كىرىش سۆز: ئانا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ، ئەڭ مېھرىبان، ئەڭ مۇقەددەس ئىنسان. «ئانا» دەپ بۇ سۆزنى تىلغا ئالغىنىمدا، قەلبىم سۇغا سالغان مۇزدەك ئېرىپ كېتىدۇ دەپ مىسرالار قاتقىنىم ئېسىمدە. ئانىنىڭ ھەقىقى تۈردە بىر ئۇلۇغ ئىنسان ئىكەنلىكىمنى تولۇق چۈشەنمىسەممۇ، بۇ مېنىڭ بالىلىق ۋاقتىمدىكى گۆدەكلىك ھىسىياتىم بىلەن يۇغۇرۇلغان مىسرالار. مەن ئەر بولدۇم، دادا بولدۇم. ئەمدى ھازىر ئانىنىڭ دۇنيادىكى نەقەدەر كۆيۈمچان، مېھرىبان، جاپاكەش ئىنسان ئىكەنلىكىنى ھەقىقى تۈردە ھىس قىلماقتىمەن، بولۇپمۇ مېنىڭ ئانام - ئەڭ جاپاكەش، ئەڭ تىرىشچان ۋە ئەڭ مېھرىبان ئايالمىكىن دەپ ئويلايمەن. دەل شۇنداق، مېنىڭ ئانام - ھەقىقى جاپاكەش ئايال. - ئاپتوردىن ئەسسلامۇئەلەيكۇم ئاپا: قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ ئەزىز تېنىڭىز سالامەت تۇردىمۇ ؟ جاپاكەش دادامچۇ؟ بارلىق ئۇرۇق - تۇغقانلار، مەھەلىدىكى قولۇم - قوشىنلار، ئاغىنە - بۇرادەرلەر ھەممىسى ياخشى تۇردىمۇ ؟ ھەممەڭلارنىڭ تېنىغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن سالامەتلىك، بەخىت تىلەيمەن.
مېھرىبان ئاپا مېنىڭ سىزگە سالغان جاپا -مۇشەققەتلىرىمنى ۋە مېنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمنى ئورتاقلىشىپ ئۆتمەكچىمەن. ئاپا، ئىسىڭىزدىمۇ ؟ ئەلۋەتتە ئىسىڭىزدە، بالىلىق دەۋرىمدە دادام قويچى ئىدى. ياز مەزگىللىرىدە دادام تاغدا بولغاچقا، سىز دائىم مەن ۋە ئۇكىلىرىم بىلەن بىللە بولاتتىڭىز، باغقا سۇ توساتتىڭىز، باغدا ئىشلەيتتىڭىز، بىز ئۈچۈن تاماق ئىتەتتىڭىز، بىز ئۈچۈن كىر-قات يۇياتتىڭىز، ئىشقىلىپ بارلىق ئېغىرچىلىقلار سىزنىڭ ئۆستىگە چۈشەتتى، بىز كىچىك بولغاچقا، بىز ھىچ نەرسە قىلىپ بېرەلمەيتتۇق. يازنىڭ بەزى مەزگىللىرىدە دادامنى يوقلاش ئۈچۈن، خېچىر ھارۋىسى بىلەن ئەرلەردەك جاسارىتىڭىز بىلەن توققۇز داۋانلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ تاغلارغا باراتتىڭىز، چېچىڭىزنى سۈپۈرگە ۋە قوللىرىڭىزنى كۆسەي قىلغان چاغلاردە ئۇ ! ئاپا، ئىسىڭىزدىمۇ؟ مەن يەنىلا گۆدەك. دادامنىڭ تاغدىن قايتىپ كېلىدىغان خەۋىرىنى ئاڭلاپ، دادامنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدۇق. سىز ئاياللارچە بولغان مېھىر - مۇھەببىتىڭىز بىلەن دادامنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن، بىر كونىراپ كەتكەن چەينەكنىڭ ئىچىگە سامان سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇشۇرۇلغان تۇخۇملارنى سېلىپ، خېچىر ھارۋىسى بىلەن دادامنى كۈتىۋالغىلى ساي ياقىسىغا باردۇق. دادمنىڭ يىراقىتىن