گۇگۇمدىكى ۋەھىمە(داۋامى)
ئەنساردىن ئۆيگە ئېلىپ چىقىلغاندىن كېيىن ئۇنى دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىيالمىغانلار ئۆيىگە كېلىپ يوقلاپ تۇردى،دەسلەپ ئەر- ئاياللار بىللە كېلىپ يوقلىغان بولسا كېيىن ئەرلەر پات-پات كېلىپ يوقلاپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى،ئەنسارىدىن دەسلەپ ئۇلارنىڭ بۇ يوقلاشلىرىدن تەسىرلىنىپ كۆزىگە ياش ئالغانمۇ بولدى،ھەتتا ئايالىنى جاپاغا قويغانلىقىنى شىپى كەلتۈرۈپ ئايالىنىڭ ياخشى گەپلىرىنى قىلىپ ئۇنى كەلگەنلەرگە ماختاپمۇ ئۈلگۈردى.بىراق ۋاقىت ئۇزارغانسېرى جەمىلەگە ئەنساردىننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئېغىر كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى،شۇڭا ئۇ ئاشخانىغا كىرىپ ھەيەل ئۆتمەيلا تاراق-تۇرۇق،جاراڭ-جۇرۇڭنى باشلىۋېتەتتى،ئەنساردىننىڭ ئالدىغا تاماق ئەكىرگەندىمۇ تارقشىتىپ قويىدىغان بولىۋالدى،ئەنساردىن بۇلارغا دەسلەپ ئانچە پەرۋا قىلماسلىق نەزىرىدە مۇئامىلە قىلدى،چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئايالىغا ھەقىقەتەن ئېغىرچىلىق سېلىپ قويغانلىقىدىن خىجىل بولىۋاتاتتى،ئۇ بۇنداق چاغلاردا ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ‹‹ بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر،خۇدا خالىسا ساقىيىپ قالسام ئۇنىڭ بۇ ياخشىلىقلىرىنى قايتۇرارمەن ...›› دەيتتى ئىچىدە پىچىرلاپ،ئۇنىڭ يېرىم جان ھالەتتە خوتۇنىنىڭ يۆلەشلىرى بىلەن ئۇيان بۇيانغا ئۆرلىشى ۋە تەرىتىنىمۇ خوتۇنىنىڭ ياردىمدە ئادا قىلىشى ئۇنى جاندىن ئۆتكۈدەك قىيناشلاردا قىينايتتى، ئۆزىنىڭ ئەرلىك غۇرۇرى قانداقتۇر پايخان بولىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولىۋالدى، بۇ چاغلاردا ئۇ ئۆزىنى ‹‹ماشىنا نېمىشقىمۇ مېنى بىراقلا ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كەتمىگەندۇ؟!›› دەپ ئزتىراپلىق ئويلارغا غەرق بولاتتى ۋە ئايالىغا چاندۇرماي يوتقان ئىچىگە بېشىنى تىقىۋېلىپ ئۆكسىيتتى،بىراق ئايالى بۇلارنى سەزمەيتتى، ئەكسىچە ئېرىدىن بىزار بولىدىغان،ھەتتا بەزىدە ئېرىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ توي-تۆكۈنلەرنى باھانە قىلىپ سىرتقا چىقىپ كېتىدىغان،ئاش-توق قويىدىغان بولىۋالدى.ئەنساردىن بۇنداق چاغلاردا يەنە ئۆزىگە تەسەللى بېرەتتى.بىر كۈنى ئۇ ئەتتىگەنلىك ناشتلىقىنى بېرىپلا سىرتقا ماڭغان ئايالىغا يالۋۇرغاندەك قىياپەتتە:
