خاسىڭ ئېغىز پۇراشنى يوقىتىش رولىغا ئىگە بولۇپ،ئېغىزى پۇرايدىغانلار خاسىڭ يىسە(كۆپرەك چايناش كېرەك)،ئېغىزدىكى غەيرىي پۇراق ئاجىزلىشىدۇ ياكى يوقىلىدۇ.خاسىڭ تەكىبىدە140خىلدىن ئارتۇق ئاروماتىك ماددا بولۇپ،بۇلار غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ.ئۇنڭدىن باشقا يەنە خاسىڭ ئاستا خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى،كانايچە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا قىلىدۇ.<دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى>دىمۇ<خاسىڭ تال ۋە ئاشقازانغا مەنپەئەت قىلىدۇ،ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدۇ،بەلغەمنى بوشىتىدۇ،گالنى تازلاپ قىچىشنى توختىدۇ>دەپ خاتىرلەنگەن.
خاسىڭنىڭ يۇقىرقىدەك شىپالىق رولى بولسىمۇ،لېكىن قاندا ماي مىقدارى ئېشىپ كەتكەنلەر،ئۆت خالتىسىنى ئالدۇرىۋەتكەنلەر،ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئىمكانقەدەر خاسىڭنى ئاز يېيىشى كېرەك،بولمىسا كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
ماتېرىيالدن ئېلىندى