تۇمانلار قاينىتىپ،نەچچە يۇز قويغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇكام بىلەن چۇرقىرشىپ كەتتۇق. دادام بىزگە يېققىنلاشتى، "دادا" دەپ ئۇنىڭغا ئېسىلدۇق. لېكىن دادامنىڭ كۆزلىرىدە موللىدە ياش بىلەن تولدى. دادام بىزگە باغلاقلىق پۇللارنى تۇتقۇزدى. مېنىڭ گۆدەك قەلبىم سىلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن يىغلاۋاتقىنىڭلارنى چۈشەنمەپتۇ. ئەسلىدە بۇ ۋىسال خوشاللىقى ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئەمدى چۈشەنسەم، ئاشۇ پۇللار دادامنىڭ تىۋىت سېتىپ تاپقان پۇللىرى ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئاپا، ئىسىڭىزدىمۇ؟ مەن ئاللىقاچان مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغان چاغلىرىم ئىدى. زېمىستان قىش كۈنلىرىدە، مەن سىز بىلەن بىرلىكتە قوي باقاتتىم. سىز بىر ساۋاتسىز ئاپا ئىدىڭىز، مەن بىلەن قوي بېقىپ يۈرۈپ، مېنىڭ ئېلىپبە كىتابىم بىلەن ساۋادىڭىزنى چىقاردىڭىز. بىز بىرلىكتە كىتاب ئوقۇيتتۇق.سىز ساۋاتلىق ئاپا بولدىڭىز، ئەمدى بىلسەم، بۇ سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز ئىكەن ئەمەسمۇ ئاپا! قەھرىتان سوغۇققا چىدىماي، بىز گۈلخان كۆيدۈرۈپ ئىسىناتتۇق. گۈلخان ئەتىراپىدا ئولتۇرۇپ، سىز ماڭا ھىكايىلەر، باتۇرلار توغرىسىدىكى چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرەتتىڭىز. ئەمدى قېنى شۇ چاغلار؟ قېنى شۇ چۆچەكلار؟ ئاشۇ ھىكايىلەرنى، چۆچەكلەرنى قىزىمغا ئېيتىپ بېرەي.. قىزىم سىز قۇلاق سېلىپ، موماڭ ئېيتىپ بەرگەن چۆچەك - رىۋايەتلەرنى ئاڭلا ! ئاپا، ئىسىڭىزدىمۇ؟ مېنىڭ باشلانغۇچ 5- يىللىقتىكى ۋاقتىم.12-13 ياشلار ۋاقتىم ئىدى. مەن كىچىك بولساممۇ، ئاشۇ يازلىق تەتىلدە،ۋېلىسىپىتنىڭ ئارقىغا ساندۇق ئورنىتىپ، چوكا مۇز ساتقىنىم ؟ ئازراق كىرىم قىلىش ئارقىلىق، مەكتەپ چىقىمىنى كۆتەرگەن ئىدىم ئەمەسمۇ ئاپا ! ئەمدى ئويلىسام، تۇرمۇش مېنى ھەقىقەتەن تاۋلاپتىكەن. ئاپا، ئىسىڭىزدىمۇ ؟ دادام، سىز ۋە مەن ئۈچىمىز جاڭگاللاردىن يانتاق چېپىپ كېلەتتۇق، سىلەر ماڭا قانداق يانتاق چېپىشنى ئۆگۈتەتتىڭلار. ناماز بامداتتىن كېيىن باشلاپ چۈشكىچە چاپاتتۇق. قاپىرىپ كەتكەن قوللىڭىز بىلەن ياغقان نان ۋە قاپاق سۈيى بىلەن ئوقۇقلىناتتۇق. قېنى شۇ سىز ياققان نانلار ئاپا؟ ھە راست، ھېلىقى ۋەقە ئىسىڭىزدىمۇ؟ بەگبۇلاق داۋاندا، ھارۋا ئاغدۇرلۇپ كېتىپ، مەن يانتاق ئاستىدا قالغان ئىدىم. سىلەر مەن ئۈچۈن پاي-پىتەك بولۇپ كەتككەن ئىدىڭلار. مېنى ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالدىمىكىن دەپ، يۈرەكلىرىڭلار چىقىپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى. لېكىن ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن يانتاق ئاستىدىن، ساق - سالامەت ھالدا، قاپاقنى قۇچاقلاپ چىققىنىم ! ئەي ھاياتلىق ! ئاپا ئىسىڭىزدىمۇ؟ ئەي تۇرمۇش. كەپە غوزىقى تەرگەن چاغلار. كەپە غوزىقى تېرىپ، ماي قىلىپ يىگەن چاغلار. ھېلىقى ئىشچۇ تېخى؟ مەن خاپا بولۇپ كېلىپ، ئۆزەم قورغان سەينى يامان نەپسىم بىلەن، سىلەر ئۈچ ئايالغا بەرمەي يەۋەتكىنىم .... ئەي بالىلىقىم، ئاپا مېنى كەچۈر... ئاپا، ئېسىڭىزدىمۇ ؟ ئەلۋەتتە ئىسىڭىزدە، مەن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ياخشى ئۇقۇيتتۇم. دېھقان بالىسى بولساممۇ، لېكىن ئوقۇشقا بولغان مۇھەببتىم بىلەن دائىم سىنىپنىڭ ئالدىدا ئوقۇيتتۇم. دادام مېنى ئوقۇما دەپ ئۈمۈدسىزلەندۈرسە، سىز مېنىڭ ئوقۇشۇمنى بەكلا قوللايتتىڭىز. مەن ئۈچۈن سەھەر تۇرۇپ، ئەتتىگەنلىك تاماق تەييارلايتتىڭىز. سەھەرلەردە، تاماقنى تىز قىلىڭ دەپ ئالدىرتاتتىم. قېنى شۇ سىز ئەتكەن مانتىلار، ھور نانلىرى، يۇتازىلار... مومام رەھمەتلىكمۇ مېنى بەك قوللايتتى. مەكتەپتىن ياخشى نومۇر ئېلىپ كەلسەم، مەڭزەمدىن سۆيەتتى. مەكتەپكە ئالدىراپ كېتىپ قالسام، داكىغا قازان نېنى يۆگەپ، ساۋاقداشلىرىم ئارقىلىق ئېۋەتەتتى ياكى ئۆزى ئېلىپ كېلىپ بېرەتتى. بىر قېتىم مومام، ناننى داكىغا ئېلىپ مەكتەپكە كېلىپ، سىنىپقا ئۇدۇللا كىرگەنتى، ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا قىزىرىپ كەتكەن ئىدىم. ئەمدى ئويلىسام، نادان ئىكەنمەن، گۆدەك ئىكەنمەن. ئاشۇ كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى - دە ! رەھمەتلىك مومامنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ! ئاپا، ئىسىڭىزدمۇ؟ مەن بىر قولۇمدا كىتاب كۆرسەم، بىر قولۇمدا ئەمگەك قىلغانلىرىم. كىتابنى ئەمگەكتىن ئارتۇق كۆرۈپ، سىلەرگە ياردەملەشمەي، مەجبۇرى ھالدا قىلغان ئەمگەكلىرىم. مەجبورى ھالدا سامان يۇياتتىم، قوي باقاتتىم، يانتاق چاپاتتىم، كىۋەز تېرەتتىم، تەك ئاچاتتىم، ئىشقىلىپ قىلغۇدەك ئىشلار بولسا قىلاتتىم. بولۇپمۇ دادامنىڭ چىشىغا بەك تىگەتتىم. ئەمگەك قىل دىسە باھانە تاپاتتىم. ئىشقىلىپ ئوقۇشنى ئالدىنقى قاتاردا قوياتتىم. دادام بىچارە مېنى ئەمگەك قىلدۇرالماي ئاۋارە، مەن ئوقۇيمەن دەپ ئاۋارە. بۇ ئىشلارنىڭ قانچە رەت يۈز بەرگەنلىكىنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن. ئىشقىلىپ كىچىك ۋاقتىمدا، بەدىنىم كىچىك، ۋىجىك بولغاچقا، ئەمگەك قىلىشنى ياخشى كۆرمەيتتىم. ئەمدى قېنى شۇ ئەمگەك، قېنى شۇ چاغلار. ئاپا، ئىسىڭىزدىمۇ؟ بۇنىڭدىن 12 يىل مۇقەددەم، مەن تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىمنى تاماملاپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىندىم. بىچارە داداممۇ مېنى دېھقان قىلالمىدى. دادامنىڭ ۋە سىزنىڭ رازىلىقىڭىز بىلەن، ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئالىي مەكتەپ قوينىغا ئاتلاندىم. بۇ جەرياندا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمنى تىلغا ئالمىساممۇ، سىز بىلىسىز ئاپا. مەن سىلەرنىڭ ئۈمۈدىڭلارنى ، يۇرتداشلانىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلاش ئۈچۈن، تىرىشىپ ئوقۇدۇم. ئەڭ قىسقىسى، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى سىلەرگە ئاساسى جەھەتتىن تايانمىغان ھالدا، ئۆز كۈچۈم بىلەن ئوقۇپ كېتەلىدىم. سىلەرگىمۇ ئاسان ئەمەستە؟ قان بىلەن باراۋار سۇ بىلەن، نەچچە پۇڭ يەر ئارقىلىق مېنى ئوقۇتماق ئاسان ئەمەستە ! ئاپا، سىز دىگەندك، مېنىڭ زۇگۇلام يوغان تۈگۈلگەن ئوخشايدۇ. ئاللاھتائالا مېنىڭ رىزقىمنى كەڭرى قىپتىكەن. بۇنىڭدىن 5 يىل ئىلگىرى، سىلەرنىڭ دۇئايىڭلارنى ئېلىپ، يات بىر دۆلەتكە ئۇقۇشقا كەلدىم. ئاپا، مەن سىزگە ئەمدى راست ئېيتاي. چەتئەللنىڭ ئاسمىنىدىن رەڭلىك قار ياغمايدىكەن، يوللىرى ئالتۇن ئەمەس ئىكەن. مەن سىزگە خەلىقئارا يەرمەنكىلەردە ئشلەۋاتىمەن دىگەن چېغىمدا، مەن كۈتكۈچى بولۇپ ئىشلىگەن، ئاپا !سىلەرنى غەم يەپ قالمىسۇن، غېرىپچىلىق تارتىپ كەتتى دىمىسۇن، دىلى سۇنۇپ كەتمىسۇن دەپ، مەن سىلەرگە دىمىگەن. ئەتتىگەندە مەكتەپكە بارسام، كەچلەردە مېھمانخانىلاردا كۈتكۈچى بولۇپ ئىشلىدىم. تەخسە كۆتۈردۈم، چاي قۇيدۇم، جوزا رەتلىدىم. ئاپا بۇنداق دەپ زارلانغىنىم ئەمەس، تۇرمۇش بىر ھەقىقى ئالىي مەكتەپ ئىكەن. تۇرمۇش ئوتىدا تاۋلاندىم. تۇرمۇش مېنى تاۋلىدى، تۇرمۇش ماڭا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگەتتى. تۇرمۇش ماڭا ئاتا- ئانىنىڭ يىقىلساق يۆلەيدىغان تاغدەك يۆلەك ئىكەنلىكىنى ئسىپاتلاپ باردى. مەن ئۇ تۇرمۇشقىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن. ئاپا، بۇ يەرگە چىقىپ بىر يىل بولغاندا، رەسمىي بىر ئۇنىۋېرسىتنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا كىردىم. بۇ نەتىجىلەرئاللاھ سىز ۋە دادام ئارقىلىق ماڭا ئاپىرىدە قىلغان ئاشۇ تىرىشچان قان ئارقىلىق كەلدى. كۈنلەرنى بىكارغا ئۆتكۈزمىدىم. بىھۇدە كۈنلەرگە ئوقۇشنى، ئىشلەشنى ھەمرا قىلدىم. دادا، ئاپا، سىلەرنىڭ دۇئاھىڭلارغا، مېھىر - مۇھەببتىڭىڭلارغا، قوللاپ - قۇۋۋەتلىگنىڭلارغا رھمەت. ئاللاھنىڭ مەھەمىتى بىلەن، سىزنىڭ دۇئايىڭىز بىلەن، چەتئەلگە چىقىپ 2 يىل بولغاندا، بىر خەلىقئارا شىركەتنىڭ ئىجرائىي خادىمى بولۇپ ئىشلىدىم. كۈتكۈچىلىكتىن ئىجرائىي خادىملىققىچە بولغان بۇ كۈنلەرنى ھەرگىز ئۇنۇتمايمەن. بۇمۇ ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى. بۇ تۇرمۇش ماڭا قانداق ياشاشنى ئۆگەتتى... ئاپا، مەنمۇ ئۆي - ئوچاقلىق بولدۇم. ياخشى تەربىيە كۆرگەن بىر قىزغا سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلار بىلەن ئۆيلەندىم. ئاللاھقا تەشەككۈر. بۇ ئايال ئاددى-ساددا، ۋاپادار، ئوقۇمۇشلۇق ئايال بولۇپ چىقتى. ئاپا، بىز يەنىلا سىزنىڭ دۇئايىڭىزغا مۆھتاج. بىزگە دۇئا قىلىڭ، بېشىمىز باش، ئاخىرىمىز تاش بولۇپ كەتسۇن ! ئاپا، مەن سىزنىڭ مېنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىڭىزنى بەكلا ئۈمۈد قىلغان ئىدىم. سىزگە مېنىڭ ئاشۇ سەھنىدە تۇرۇپ ئۇنۋان ئالغان قىياپىتىمنى بىر كۆرسەتكۈم بار ئىدى. بۇ سىزگە ئوخشاش دېھقان، يېرىم ساۋاتلىق ئايال ئۈچۈن، چەكسىز خوشاللىنارلىق ئىدى. مەن قىلالىدىم، ئاللاھنىڭ ئاسانلىق بېرىشى، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، ئەڭ ئاخىرىدا پاسپوتقا ئېرىشىپ مەن تۇرۋاتقان بۇ زېمىننى دەسسەش پۇرسىتى بولدى. مەكتەپ پۇتتۇرۈش كۈنىدە، مەن باشتىن- ئاخىر سىزگە قاراپ چىقتىم. بەلكىم بىلىدىغانسىز ياكى بىلمەيدىغانسىز ؟ سىزدە بىر خىل خوشاللىق تۇيغۇسى بولغان بىلەن، كۆزلىرىڭىز لىق ياشتا ئىدى. مەن بىلىمەن ئاپا، ئۇ خوشاللىق يىغىسى ئىدى. مۇراسىم رىياسەتچىسى ئىسمىمنى ئاتاپ تۇرۇپ، جوڭگولۇق، دەپ ئۇقتۇرغادا، مەن يەنىلا سىزگە قارىدىم. سىزدە بىر خىل تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان بىر خوشاللىق بار ئىدى. مەن سەھنىدىن چۈشكەندە، سىز ئانىلىق مېھىر - مۇھەببىتىڭىز بىلەن مېنىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ، مۇبارەكلىدىڭىز، رەھمەت ئېيتتىڭىز. ئاپا سىزگىمۇ رەھمەت، مېنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت... ئاپا، يەنە مەن سىزنىڭ بىر ئىشىڭىزغا ھەيران، سىز نەدىن ئۆگەنگەن بولغىتتىڭىز ؟ مەن چېغىمدا ئۇنداق قىلالمىغان، مەنلا ئەمەس، سەھرادا چوڭ بولۇپ ئۆسكەنلەرمۇ دىققەت قىلالمايدۇ. مەن نۇرغۇن بايلارنى ، ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن. لېكىن بەزى ئەدەپ قائىدىلەرگە دىققەت قىلىپ كېتەلمەيدۇ. يادىڭىزدىمۇ ئاپا؟ ھېلىقى مەن ئەڭ يارىشىملىق كىيىم كىيگەن ئۇقۇغۇچى بولۇپ باھالانغان ۋاقتىم؟ بېشىمدا ئۆز قولىڭىز بىلەن چەشتىلىگەن قومۇل دۇپپىسى، ئۇچامدا كانۋاي كۆينەك. ئۇ كەچلىك زىياپەت ئۇنىۋېرسىتىم تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سىز، مەن، كىلىنىڭىز ھەتتا سىزنىڭ يېشىغا توشمىغان نەۋرىڭىز بىللە باردۇق. راستىنى ئېيتسام ئاپا، مېنڭدەك ئۆزلىگىدىن چوڭ بولۇپ قالغان كەچۈرگىن، مەن سىزنى زىياپەتتە قائىدە-يوسۈنغا دىققەت قىلماي، چاندۇرۇپ قويارمىكىن دەپ بەك ئەنسىرىگەن ئىدىم. لېكىن مەن سىزدىن ھەيران قالدىم ئاپا، سىز ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن، نۇرغۇن زىياپەتلەرگە قاتناشقان ئادەمدەك، باشقىلارغا قاراپ ئىش تۇتتىڭىز، چاپچا ۋە پىچاق تۇتىشىڭىزچۇ تېخى، ناھايىتى سىلىق ۋە ئۆلچەملىك. سىزنىڭ ئاشۇ زىيەپەتتىكى قىياپىتىڭىزنى ئۇنۇتمايمەن، ئاپا! سىز ماڭا مەڭگۈ ئۈلگە... ئاپا، مەن سىزدىن داۋاملىق ئوقۇش ئۈچۈن رۇخسەت سورىدىم. لېكىن سىز ئۇقۇيۋىرەمسىز دىمەي، دەرھال قوشۇلدىڭىز، "بالام ئوقۇۋېلىڭ ، ياش ۋاقتىڭىزدا ئوقۇۋېلىڭ، ئاشۇ چوڭ ياشلىقلار سىزنىڭ ساۋاقدىشىڭىز بولسا، ھىچقانداق پىكرىم يوق بالام. بىز ئويغۇرلار ھەقىقەتەن ئوقۇمايدىكەنمىز، بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىكەنمىز" دەپ ماڭا رىغبەت بەردىڭىز. مەن سىز بار چاغدا دوكتۇرلىق ئوقۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. لېكىن سىز بىزنى ئىقتىسادتىن قېيلىنىپ قالارمۇ دەپ جىق ئەندىشە قىلدىڭىز. ئاپا، بىزنى ياراتقان ئاللاھ بىزنى ئاچ قويمايدىكەن. سىز كەتكەندىن كېيىن، مەن شىركەتتنىڭ نەچچە ئايلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم ۋە ئۇقۇشقا پۈتۈن دىققىتقمنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ شىركەتتىن ئايرىلىپ چىقتم. ئاشۇ ئېرىشكەن شىركەت مۇكاپاتى ئارقىلىق، ھازىر ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتنىڭ بىر مەۋسۈمىنى تاماملىدىم. ئاپا، يەنە شۇ جاھىل تىرىشچانلىقىم بىلەن، خېلى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم. بۇ ئىپادەم بىلەن، 40 نەپەر كاندىدات ئىچىدىن تاللىنىپ چىقىپ، بۇ دۆلەت مەكىزى بانكىسىنىڭ 3 يىللىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتىم. ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرۈپلا قالماي، يەنە تۇرمۇش پۇلىنىمۇ كۆتۈرىۋاتىدۇ. ئاپا، بۇ ئاللاھنىڭ ھىممىتى ۋە سېنىڭ دۇئايىڭ ! ھازىر ھەممە پەنلەرنى A دەرىجە بىلەن تاماملاپ، مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ بولدۇم. ھازىر ئىلمى ماقالە ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. ئاپا، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان چاغدا، دادامنىمۇ ئېلىپ كەلگۈم بار. ئاشۇ جاپاكەش، ئۇزۇن يىللار قوي باققان، دېھقان دادامنىمۇ مېنىڭ خوشاللىقىمدىن تەڭ بەھرىمەن بولسىكەن دىمەكچى. ئۇ كۈنلەرمۇ كېلەر، ئىنشائاللاھ! ئاپا، مەندىن رازىدىمۇ ئەمەسمىدۇ دەپ، مەن يەنىلا خوشال ئەمەس، "مەن كۆيەرمەن بالامغا، مەن كۆيەرمەن بالامغا" بوپ قالمىسۇن دەيمەن ئاپا. بىز ئۈچ بالىنى بېقىپ قاتارغا قاتتىڭلار، لېكىن سىلەر نىمىگە ئېرىشتىڭلار؟ قىز بالىغۇ سىرتتنىڭ ئادىمى بولىدىكەن، سىڭلىم توي قىلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، يەنىلا شۇ پۈتمەس - تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتىسىز. مەن ئۆيلەنگەن بولساممۇ، سىز يەنىلا كىلىن كۈچى كۆرەلمىدىڭىز. ئۇكام نىمە ئويلايدىكىن، ئۆيلىنە- ئۆيلەنمەيلا ئايرىم بولىۋالدى. قېنى ئۇكاممۇ ياشاپ باقسۇن ! جېنىم ئاپا، ھازىر سىلەرنىڭ بالىللارنىڭ كۈچىنى كۆرىدىغان ۋاقتىڭلار ئىدى. دادام 60 تىن ھالقىدى، سىزنىڭ چاچلىرىڭىزغا ئاق كىردى. لېكىن قېنى شۇ سىلەر باققان بالىلار؟ دادامغا، گاچاراق بالىلار تۇغساڭ بولمامدۇ، بالا باقسىلا ھىسابمۇ دىگىزىۋەتتۇق. راسىت ئاپا، بالا باقسىلا ھىساب ئەمەسكەن، ھەممىمىز ھەر تەرەپتە. كىچىك ۋاقتىمدا بىر قازاقىستاننىڭ ئىتوتىنى كۆرگەن، ئۇ ئىتوتتا، ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە، ئانا ھىچنىمىگە ئېرىشەلمەي، بىر گۈلنى "كۆڭۈل " دەپ تۇتۇپ قالىدۇ. لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا ئاشۇ گۈلگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ... ئې ! بىچارە ئاتا - ئانىلار... ئاپا، دائىم تىلفۇن قىلسام، سىلەر ياخشى ئۆتسەڭلارلا، شۇ بىزنىڭ بەختىمىز دەپ تۇرۋالسىز. ئاشۇ تىلفۇننى قويۋەتكەندىن كېيىن، قانچىلىك ئازابلىنىدىغانسىز ؟ قانچىلىغان كىچىلەرنى بىزنىڭ ئىسمىمىزنى چاقىرىپ چىقىدىغانسىز؟ كەچۈرگىن ئاپا... بىزنىڭ قايتىپ بېرىپ سىلەرگە شۇنداق قارىغۇمىز بار، سىلەرنىڭ ئاخىرقى ئۆمرۈڭلەردە بولسىمۇ، بىللە بولغىمىز بار. بىرىمىز ئائىلە، بىرىمىز ئوقۇش دەپ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتتۇق. ئاشۇ سەھرادىكى كاتەكتە يەنىلا ئىككىڭلار يالغۇز............. ھەر دائىم ئويلىسام، ئىچىم سىرىلىپ كېتىدۇ ئاپا ! ئاللاھ بىزنى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنى قىلالايدىغان، باققىنىڭلارغا جاۋاب قايتۇرالايدىغان ئادەملەردىن قىلسۇن ! ئەڭ ئاخىرىدا، ئاللاھتىن سىلەرگە ئۇزۇن ئۆمۈر، سالامەتلىك، تېنىڭلارغا ئىمان تىلەيمەن. كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭلار. مەندىن ئۇرۇق - تۇغقانلاغا، قولۇم - قوشىنلاغا، دوست-بۇرادەرلەرگە سالام ! يىراقتىكى مۇساپىر ئوغلۇڭلاردىن !
[ بۇ يازمىنىbe42lateدە2011-09-23 21:35قايتا تەھرىرل ]