ئۇيغۇرنىڭ ئوغلى دەيمىزمۇ سېنى؟
ئۆستۈرۈپ چېچىنى يەلكىسىگىچە،
بوياپتۇ قارىنى ساپ-سېرىق رەڭگە.
ئىسمىنىڭ كەينىدە «جان»بار ئىدى ھەي،
ئەركەكلەر سىماسى كەتكەندۇ نەگە.
كىيىمى ياراشماي ۋېجىك بەدەنگە،
پۇتىغا كىيىپتۇ غەيرى پەتەنگە.
شۇنچە تەس ئايرىماق قىز يائوغۇلدىن،
ئۈستىدە يېپىچا تار ھەم غەلىتە.
مېڭىشى مۇلايىم خۇددى قىز بالا،
«يىگىت؟» دەپ ئەجەپتە كىشىلەر ئاڭا.
ئۇيغۇرنىڭ ئوغۇلى شۇنداق بولامدۇ؟
ئېيتتىغۇ بىلمىگەن باشقىلار ماڭا.
سۆزلىسە ئاغزىدا پۈتۈن باشقا تىل.
ئۇيغۇرچە ئۇنىڭغا ناتونۇش يېزىق.
بازاردا يوق ئاڭا ھارام يېمەكلىك،
يات مىللەت ئارسىدا ئۇندا نەپەرىق.
يېنىدا قولتۇقلاپ ئېگىز خەنزۇ قىز،
ئەجەبا يوقمىدى بىزدە ئۇنچىلىك.
ماڭىدۇ مەغرۇر يات بىر كوچىدا،
مېھرى يوق يۈرەكتە يۇرتقا قىلچىلىك.
مىڭ لەنەت ئۇيغۇرنىڭ ئوغلى بولغانغا،
ئەركەكتەك چىرايلىق قامىتىڭ قېنى؟
كۆپ ياخشى سېنىڭدىن لالما ئىتلارمۇ.
ئۇيغۇرنىڭ ئوغلى دەيمىزمۇ سېنى؟
مەنبە:قەلىمىم
(ئەسكەرتىش:بۇ تېمىنى پەقەت جەمىيتىمىزدىكى مەلۇم بىر قىسىم ئوغۇللارغا قارىتىپ يازغان، ئەتراپىمىزدا بۇنداق ئوغۇللارنى يوق دېگىلىمۇ بولمايدۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەچكە يازغان.باشقا مەقسىتىم يوق.توغرا چۈشىنىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.)
[ بۇ يازمىنىeverollدە2011-04-15 22:52قايتا تەھرىرلى ]