_ خوتۇن،سىرتقا چىقساڭمۇ تېزراق قايتىپ كەل،مەن بەك يالغۇزسىراپ قالىدىكەنمەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىمۇ سىرتتىن ئۆيگە كىرمەيدۇ..._دېدى ناھايتى تەستە.ئۇنىڭ ئايالى گەپ-سۆز قىلماي چىقىپ كەتتى.بۇ ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېغىر كەلدى،شۇنداقتىمۇ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ قالدى،ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا ئامالمۇ يوق ئىدى.ئۇنىڭ يېتىۋېرىپ بەل-بېقىنلىرى تېشىلىپ كېتەيلا دېدى،ھەر تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئازاپ ئۇنى بەكمۇ قىينايتتى،ئۇنى يوقلايدىغانلاردىن ھازىر ئەرلەرلا قالدى،بۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى ئۇنىڭ يېققىن ئەل-ئاغىنىلىرى بولسا بىر قىسىملىرى كەنتنىڭ،ئەترەتنىڭ كالتە-كۇستاڭ باشلىقلىرى ئىدى.جەمىلە بەزىدە ئۇلارنى ئۇزۇتىپ چىقىپ ھەيەل بولۇپ قالاتتى،بولۇپمۇ كەنت رەھبىرىنى ئۇزۇتۇپ چىققاندا ئۇزۇندىراق كىرىدىغان بولىۋالدى. ۋە كىرىپلا ئەنساردىن سورىمىسىمۇ :
_ مەن سېنىڭ ئەھۋالىڭ ھەققىدە پاراڭلاشتىم،كەنتنىڭ بىزگە ياردەم قىلىدىغان بولدى،خاتىرجەم بول ئۇلار ياردەم قىلسىلا ياخشى بولۇپ كېتىسەن..._ دەپ سۆزلەپلا كېتەتتى.
بىراق ئەنساردىن ئايالىنىڭ يېققىندىن بۇيان ئۆزىنى تۈزۈشتۈرۈپ يۈرىدىغان،ھەتتا ئانچە-مۇنچە گىرىممۇ قىلىدىغان بولىۋالغانلقىنى ھېس قىلغان ئىدى. بۇ ھەقىقەتەن ئۇنى ئەجەبلەندۈرمەي قويمىدى،چۈنكى ئەنساردىن دوختۇردىن ئېلىپ چىقىلغان دەسلەپكى نەچچە ئاي ئىچىدە ئايالىنىڭ ئۆي ئىشلىرى ۋە كېسەل كۈتۈش بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۆزىگە ئانچە ئېتبار بەرمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانىدى.
بىر كۈنى ئۇ چالا ئۇيقۇ ھالەتتە ياتاتتى،كىمدۇر بىرىنىڭ ئۆيگە كىرىپ ئايالىدىن ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغانلىقىنى خۇددى چۈشىدە ئاڭلىغاندەك ناھايتىمۇ سۇس ئاڭلىدى،ئۇلار بىردەم ھال-مۇڭ قىلىشقان بولدى،ۋە بىردەمدىن كېيىنلا تاشقىرقى ئۆيگە چىقىپ كېتىشتى،ئەنساردىن بۇ چاغدا خېلىلا سەگەكلىشىپ قالغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالدى.
ئۇلار تۇرۇپلا پىخلداپ كۈلشسە،تۇرۇپلا كالتە-كۇستاڭ چاخچاقلارنى قىلىشپ پىچىرلىشاتتى،ئايالىنىڭ نازلىق كۈلكىلىرى ئەنساردىنغا ئېنىق ئاڭلىناتتى،ئۇلارنىڭ پىچىرلاش ۋە پىخىلداشلىرى ئەنساردىننىڭ جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى.ئۇ ئاغرىق ئازابىدىمۇ بۇنچىلىك ئازاپلىنىپ كەتمىگەن ئىدى،ئۇ چىشىنى چىشلەپ جىمجىت يېتىپ باقماقچىمۇ بولدى،بىراق ئەرلىك غۇرۇرى بۇنىڭغا بوي سۇنمىدى شۇڭا ئۇ ئاۋازىنى چىقىرىپ قاتتىق بىر يۆتەلدى. بۇ ئاۋازدىن چۆچىگەن ئىككەيلەننىڭ پىخلداشلىرى بىردىنلا توختاپ قالدى. ئايالى دەرھال ئەنساردىننىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كىردى ۋە كىرىپلا:
_ نېمە بولدى؟قورسىقىڭ ئاچتىمۇ؟نېمە تاماق يەيسەن؟ _ دەپ قۇشقاچ تىللىرى چىقىپ كەتتى .
