بۇ تېما 268 قېتىم كۆرۈلدى
wijdan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1382
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-04-13)
بىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟
پەرزەنىت ئىشقىنى ياراتقۇچى ھەممەيلەننىڭ دىلىغا سالغان بىر ئىشىق ، جاندىن كىچەلەيمىز، جاناندىن كىچەلەيمىز، بىراق شۇ باغرىمىزدىن تۆرەلگەن، تومۇرىدا ئۆزىمىزنىڭ قېنى ئىقىۋاتقان پەرزەنتىمىزدىن كىچەلمەيمىز.( ساراڭ بوپ قالغانلارمۇ ئۆز پەرزەنتىنى تونۇيدىكەن، تىللىمايدىكەن ، ئۇرمايدىكەن، قارىغاندا ئۇلارمۇ پەرزەنتىدىن كېچەلمەيدىغان ئوخشايدۇ)

مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا

                                                           ئاپتۇر ئىلاۋەسى

ئۇشبۇ مېنۇتلاردا ھاياجاندىن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن، خۇددى بۇ يازمىلىرىمنى ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى ئوقۇغان ھامان زور تەسىر قىلىپ بۇندىن كىيىن پەرزەنىتلىرىگە ................
مەن بۇ يەردە بالىڭىزنى مۇنداق تەربىيەلەڭ دەپ ۋەز ئېيىتماقچى ئەمەس، ئىشىنىمەنكى ھەر بىر ئاتا - ئانا بولغۇچىنىڭ ئۆز پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن ھامىلە ۋاقتىدىن باشلاپلا پىلانىلىرى شەكىللەنگەن. مەن ئۇنداق ۋەزخور دېگەن قالپاقنى كۆتۈرەلمەيمەن.
ھەممەيلەنگە مەلۇم، بىز ئۇيغۇر مىللىتى ناخشا ئۇسۇلغا ماھىر، مىللىي سەنئىتىمىز مىسلىسىز تەرەققىياتلارغا ئىرىشكەن سەنئەتكار خەلق.
تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، 20- ئەسىرنىڭ بىشىدىن 1949-يىلى جۇمھۇرىيتىمىز قۇرۇلۇپ، شىىنجاڭ تىنىچ يول بىلەن ئازاد بولغانغا قەدەر مۇستەبىت تۈزۈم سەۋەبىدىن ناخشا- مۇزىكا ، ئەدەبىيات - سەنئەت كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىگە چەك قويۇلغان ياكى چەكلەنگەن ھالەت شەكىللەنگەن. جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلۇپ شىنجاڭ تىنىچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن پارتىيە مەركىزى كومتىىتى ئاز سانلىق مىللەت رايۇنىغا ئىزچىل كۆڭۈل بىلىپ كەلدى ۋە يوقۇلۇش گىردابىغا بىرىپ قالغان ئەنئەنە ۋە ئۆرۈپ - ئادەتلىرىمىزنى  ئەسلىگە كەلتۈرۋىلىشىمىزغا بار ئىمكانىيەتلەرنى يارتىپ بەردى. بولۇپمۇ جاھاننىڭ كاجلىقى تۇتقان قارا تۈنلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بولۇپمۇ پارتىيە 11- نۆۋەتلىك 3- ئومومىي يىغىندىن كېيىن ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرى قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى. خەلىقنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولغاندىن تاشقىرى، يوقۇلۇش ۋە ئۇنتۇلۇش كىردابىغا بىرىپ قالغان نۇرغۇن ماددى ۋە مەنىۋىي مىراسلىرىمىز قۇتقۇزۇپ قىلىندى.
                              بۇ ياخشى كۈنلەرگە شۈكرى.
                                                 ئاپتۇر ئىلاۋەسى.

ئايلىنىپ ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك، بالىلار شۇ ماددى ۋە مەنىۋىي مىراسلىرىمىزنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسى ۋە راۋاجلاندۇرغۇچىسى ئىدى، بىراق نۇرغۇن قىتىمىلق سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇلغان شۇ سەبىي بالىلارنىڭ كىيم كىيىش ۋە ياسىنىش مەسىلىسى ھىچكىشىنىڭ دېققىتىنى تارىتمىدى. شۇ سەبىيلەرنىڭ كۆرسەتكەن ماھارەتلىرى ، ئورۇنلىغان ناخشا - ئۇسۇللىرى، دارۋازلىق ماھارەتلىرى ئادەمنى قايىل قىلسىمۇ، بىراق  ھىلى قارىسا كىندىكى ئوچۇق ، ھىلى قارىسا مەيدىسى ئوچۇق، ھېلى قارىسا دۈمبىسى ئوچۇق ، ھىلى قارىسا ئۇيەر- بۇ يەرلىرى پۇچۇق كىيملەر كىشىنىڭ ئۇلاردىن پەخىرلىنىش ھېسياتىنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرتىۋىتىدۇ. ( ھازىر ئۇلار كەيمىگەن ئىغى ئوچۇق ئىشتانلار قالدى)
ھەممەيلەن بىلىمىز ئۇيغۇر مىللىتى ناخشا- ئۇسسۇل، ئۆرۈپ- ئادەت......... لەردە پارلاق ئەنئەنە ياراتقان مىللەت ، كىيىم مەدەنىيىتى ئەنە شۇ مەدەنىيەتلىرىمىزنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى. بىرنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئىكەنلىكىمىزنى باشقا مىللەت ، باشقا  ئىرىقتىكىلەر كىيىملىرىمىزگە قاراپلار بىلىۋالالايدۇ.  بىرق شۇ بالىلىرىمىزنى كىچىكىدىن باشلاپلا شۇندق ئەبجەش كىيىنىشكە كۆندۈرۈپ قۇيساق، بىزنىڭ مىللىي كىيىم - كىچەك مەدىنىيىتىمىزگە كىم ۋارىسلىق قىلىدۇ، مېنىڭچە مۇشۇنداقلا داۋاملىشىپ كەلسە بىزنىڭ مىللىي كىيىم - كىچەك مەدەنىيىتىمىز  قۇم باسقان شەھەردەك غايىپ بولۇشى مۇمكىن.
ھەر قىتىم تېلېۋىزوردا سەنئەت پائالىيەتلىرى كۆرسىتىلگەندە ھاياجان بىلەن كۆرۈپ كىتىمەن، شۇ ئوماق سەبىيلەر ئىكرانغا چىقسا  باللىقىمنى ئەسلەپ ھاياجانلىنىمەن- يۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كىيىنىشىنىڭ ئەبجەشلىكىنى، قىلغان گىرىمىلىرنىڭ  ئۇلارنى  ئۇلارنى مايمۇنغا ئوخشۇتۇپ قويغانلىقىنى كۆرسەم يەنە ئاچچىقتىن لاسسىدە بوپ قالىمەن.
قەدىرلىك قىرىنداشلار، ئۇستازلار، مىھنەتكەش سەنئەت تەشكىلاتچىلىرى كۆزىمىزنىڭ ئالدىنىلا كۆرمەيلى، يىراق كەلگۈسىگە ، پارلاق ئەتىمىزگە قارايلى.
مەن بۇ يەردە ھىچكىمدىن ھېچنىمىنى ئۆتۈنمەيمەن، پەقەت ئەزىر قىرىنداشلىرىمىزغا، جۈملىدىن سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى، ئەدەبىيات- سەنئەت تەشكىلاتچىلىرىغا شۇنىلا دېمەكچىمەن، بىزگە ۋارىس بولغۇچى كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ  بىزگە سەھنىلەردە نامايان قىلىدىغىنى ئۆزىنىڭ ئەبجەش كىيمىلىرى ئەمەس، بەلكى جاپالىق مەشىقلەردىن كېيىن شەكۈللەندۈرگەن ھەقىقىي تالانتى، ماھارىتى. ئەزىزلەر، شۇ پەرزەنىتلىرىمىز  ھەقىقىي مەنىدىن مىللىتىمىزگە ۋارىس بولۇشى ئۈچۈن ھەممەيلەن كۈچ چىقارساق.

