمۇ ساتىمەن دەپ خېرىدار ئىزدەپ يۈرگەنلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم  . ھەي دەپ قالىمەن ، 
      بۇنداق چاغدا ئىچىڭىزدە ھەي دەپ قالماي سىرتقا چىقىرىپ سالسىڭىز تاياققا قېلىشڭىز ياكى خېلى بىر گەپلەرنى ئىشتىپ  كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىۋالىسىز .

   ئەمدى گەپكە كەلسەك ، باغداش ئەنە ئاشۇنداق باغداش ئىدى ، ئاللا خالىسا بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ ، شۇڭا تورداشلارغا دەيدىغىنىم ئۆز يۈرىكىڭىزنى تىڭشاپ بېقىڭ ، ئۇ سىزگە نىمىلەرنى ئەسلىتىدىكىن ، سىزگە نىمىلەرنى ئېيتىدىكىن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    
   باغداشنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلار قېنى ئىنكاسقا مەرھەمەت ؟    
   
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-06, 21:14
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-06 21:05 |
alqondi
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 404
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 268
شۆھرەت: 1496 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1496 سوم
تۆھپە: 884 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 873 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 599(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ناھايىتى ياخشى مۇلاھىيزە يۈرگۈزۈپسىز ، رەھمەت سىزگە !  مۇشۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان مۇنبەر راستىنلا بەك سوۋۇپ كەتتى . يوللىنىۋاتقان ئېسىل تېمىلار ئازئەمەس ئامما ئۇنىڭغا چۈشكەن ئىنكاس  ئۈچ-تۆتتىن ئاشمايدۇ . ئامما كۆرۈلۈش سانىغا قارىسا ئۇنداقمۇ ئاز ئەمەس، خۇددى ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەپ بىرسى كۆرمىسە پۇل بەرمەي غىپپىدە تىكىۋەتكەندەك . تېمىلارنىڭ مەزمونى بەك چوڭقۇر بولۇپ كېتىپ چۈشۈنەلمەي ۋاتامدىكىن يا بىلمىدىم .
music bagdax
www.alqondi.tk
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-06 21:37 |
iwirgholl

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 66
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 286
شۆھرەت: 1645 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1660 سوم
تۆھپە: 946 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 946 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 597(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەممىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق باغداش تورىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە ئىشىنىمەن. مېنىڭچە ھازىر باغداش تورىنىڭ مەزمۇن خىللىقى تېخى يىتەرلىك ئەمەس، ھەممىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشىغا مۇھتاج... جەمئىيەتتە باغداشچىلىك تەسىر قوزغىغان تور بەتنى تېخىچە كۆرۈپ-ئاڭلاپ باقمىدىم. ئەتراپىمىزغا ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشۇش ئىستىگى بار ئەمما يولىنى تاپالمايۋاتقانلارغا باغداش ئەڭ ياخشى تاللاش دەپ قارايمەن. ئىشنىڭ كىچىكىدىن، ئاز-ئازدىن باشلاپ ئۆزىمىزدە جەمئىيەتكە نىسبەتەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يىتىلدۈرۈشتە باغداشتەك بىر سەھنىنىڭ بولىشى بىز ئۈچۈن غەنىمەت. ھەم شۇنداق ئىلغار ئىدىيلەرنىڭ ئويغۇنىشىغا تۈرتكە بولغۇدەك نادىر تېما، ئەسەرلەرنىڭ بولىشىمۇ ئەلۋەتتە مۇھىم، شۇڭا ھەر بىرىمىز پەقەت كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئەمەس، ئازراق بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش ئۈچۈن تورغا چىقايلى. «بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز» دەيدىغان ئاڭ بىزدە تولىمۇ ئېغىر، ھەممە ئادەم شۇنداق بولغان بولسا ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن كاتتا ئىشلار روياپقا چىقمىغان بولاتتى؛ بەزى ئورۇنسىز ئىشلار يۈز بەرمىگەن بولاتتى. گېپىم بەك ئۇزىراپ كەتتى. قىسقىسى، ئۆزىمىزدە ئازراق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تۇرغۇزايلى، قىلغان ئىشىمىز، گەپ-سۆزىمىزگە مەسئۇل بولايلى، شۇندىلا يېڭىلىق بولىدۇ، جۈملىدىن باغداشتىمۇ يۈكسىلىش بولىدۇ.
تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن قانچىلىك ئاتا قىلغىنىڭنى ئويلا
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-06 21:53 |
nusrat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 46
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 128
شۆھرەت: 640 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 640 سوم
تۆھپە: 384 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 384 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ.
ئىلگىركى باغداشنى بەك بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن، ھېس قىلىشىمدا بەكلا قىزىيدىكەنتۇق. چوڭ-چوڭ پائالىيەتلەرنى قىلىدىكەن دەپ ئاڭلايتتىم. بۇندىن كېيىمۇ شۇنداق بولىشىغا تىلەكداشمەن.

تېمىلارنىڭ سەرخىل بولىشى بۇ ئاساسىي شەرت. بىراق ئەمدىلا قايتىدىن قۇرۇلۇپ، يول ئېچىۋاتقان مۇنبەرگە بۇنداق تەلەپ قويۇش ھاززىرچە سەل بالدۇر. بارا-بارا تېما يوللايدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، چوقۇم شاللاش ھەم تاللاش ئۇسۇلى بويىچە ئەڭ ياخشى بولغانلىرىنى مۇنبەر يۈزىگە ئېلىپ چىقىش كېرەك. ھاززىرچە قارىسام ئىشقىلىپ يوللىغانلىكى تېما تەستىقلىنىۋاتقاندەك قىلىدۇ. بەزى تېمىلارغا قاراپ ھەر بىر نەرسە دەپ قويغۇسى كەلسىمۇ بىراق ئىچىگە يۇتىۋېتىدىغان گەپ.(بىز خەق بەك كۆڭۈل ئايايمىزغۇ)

تەشۋىق قىلىڭلار، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ تور بەتنى بىلسۇن. بارغانسىرى ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكىدىكى نەمۇنە بولۇشقا تىرىشسۇن. مىللىيچە  پۇرىقىغا ئىگە بولغان خاسلىقى بىلەن تېنچ-ئامان تەرەققىي قىلسۇن.

(ھەجەپ توۋلىدىم شۇئارنى
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-06 21:57 |
ئۇدۇن
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 817
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 100
شۆھرەت: 540 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 540 سوم
تۆھپە: 316 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 316 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن باغداشنى بۇرۇنمۇ تۇنۇيتتىم لېكىن ئەزا بۇلۇپ باقمىغان،مۇنبەرنى كۆرۈپلا قايتىپ كىتەتتىم.بۇ مۇنبەر ئېچىلغاندىن كىيىن باشقا مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپمۇ باقمىدىم،ھازىر راستىنلا باغداشتا ئادەم ئاز،لېكىن مەن بۇنىڭدىن ئۈكۈنمەيمەن.
مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭمۇ پىكىر قىلىش،مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش سەۋىيىسى (بۇلۇپمۇ قايتۇرغان ئىنكاسى) بۇ مۇنبەرگە يىغىلغانلارنىڭ مۇئەييەن مەدەنىيەت ساپاسى بار كىشىلەر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ.
مىنڭچە:باغداش مۇنبىرى ھازىر<<ياخشى يېزىپسىز>><<تېخىمۇتىرىشىڭ>><<رەھمەت>>دىگەندەك قۇرۇق ئىنكاستىن ۋە ھېچقانداق قىممىتى بولمىغان ئەخلەت تىمىدىن خالىي دەپ ئويلايمەن.باغداش ئەزالىرى كوللىكتىۋىزىملىق ئىدىيىنى جارى قىلدۇرۇپ ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلغاندىلا مەنىۋىيتىمىزنى بېيىتالايدىغان ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى باغچىمىزنى قۇرۇپ چىقالايمىز.
دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-06 22:21 |
almas
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 227
شۆھرەت: 1225 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1225 سوم
تۆھپە: 717 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 717 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 179(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راست ،نەچچە كۈندىن بۇيان بۇ مۇنبەر سەل سۇسلاپ قېلىۋاتقان . بۇرۇنقى قىزغىنلىق ئانچە يوق . بولمىسىغۇ باغداش مۇنبىرىنىڭ ئەزالىرى كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ . مەن باغداش مۇنبىرىنىڭ بۇندىن كىيىن تېخىمۇ گۈللىنىشىگە ئىشىنىمەن . سەۋەپ باغداش مۇنبىرىنى سۆيىدىغان ۋە قوللايدىغان تىرىشچان ئەزالار ۋە باغداش مۇنبىرى ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئېسىل باشقۇرغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ھەرگىز يەردە قالمايدۇ . باغداش مۇنبىرىنىڭ تىخىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەممەيلەن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىمىز .
music bagdax
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-06 22:34 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 571
شۆھرەت: 3166 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3158 سوم
تۆھپە: 1866 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1848 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1326(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز ھەم بۇندىن كىيىنمۇ كۆرسىتىمىز....
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-06 23:13 |
aslima