_ نېمە قىلىۋاتىسەن؟تاشقىردا كىم بار؟
ئەنساردىننىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ دېگۈدەك چىقتى،ئۇنىڭ ئايالى ئەنساردىننى ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى.شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ئەنساردىننىڭ سۇئالىدىن بىرئاز تەڭقىسلىقتا قالدى بولغاي كېكەچلەپلا قالدى:
_ تاشقىردا ھېچ...ھېچ ھېچكىم يوق،مەن ئاشخانىغا چىقىپ كىرگەن_ دىيەلىدى تەسلىكتە.
_ شۇنداقمۇ؟ئەمىسە يېنىمدا ئولتا خوتۇن..._ دېدى ئەنساردىن بوش ئاۋازدا _ بىلىمەن خوتۇن،سەن بۇ كۈنلەدە بەك جاپا تارتىپ كېتىۋاتىسەن،مەن ساڭا ئېغىرچىلىقىمنى سەپ قويدۇم،خۇدا بۇيرۇپ ساقىيىپ قالسام سېنى ئوبدان رازى قىلىمەن...
_ بولدى،بولدى ئەمدى بۇنداق گەپلەرنى قىلما،سەن ساقىيىپ قالساڭلا مەن رازى...
ئۇلارنىڭ سۆھبىتى قىسقىلا داۋاملاشتى، چۈنكى ئەنساردىن بۇ خىل مەزمۇندىكى گەپنى ئايالىغا كۆپ قېتىم ئېيتقان ئىدى.ئايالى تاماق قىلىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى،ئەنساردىن ئايالىنىڭ كەيپىياتىدىن يەنە غەشلىككە چۆمدى.
ئۇنىڭ ئايالى ھەقىقەتەن ئۇنىڭدىن زېرىككەن ئىدى.
ئەنساردىننىڭ ئېغىر كۈنلىرى داۋاملاشماقتا ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇنى يوقلايدىغانلارنىڭ ،ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈۈلۈپ قېلىۋاتاتتى ،ئۇ يېتىۋېرىپ بەكمۇ زېرىككەن ئىدى،دەل شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ شەھەردىكى سودىگەر دوستلىرىدىن ئەكبەر ئۇنى يوقلاپ چىقتى،.ئەكبەر ئىلگىرى ئۇنى دوختۇرخانىدا ياتقان ۋاقىتلاردا پات-پات يوقلىغان بولسىمۇ لېكىن تاغقا ئېلىپ چىقىلغاندىن كېيىن ئۇنى بىرەر قېتىممۇ يوقلاپ چىقالمىغان ئىدى،شۇڭلاشقىمۇ ئەنساردىن بەكلا خۇش بولۇپ كەتكەن ئىدى .
_ قانداق ئەھۋالىڭ؟ بۇرادەر، بەل- بېقىنلىرىڭنىڭ ئاغرىقى ياخشىلاندىمۇ؟
_ قانداق بولاتتى،دوستۇم شۇ خۇدادىن شىپالىق تىلەپ،خوتۇننى جاپاغا سېلىپ قويۇپ ياتتىم،خۇدا بۇيرىسا ساقىيىپمۇ قالۇرمەن.
ئۇلار بىردەم ھال-مۇڭ قىلىشتى،ئۇنىڭغىچە جەمىلە ئوخشۇتۇپ لەغمەن ئېتىپ كىردى،تاماقلىرىنى يىيىشىپ بولۇپ يەنە كونا پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتى،ئەكبەر بۇ كېچىسى ئەنساردىن بىلەن مۇڭدۇشۇپ ئۇلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى. ۋە ئەتىسى ئەنساردىن ئويغانماستىلا كېتىپ قالدى.
_ئەكبەر قېنى؟_ دەپ سورىدى ئۇ ئايالىدىن.
-مۇھىم سودا ئىشى بار ئىدى دەپ ئەتتىگەندىلا مېڭىپ كەتتىغۇ_دېدى ئايالى.
_ نېمىشقا مېنى ئويغۇتۇپ قويمايسەن؟ _كايىدى ئەنساردىن.
_ قارىسام بەكمۇ تاتلىق ئۇخلاپ كېتىپسەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسقەرمۇ سېنى ئويغىتىشقا ئۇنمىدى،مانا بۇ 500 يۈئەن پۇلنى قويۇپ-قويۇپ مېڭىپ كەتتى _دېدى.
_ ھەي ئىسىت ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشۋالالماپتىمەن ئەمەسمۇ_ ئەنساردىن ئەپسۇسلانغادەك ئۇھسىراپ قويدى.
ئەنساردىن بىرقانچە كۈن ئەكبەرنىڭ پاراڭلىرىنى ھەزىم قىلىپ زېركىشلىرىنى بېسىپ تۇردى،ئەڭ يېققىن دوستى سۇلتانمۇ ھازىر سەل ئالدىراش بولۇپ قالغان ئىدى.ئەنساردىننىڭ دورىلىرىمۇ ئازلاپ قالدى،ئۇنى ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈش،ۋە بەل- بېقىنلىرىنى ئۇۋىلاشلارمۇ ئازلاپ كەتتى،شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ھامان ساقىيىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.بىرەر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئەكبەر يەنە يوقلاپ چىقتى،ئۇ بۇ قېىتىم بەزى دورىلارنى ئېلىپ چىققان ئىدى. بۇنىڭدىن ئەنساردىن تولىمۇ خوش بولدى،ۋە شەھەردىكى دوستلىرىدىن تۇنجى بولۇپ ئەكبەردىن پەخىرلەندى.
ئەكبەر بۇ قېتىم چىقىپ ئىككى كۈن تۇردى.
تۇرمۇش ئۆز رېتىمىنى بۇزماستىن پېتى بىلەن كېتىۋاتاتتى،ئەنساردىننىڭ يېتىپ قالغىنىغىمۇ يېرىم يىلدىن ئاشتى،ئەمدى ئەكبەرنىڭ ئەنساردىننى يوقلىشى جىقلاپ قېلىۋاتاتتى.
ئەكبەر چىققان بىر كۈنى جەمىلە ئەنساردىننىڭ ئىچ كىيملىرىنى يۇيۇپ،قۇرۇتۇپ يېنىغا ئېلىپ كىرىپ قويۇپ ،تۇيۇقسىزلا يوقاپ كەتتى،ئەنساردىن ئوغلىدىن سورىدى،ئوغلى ئانىسىنىڭ سومكىسىنى ئېلىپ مەھەلە تەرەپكە كەتكەنلىكىنى ئېيتتى،كەچ كىردى،بىراق ئايالى قايتىپ كەلمىدى،ئەنساردىن ئوغلى بىلەن يېنىغىلا قويۇپ قويغان مانتىلاردىن يەپ كەچنىڭ غېمىنى قىلماقچى بولدى ،بىراق گېلىدىن تاماق ئۆتىدىغاندەك قىلمايتتى،ئەنساردىن ئايالىنى خېلى كەچكىچە ئۇخلىماي ساقلاپ باقتى ،لېكىن ئايالى قايتىپ كەلمىدى،ئۇ قاچاندۇر ئۇخلاپ قالدى.
ۋە كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندىلا ئۇيقىدىن ئويغاندى،يېنىدىلا ئوماق ئوغلى تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. بۇ كۈنمۇ،ئەتىسىمۇ ، ئۈگۈنىمۇ ئۇنىڭ ئايالى پەيدا بولمىدى،بۇ يىراق تاغلىقتا تېلفۇنمۇ تارتمايتتى،شۇڭا ئۇلاردا تېلفۇنمۇ يوق ئىدى،ئۆيىگە كەلگەن تونۇش بىلىشلىرىدىن سۈرۈشتە قىلىپ باقتى،لېكىن ئۇنىڭ ئايالى ھەققىدە بىلىدىغانلار چىقمىدى،شۇنداق قىلىپ ئۇلار خولۇم-خوشنىلار ئېلىپ كىرگەن تاماقلار بىلەن بىرقانچە كۈننى ئۆتكۈزدى،ئەنساردىننىڭ ئوغلى ئانىسىنىڭ جىدىلىنى قىلىپ،ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتقىلى تۇردى ئەنساردىن ئوغلىنى ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆيىگە ئاپارغۇزۋەتتى-يۇ يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى تېخىمۇ قاتتىق تارتىشقا باشلىدى.ئۇ تۈرلۈك پەرەزلەرنى قىلىپ باقتى،ئەكبەرگە خېلىلا ئىشىنەتتى،شۇڭا ئۇ ئەكبەردىن گۇمانلىنىشنى ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ ھېساپلايتتى،ئەپسۇس تولىمۇ ئەپسۇس بىرەر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن مەھەلىدىكىلەردىن ئايالىنىڭ ئەكبەر بىلەن شەھەرگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدى،بۇ شۇم خەۋەر ئۇنى خۇددى جۇدۇندىكى ياپراقتەك تىترىتىپ،ئوتتىكى قىلدەك تولغاندۇردى،ئۆكسۈدى،قاتتىق ئۆكسۈدى،ئۆزىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان قىسمەتلەردىن زارلاندى...
بىر كۈنى ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان،خوشنا مەھەلىدىكى ساۋقدىشى سەلىمە خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولدى.
ئەنساردىننىڭ يالغۇزلۇقتا سۈرۈۋاتقان خىيالىنى ئىشىكنىڭ غىچىرلاپ ئېچىلىشى بۇزدى،ئۇنىڭ يېنىغا ئاددى،ئەمما يارىشىملىق كىيىنگەن،چېھرىدىن ئىللىق تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان سەلىمە كىرگەن ئىدى.
_ قانداق ئەھۋالىڭ،ئۇزۇندىن بۇيان سېنى ھادىسىگە ئۇچراپ يېتىپ قالدى دەپ ئاڭلىغان بولساممۇ يوقلاپ كېلەلمدىم.سەۋبىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن...
_ پاھ،قانداق شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى سېنى،بېشىڭدىن ياغاچ ئوشتاي دېسەم ھالىم مۇشۇ.._ دىيەلدى كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا.
_ بولدى تەۋرىمە،مەن مەھەلىدىكىلەردىن سېنىڭ يالغۇز قالغانلىقىڭنى ئاڭلاپ كېلىشىم،قانداق كەلگىنىم بولماپتىمۇ يا؟_ سەلىمە شەيتانلىق بىلەن كۈلۈپ قويدى.
_ كەلگىنىڭدىن خوشمەن سەلىمە،بىراق ئالدىڭدا بەك خىجىلمەن،
_ بولدى،ئۇنداق گەپلەرنى قوي،مەن ئەمدى سېنىڭ ئۈچۈن يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ كەلدىم،ھالىڭدىن ئازراق بولسىمۇ خەۋەر ئېلىشقا يارايمەن.
ئەنساردىننىڭ يۈزلىرى ئوت بولدى،يۈرىكىنى قانداقتۇر بىر قۇرۇت غاجىلاۋاتقاندەك ھېس قىلدى،چۈنكى سەلىمە ئەنساردىننى ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپلا ياخشى كۆرۈپ كەلگەن بولۇپ،ھەتتا ‹‹ئەنساردىنغا تەگمىسەم مەڭگۈ توي قىلمايمەن›› دەپ،ئەقىدىسىنى ئۆزىگە نېسىپ بولمىغان ئەنساردىنگە ئاتىۋەتكەن قىز ئىدى.
شۇنىڭدىن تارتىپ سەلىمە ئەنساردىننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا باشلىدى،دەسلەپ سەلىمانىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداش،دوست-بۇرادەر، خولۇم خوشنىلىرى ئۇنى ئەيىپلەپمۇ باقتى ،بىراق سەلىمە ئەنساردىننىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارنى ئازراق بولسىمۇ قايىل قىلدى.
سەلىمە ئەنساردىننىڭ تامقلىرىنى ئېتىپ بېرىشتىن سىرت يەنە ئۇنى ئۇايق-بۇياققا ئۆرۈش ۋە بەدەنلىرىنى سۈرتۈپ ئۇۋىلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۇنىڭ ھالىدىن ناھايتى ياخشى خەۋە ئالدى،ئەنساردىننىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ سەلىمەنىڭ بۇ ئىشلىرىنى توغرا چۈشەندى،ۋە ئوغلىنى ئېلىپ كېلىپ دادىسىنى كۆرسۈتىپ تۇردى. سەلىمەنىڭ پەرۋىشى ئەنساردىننى خېلىلا ياخشى قىلىپ قويدى،گەرچە ئەنساردىن جىسمانى جەھەتتە تولۇق ياخشى بولۇپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ،لېكىن روھى جەھەتتە خېلى ياخشى بولۇپ قالدى.بىر كۈنى سۇلتان ئەنساردىننىڭ يېنىغا كىردى،ۋە ئۇنىڭغا بىر خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى:
_ ساڭا بىر خۇش خەۋەر،ئۈرۈمچىگە چەتئەلدىن داڭلىق سۆڭەك دوختۇرلىرى كەپتۇ،ئۇلار قىيىنچىلىقى بار كېسەللەرنى ھەقسىز ئوپراتسىيە قىلىدىكەن،مەن سېنى شۇ يەرگە ئېلىپ چىقايمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن،سەنچە قانداق بولۇر؟
_ مەنغۇ ساقىيىشنى ئويلىسام ئوتتەك چىققۇم بار،بىراق مەن ئۇ يەرگە چىقسام،ئىقتىساد ۋە باشقا تەرەپلەردىن قىينىلىپ قالارمەنمىكىن؟
_ مەن دېدىمغۇ،ئۇ دوختۇرلار ھەقسىز ئوپراتسىيە قىلىدىكەن،ئۇ يەرگە ئېلىپ- چىقىش ۋە رەسمىيەتلەرگە مەن بار،خاتىرجەم بول _دېدى سۇلتان ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ.
_ ھالىمدىن كىم خەۋەر ئالاركىن دەپ غەم يەپ كەتمە ،مەنمۇ چىقىمەن_ دېدى سەلىمەمۇ بۇ خۇش خەۋەردىن روھلىنىپ.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار سەپەر تەييارلىقلىرىنى قىلىپ،ئاتا-ئانىسى بىلەن خوشلۇشۇپ ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتتى.
ئەنساردىننىڭ تەلىيى باركەن،ئۇلار ئۈرۈمچىگە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوپراتسىيە نۆۋىتىگە ئېرىشتى ۋە ئوپراتسىيىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇپ،بىرەر ھەپتە تۇرغاندىن كېيىن يۇرتقا قايتىپ كەلدى،بۇ جەرياندا سەلىمە ئىزچىل ھالدا ئەنساردىننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى،ئوپراتسىيە قىلىپ بىرەر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئەنساردىن پۇتلىرىنى ئازراق كۆتۈرەلەيدىغان ۋە ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلەلەيدىغان بولدى،ۋە ئاستا-ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ھەركەت قىلىشنىمۇ ئۈگەندى،سەلىمە ئۇنىڭغا يېققىندىن ماسلاشتى.مۇشۇ چاغقىچە جەمىلە بىرەر قېتىممۇ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ قويمىدى،بەلكى ئۇنىڭ ساقىيىپ كېتىشىگە كۆزى يەتمىگەن بولسا كېرەك.
شۇنداق قىلىپ قۇدرەتلىك تەڭرى بۇ بەندىسىنى بىر مەزگىللىك سىناقلاردىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭالايدىغان،ھەركەت قىلالايدىغان ھالىتىگە قايتۇردى،بۇنىڭدىن ئەنساردىنلا ئەمەس،ئوغلى،سەلىمە،سۇلتان ،ئاتا-ئانىىسى ۋە يۇرت مەھەلە خۇش ئىدى.
ئۇ ساقىيىپ ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى جەمىلە تۇيۇقسىزلا پەيدا بولدى،ۋە كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ ئۆزىنىڭ پۇشايمىنىنى ئېيتىپ ئۆزىنى بىر قېتىم كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىپ تۇرىۋالدى،ئەنساردىن ئوغلىنى يتىم قىلماسلىقنى ئويلاپ ئۇنى كەچۈرمەكچىمۇ بولدى،لېكىن ئۇنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى بىر-بىر ئويلاپ غۇرۇرىنىڭ يەنە قايتا دەپسەندە بولۇشىنى خالىمىدى بولغاي ئۇنى كەچۈرۈشنى راۋا كۆرمىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە سەلىمەنىڭ سىماسى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىر بولۇپ،ئۇنىڭغا قانداقتۇر سۇئاللارنى قويىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى.
ئۇنىڭ كۆڭۈل قەسىرىدە زىدىيەت كۈچىيىپ كەتتى،ئالدىدا قار-يامغۇر بولۇپ پۇشايمان ياشلىرىنى تۆكۈۋاتقان چىن مۇھەببىتىنىڭ مىۋىسى بولغان ئوغلىنىڭ ئانىسى،بىراق ئۇ‹‹ئەنساردىننى تاشلاپ قېچىپ كېىتپتۇ›› دېگەن نام بىلەن پۈتۈن يۇرتتا ئەنساردىننىڭ يۈزىنى تۆكۈپ بولغان.
قەلب تۆرىدە بولسا ئۆزىنىڭ ئېغىر كۈنلىرىدە ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ مۇشۇنچىلىك ھالەتكە كەلتۈرگەن پاك،ساددا ئەمما،ئەقىدىسى جۇلالىنىپ تۇرىدىغان قىز.ئەنساردىن قەلبىگە ئىجازەت بېرىپ ئاخىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.ئۇ ساقايغاندىن كېيىن يەنە سۇلتان بىلەن سودىسىنى داۋاملاشتۇردى،ھەتتا سودىسىنىڭ يولى كېڭىيىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەرگىمۇ بارىدىغان بولدى.مانا ئۇ بۈگۈن سۇلتاننىڭ تېلفۇنى بىلەن شېنجىنغا ماڭدى.
ئەنساردىن تەگسىز خىيالاردىن قايتىپ،ئۈچ كىشىلىك قاتتىق ئورۇندۇقتا يېتىپ ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى...
تۈگىدى.
2011-يىل 15-ماي
تورداشلىرىمنىڭ ۋاقتى يار بەرسە تەنقىدى پىكىرلەرنى ئايىماي بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.دوستانە پىكىر ئەڭ ياخشى ياردەم...
[ بۇ يازمىنىoyganganzimnدە2011-05-22 18:50قايتا تەھ ]