ھەر يىلقى بالىلار بايرىمىلىق سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل كۆرۈپ كىلىۋاتقان بولساممۇ ، يۇقارقى سەتچىلىكلەر تېىخچە يوقالغىنى يوق، ئۈمىدىم يەردە قالمىسا بۇ يىللىق بالىلار بايرىمىلىق سەنئەت پائالىيىتىدە بۇ ئىۋەنلەرگە يوچۇق قويۇلمىسا.

كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان بالىلارنىڭ  ھەقىقىي مىللىيلىكىمىزگىمۇ ۋارىس بولۇپ چوڭ بولۇشىنى چىن دېلىمىزدىن تىلەيلى.

بۇ تېما باغداش مۇنبىرى ئارقىلىق تەڭرىتىغىنىڭ جەنۇب شېمالىغا  ئىللىق باھار شاماللىرى بىلەن يىتىپ بارغاي.

ئاخىردا ئەزىزلەرنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا خۇشاللىق ، ئىناق  ۋە بەخىتلىك ئائىلىسىگە ئىللىقلىق تىلەيمەن.

ھەقىقەتنى ئىگىدىغانلار چىقىشى مۇمكىن ، بىراق سۇندۇرالايدىغانلار تا ھازىرغىچە چىققان ئەمەس.
                                                                                 ئاپتۇر ئىلاۋەسى