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 406
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 260
شۆھرەت: 1430 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1446 سوم
تۆھپە: 834 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 838 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 251(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن باغداشنىڭ ئۆتمۈشىنى، بۈگۈنىنىمۇ بىلىمەن، ئەتىسىنىڭمۇ مەن بىلىدىغاندەك بولىشىغا ئىشىنىمەن، ئۆزەمنىڭ بىلگىنىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-06 23:21 |
everoll
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 703
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 859 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 904 سوم
تۆھپە: 467 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 473 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 451(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز،رەھمەت!
مەنمۇ كۈندە نەچچە قېتىم دېگۈدەك مۇنبەرنى يوقلايمەن.كۈندە قارىسام تىزىملاتقان ئادەملەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ.لېكىن تېما يوللايدىغان ئىنكاس يازىدىغانلار بەكمۇ ئاز.لېكىن مېنىڭچە يوللىنۋاتقان تېمىلارمۇ ئىنتايىن ئەھمىيتى بار تېمىلار...گەرچە مۇنبەرگە تىزىملاتقانلار بارغانسېرى كۆپىيۋاتقان بولسىمۇ لېكىن چۈشىدىغان ئىنكاس ۋە تېمىلار بەك ئاز...
مېنىڭچە باغداش ۋاقىتقا موھتاج،مۇنبەردە قالايمىقان مۇنبەر پۇلىنى ئاشۇرۇشقا ۋەياكى باشقا مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قالايمىقان تېما يوللايدىغانلارمۇ يوق.ئەگەر بىر مۇشۇ ئالاھىدىلىكىمىزدە چىڭ تۇرساقلا كېيىن چوقۇم نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلىپ قىلالايمىز ھەم سېپىمىزگە قوشالايمىز.
nusratنىڭ دېگىنى توغرا باغداش ھازىر تەشۋىققا موھتاج ... بەلكىم باغداشقا كىرمىگەن كىشى باغداشنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆزگىچىلىككە خاسلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن...
http://everoll-iz.blogbus.com
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-06 23:55 |
tohotur

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 267
شۆھرەت: 1425 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1435 سوم
تۆھپە: 841 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 841 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 391(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوھۆ  مەن دەيمەن ھەممە نەرسىنىڭ بىر قىزىيدىغان قاينايدىغان ۋاقتى بولۇدۇ ،ئەگەر بىر قاپاق سۇغۇق سۇنى قۇيىسڭز ئۇ بىرمۇنچە ۋاقىت شىڭ شىڭ قىلىپ بىر ئىزدا تۇرۇۋالىدۇ ،ئاندىن ئاستا ئاستا قاينايدۇ ،
بۇلۇپمۇ كومۇش بىلەن ھەپىلەشكەننىڭ ياقى گىرافىك دىگەن نەرسىگە تولۇمۇ ھەيران قالدىم ،بىر قارىسا گويا ھېچقانداق ئۇمۇت يوقتەك ھالەتتىكى گىرافىك بىر ئاخشامدا دىڭڭىدە تىكلىنىپ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشلار دائىم يۇز بىرىدۇ ،
چۇشكەندە چوقۇم ئورلەيدۇ دەپ قويىمەن ، ئورلىگەندە چۇقۇم چۇشۇدۇ دەپ قويىمەن ،ئشقىلىپ شۇنداق ئۇمۇتۋار بولۇپ كەتتىم ،
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-07 00:00 |
oguzhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 305
شۆھرەت: 1560 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1560 سوم
تۆھپە: 929 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 929 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 574(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  باغداش  سوۋۇپ  قالدىمۇ  ياكى   تورداشلار  سوۋۇپ  قالدىمۇ  ؟
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-07 00:20 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«1234»Pages: 1/4     Go
Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز