ئېھ ئانا تىلىم،خەلقىمنىڭ ھېكمەت جەۋھىرى
ئەي ئانا تىلىم،قېرىنداشلىرىمنىڭ يۈرەك خىتابى
ھەر قېتىم سېنى ئاڭلىغىنىمدا،مەن گويا مېنى ئاسمانداپەرۋاز قىلدۇرىدىغان قاناتقا ئېرىشكەندەك بولىمەن.ھەر قېتىم سېنى سۇزلىگىنىمدەخۇددى مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىنى يورىتىدىغان مەشئەلگە ئېرىشكەندەك بولىمەن.چۈنكى سەن پاراسەتلىك،ئىشچان،ئەقىللق خەلقىمنىڭ تىلى.ماڭا ئادەم بولۇشنى ئۇگەتكەن،چىن مەنىسىدىن كۇلۇشنى،ھەقىقىي مەنىسىدىن يىغلاشنى ئۇگەتكەن تىل،ئۇيغۇرلار بىر ئۇلۇغ مىللەت،ئۇلار ئاقكۇڭۇمېھىربان.مانا مۇشۇنۇڭغا ئو خشاش ،ئۇيغۇر تىلىمۇ بىر مۇكەممەل،ئۇلۇغ تىل.
ئىنقىلاب مەزگىللىرىدە،ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنى ئويغىتىدىغان ياڭراق چاقىرىق ئاۋازى بولسا،بۇگۇن ئۇ بىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىدىغانگۇلدۇرماما ئاۋازى بولوپ قالدى.شۇنداق،ئۇيغۇر تىلى بىر گۇزەلتىل،ئەگەرھەر بىر تىلنى بىر گۇلگە سىموۋول قىلساق،ئۇ ئاشۇ گۇلشەنلىكتىكىئەڭ چىرايلىق بىرسى بولالايدۇ.ئۇ ھەربىر ئۇيغۇر ئوغلانلىرىنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى ئۇتكۇر قىلىچىغا ئوخشاش ئۇلارغا غەيرەت-جاسارەتئاتا قىلىدۇ.ئۇ قىزلارنىڭ ھايات دەستۇرى بولوپ ، بىزگە شەرم-ھايانىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۇشەندۇرىدۇ.ئۇيغۇر مىللىتىنڭ خۇش ئاۋاز
بۇلبۇلى بولوپ،ئۇلارنى غورورلوق،ۋىجدانلىق بولوشقا ئۈندەيدۇ.شۇنداق،مېنىڭ ئۇچۇن سېنىڭ ھەربىر خەت،ھەربىر جۇملەڭ بىباھا گۇھەر،پاساھەتلىك سۇزلىرىڭ ھاياتىمنى ساقلاپ تۇرغان ھەرىكەتلىندۇرگۇچ كۇچ.مەن سېنى يۇرىكىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن سۇيىمەن،
مىللىتىمنى سۇيىمەن.ئۇرغۇپ تۇرغان مىللي رو ھىم بۇنىڭغا گۇۋاھچى بولالايدۇ. سەن ئۇيغۇر مىللتىمىزنىڭ سىمو ۋولى! مىللىتىمىزنى قۇدرەت تاپتۇرماقچى بولساق ئەڭ ئاۋۋال تىلىمىزنى ئاسرىشىمىز كېرەك.ئۇنىڭغا خۇددى ئانىلىرىمىزغا كۇيۇنگەندەك كۇيۇنىشىمىز،ئاتىلىرىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشىمىز،ئۇستازلىرىمىزنى ھۇرمەتلىگەندەك ھۇرمەتلىشىمىز لازىم.
چۇنكى ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقىرى،يۇسۇپ خاس ھاجىپ،مەشھۇر يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۇتكۇر قاتارلىق داڭلىق شەخىسلەرمۇسەن ئارقىلىقلا دۇنيا خەلقىگە تونولغان.
ئېھ! ئانا تىلىم سەن مىللىتىمىزنىڭ پەخرى،غورورى،كەلگۇسى،بارلىقى. سەن بولغاچقىلا،مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيتى تەرەققىي قىلغان.مەن سېنى سۇيىمەن. سېنى سۇيگەنلىكىم مىللىتىمنى سۇيگەنلىكىم،چۇنكى تىلسىز مىللەت بولمايدۇ،مىللەتسىز تىلمۇ بولمايدۇ.ئەي،سۇيۇملۇك ئۇيغۇر خەلقىم ،مەن سىلەرگە شۇنداق دەپ خىتاب قىلىمەنكى؛ئۇيغۇر تىلىدىن ئىبارەت بۇ تەۋەرۇك تىلنى سۇيەيلى ئۇنى تىلتۇمار قىلىپ ، كۇز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرايلى.
ئېھ، ئانا تىلىنم ھەقىقىي بىر ئۇيغۇر قىزى بولوش سۈپىتىم بىلەن،تىلىمىزنى گۇللەندۇرۇش،تىلىمىزنى دۇنياغا يۇزلەندۇرۇش ئۇچۇنداڭلىق بىر يازغۇچى بولوپ يېتىشىپ چىقىش ئۇچۇن تىرىشىمەن.ئۇيغۇر تىلىم-مېنى كۇتۇپ تۇرغىن.
مۇقەددەس