(ھەۋەسكار ئەدەبىيات مۇنبىرگىمۇ يوللاندى، توغرا چۈشەنگەيسىزلەر)
تېما تەستىقلىغۇچى : kokturuk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-12, 14:00
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-12 13:28 |
nagami
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 90
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 51
شۆھرەت: 295 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 290 سوم
تۆھپە: 171 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 171 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر ئادەمنىڭ دۇنياغا قالدۇرغان تۆھپىلېرىنىڭ كاتتىسى  ياخشى پەرزەنت تەربىيەلەشتۇر .
نەغەمى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 15:08 |
gullala
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 646
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 148 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 149 سوم
تۆھپە: 89 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 90 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      كىيىم -كىچەك كىيىنىشكە سەل قاراش خاھىشىى بىز چوڭلاردىمۇ بار . مەسلەن  چىرايلىق بادان دۇپىلىرىمىزنى  ھېيت-بايرام ياكى نەزىر چىراقلاردىلا ئاۋايلاپ كىيىپ قويىمىز ،باشقا ۋاقىتلاردا بولسا توپا بېسىپ تۇرغىنى تۇرغان . شۇڭا تۇيۇقسىز دۇپا كىيىۋالساق خۇددى  ئادىل مىجىت ئورۇنلىغان ئىتۇتتەك ئۇرۇق -تۇققانلىرىدىن بىرەسى تۈگەپ قالغان ئوخشايدۇ دىگەن تەسىرات بىرىدىغان ھالەتكە  كىلىپ قالىدۇق، شۇڭا سىز ئېيتقاندەك  بۇ كىيىم- كىچەك مەدىنىيىتىمىزگىمۇ  ئەمدى سەل قارىساق بولمىايدىغان ھالەتكە يەتتى  .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 15:22 |
almas
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 209
شۆھرەت: 1135 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1135 سوم
تۆھپە: 663 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 663 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 167(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راست دەيسىز ،بالىلارمۇ بالىلاردەك كىيىنسە تېخىمۇ ئوماق بولۇپ كېتىدۇ  .
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 16:22 |
dilkuyi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 134
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 143
شۆھرەت: 735 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 735 سوم
تۆھپە: 437 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 437 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزگە قانداق ئاتىلار كېرەك ، بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك دىگەندەك  ماقالىلار يېزىلغان ئىدى ، بىزگە قانداق بالىلار كېرەك ،
بۇمۇ بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ، قەلىمىڭىزگە بارىكاللا !
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-12 20:27 |
wijdan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1382
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇنبەرداشلار، ھۇشيار ۋە سەمىمىي بولۇڭلار، كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-13 05:11 |
hanjar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1327
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 22 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 22 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما ،شىر چورۇغۇڭنى قۇرۇتما،
  بىزگە ئۆزىنى ۋە ئاتا -بۇۋىسىنى ياخشى بىلىدىغان، ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ،قايسى قەۋىمدىن ئىكەنلىگىنى پەخىرلىنىپ سۆزلەلەيدىغان ۋە كۆستەلەيدىغان ،ئەقلى ۋە ھەركىتى بىلەن تۆھپە قوشالايدىغان  پەرزەنىتلەر كېرەك.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-13 11:24 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 335
شۆھرەت: 2132 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2137 سوم
تۆھپە: 1192 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1210 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 473(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەقىقەتنى ئىگىدىغانلار چىقىشى مۇمكىن ، بىراق سۇندۇرالايدىغانلار تا ھازىرغىچە چىققان ئەمەس.
                                                                                 ئاپتۇر ئىلاۋەسى
مەن بۇ پىكىرگە قوشۇلمايمەن ،بىز ئۇيغۇرلاردىكى ماڭقۇرتلۇققا يىتەكلەيدىغان بۇ ماقالنى ئۇيغۇر ماقال-تەمسىل تىزىملىگىدىن ئۇچۇرۋېتىش كىرەك.
       چۇنكى،ھەقىقەت ئەزەلدىن ئىگىلگەن ئەمەس،ئۇ ئىگىلسە ئەۋرىشىم،ۋە ئىلاستىكىلىك خوسوسىيەتنى ئىپادىلەيدۇ،نەتىجىدە مىڭلىغان،ئونمىڭلىغان ئەۋرىشىم ،خوتۇن مىجەز ھەقىقەتنىڭ ئىگىلىرى بارلىققا كىلىدۇ،نەتىجىدە ماڭقۇرتلاشقان بىر تائىپە بارلىققا كىلىدۇ،شۇڭا ھەقىقەت ئىگىلمەس،ئىگىلسە سۇنماي قالماس بولىشى كىرەك،زۇزۇڭتاڭ خۇيزۇلار توپلىڭىنى تېنجىتقان ۋاقىتتا يەرلىك داموللا مائاخۇننى توپلاڭچىلارنى تەسلىم قىلدۇرۇش ئۆمىگىگە تەكلىپ قىلىدۇ،ئەمما ما ئاخۇن قەتئى رەت قىلىدۇ،مانجۇ قوشونى خەلىق ئارىسىدا ئۇنى دارغا ئاسىماقچى بولىدۇ،شۇۋاقىتتا ئىتتەك كۇچۇكلىنىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئاخۇنۇملىرى ئۇنىڭغا نەسھەت قىلىپ <<ما ئاخۇنۇم ،ھەقىقەت ئىگىلۇر ،سۇنماس>> دەپتىكەن ،بىز بىرلىكتە بارايلى،ھاياتلىق ئەۋزەل ،دەپ نەسھەت قىلغان ئىكەن،ئەمما ھېلقى ما ئاخۇنۇم ئاچچىق كۇلۇپ تۇرۇپ تەڭرىنىڭ ھەقىقىتى ھەرگىز ئىگىلمەيدۇ،ئۇ ئىگىلسە ،ھەقىقەت بولماي قالىدۇ،دىگەن ئىكەن،شۇڭا بۇ ماقال -تەمسىلنى ئاڭلىساملا قۇيقا چېچېم تىك تۇرۇپ كىتىدۇ.
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-15 21:45 |
kokbora
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 498
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 50 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 29 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 29 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كۆك تۈرۈك ئەپەندىم، مېنىڭچە كاللا دېسە پاقالچاق دېمەي مەزكۇر تېما ئۈستىدە توختالسىڭىز، سىز دېگەن مەزمۇننى ئايرىم بىر تېما قىلىپ يوللىسىڭىز بولغۇدەك
ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-16 18:44 |
talkam
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1448
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

توغرا ھەقىقەت ئگلمەيدۇ...بىز ئىگىلىدۇ دەپ قارغاچقا ئېگلىپ  كىيملىرىمىز كىندېكىمىزنى ياپالمايۋاتىدۇ....ئۆز مىللىتمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ئۆزلىرىمز ھۆرمەتلىمىسەك باشقىلار ئەلۋەتتە كۆزگە ئىلمايدۇدە....
ياشلىقىمز تاكامۇللاشسۇن!!!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-17 21:27 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى