300-70 -1 oztil xj 50
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1102 قېتىم كۆرۈلدى
bagdaxadabiyati
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 128
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 490 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 465 سوم
تۆھپە: 245 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 245 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 « شىنجاڭنىڭ 50يىلى » توغرىسىدا بىر نەچچە پىكىر

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-05-23)
         نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن :
بىز سابىق ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمنىڭ 1955-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئۇچرۇشۇش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن 2007-يىلى9-ئايدا خوتەنگە بارغان ئىدۇق.خوتەندىن قايتماقچى بولغاندا ئاتاقلىق يازغۇچى مەرھۇم خېۋىرتۆمۈرنىڭ چوڭ ئوغلى مەرھۇم ساۋاقدىشىم غوپۇر خېۋىر مېنى ھويلىسىدىكى بىر ئۆيگە باشلاپ كىرىپ:
-بۇ دادامنىڭ يېزىقچىلىق ماتىرىياللىرىنى ساقلاپ كەلگەن،ئويلىغىنىم دادامنىڭ قوليازمىلىرىدىن <قانلىق يىللار>رومانىنىڭ ئورگىنالى ۋە ئوبزور ماقالىسى <بۇرھان شەھىدىنىڭ >"شىنجاڭدىكى 50يىلىم"ناملىق كىتابىغا باھا قاتارلىق ماقالىلەرنىڭ ئورگىنالى بار،بۇ ماقالىلەر ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىغان بولغاچقا سەن ئېلان قىلىشقا ياردەم قىلساڭ-دېدى.
مەن ۋاقتىم بەك قىس بولغاچقا ماقالىنىڭ بىر قىسمىنىلا ئوقۇپ قومۇلغا ئالغاچ كەلدىم.
مەن ئىلىم-پەن تەتقىقاتىدا<بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلسۇن،ھەممە بۇلبۇللار بەس-بەستە سايرىسۇن>روھىنى جارى قىلدۇرۇش يۈزىسىدىن بۇ ئوبزور ماقالىسىنى باغداش تورىدا ئېلان قىلىشقا سۇندۇم،
ئاپتور ماقالىسىنىڭ باش قىسىمى بالىلىق دەۋرىگەئائىت ئەسلىمە بولۇپ(2-بەتتىن5-بەتكىچە)مەرھۇم بۇرھان شەھىدىنىڭ مىللىتى ھەققىدە ئۇيغۇر ئەمەس ،تاتارمىكىن> لىكى توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن .مىللەت تەركىبى پەلسەپەسىدە شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن ماقالىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمە قىسمىنى ئېلان قىلماي قالدۇرۇپ قويدۇم ،ماقالىنىڭ 1930-يىللاردىكى قومۇل تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭى توغرىسىدىكى قىسمىنى ئەينەن ئېلان قالدۇق.


                                           ___ مۇھەممەت يۈسۈپ
 

« شىنجاڭنىڭ 50يىلى » توغرىسىدا
بىر نەچچە پىكىر

خېۋىر تۆمۈر


بۇرھان شەھىدىنىڭ « شىنجاڭنىڭ 50يىلى » دېگەن ئەسىرىدىكى كىرىش سۆزدىن ؛
« مەن ئاخىرلىشىپ قالغان مۇشۇ ئۆمرۈمدە يەنە داۋاملىق باش قاتۇرۇپ ،گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىدىكى شىنجاڭنىڭ تارىخىنى تىرىشىپ ئەسلىدىم . قەلەم تۇتۇش ، رەتلەشكە خەن يىڭشەننى تەكلىپ قىلدىم .... پۈتۈن ماقالىنىڭ دەسلەپكى قول يازمىسى پۈتكەندە جى داچۈەن ئۆزگەرتىش – تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشتى . لېكىن خاۋاتىرىسىزلىنىدىغىنىم شۇكى ، شۇ يىللاردىكى خاتىرلىرىرىم ۋە كىتاپ – ژۇرنال قاتارلىق ماتىرىياللىرىمدىن بىر مۇنچىسى « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » مالىماتاڭچىلىقىدا يوقۇلۇپ كەتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشىنىپ قالدىم . زېھنىم يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى . تۇتۇۋېلىش قابىلىتىم كۈندىن – كۈنگە ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كونكىرىت جانلىق ۋەقەلەرنى ئەسكە ئېلىشىم ناھايىتى قىيىن بولۇپ قالدى . ئەسلىمىدە ئەھۋالنىڭ ھەقىقىي بولۇشى مۇھىم . كىتاپخانلار رازى بولماي قالسا ، ئۇ قەلەم تۇتقۇچىنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس ، ۋاقىت جىددى بولغاچقا ، بەزى نەقىللەرنى ئەسلىدىكى كىتاپقا سېلىشتۇرۇپ چىقىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالدىم . بەزى تارىخي پاكىتلارنى باشقا خاتىرىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقالمىدىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە قەلەم تۇتقۇچىلار ئۆزگىرىپ تۇرغانلىقتىن ، ئۇسلۇپنى بىرلىككە كەلتۈرۈشمۇ قىيىن بولۇپ قالدى . بۇ ھەقتە كەڭ كىتاپخانلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن .
تارىخي پاكىتلار جەھەتتىكى خاتالىقلار ، نۇقتىنەزەر جەھەتتىكى نۇقسانلار كىتاپخانلارنىڭ ، خۇسۇسەن شۇ تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە بىلىدىغان كىتاپخانلارنىڭ تۈزىتىشىگە قالدى ! 


 بۇرھان شەھىدى
         1983-يىلى 2-ئاي


        « ئەسلىمە » ماھىيەتلىك تارىخى ۋەقە ۋە سەرگۈزەشتىلەرنىڭ ھەقىقىي خاتىرىسى يەنى زامان ، ماكان شارائىتتا ۋەقەلەر قانداق ئۆتكەن بولسا ، ئەينەن ئەسلەپ يېزىشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك . شۇنداق بولغاندىلا « ئۇ » چىنلىق تۈس ئېلىپ كىتاپخانىلارنى قايىل قىلىدۇ ۋە ئوبدان تەسىر قوزغىيالايدۇ . ئەگەر ئۇنداق بولماي چىنلىقتىن چەتنەپ پەردازلىنىپ يېزىلسا ، يەنى مۇندىن 50يىل ئىلگىرىكى ۋەقە ، سەرگۈزەشتىلەرگە بۈگۈنكى ( 80-يىللاردىكى ) كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىلەر زورمۇ – زور سىڭدۇرۈپ يېزىلسا ، ياكى 40-50يىل كېيىنكى ئىشلارنى ئالدىن بىلىپ تۇرغاندەك بىزەپ يېزىلسا ، ئۇنداق « ئەسلىمە » ئۆز چىنلىقىنى يوقىتىپلا قالماستىن ، بەلكى مەلۇم مۇددىئا بىلەن يېزىلغان سىياسىي ماقالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ – دە كىتاپخانىلارغا ئوبدان تەسىر بىرەلمەيدۇ ئەمەس ، بەلكى ھەرخىل پىكىر ، ئىنكاسلارنىڭ پە يدا بولۇشىدا سەۋەپ بولىدۇ .


        « شىنجاڭنىڭ 50يىلى » ناملىق ئەسلىمە نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ( خەنزۇچىسى 1984-يىلى ، ئۇيغۇرچىسى 1986-يىلى نەشىردىن چىقتى ) جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئىنكاسلار پەيدا بولدى . بەزەنلەر : « ئاپتور ئەسلىمىنى چىنلىق بىلەن يازماپتۇ » دېسە ، بەزەنلەر ، « ھەممىنى ئۆزىگە ئوڭ كەلتۈرۈپ يېزىپتۇ » دېيىشتى . 25ياشلار چامىسىدىكى بىر نەپەر خەنزۇ زىيالىسى « شىنجاڭنىڭ 50يىلى » ناملىق ئەسلىمىنى كۆرۈپ چىقتىم . ئەسلىمىدە ئاپتور ئۆزىنى كۆرسىتىشكە جىق كۈچەپ كېتىپتۇ ! ... دېدى . شۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ بۇ كىتاپتىن بىرنى سېتىۋېلىپ كۆرۈپ چىقتىم . نەتىجىدە كىشىلەر ئېيتقاندەك « ئەسلىمە » دە يېتەرسىزلىكلەر ، نۇقسانلار بارلىقىنى ھېس قىلدىم .
        كىتاپنىڭ كىرىش سۆزىدە ئاپتورنىڭ : « تارىخى پاكىتلار جەھەتتىكى خاتالىقلار ، نۇقتىئىنەزەر جەھەتتىكى  نۇقسانلار كىتاپخانىلارنىڭ خۇسۇسەن شۇ تارىخنى باشتىن كۆچۈرگەن ۋە بىلىدىغان كىتاپخانلارنىڭ تۈزىتىشىگە قالدى ! » دېگەن ھاۋالىسى ماڭا زور ئىلھام ۋە مەدەت بولدى – دە ، ئىلىم يۈزىسىدىن « ئەسلىمە » دىكى خاتا – نۇقسانلارنى تۈزىتىش ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئۆز پىكرىمنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلماقچى بولدۇم .


2.ئوقۇش تارىخى توغرىسىدا

       بۇ ھەقتە ئاپتور مۇنداق يازىدۇ : « بوۋام غۇبەيدۇللانىڭ ھاۋالىسى بىلەن چوڭ ئاتام ئەتەيتۇللاغا ساماۋەر قايتىتىپ بەرگەچ ئەرەپچە ۋە قۇرئان ئۆگىنىشكە باشلىدىم . شۇ يىلى كۈزدە بوۋام قازا تاپتى . ئاتام ئوقۇش دېگەن نىمىگە ئەسقاتىدۇ . ئۆيگە قايتىپ ئىش قىلغانغا يەتمەيدۇ دەيتتى .... » .
      جۈملىنىڭ ئورانىدىن قارىغاندا ، ئاپتورنىڭ چوڭ ئاتىسى ئەتەيتۇللادا ئەرەپچە ۋە قۇرئان ئۆگىنىشكە باشلىغان يىلىنىڭ كۈزلىكى بوۋىسى قازا تېپىپ ئوقۇشتىن توختاپ قالغانلىقى كۆرىنىپ تۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر يىل ئىچىدىلا ئاپتور ئەرەپچە بىلەن قۇرئان ئوقۇشنى بىلىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . ئاپتور ئوقۇش تارىخى توغرىسىدا بەرگەن مۇنداق ئاددىي بايان بىلەن كىتاپخانىلارنى قايىل كەلتۈرەلمەيدۇ . چۈنكى ئەمدىلا 12-13ياشلارغا كىرگەن ھەرقانداق بىر بالىنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئەرەپچە ۋە « قۇرئان » ئۆگىنىشنى باشلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . بۇ نۇقتىنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەرقانداق ئادەم ئوبدان چۈشىنىدۇ . دىنىي ئوقۇش قائىدىسىدىن ئېيتقاندا بالىلار بىر قانچە يىلغىچە ئۇششاق سۈرە ئوقۇيدۇ . ئاندىن تاختىغا چىقىدۇ ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەپتىيەك ئوقۇپ ئاخىرىدا قۇرئان ئوقۇشقا كىرىشدۇ . قىرائەت ئوقۇش ئۇ يەنە باشقا بىر گەپ . بۇ خېلى قىيىن ۋە جاپالىق جەريان . ئەمما ئاپتور بۇ ھەقتە تولىمۇ ئاددىي بايان بەرگەن . بۇنداق بايان كىشىنى زادىلا قايىل قىلالمايدۇ .  
        كېيىنكى باسقۇچلۇق ئوقۇش تارىخىمۇ ئاددىي بايان قىلىنغان . مەسىلەن : « قازانغا باردىم . تاغام مېنى « مۇھەممىدىيە » مەكتىپىگە مەرتلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇردى ... مەكتەپتە مەن يۇقىرى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇللا بىلەن تونۇشتۇم . ئۇ ماڭا دائىم ماقالا كۆچۈرتكىزەتتى .... كېيىن ئۇنىڭ گېپى بىلەن ساۋاقدىشىم بايازىت بىلەن مەسلىھەتلىشىپ 30 نەچچە ئوقۇغۇچىنى دەرس تاشلاشقا ئۇيۇشتۇردۇق . شۇ سەۋەبتىن بايازىت بىلەن ئىككىمىز مەكتەپ تەرىپىدىن بىر كۈن نەزەر بەنتكە ئېلىندۇق . بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ ھاياجانغا كەلگەننىڭ سىرتىدا ئازراق غورورۇممۇ ئاشتى ».
        « تاغامنىڭ ھال ئوقىتى ياخشى بولمىغاچقا ، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي تاغامنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە « مائارىپ » دېگەن بىر كىتاپخانىغا شاگىرتلىققا كىرىپ ئىككى يېرىم يىل ئىشلىدىم . بۇ يەردە خىزمەت ئېغىر ، ئىش ئالدىراش بولسىمۇ ، ۋاقىت چىقىرىپ بىر مۇنچە كىتاپ ئوقۇدۇم . رۇسچىنى ئەنە شۇ چاغدا ئۆزلىكىمدىن ئۆگىنىشكە كىرىشكەنىدىم ، « يىۋگىنى ئونىگىن » ، « ئاننا كارىننا » قاتارلىق مەشھۇر كىتاپلارنىمۇ ئەشۇ چاغلاردا ئوقىغانىدىم . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بوغالتىرلىق بىلىملىرىنىمۇ ئۆگەندىم . بۇلار مېنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرىمدە تولىمۇ ئەسقاتتى ... كېيىن ئىسمائىل ھاجى دېگەن كىشى بىلەن 1912-يىلى 9-ئايلاردا ( 18يېشىمدا ) شىنجاڭغا كېلىپ ئۈرۈمچىدە تىيەنشىڭ سودا فېرمىسىدا ئىشلىدىم !» .

         يوقۇرقى بايانلار ئاپتورنىڭ پۈتكۈل ئوقۇش تارىخى بولۇپ ، 12-13يېشىدا (1906-1907-يىللىرىدا ) بوۋىسى غۇبەيدۇللادىن ئوقۇپ بىلىملىك ئادەم بولۇش توغرىسىدا نەسىھەت ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەرەپچە ۋە قۇرئان ئوقۇشقا باشلىغان ئاپتور 1908-يىلى قازانغا بېرىپ « مۇھەممىدىيە » مەكتىپىگە كىرىپ تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلىملىرىنى ئىگەللەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مەكتەپ ئىچىدە ئىنقىلابى پائالىيەتلەرنىمۇ ئىشلىگەن ، بۇ پەقەت 13ياشتىن 16ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىشلار ... ئۇنىڭدىن كېيىن « مائارىپ » كىتاپخانىسىدا ئىككى يېرىم يىل شاگىرت بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا رۇسچە بىلىم بىلەن بوغالتىرلىق ئىلمىنى ئۆگىنىپ بولغان ...
        ئوقۇش تارىخىدىكى قىسقا جەريان بىلەن بۇ ئاددىي بايان ، ئاپتورنىڭ پۇتكۈل سالاھىيىتىگە ئانچە مۇۋاپىق كەلمىسە كېرەك . چۈنكى ئاپتور ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئەمەس ، بەلكى خېلى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە ئىقتىساسلىق ۋە ئىقتىدارلىق سىياسئون بولۇپ ئۆمرىدە بىر قانچە تىلنى – رۇسچە ، خەنزۇچە ، نېمىسچە تىللارنى ئىگەللەپ سىياسىي ۋە ئىلمى خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن مەشھۇر ئەرباب . شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك ئاددىي ئوقۇش تارىخي كىتاپخانىلارنى قايىل قىلمايدىلا ئەمەس بەلكى قاتتىق تەئەججۇپلەندۈرىدۇ . ئاپتور ھېچبولمىغاندا خەنزۇچە ئوقۇش تارىخى بىلەن تىمىسچە ئوقۇش تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە بولسىمۇ ئىزاھ بېرىشى لازىم ئىدى . ئەپسۇسكى ئاپتور ئۇنداق قىلمىغان .
شۇنىڭدەك ئاپتور قازان « مۇھەممىدىيە » مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ( 13-14ياش ۋاقتى ) يۇقىرى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇللانىڭ تاپشۇرىقى بويىچە ساۋاقدىشىم بايازىت بىلەن مەسلىھەتلىشىپ دەرس تاشلاش ھەركىتى ئۇيۇشتۇردۇم . بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ ھاياجانغا كەلگەننىڭ سىرتىدا ئازراق غورۇرۇممۇ ئاشتى ، دېگەنلىكى كىتاپخانلارنى يەنە بىر قېتىم ئەجەبلەندۈرمەي قالمايدۇ . چۈنكى 13-14-ياشلىق بالىنىڭ شۇنچىلىك نازۈك ۋە كەسكىن ئىشلارنى قىلالىشى تەسەۋۋۇرغا ئانچە سىغمىسا كېرەك ! .

 

3.ياڭ زىڭشىن دەۋرىدىكى بەزەن سەكرەتمە بايانلار توغرىسىدا


         ئۈرۈمچىدە شەخسلەر باشقۇرىشىدىكى « تيەنشىڭ فىرمىسى » دا دۇكان خىزمىتى قىلىۋاتقان ئاپتور 1921-يىلغا كەلگەندە ئىككى قېتىم چۆچەككە بېرىپ تامۇژنا ھېساباتىنى تەكشۈرۈپ كېلىش بىلەن بىردىنلا دۇكان خىزمەتچىلىكىگە قوشۇمچە ھۆكۈمەت خادىمى بولۇپ قالىدۇ .بۇنىڭ ئارقىدىنلا ئىككى مىڭ يىلقىسى بار فېرمىنى باشقۇرىدىغان ھەيئەت ، تاشيول –قاتناش ئىدارىسىغا ھەيئەت ، قوشۇمچە شوپۇرلۇق مەكتىپىگە مۇدىر بولۇپ بەلگىلىنىدۇ .بۇ ئىشلار شۇ يىللاردىكى تارىخى ئەمەلىيەت .لېكىن قۇۋلۇق –شۇملۇقتا ، گۇمانخورلۇقتا ئۇچىغا چىققان ياڭ زېڭشىندەك ئالىي ھۆكۈمراننىڭ مۇنداق زور ئىشەنچىنى ئاپتور قانداق قولغا كەلتۈردى دېگەن مەسىلىدە كىشىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ .ئەمما ئاپتور بۇ مەسىلىنى «ياڭ زېڭشىن مېنىڭ پاك ئادەم ئىكەنلىكىمگە قاراپ ئىشەندى » دەپ ئىسپاتلىغان . ئەپسۇسكى مۇنداق ئاددىي ئىسپاتلاش كىتاپخاننى قانداقمۇ قايىل قىلالىسۇن !
پاك ئادەملەرگە پاك ئادەملەرلا ئىشەنچ قىلىشى مۇمكىن .ناپاك ئادەم قول ئاستىدىكى ئادەملەرگە ئىشەنچ قىلىشتا ، ئۇلارنىڭ پاك بولۇش – بولماسلىقىنى ئۆلچەم قىلىشى ناتايىن . 


     ئۇنداق بولسا ياڭ زېڭشىن پاك ئادەممۇ ؟
     شۇنى قەتئىي ئېيتىشقا بولىدىكى ، تارىخ بىزنى ، ياڭ زېڭشىننىڭ ، « پاك ئادەم »ئىكەنلىكىنى ھېچقانداق ئىسپات بىلەن تەمىنلىمەيدۇ .بەلكى قۇۋلۇق –شۇملۇق بىلەن قان كېچىپ يۇرت سورىغان ئىستىبدات ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلايدۇ ئەھۋال شۇندىە ئىكەن بۇ تىپىك ئىستىبدات قانداق قىلىپ ئاپتورنىڭ پاك ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۆلچەم قىلىپ ئىشەنگەندۇ ؟ !بۇ مەسىلە كىشىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ .بۇ يەردە ئاپتور مەسىلىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ . مەسىلەن : رۇسيە – جۇڭگو داۋشىن بانكىسىنىڭ تەرجىمانى فەن زۇخۇەن ئارقىلىق مالىيە نازىرى فەن جىنغا ، نازىر ئارقىلىق ياڭ زېڭشىنغا تونۇشتۇرۇلغان ئاپتور يالغۇز ئۆزىنىڭ پاكلىقى بويىچىلا شۇ قەدەر زور ئىشەنچىگە ئىگە بولغانمىدۇ !  بۇ ئارىلىقتا تەرجىمان فەن زۇخۇەن بىلەن  تونۇشۇش ، « ياخشى » تەسىر پەيدا قىلىش ، ئاندىن نازىرنىڭ ئېتىۋارىغا ئىگە بولۇش ، ئەڭ ئاخىرىدا ياڭ زېڭشىننىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولۇش جەريانلىرىدا ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ، دىنىغا پسەت كېلىدىغان ھېچقانداق ئىش ۋە مۇناسىپ ۋاستىلار بولمىغانمىدۇ ! بىزنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلىلەر دەل مانا مۇشۇ يەردە !
      يۇقىرقى بايانلاردىن شۇنى چۈشەنگىلى بولىدۇكى :دۇكان خىزمەتچىلىكىدىن ئەمدىلا ھۆكۈمەت خادىمى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان ئاپتور بىرىنچىدىن شىنجاڭنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانى ياڭ زېڭشىنغا يېقىن ھەم ئىشەنچىلىك بولۇش ؛ ئىككىنچىدىن ياڭغا قارشى گۇرۇھ باشلىقى فەن ياۋنەن بىلەنمۇ ئىناق ھەم يېقىن بولۇپ ئۇنىڭ سىياسى تەشەببۇسلىرىنى ھىمايە قىلىش ، ئۈچىنچىدىن يېقىن ئاغىنىلىرى بىلەن ئۆز ئالدىغا گۇرۇپپا ياكى تەشكىلات قۇرۇپ شىنجاڭدىكى زۇلمەتچىلىكىنى تۈگىتىش قاتارلىق ئۈچ خىل پائالىيەتتە تەڭلا رول ئوينايدۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۆز ئالدىغا ئايرىم مەقسىتى بار ئاپتور مۇناسىۋەت جەھەتتە ھەممىلا تەرەپ ، ھەممىلا ئادەم بىلەن كېلىشىپ ئىچ قويۇن –تاش قويۇن بولۇپ ئۆتكەنلىكى كۆرىنىپ تۇرىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياڭ زېڭشىن گەرچە ئاپتورنىڭ « پاك » ئادەم ئىكەنلىكىگە قاراپ زور ئىشەنچ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئاپتورنىڭ ياڭ زېڭشىنغا نىسبەتەن « پاك » ئەمەسلىكى ئىسپاتلىنىدۇ ، بۇ مەسىلىلەرنى زادى قانداق چۈشىنىش كېرەك !؟


     
4.مەخپىي گۇرۇپپا – تەشكىلات قۇرۇش مەسلىسى توغرىسىدا

ئاپتور ئەسلىمىسىنىڭ 227-بېتىدە مۇنداق يازىدۇ : « شۇ چاغدا مەن تېخى تاھىر بەگ ، مەخسۇت ( مۇھىتى ) ، كېرەمخان دېگەنگە ئوخشاش يېقىن ئاغىنىلىرىم بىلەن بىللە مەخپىي گۇرۇپپا قۇردۇم .مېنى گۇرۇپپا باشلىقى قىلىشتى ....كېيىن بۇ گۇرۇپپىغا شارىپغان ، سىڭلىمنىڭ يولدىشى ھەيدەر قاتناشتى .....بىز فەن ياۋنەننىڭ تەشەببۇسلىرىنى ھىمايە قىلاتتۇق ....»
307-بەتتە يەنە مۇنداق يازىدۇ : « 1922-يىلى 8-ئايدىلا بىز بىر قانچە ئىلغار ئۇيغۇر ياشلىرى ئىستىغيىلىك تۈردە بىر مەخپىي تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشقانىدۇق . بۇنىڭ ئىچىدە لۈكچۈنلىك تاھىر بەگ ، قەشقەرلىك كېرەم چوڭ ھاجى ، بايلىق ئايۇپ (بەگ ) لەر بار ئىدى . بىزنىڭ ئۇ چاغدا ئىدىيىمىز مىللىي دېموكرات ئىنقىلاپ كاتىگورىيىسى بىلەنلا چەكلەنگەچكە مىللى زۇلۇمغا .... قارشى تۇراتتۇق .... كېيىن تۇرپانلىق ياشلاردىن مەخسۇت ( مۇھىتى ) يۈنۈسبەگ ، ھەيدەر ، ئالتايلىق قازاق ياشلاردىن شارىپخانلارمۇ قاتناشتى .بىز پانتۈركىستلارغا ئوخشىمايتتۇق . شىنجاڭدا قانداقتۇر بىر « مۇستەقىل دۆلەت » قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلمايتتۇق ... »
دېمەك 227-بەتتە يېزىلغان «يېقىن ئاغىنىلىرىم بىلەن بىللە مەخپىي گۇرۇپپا قۇردۇم ، مېنى گۇرۇپپا باشلىقى قىلىشتى ... » بىلەن 307-بەتتە يېزىلغان « بىز بىر قانچە ئىلغار ئۇيغۇر ياشلىرى ئىستىغىيىلىك تۈردە بىر مەخپىي تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشقانىدۇق ... » دېگىنى يەنى ئېيتىلىشتا « مەخپىي گۇرۇپپا قۇردۇم  » بىلەن « ئىستىخيىلىك تۈردە بىر مەخپىي تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشقانىدۇق »دەپ ئىككى مىجازدا ئېيتىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر گەپ بولۇپ ھەر ئىككىسى 1922-يىلىدىكى ئىشلاردۇر .
« ئۇنداق دېسىمۇ ماقۇل ، مۇنداق دېسىمۇ ماقۇل »دېگەندەك ئاپتور بىر مەسىلىنى ئىككى سەھىپىدە ، ئىككى
خىل تەلەپپۇزدا يازغان بولسىمۇ ماقۇل دەپ تۇرۇپ مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا كىرىشەيلى .بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن سالاھىيەت تەكشۈرۈش كېرەك :

 
1. تاھىر بەگ كىم ؟

      تاھىر بەگ لۈكچۈن ۋاڭ جەمەتىدىن بولۇپ خەنزۇچە ئوقۇپ مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوچۇق پىكىرلىك بىر زىيالى . شىنخەي ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىن جۇڭخۇا مىنگونىڭ تۈنچى قېتىم ئېچىلغان قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ بېرىپ رەئىس جۇمھۇرلىققا ( دا زۇڭتۇڭلۇققا ) سۇڭ جۇڭشەن ئەپەندىنى سايلاپ چىققان . ھەمدە سۇڭ جۇڭشەن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي –مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا ئالاھىدە تەكلىپ بېرىپ ، رەئىس جۇمھۇرنىڭ يوليۇرۇقى ۋە تەستىقنامىسىنى ئېلىپ كەلگەن . شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن ۋەكىللىك سالاھىتى بويىچە خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ مەرىپەت ۋە تەرەققىيات توغرىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان قابىلىيەتلىك ۋە خەلق ئىچىدە ئىناۋەتلىك جامائەت ئەربابى

2. مەخسۇت مۇھىتى كىم ؟

      مەخسۇت مۇھىتى تۇرپان ئاستانلىق بولۇپ ئاكا-ئۇكا تۆت بىر تۇغقان دېھقانچىلىق ۋە تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ خېلى راۋاج تاپقان تەرەققىپەرۋەر ، مەرىپەتپەرۋەر بايلاردىن ئىدى . ئۇ 1912-يىلى تۈنجى قېتىمدا تاتارىستان مەركىزى قازاندىن ھەيدەر سايرانى ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ چىقىپ تۇرپان ئاستانىدا ئۆز خىراجىتى بىلەن يېڭىچە پەننى مەكتەپ ئاچقان ؛ 1917-يىلىغا كەلگەندە مەرىپەتنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن مۇھىبىبول ئەپەندى ، گۈلەندەم ئابىستەي ، ئەلى مۇئەللىم قاتارلىق يەنە 6نەپەر ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ تۇرپان ، گۇچۇڭ ، چۆچەكلەردە ئۆز خىراجىتى بىلەن « مەخسۇدىيە » نامىدا مەكتەپلەر ئېېچىپ مائارىپقا ئۆچمەس ھەسسە قوشقان يارقىن مەرىپەتچى ، شۇنداقلا تىجارەتتە چوڭ شىركەت (فېرما )قۇرۇپ ئۈرۈمچىدىكى روسيە سودىگەرلىرى بىلەن رىقابەتلەشكەن يەرلىك بايلاردىن ئىدى .
       يۇقىرقى ئىككى كىشىنىڭ سالاھىيىتىدىن قارىغاندا ئىلغارلىق تەرەققىپەرۋەرلىك ، ئىنايەت –ئابروي جەھەتلەردە ئۇلار، ئاپتوردىن بالدۇر ھەم يوقىرى ئورۇندا تۇرۇپلا قالماستىن ياش –قورام جەھەتتىمۇ ئاپتوردىن خېلى چوڭ . ئاپتور تېخى شىنجاڭغا كەلمەستىن بۇرۇنلا ئۇ كىشىلەر تەرەققىپەرۋەرلىك يولىنى تاپقان دىسەكمۇ مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز .ئەھۋال شۇنداق ئىكەن ، ئەجەبا 1922-يىلىغا كەلگەندە بۇ كىشىلەر قانداق قىلىپ تىيەنشىڭ فېرمسىنىڭ بىر خىزمەتچىسى قۇرغان گۇرۇپپىغا ئەزا بولۇپ ، ئۇنى گۇرۇپپا باشلىقى قىلىپ سايلاپ ئۇنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنىدىغان بولۇپ قالغاندۇ ! بۇ ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەسمۇ !
      شۇنىڭدەك ياش قورامى جەھەتتىمۇ مەخسۇت مۇھىتى بىلەن تاھىر بەگلەر شۇ يىللىرى 40تىن ئاشقان چوڭ كىشىلەر ئىدى .ئاپتور بولسا شۇيىللىرى يېشى 30غا توشمىغان بىر ياش .شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاپتور ئۆزىدىن ئون نەچچە ياش چوڭ كىشىلەرنى « يېقىن ئاغىنىلىرىم » دەپ ئاتايدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىدە بىر – ئىككى ياش پەرقلىنىدىغان تەڭ قۇرداش كىشىلەرلا بىر –بىرىنى « ئاغىنەم » دەپ ئاتىشى مۇمكىن . دېمەك ياش پەرقنىڭ بۇ قەدەر چوڭ بولىشىدىن قارىغاندىمۇ ئاپتورنىڭ ئۇلارنى «ئاغىنىلىرىم »دەپ ئاتىشى كىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەجەپلەندۈرمەي قالمايدۇ.
     دېمەك سالاھىيەت مەسىلىسى بىلەن ياش پەرقىغە قارىغاندا ئاپتورنىڭ يېقىن ئاغىنىلىرىم بىلەن بىر مەخپىي گۇرۇپپا قۇردۇم ياكى تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشتۇق دېگەنلىرى نېمىچۈندۇر كىشىنى ئانچە قايىل قىلالمايدىلا ئەمەس بەلكى گۇمانلاندۇرىدۇ !

       بىز بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۇقتىلارغا بىر قۇر نەزەر سېلىپ ئۆتەيلى . مەسىلەن : ئاپتور قۇردۇم دېگەن گۇرۇپپا ياكى تەشكىلاتنى ، فەن ياۋنەننىڭ سىياسى تەشەببۇسلىرىنى قوللىغۇچى ، ھىمايە قىلغۇچى قىلىپ كۆرسىتىگەن ئىدى . ئەمەلىيەتتە بۇ تەشكىلات فەن ياۋنەننى قوللاش يۈزىسىدىن قانداق ۋە قانچىلىك ئىش قىلدى . بۇ ھەقتە ئاپتور باشتا ئېيتقان بىر جۈملە سۆزدىن باشقا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەيدۇ . فەن ياۋنەن تاكى 1928-يىلىغا كەلگەندىلا سىياسى ئۆزگىرىش قىلماقچى بولۇپ ياڭ زېڭشىننى ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ ، مۇۋەپپىقىيەتسىزلىككە ئۇچراپ ئۆزىمۇ ھالاك بولۇپ تۈگەشتى . ئەھۋال بۇ دەرىجىگە يەتكەندە ئاپتور ئۆز كىتاپىنىڭ 241-بېتىدە : « فەن ياۋنەننىڭ تەشەببۇسلىرىنى قۇۋەتلىگەن بولساممۇ ، ئەمما مەن ئۇنىڭ ياڭ زېڭشىننى قەستىلەپ ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى راستىنلا بىلمەيتتىم » دەپلا چەتكە چىقىپ كېتىدۇ . خالاس ! .
      مۇشۇ ئەھۋاللارغا قارىغاندا ئاپتور قۇردۇم دېگەن گۇرۇپپا ياكى تەشكىلات ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت نەرسىمۇ ياكى مەۋجۇت ئەمەسمۇ دېگەن مەسىلىدە كىشىنىڭ گۇمانىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ .
     ئاپتور ئۆزى قۇردۇم دېگەن گۇرۇپپا ياكى تەشكىلاتنى 30-يىللاردىكى قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئالاقىدار قىلىپ كۆرسەتكەندىن تاشقىرى 33-يىلىدىكى تۇرپان خەلق قوزغىلىڭىنى تەشكىللەپ قوزغىغۇچى يادرو سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ يەنە مۇنداق يازىدۇ :
       « قومۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن مەخسۇت ( مۇھىتى ) چەتئەلدە بولغاچقا ھەيدەر ( ئاپتور 1929-يىلى چەتئەلگە چىقماقچى بولغاندا ئۆز ئورنىغا ھەيدەرنى گۇرۇپپا باشلىقى قىلىپ كەتكەن ئىكەن ... ) كۆپچىلىك بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، بۇنى جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىشنىڭ ئوبدان پەيتى دەپ ھېساپلاپ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى . 1932-يىلى مەخسۇت ( مۇھىتى ) چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 11-ئايدا ئۈرۈمچىدىن يۇرتى تۇرپان سىڭگىمگە (ئەسلىدە ئاستانىغا دەپ يېزىلسا توغرى بولاتتى )بېرىپ شۇ يەردىكى دېھقانلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرىشىگە تەشكىللەيدۇ » ( 310-بەت )
       ئەسلىمىسىگە قارىغاندا چەتئەلدە يۈرگەن ئاپتورنىڭ ۋەكىلى ھەيدەر ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ تۇرپان خەلق قوزغىلىڭىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىنى كۆرگەنمىش .... مەخسۇت مۇھىتى چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن ھەيدەرنىڭ تەييارلىقى ئاساسىدا سىڭگىمدىكى دېھقانلارنى تەشكىللەپ قوزغىلاڭ كۆتەرگەنمىش ...

بىز ئەمدى پاكىتقا يۈزلىنەيلى :
        مەخسۇت موھىتى 1932-يىلى موسكىۋادا «پراۋدا » گېزىتىدىن قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىدۇ ، ئۈرۈمچى ئارقىلىق تۇرپانغا چۈشۈپ يۈنۈسبەگ ، تاھىر بەگ ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق 14كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئىنقىلابىي تەشكىلات قۇرۇپ تۇرپان ئاستانىدا قوزغىلاڭ كۆتىرىدۇ .
      بۇ تارىخى ئەمەلىي پاكىت ، خەنزۇ ، ئۇيغۇر تىللىرىدا جۇڭگو ۋە چەتئەللەردە يېزىلغان قانچە ئون تارىخ ۋە ئەسلىمىلەردە ئورتاق ئېتراپ قىلىنغان بۇ پاكىت ئاپتورنىڭ كىتابىدا : مەخسۇت ( مۇھىتى ) چەتئەلدىن كېلىپ ، ۋاكالىتەن تەشكىلات باشلىقى بولۇپ ئىش بېجىرىۋاتقان ھەيدەرنىڭ كۆرگەن تەييارگەرلىكى ئاساسىدا تۇرپاندىكى سىڭگىمگە بېرىپ دېھقانلارنى قوزغىلاڭ كۆتىرىشكە تەشكىللىدى دېگەندەك تەلەپپۇزدا يېزىلغانلىقى كىشىنى ئەجەبلەندۈرۈپلا قالماستىن بەلكى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ !.
       شۇنى ئويلاپ يەتكىلى بولىدىكى ئەگەر ئاپتور 22-يىللاردىلا ئۆزەم قۇردۇم دېگەن گۇرۇپپا ياكى تەشكىلاتقا گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ سايلانغان ۋە بۇ سالاھىيىتىنى 1932-يىللارغىچە ساقلاپ كەلگەن بولسا ، شۇنىڭدەك ئاپتور شۇ يىللىرى ئۆزى چەتئەلدە ( روسيە ، گىرمانىيىدە جىن شۇرېن ئۈچۈن ئىش بېجىرىۋاتاتتى ) بولسىمۇ ، ئۆز ئورنىدا قالدۇرغان ئىش بېجىرگۈچى ھەيدەر ئارقىلىق قوزغىلاڭ كۆتىرىشكە تەييارگەرلىك كۆرگەن بولسا ، ئەجەبا مەخسۇت مۇھىتى چەتئەلدىن قايتىپ تۇرپانغا كېلىپ 14كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئىنقىلابىي تەشكىلات قۇرغان چاغدا نىمىچۈن ئاپتور بىلەن ھەيدەرنىڭ ئىسمىنى تەشكىلات ئىسىملىكى ئىچىگە كىرگۈزمىگەندۇ !گەرچە ئاپتور گىرمانىيىدە جىن شۇرېن ئۈچۈن ئىش بىجىرىۋاتقان بولسىمۇ (ۋەتەندە يوق بولسىمۇ )نىمىچۈن پەخرى ئەزا
سۈپىتىدە بولسىمۇ ئىسىملىككە يېزىپ قويۇلمىغاندۇ ! . كىتاپخان شۇنداق ئويلاشقا تامامەن ھەقلىق ! . 


  بىز يەنە كىتاپنىڭ 323-سەھىپىسىدە يېزىلغان تۆۋەندىكى قۇرلارغىمۇ نەزەر سېلىپ كۆرەيلى :
« بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزايىمىز مەخسۇت قۇربان بولۇپ كەتتى . تاھىر بەگدىن خەۋەر يوق . كېرەم چوڭ ھاجى قەشقەردە .... ئۇلار ھازىر نىمە ئىش قىلىۋاتىدىغاندۇ ! كۈچلەرنى قانداق تەشكىللەۋاتقاندۇ . ئۇلار ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىققا قارشى بىرلىكسەپ تەشكىل قىلالىسىغۇ بەك ئوبدان بولاتتى .جاھانگىرلىكىنىڭ بىزنى مۇستەقىل مۇسۇلمانلار دۆلىتى قۇرۇشقا كۈشكۈرتۈش سۈيقىئەستىدىن ھوشيار بولىشىمىز كېرەك .بىز بۆلگۈنچىلىك قىلماي جۇڭگو بايرىقى ئاستىدا ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشىمىز كېرەك .بۇ پرىنسىپال مەسىلىنى دوستىلىرىمغا بۇرۇنلا دېگەن . ئۇلارمۇ قوشۇلغان .چوقۇم مۇشۇ پرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرىدۇ .لېكىن مەخسۇتنىڭ قۇربان بولۇپ كېتىشى خىزمىتىمىزگە ناھايىتى چوڭ زىيان كەلتۈردى ....ئابدۇخالىق مىجىتمۇ (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر )تۇرپاندا تىز پۈكمەستىن قەھرىمانلىق بىلەن قۇربان بولدى ...قەيەرلەردە يۈرۈيدىكىن ...شارىپخان ئالتايغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇنىڭ جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرىشىغا ئىشىنىمەن ! ....

ئاپتورنىڭ شۇ يىللاردىكى ئومۇمىي ئەھۋالىنى يورۇتۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى قۇرلارنى كۆرۈپ چىقايلى . مەسىلەن : ئاپتور كىتاپنىڭ 226-27-بەتلىرىدە مۇنداق يازىدۇ : « ئۇنىڭ ( ياڭ زېڭشىننىڭ ) ماڭا تۇتقان پوزىتسىيىسى ياخشى بولسىمۇ ، مەن شىنجاڭدىكى زۇلمەتچىلىكىنى تۈگىتىش كېرەك دەپ ھېساپلايتتىم . شۇنىڭ ئۈچۈن 1922-يىلى مەن ئاغىنەم مىرزاجان بىلەن بىللە « يېڭى ھايات » ژۇرنىلىنى مەخپىي چىقاردىم » .
     227-بەتتە :« شۇ چاغدا مەن تېخى تاھىر بەگ ، مەخسۇت ( مۇھىتى ) ، كىرەمخان دىگەنگە ئوخشاش يېقىن ئاغىنىلىرىم بىلەن بىللە مەخپىي گۇرۇپپا قۇردۇم ، مېنى گۇرۇپپا باشلىقى قىلىشتى . بۇ گۇرۇپپا ئاساسەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا فەن ياۋنەننىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلاتتى ، ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنى ھىمايە قىلاتتى ... »
    شۇنىڭدەك ئاپتور ئۆز كىتابىدا ، فەن ياۋنەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە يېقىن ھەم ئىشەنچىلىك بولۇپ ئۇنىڭ سىياسى ۋە ئىدىيىۋى كۆز قاراشلىرىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى كۆپ يەردە تەكرارلىغاندىن تاشقىرى فەن ياۋنەن گەرچە ئاپتورغا ياڭ زېڭشىنغا قارشى سۈيىقەست پىلانلاپ سىياسى ئۆزگىرىش قىلماقچى بولغانلىقىنى ئوچۇق – ئاشكارا ئېيتمىغان بولسىمۇ ، ئاپتور ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھامان شۇنداق بىر ئىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى سېزىپ يۈرەتتىم دەپ ئىزاھلايدۇ . ھەممە شۇ يىللىرى ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن غەربىي شىمال ئىلمى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى شۈبىڭچەن دېگەن كىشى بىلەنمۇ يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىتىن ئۇ كىشى ئارقىلىق فەن ياۋنەننىڭ ياڭ زېڭشىنغا قارشى ئىدىيىسى بارلىقىنى ئاڭلىدىم دەپ يۇقۇرقى مەزمۇنلارنى تېخىمۇ پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ .

      1.ئاپتور 1933-يىلى 1- ئاينىڭ 25- كۈنى چەتئەلدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ شۇ يىلى 3- ئاينىڭ 27- كۈنى جىن شۇرىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەنە چەتئەلگە خىزمەتكە ماڭغان ؛ 
     2.ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىقلار 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇرپان شەھىرىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ؛
      3.مەخسۇت مۇھىتى قومۇلدىن خوجىنىياز ھاجىنى تەكلىپ قىلىپ 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ( 10- زۇلھەججە ) خاندوغا كەلگەن .


         يوقىرقى قۇرلارنى ئوبدان چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ۋاقىتلارنى ئالدىن كۆرۈپ ئۆتەيلى :

 


      ئەمدى بىز ئاپتورنىڭ 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى يازغان خاتىرىسىدىن «بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزايىمىز مەخسۇت ( مۇھىتى ) قۇربان بولۇپ كەتتى ... » دەپ باشلانغان ئابزاسنى ئوقۇغىنىمىزدا ، تېخى قوزغىلاڭ قاينىمىدا ھايات يۈرگەن مەخسۇت مۇھىتى قانداق قىلىپ ئاپتورنىڭ 3-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خاتىرىسىگە «قۇربان بولۇپ كەتتى ...»دەپ يېزىلىپ قالغاندۇ !دەيدىغان ئەجەبلىنەرلىك بىر سوئالنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمەي تۇرالمايمىز !
 
        بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى ئاپتورنىڭ 1933-يىلى 3- ئاينىڭ 27- كۈنى يازغان خاتىرەم دېگىنى ئەينى ۋاقىتتا يېزىلغان خاتىرە ئەمەس ، بەلكى كېيىنكى كۈنلەردە يەنى ئاپتور ۋاقىت – ماكاننى ئۇنتۇپ قالغان ياكى ئېسىگە ئالالماس بولۇپ قالغان چاغلاردا ئاتايىن يازغان . ( ئەمما بىز 3- ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 4- ئاينىڭ 9-كۈنىگە قەدەر ئۈرۈمچىدىن – چۆچەك ئارىلىقىدا كۆرگەن – بىلگەنلىرىنى يازغان خاتىرىسىدىن ئانچە گۇمان قىلمايمىز – ئەلۋەتتە .) بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى ، جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان ئىشلىرىنى بېجىرىشتە مۇھىم خىزمەتكە كېتىۋاتقان ئاپتورنىڭ ئېھتىيات قىلىش يۈزىسىدىن بولسىمۇ ، ئۆز خاتىرىسىگە تۇرپان قوزغىلىڭىغا ئۇ قەدەر كۆيدى –پىشتى بولىۋاتقانلىقىنى ۋە قوزغىلاڭنىڭ ئومۇمىي نىشانى توغرىسىدا باش قاتۇرىۋاتقانلىقىنى ھەرگىز يازمايدۇ .چۈنكى ئاپتور بىرىنجىدىن ئېھتىياتچان ئادەم .ئىككىنجىدىن ئاپتور شۇ يىللاردا ئاساسەن جىن شۇرېنغا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خادىم . بولۇپمۇ جىن شۇرېننىڭ چەتئەلدە بولىۋاتقان نازۈك ئىشلىرىنى بىجىرگۈچى بىر خادىم .ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى تەرەپتە تۇرۇپ قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان سالاھىيىتىنى ئۇنداق ئاسانلا ئاشكارىلاپ خاتىرىسىگە يېزىپ قويماسلىقى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن . 


       27- چىسلادىكى خاتىرىنىڭ ئاخىرىدا ( 324-بەتتە ) ئاپتور يەنە مۇنداق يازىدۇ : « مەن ھەيدەر بىلەن سۆزلىشىپ ، ئۇنىڭ ئىلاجى بار مېنىڭ نامىمدا خەت يېزىپ تاھىر بەگ ، كېرەم چوڭ ھاجى ، يۈنۈسبەگلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرۈشتى ، مەھمۇت ( مۇھىتى ) بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ بېقىشنى ئېيتتىم . مەھمۇت بىز بىلەن بىر پىكىردە ئەمەس ، لېكىن بىز خىزمەت ئىشلەپ ئۇلارنى ئۆزىمىزگە جەلىپ قىلىشىمىز كېرەك . » 


        يوقۇرقى مەزمۇندىن قارىغاندا ئەتە ماڭىمەن دېگەن ئاخشىمى ئاپتور كۈيئوغلى ھەيدەرگە شۇ سۆزلەرنى قىلغاندەك تۇرىدۇ . ئېھتىمال ، بەلكى شۇنداق سۆزلەشكەندۇ !ئەمما خەت يازىدىغان كىشىلەرنىڭ قەيەردىلىكىنى ھەيدەر بىلەمدىغاندۇ ؟ ئەسلىمىسىنىڭ باش قىسمىدا « شۇ كىشىلەر نەدە يۈرۈيدىغاندۇ » دەپ قايغۇرغان ئاپتور بىلەمدىغاندۇ ؟ مېنىڭچە ئۈرۈمچىدە مۇھاسىرە ئىچىدە تۇرىۋاتقان ئاپتور ئۇلارنىڭ قەيەردىلىكىنى ئانچە بىلمىسە كېرەك .تارىخنىڭ كۆرسۈتىشىچە مەخسۇت موھىتى قومۇلغا خوجىنىياز ھاجىنى باشلاپ چىقىش ئۈچۈن كەتكەن . تېخى قايتىپ كەلمىدى ، تاھىربەگ ، ماجۇڭيىڭنى 2-قېتىم تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن قارا شەھەردىن سۇجۇغا كەتكەن ، يۇنۇسبەگ بولسا جەنۇبقا مېڭىپ ئاقسۇدا تۆمۈر سىجاڭغا يېتىشىپ پىدائىلار سېپىگە قوشۇلۇپ ئاقسۇ ۋە تۇنشۇقتا بولغان ئۇرۇشلارغا قاتناشماقتا .مەھمۇت موھىتى بولسا قارا شەھەردە ئىككى مىڭغا يېقىن پىدائى قوشۇنلارنى رەتكە سېلىپ تۇرپانغا قايتا ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى كۆرمەتە . ھەيدەر ، ئاپتورنىڭ نامىدا مانا شۇ كىشىلەرگە خەت يېزىشى كېرەك .قانداق مەزموندا خەت يازىدىغاندۇ !.....ئىنقىلاپ دولقۇنلىرىدا ئەمەلى ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىپ خەت يازامدىغاندۇ !...‹‹مەھمۇت (موھىتى )بىز بىلەن بىر پىكىردە ئەمەس،لېكىن بىز خىزمەت خىزمەت ئىشلەپ ئۇلارنى ئۆزىمىزگە جەلىب قلىشىمىز كېرەك ...››دېگىنىگە قارىغاندا مەھمۇت مۇھىتى بىلەن ئاپتورنىڭ پىكىردە بىرلىككە كىلەلمەيۋاتقان قانداق ئىختىلاپ باردۇ ؟ .
       مەھمۇت موھىتى بولسا ئىسسىق ئۆيىنى تاشلاپ تاغ-دالىغا ئاتلىنىپ جىن شۇرىن ھاكىمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ شىنجاڭدىكى زۇلمەتچىلىكنى تۈگىتىش پىكىرىدە قۇراللىق قوزغىلاڭ قىلىۋاتىدۇ ، ئاپتور بولسا ، جىن شۇرىن ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىش سەپىرىدە چەتئەلگە كېتىۋاتىدۇ .بۇلارنىڭ بىرلىككە كېلالمىغان پىكىر ئىختىلاپى دەل مۇشۇ يەردە دىسەك قانداق بولار !..بۇنداق دىسەك بەلكى ئاپتور قوبۇل قوبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن .چۈنكى ئاپتور شۇ كۈندىكى خاتىرىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ يازغان :‹‹شىنجاڭدىن مۇشۇنداق چىقىپ كېتىشكە خەلق ئالدىدا ئىنتايىن خىجىل ئىدىم ، لېكىن كونسۇلخانىدىن قايتىپ كېلىۋاتقاندا ئويلاپ كۆردۈم .ئىشپىيونلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرىۋاتقان ئەھۋالدا ، تۇرپانغا بېرىشم مۇمكىن ئەمەس ، جىن شۇرىننىڭ بۇيرىقىغا قارشى چىقىپ زورمۇ-زور ئۈرۈمچىدە قالىدىغان بولسام ، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن بەلكى شۇ ھامان ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولىمەن . ›› 


          يوقۇرقى مەزموندىن ئاپتورنىڭ خەلق ئالدىدا خىجىل بولىدىغان جايلىرى بارلىقىنى ، تۇرپانغا بېرىش
مۇمكىن ئەمەسلىكىنى شۇنىڭدەك جىن شۇرىننىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
1922-يىللاردىلا ئىنقىلابى گۇرۇپپا ياكى تەشكىلات قۇرۇپ ھەرىكەت ئېلىپ بارغان ، كېيىنكى كۈنلەردە قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاۋاز قوشۇپ ھەيدەر ئارقىلىق تۇرپان قوزغىلىڭىغا تەييارلىق كۆرگەن ئاپتور 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنىگە كەلگەندە شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىنى دېھقانلار قوزغىلىڭى قاپلاپ كەتكەن شارائىتتا خەلق قوزغىلىڭىغا ئىشتىراك قىلمايلا قالماستىن ، بەلكى خەلق قوزغىلىڭىغا تەتۈر بولغان يولغا كېتىۋاتقان ئاپتور خەلق ئالدىدا ئەلۋەتتە خىجىل بولىشى كېرەك . بۇنىڭغا تەئەججۈپلەنمەنسەكمۇ بولىدۇ . لېكىن ‹‹ تۇرپانغا بېرىشىم مۇمكىن ئەمەس ›› دېگىنىگە بىر ئاز پىكىر قىلىشقا توغرى كېلىدۇ . 


         يوقۇرىدا تەكرارلانغان يازما مەزمونلاردىن قارىغاندا ئاپتورنىڭ 1933-يىلدىكى تۇرپان دېھقانلار
قوزغىلىڭىنى –قوزغاپ ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىشتەك يوقىرى سالاھىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ . ئەپسۇسكى تۇرپان قوزغىلىڭىغا رەھبەر بولۇپ سايلانغاندەك يوقۇرى سالاھىيەتكە ئىگە بولغان ئاپتور تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭى راسا قىزىغان پەيىتلەردە ئۈرۈمچىدە بار تۇرۇغلۇق (ئاپتور 1933-يىلى 1-ئايدا چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەن )نىمىچۈن تۇرپانغا بېرىپ ئەمەلى رەھبەرلىك قىلمىغاندۇ !تۇرپان يولىنى توسۇلۇپ قالغان دىمەكچى بولامدۇ ؟ ئەگەر شۇنداق دەيدىغان بولسا ، مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مەۋسۇل مۇھىتى (تۇرپاندىكى 14كىشىلىك ئىنقىلابى تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ) شۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىدە ئىدى . بۇ كىشى جىن شۇرىن ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ‹‹ شى دالىيەن 连大十 ›› نامىدا جاللات قوشۇن تەشكىللەپ جادۇ باسقان 200ھارۋا بىلەن يولغا سالغانلىقىنى كۆرگەندە خەت يېزىپ تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىغا خەۋەر يەتكۈزۈپلا قالماستىن بەلكى ئۆزىمۇ بىر كۈن كېيىن ئاتلىق يولغا چىقىپ جاللات قوشۇندىن ئىلگىرى تۇرپانغا يېتىپ بارغان . دىمە قوزغىلاڭ قىلىمەن دېگەن ئادەمگە تۇرپانغا بېرىش يولى ۋە ئىمكانىيىتى بار ئىكەنغۇ !ئەجەبا تۇرپان قوزغىلىڭىغا ئۇ قەدەر كۆيدى –پىشتى بولۇپ چوڭ مەسىلىلەردە غەمخورلۇق قىلىدىغان ، قىسقىسى تۇرپان قوزغىلىڭىغا رەھبەر بولغىدەك سالاھىيەتكە ئىگە ئاپتور نىمىچۈن بۇ يولغا ماڭمىغاندۇ !.بۇ مەسىلىنى يىغىپ ئەيتقاندا ئاپتورنىڭ قوزغىلاڭغا قاتنىشىش خىيالى يوق ، ئەگەر بولىدىغان بولسا ، ئىشپىيونلارنىڭ نازارىتى ئەمەس ھۆكۈمەتنىڭ تۈرمىسىدە بولسىمۇ قېچىپ چىقىپ قوزغىلاڭ بولغان تۇرپانغا يېتىپ بارغان بولاتتى .ئەمما ئاپتور ئۇنداق قىلمىدى . بەلكى قوزغىلاڭ شاۋقۇنلىرى ، مىلتىق – زەمبىرەك سادالىرى گۈلدۈرلىگەن
        جەڭگاھلاردىن ئىمكانقەدەر چەتنەپ ئاخىرقى ھېساپتا جىن شۇرىننىڭ بۇيرۇقىنى رەت قىلماستىن چەتئەل سەپىرىگە يۈرۈپ كەتتى ......
         كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرىدىغان يېرى شۇكى ، قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قوزغۇلۇپ 3-يىلغا قەدەم باسقان ، تۇرپاندىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرىلىپ راسا ئەۋجىگە چىققان كۈنلەردە گېرمانىيىدە ئوقۇۋاتقاچ جىن شۇرىن ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىن قۇرال سېتىۋېلىشىغا ياردەملىشىپ ئش بېجىرىۋاتقان ئاپتور 33-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنىگە كەلگەندە بىر ئاخشام خاتىرە يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنى قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىغا ئاۋاز قوشۇپ تۇرپاندا قوزغىلاڭ كۆتىرىشكە ( ھەيدەر ئارقىلىق  ) تەييارگەرلىك كۆرگۈچى ۋە قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغۇچى قىلىپلا كۆرسەتمەستىن بەلكى قوزغىلاڭنىڭ داۋام قىلىشىغا كۆيدى –پىشتى بولۇپ پىرىنسىپال مەسىلىلەردە قاتتىق قايغۇرۇپ غەمخورلۇق كۆرسەتكۈچى بولىۋېلىشى ، يىغىپ ئەيتقاندا ئەمەلى ھەرىكەتسىزلا ، خاتىرە يېزىش ئارقىلىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگۈچى ۋە رەھبەرلىك قىلغۇچى بولىۋالغانلىقى كىشىنى نىمىچۈن ھەيران قالدۇرمىسۇن ! .


چۈشىنىش ۋە ئىشىنىش قىيىن بولغان مەسىلىلەر

   1. ئاپتور ئۆز كىتابىدا 1922-يىللاردىلا « مەخپىي گۇرۇپپا قۇردۇم » ،« تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشتۇق »،
« بىز فەن ياۋنەننىڭ سىياسى تەشەببۇسلىرىنى ھىمايە قىلاتتۇق »....دەپ يازىدۇ .ئەمەلىيەتتە ياڭ زىڭشىنغا خېلى دەرىجىدە ساداقەتلىك بىلەن خىزمەت قىلىدۇ .ياڭ زىڭشىنمۇ ئاپتورغا ئىشىنىپ يېڭى –يېڭى مەنسەپ –ئورۇنلىرىنى بېرىدۇ .پۇل –مۇئامىلە ئىشلىرىنى بىجىرىشكە ئاپتورنى بۇيرۇيدۇ .ئەمما فەن ياۋنەننىڭ سىياسى تەشەببۇسلىرىنى قوللاش يۈزىسىدىن قىلغان ئىش – ھەرىكەت توغرىسىدا ئاپتور پۈتۈن كىتاب ئىچىدە بىرەر دەلىل كۆرسەتمەيدۇ . ئەھۋال شۇنداق ئىكەن بۇ مەسىلىنى قانداق چۈشىنىپ ، قانداق ئىشىنىش كېرەك ! .


2.ئاپتور جىن شۇرېىن دەۋرىدىمۇ يەنە شۇ « گۇرۇپپا » ، « تەشكىلات » نى كوزۇر قىلىپ ئۆزىنى قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى ھىمايە قىلغۇچى ۋە ھەيدەر ئارقىلىق تەييارگەرلىك كۆرۈپ تۇرپان قوزغىلىڭىنى –قوزغىغۇچى ، پرىنسىپال مەسىلىلەردە غەمغورلۇق قىلغۇچى رەھبەر قىلىپ كۆرسىتىدۇ . ئەمما ئەمەلىيەتتە باشتىن – ئاياق جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى ئۈچۈن سادىق ئىشلەپ چەتئەللەردىن قورال –ياراق سېتىۋىلىشتەك نازۇك خىزمەتلەرنى بىجىرىدۇ . بۇ مەسىلىنى قانداق چۈشىنىپ قانداق ئىشىنىش كېرەك !.

     يۇقىرقى ئىككى مەسىلىدىن ئاپتورنىڭ « مەيدان – مەۋقىئە » سىنى چۈشىنىش ۋە ئىشىنىش تولىمۇ قىيىن .
كىتاپتا ھەر تەرەپلىمە سۆزلىگەن بايانلاردا ئاپتورنىڭ 1922-يىلدىن 1928-يىلغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا ياڭ زېڭشىن ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەنلىكى .1928-يىلدىن 1933-يىلغا قەدەر جىن شۇرېن ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئىشلەپ سىياسى ۋە ھەربىي جەھەتلەردە نازۈك خىزمەتلەرنى ئورۇنلىغانلىقى بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىپادىلەنسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ياڭ زىڭشىن دەۋرىدە فەن ياۋنەننىڭ سىياسى تەشەببۇسلىرىنى قوللاپ شىنجاڭدىكى زۇلمەتچىلىكىنى تۈگىتىش تەرەپدارى بولغانلىقى ؛ جىن شۇرىن دەۋرىدە قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاۋاز قوشۇپ تۇرپاندا قوزغىلاڭ كۆتىرىشكە تەييارگەرلىك كۆرگەنلىكى گەرچە ئانچە گەۋدىلىك بولمىسىمۇ ، لېكىن خېلى كۈچەپ تەكىتلىنىدۇ .بۇنىڭغا قاراپ ئاپتورنى ياڭ ، جىن ئىستبىداتلىرىنىڭ سادىق خادىمى ئىدى دەپ مۇقىملاشتۇرۇشقىمۇ ياكى فەن ياۋنەننىڭ تەرەپدارى دىيىشكىمۇ ياكى قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاۋاز قوشۇپ پائال ھەرىكەت قىلغۇچى دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقىمۇ ھەقىقەتەن قىيىن .شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتور بۇ ھەقتە كىتاپخانىلارنى قايىل قىلغۇدەك قايتا جاۋاپ بىرىشى كېرەك .

    ئاپتور شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئاز كام بىر ئەسىر ( 70-80 يىل ) بىرلىكتە ياشىغان ،
بولۇپمۇ 1949-يىلى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى تېچ ئازات بولۇش يولىغا باشلاپ ئۆچمەس تۆھپە قوشقان كاتتا ئەرباپ ، شۇ سەۋەپتىن شىنجاڭ جامائەتچىلىكى ئاپتورنى كۆپ ھۆرمەتلەيدۇ .لېكىن ئاپتورنىڭ ئازاتلىقتىن ئىلگىرىكى 40يىللىق سىياسى ھاياتىدا مەيدان –مەۋقىئە مەسىلىسى ئوچۇق يورۇق بولمىغانلىقتىن كەڭ جامائەتچىلىك ئىچىدە ھەرخىل گەپ سۆزلەرنىڭ;پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولغان .مەسىلەن:جامائەتچىلىك ئاپتورنى ئالتە دەۋر موللاق ئاتماي كەلگەن ئادەمبۇ دەۋىردە ياشاۋېتىپ كېيىنكى دەۋىرگە داستۇرخان سالىدىغان ئادەم دېگەندەك سۆزلەر بىلەن شىكايەت قىلىشىدۇ ۋە ئۆز پىكىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى پاكىتلارنى كۆرسىتىدۇ :
        1.ئەمدىلا ياڭ زېڭشىننىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولۇپ ئەمەلدار بولۇشقا باشلىغان ئاپتور يەنە
نىمىچۈن قانداقتۇرگۇرۇپپاۋەتەشكىلاتقۇرۇپ ، ياڭ زېڭشىنغا قارشى گۇروھ خەن ياۋ نەننىڭ سىياسى تەشەببۇسىنى ھىمايە قىلغۇچى ۋە قوللىغىچىسى بولىدۇ .نېمە ئۈچۈن ئىككى تەرەپلىمىلىك ئىش قىلماقچى بولىدۇ ؟ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى نېمە ؟....ئاپتورنىڭ شۇ چاغدىكى مەقسىتى ناھايىتى ئېنىقكى ، ناۋادا خەن ياۋ نەننىڭ قىلماقچى بولغان سىياسى تەشەببۇسى ئىشقا ئېشىپ يېڭى بىر ھاكىمىيەت قۇرۇپ قالسا ، دەل شۇ قۇرۇلغان يېڭى ھاكىمىيەت سورۇنىدىن قېپقالماي دېگەنلىكتىن ئىبارەت .مانا بۇ ئاپتورنىڭ بۇ دەۋىردە ياشاۋېتىپ تەسەۋۇردىكى كېيىنكى دەۋىرگە داستىخان سالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
        2.ئاپتور يەنە شۇ گۇرۇپپا ياكى تەشكىلاتنى كوزۇر قىلىپ قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىغىمۇ ئوخشاشلا داستۇرخان سالىدۇ .
مەسىلەن ئەسلىمىدە يېزىلغان مەزمونلارغا قارىغاندا ، قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قوزغۇلۇپ ئۇنىڭ ياقۇنلىرى تۇرپان ۋە كەڭ جەنۇبى شىنجاڭ رايونلىرىغا تۇتۇشۇپ ھەممىلا يەرنى قوزغىلاڭ ئوتى قاپلىغان چاغلاردا گەرچە ئاپتور چەتئەلدە يۈرۈپ جىن شۇرىن ھاكىمىيىتى ئۈچۈن قۇرال –ياراق سېتىۋېلىشتەك مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ ، ئىككىنچى بىر تەرەپتىن يەنە شۇ 22-يىلدىكى گۇرۇپپا ياكى تەشكىلاتنى ئاساس قىلغان ھالدا ، تۇرپاندا قوزغىلاڭ كۆتىرىشنىڭ ئوبدان پۇرسىتى دەپ تونۇپ ، ئۆز ۋەكىلى ھەيدەر ئارقىلىق تەييارگەرلىك كۆرىدۇ ، ئەزا مەخسۇت مۇھىتى تۇرپاندا قوزغىلاڭ كۆتىرىدۇ .ئۆزى بولسا چەتلەردە يۈرۈپ قوزغىلاڭنىڭ پىرىنسىپال مەسىلىلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرىدۇ ..... خاتىرىنى بۇنداق يېزىشتىن مەقسەت نېمە ؟


5.ئەسلىمىدىكى چىنلىق ۋە ھەق – ناھەق مەسىلىلەر توغرىسىدا

       « قۇمۇل ۋەقەسى مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ۋە 40- يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ تارىخى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويتىدى »دەپ يېزىشنى باشلىغان ئاپتور قومۇل ۋەقەسىنىڭ چوڭ بىرلىكى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ قوزغىلىڭىغا كەلگەندە ھەق سۆز قىلماستىن تارىخى پاكىتلارنى ئاستىن –ئۈستىن قىلىۋاتقانلىقى كىشىنى قاتتىق ئەجەپلەندۈرمەي قالمايدۇ .
ئەپسۇسكى شىنجاڭ جامائەتچىلىكى بىلەن ئاز كەم بىر ئەسىر بىرلىكتە ئاش –تۈز يەپ ياشىغان ، شۇنىڭدەك شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى تىنچ ئازادلىققا باشلاپ مېڭىشقا ئۆچمەس خىزمەت كۆرسىتىپ ئۇنتۇلماس ھەسسە قوشقان ئاپتور مۇنداق ئاساسسىز تاقا –تۇقا سۆزلەرنى قىلماسلىقى تولىمۇ زۆرۈر ئىجتىمائىي تەلەپكە ئۇيغۇن ئىدى .ناۋادا بۇ ھەقتە سۆزلەش زۆرۈر تېپىلغان تەقدىردە تارىخ ئالدىدا ئىككى ئېغىز ھەق سۆز قىلىپ ، شىنجاڭدىكى كەڭ جامائەتچىلىك ئۈمىد قىلغاندەك تارىختا ئاجرىم بولماي كېلىۋاتقان نۇرغۇن چىگىش مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ توغرا يىشىم قىلىۋېلىشنى زۆرۈر ئىدى .ئەمما ئاپتور مۇنداق قىلمىدى ، بەلكى يېقىنىقى زامان تارىخىدىكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئاستىن – ئۈستىن قىلىۋەتتى . مەن مۇشۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە پاكىت كۆرسىتىپ ئازراق پىكىر قويماقچىمەن .مەقسىتىم ئاپتور ئۆزى ئېيتقاندەك :« تارىخى پاكىتلار جەھەتتىكى خاتالىقلار نۇقتىئىنەزەر جەھەتتىكى نۇقسانلار كىتاپخانىلارنىڭ خۇسۇسەن شۇ تارىخنى باشتىن كۆچۈرگەن ۋە بىلىدىغان كىتاپخانلارنىڭ تۈزىتىشكە قالدى ! » دېگەن ھاۋالىسىغا تامامەن ئۇيغۇن . 
    1.ئەسىلىمىنىڭ 485-بېتىدە ئاپتور مۇنداق يازىدۇ : « 1932-يىلى ماجۇڭيىڭنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت قىلغۇچى خادىملىرىدىن ماشىمىڭ قاتارلىقلار ...ۋاقىتلىق يىغقان كىشىلىرىنى باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلدى . ئۇلارغا خۇيزۇ مارېن تەشكىللىگەن يەرلىك خەلق ئاۋاز قوشتى .شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تېزلا قارا شەھەر ناھىيىسىنى بېسىۋالدى »
ئاپتورنىڭ يازغىنى تارىخى پاكىتقا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئەمەس .بىز تۆۋەندە ھەقىقىي پاكىتنى كۆزدىن كەچۈرەيلى :
« توقسۇن قوزغىلاڭچىلىرىدىن توختى تۈەنجاڭ تۈەنىدە 120پىدائى ، كۈيۇنفۇر ( كۈتۈەنجاڭ – يەرلىك خۇيزۇ ) تۈەنىدە 80پىدائى جەمئىي 200جەڭچى 1933-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى قارا شەھەرگە يۈرۈش قىلىپ 2- ئاينىڭ 8-كۈنى قارا شەھەرنى ئالدى . 9.كۈنى كورلىنى ئىشغال قىلدى .. » ( توقسۇن تارىخ ماتېرىياللىرى 19-بەت ۋە 24- بەتلەر )
       پاكىت دەل شۇنداق . خەنزۇ ئاپتورلار يازغان ئەسلىمە – تارىخلاردا مەسىلەن : ( شىنجاڭدىكى 70 يىللىق بوران – چاپقۇنلار ) ۋە باشقا ئۇيغۇر ئاپتورلار يازغان تارىخ – ئەسلىمىلەردىمۇ يۇقۇرقى پاكىتقا ھۆرمەت قىلىنغان . ئەپسۇسكى ئاپتور بۇ تارىخى پاكىتقا ھۆرمەت قىلماستىن ئەسلىمىسىگە نۇقسان يەتكۈزگەن ! .
شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈركى ؛ شۇ يىللاردا مارېڭ دېگەن شەخس مەۋجۇتمۇ دېگەندە – مەۋجۇت . ئەمما ئۇ ، قارا شەھەر – كورلىنى ئىشغال قىلغىنى يوق . قاراشەھەر – كورلا ئىشغالىيىتىدىن بىرەر ئاي كېيىن پەيدا بولغان لۈيجاڭ ماشىمىڭ پىچان ئۇرۇشىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چېكىنىپ 2-ئاينىڭ ئاخىرلىرى قارا شەھەرگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنى 36-دىۋىزىيىنىڭ «ئوغرىلارنى تازىلاش ئالدىنقى سەپ باش سىلىڭى » دەپ ئاتىۋېلىپ بايراق كۆتىرىپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن مارېڭ دېگەننى ئاتالمىش «لۈيجاڭ »قىلىپ كۇچار قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئەۋەتتى .ئۇ بارى –يوقى 32ئادەم بىلەن كۇچارغا كەلدى .سايباغدا كۆكچى سوپاخۇننىڭ باغ ھويلىسىغا چۈشتى . كۇچار ئىسلامباينى باينى پارا يېگەن ، شايار ھادى ئەلەمنىڭ بېشىنى كېسىپ خادىغا سانجىپ سازايى قىلىدۇرغان مالۇيجاڭ دېگەن شۇ .كۇچارلىقلار « ساقاللىق تۇڭگان » دەپمۇ ئاتايتتى . كۇچار قوزغىلاڭچىلىرى باي –ياقېرىقتا غەلبىلىك جەڭلەرنى قىلىپ ئاقسۇنى ئىشخال قىلىغاندىن كېيىن ، ئاقسۇغا بېرىپ ئاقسۇ يېڭىشەھەرگە ئورۇنلاشتى ۋە قوزغىلاڭچىلارغا خوجايىنلىق قىلىمەندەپ ھەممىگە چات كەردى . ئەپسۇسكى شۇ يىلى 4- ئايدا مارالبېشىنىڭ تۇمشۇق دېگەن يېرىدە بولغان بىر سوقۇشتا غايىپتىن ئوق تېگىپ ئۆلدى . قوزغىلاڭچىلاردىن ھەمدەمبەگ ھاجى قاتارلىقلار ئۇنى دەپنە قىلىپ قويدى .
        2-ئاپتور يەنە 486-بەتتە مۇنداق يازىدۇ :«بىراق ماشىمىڭ پانتۈركىزىمچىلارغا ئوخشىمايتتى ، ئۇ مىللىي قىزغىننى توسىدى ، قانداقتۇر « مۇستەقىل دۆلەت » دېگەن شۇئارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويمىدى ... »
ئاپتورنىڭ بۇ يەردە پوسوققىتە قىلىپ بۇ خىل سۆزلەرنى كۆتىرىپ چىققانلىقى كىشىنى تولىمۇ سەت چۆچۈتىدۇ .

 لېكىن بىز يەنىلا سالقىن قانلىق بىلەن پاكىتلارغا قاراپ چىقايلى :
          مەخسۇت مۇھىتى باش قوماندان بولغان تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىدا ماشىمىىڭ بىلەن مەھمۇت مۇھىتى لۈيجاڭ ئىدى .بۇلار بىرلىكتە پىچان ئۇرۇشىنى باشلىدى . ئۇرۇش ئون نەچچە كۈن داۋاملاشتى . 12- كۈنى قومۇل تەرەپتىن شىڭ شىسەي قوماندانلىق قىلغان جىن شۇرېن قىسىملىرى كېلىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغانلىقتىن ماشىمىڭ بىر كېچىدىلا ھېچكىمگە ئېيتماستىن چېكىتىپ قارا شەھەرگە ( 1933- يىلى 2- ئاينىڭ 20-كۈنلىرى ئۆپچۈرىسىدە ) كېلىۋېلىپ ئۆزىنى «باش سىلىك »دەپ ئاتىۋالدى .بۇ ئىشلار ئاپتور يازغاندەك 1932-يىل بولغان ئىش بولماستىن 1933-يىلى 2-ئايدا بولغان ئىش .بۇ يەردە كىشىنى ئەجەپلەندۈرگىنى شۇكى ؛ پىچان ئۇرۇشىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چېكىنىپ تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان ( ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلار مۇشۇ ئارىلىقتا قۇربان بولغان .توقسۇن – تۇرپاندا نۇرغۇن ئادەم قىرغىن قىلىنغانىدى ) قاچقۇن ماشىمىڭغا ئاپتور قانداق قىلىپ « بىراق ماشىمىڭ پانتۈركىزىمچىلارغا ئوخشىمايتتى » دەيدىغان چىرايلىق تون كەيدۈرمەكچى بولغاندۇ . ماشىمىڭنى مۇنداق پەردازلاپ چىقىشتىكى مەقسەت نىمە ؟ زادى نېمە ؟ !بۇنى چۈشىنىش تولىمۇ قىيىن .ئەمدى شۇنى سوراپ كۆرەيلىكى ؛ ماشىمىڭ ئوخشىمايدىغان پانتۈركىزىمچىلار زادى كىم !قومۇل دېھقانلار قوزغىلڭىنىڭ رەھبىرى خوجىنىياز ھاجىمۇ ؟ تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ باش قوماندانى مەخسۇت مۇھىتىمۇ ياكى مەھمۇت سىجاڭمۇ ؟ بۇ نۇقتىنى ئوچۇق كۆرسىتىشى لازىم ئىدى .ئەمما ئاپتور ئۇنداق قىلمايلا ماشىمىڭنى پەردادزلاپ ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى كىشىنى ھەيران قىلىپلا قالماستىن بەلكى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .
      بۇ مەسىلە كىشىگە شۇنى ئەسلىتىدىكى :ئاپتور ئۆز كىتابىنىڭ 307-308-بەتلىرىدە «1922-يىلىدىلا .... مەخپىي تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشتۇق .... بىز پانتۈركىستلارغا ئوخشىمايتتۇق » دەپ يازغانىدى . ئەمدى بۇ يەرگە كەلگەندە ماشىمىڭمۇ پانتۈركىزىمچلارغا ئوخشىمايتتى دەپ گۇۋاھلىق بېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى .بۇنىڭغا قارىغاندا ئاپتور بىلەن ماشىمىڭ ئىككىسى قانداقتۇر ئاتالمىش «پانتۈركىزىمچىلار »غا ئوخشىمايدىغان بىر قېلىپتىكى ئادەملەر ھىساپلىنامدۇ !شۇنداق دېسەك ئاپتور قوبۇل قىلارمۇ ! ...
       ئاپتور يەنە شۇ جۇملىدە « ماشىمىڭ مىللى قىرغىننى توسىدى » دەپ يازىدۇ . بۇنىڭغىمۇ دەل شۇ قارا شەھەردىكى قىرغىننى مىسال كۆرسۈتۈش كۈپايە قىلار . مەسىلەن : « 1933-يىلى 2- ئاينىڭ 8- كۈنى قارا شەھەرنى تەسلىم قىلغان توختى تۈەنجاڭ بىلەن كۇيۈنفۇ تۈەنجاڭ ( ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ ) كېچىلەپ كورلىغا يۈرۈپ كەتتى . قوزغىلاڭچىلارغا قىستۇرۇلۇپ قارا شەھەرگە كەلگەن ماشىمىڭنىڭ ئادىمى ماچۈەنلۇ شەھەر تەرتىپىنى ساقلايمەندەپ قارا شەھەردە قالدى . ئەمما بۇ جالللات قارا شەھەر ۋالىسى نىۋىشى ، شيەنجاڭ ما ... ، سەنمۇ جاڭ شەن ... قاتارلىق چوڭ – كىچىك 40 نەچچە خەنزۇ ئەمەلدارنى تۇتتۇرۇپ كېلىپ ئېتىپ ئۆلتۈردى . 9-چىسلا (چاغاننىڭ 1-كۈنى )قارا شەھەردىكى گۆرۆگەش –جازانىخورلارنى ئۆلتۈرۈپ بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى ... » ( توقسۇن تارىخ ماتېرىياللىرى 23- بەت )دېمەك ماچۈەنلۇ دېگەن جاللات ، ماشىمىڭنىڭ توخسۇن قوزغىلاڭچىلىرىغا قىستۇرۇپ ئەۋەتكەن ئادىمى ئۇ تۇرپاندىن ئۈچ ئادەم بىلەن قوزغىلاڭچىلارغا قىستۇرۇپ كېلىپ قوزغىلاڭچىلار كورلىغا كەتكەن پۇرسەتتە قارا شەھەردە ئۆز ئالدىغا ئەسكەر ئېلىپ 40-50ئەسكەر توپلىغاندىن كېيىن يوقىرىدا ئېيتىلغان قانلىق قىرغىننى يۈرگۈزدى ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى . دېمەك ماشىمىڭ ئەۋەتكەن بىر ئادەم قارا شەھەردە شۇ قەدەر قانلىق قىرغىننى كەلتۈرۈپ چىقارغان تارىخى پاكىت مانا مەن دەپ تۇرغان يەردە ئاپتور يەنە نىمىچۈن ماشىمىڭ « مىللىي قىرغىننى توسىدى » دەپ پەرداز قىلىدىغاندۇ ! بۇنىڭدىكى مەقسەت – مۇددىئانى ئادەم ھەرقانچە ئويلاپمۇ چۈشىنىپ يەتكىلى بولمايدۇ .

      ماشىمىڭ 2-ئاينىڭ ئاخىرلىرى قارا شەھەرگە قېچىپ بارغاندىن كېيىن ماچۈەنلۇغا بۇيرۇق بىرىپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى . ماچۇەنلۇ ىىر تۈركۈم ئادەملەرنى ئەگەشتۇرۇپ تاغ ئىچى بىلەن ئۈرۈمچى نەنسەنگە كېلىپ ئۈرۈمچىنى قورشاپ ھۇجۇم قىلدى . ئاپتور دەل شۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىدە بار ئىدى . شۇڭا ئاپتور بۇ توغرىدا ئۆز كىتاپنىڭ 322-بېتىدىن 326-بەتلىرىگىچە ئوبدان ئەسلىمە يېزىپ قالدۇرغان .دەل شۇ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلغان ، چوڭ كۆۋرۈككە ئوت قويۇلغان ، 2700دەك ئادەم قىرىلغان پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار دەل شۇ ماشىمىڭ ۋە ئۇنىڭ ئادىمى ماچۈەنلۇلار ئەمەسمۇ !ئاپتور مۇشۇ ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نىمىچۈن ماشىمىڭ ۋە ئۇنىڭ قولچۈماقچىلىرىغا « مىللىي قىرغىننى توسىدى » دەيدىغان ئوسمىنى قويۇپ باققاندۇ !. ھەر قانداق كىتاپخان مەسىلىنىڭ مۇنداق تومتاق قويۇلغىنىغا ھەيران بولماي يەنە نىمىگە ھەيران بولسۇن !.
       جۈملىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتور يەنە « ماشىمىڭ قانداقتۇر « مۇستەقىل دۆلەت » دېگەن شۇئارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويمىدى »دەپ يازىدۇ .مەسىلىنى مۇنداق قويۇشنىڭ زادى نىمە ھاجىتى !چۈنكى ماجۇڭيىڭ ، ماشىمىڭ دېگەنلەر قانداقتۇر زۇلۇمغا قارشى تۇرغىلى ياكى مىللىي زۇلۇمغا قارشى چىققان قوزغىلاڭچىلارغا چىن دىلى بىلەن ياردەم قىلغىلى چىققان كىشىلەردىن ئەمەس بەلكى توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلىقىلى ، سۇنى لېيتىپ بېلىق تۇتقىلى ، توزاڭ توزغىتىپ بۇلاڭ –تالاڭ قىلغىلى ، ئوت قويۇپ ، قىرغىن قىلىپ بايلىق توپلىغىلى چىققان بىر گۇرۇھ باندا ئىكەنلىكى ئۆز ئەمەلىيىتىدىن ئىسپاتلىنىپ تۇرغان يەردە مەسىلىنى ئۇنداق قويۇشنىڭ ھاجىتى نىمە ؟ قېنى شۇ ئاي ، شۇ كۈنلەردە قوزغىلاڭ كۆتەرگەنلەر كىم ، قايسى گۇرۇھ « مۇستەقىل دۆلەت » دىگەن بىر نىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ ! مېنىڭچە ھېچكىم ئۇنداق گەپلەرنى كۆتىرىپ چىققىنى يوق .ھەممىسىلا زۇلۇم ، زالىملارغا قارشى تۇرىمىز دەپ غازات قىلغان . قىسقىسى ئاپتور ھاجەتسىز بولغان بۇ مەسىلىنى بەك بالدۇر ئوتتۇرىغا كۆتىرىپ چىقىپ 2- ئايدا تام سىپاق قىلغاندەك ماشىمىڭغا سىپاپ كۆرگەن بولسىمۇ ، بۇسىپاق ئۇنىڭ يۈزىگە زادىلا تۇتمىدى ۋە تۇتمايدۇ – خالاس .

         ئاپتور نىمىچۈن مۇنداق قىلىدۇ ، نىمىچۈن ماشىمىڭغا ئۈچ خىل رەك بىرىپ ئۇنى گۈزەللەشتۇرمەكچى بولىدۇ ؟ بۇنداق قىلىشتىكى تۈپ سەۋەپ نىمە ؟ بۇنى چۈشىنىش گەرچە قىيىن بولسىمۇ ، لېكىن جۈملە ئىچىدە يوشۇرۇلغان غەرەزنى كۆرۈۋېلىش ئانچە قىيىن ئەمەس . ئاپتورغا ئايانكى قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ، قازاق ، قىرغىز ، ئۆزبىك مىللەتلىرى قاتناشتى .كەپسەىنچىنىڭ ئىشىكىگە بالا –بەتتەر ھەممە نەرسىنى ئارتىشقا بولغاندەك بۇ مىللەتلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىگە « پانتۈركىستلىق قىلدى » ، « مىللىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى » ، « مۇستەقىل دۆلەت قۇرماقچى »دېگەندەك بالا – قازالارنى ئارتقىلى ، بۇئارقىلىق ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى يامان ئىشقا ئايلاندۇرۇپ ئاۋازىنى ئۆچۈرىۋەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ، ئۇلار خۇنۇكلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن بۇ تىپقا كىرمەي قالغانلار ئون بەش كۈنلۈك تولۇن  ئايدەك ئىگىز ئاسماندا پارقىراپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاپتور ئوبدان بىلىدۇ . بەلكى ئاپتور مۇشۇنداق تەرەپلەرنى ئەتراپلىق نەزەردە تۇتۇپ توغرىدىن –توغرى ئۆزىنى سېلىشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا پەرداز سىڭمەيدىغان ئۈچىنچى بىر شەخىسنى پەردازلاش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۇزۇندىن بۇيان بۇ جەھەتكە دىققەت قىلغانلىقىنى ، قىسقىسى ئۆزى شۇ تىپقا كىرمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولسا كېرەك ! .

       3. ئاپتور ئۆز كىتابىنىڭ 489-بەت تۆۋەندىن 6- قۇرىدا يەنە مۇنداق يازىدۇ : « قەشقەرگە كىرگەن تۆمۈرمۇ ، ئوسمانمۇ يەرلىك زوراۋانلار ئىدى . ئوسمان ئۆزىنى زۇڭسىلىك قوشۇمچە سىجاڭ دەپ جاكارلىدى . تۆمۈر ئۆزىنى قوماندان دەپ ئاتىدى . بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى قەشقەرنىڭ خوجايىنى بولۇش كويىدا ئىدى ... »
مەسىلە بۇ يەرگە كەلگەندە ئاپتور بىر پۈتۈن قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى چاكىنىلاشتۇرۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن . بۇ مەسىلىدە مېنىڭ تونۇشۇم مۇنداق :

        (1)30-يىللاردىكى قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى مىللىي زۇلۇم ۋە فېئودالىزىم زۇلمىغا قارشى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ شىنجاڭنىڭ 30- يىللاردىكى تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان زور ۋەقە . جەنۇبىي شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرىمۇ ، قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭنىڭ چوڭ بىر قىسمى بولۇپ ئىككىسى ئىككى گەۋدە بولماستىن بىر گەۋدە . يىغىپ ئېيتقاندا ھەممىسى بىر بولۇپ « قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى » دەپ ئاتىلىدۇ . مانا شۇ قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى بىر – ئىككى يىل ئىچىدە شىنجاڭدا ئۇزۇن يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ زوراۋانلىق يۈرگۈزگەن ياڭ – جىن ئىستىبدات ھاكىمىيىتىنى تۈپتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاپ 12- ئاپرېل سىياسى ئۆزگىرىشدىن كېيىنكى بىر قەدەر خەلقچىللاشقان يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇپ ، بىر قەدەر ئىلغار ئىجتىمائىي سىياسىي تۈزۈلمە ئورناتتى . قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى شىنجاڭنىڭ 30-يىللاردىكى تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىدى  دېگەن ئىبارىنىڭ مەنىسى مانا مۇشۇ يەردە .
شۇنى ئىزاھلاپ قويۇش زۆرۈركى : قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى چىقمىغان بولسا ئۈرۈمچىدىكى « 12-ئاپرېل سىياسى ئۆزگىرىشى » بولمىغان بولاتتى . قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى چىقمىغان بولسا جىن شۇرېن ئىستىبدات ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلمىغان بولاتتى .قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى چىقمىغان بولسا ، 30-يىللاردىكى شىنجاڭنىڭ تارىخى تەرەققىياتى يۈكسەلمىگەن بولاتتى .

      (2) جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسلىق يولباشچىلىرىدىن بىرسى تۆمۈر ئېلى ( تۆمۈر سىجاڭ ) نىڭ قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بار ئىدى . شۇڭا ئۇ تۇرپان – توقسۇن قوزغىلىڭىنىڭ كورلىغىچە يېتىپ كەلگەن كۈچىگە –كۈچ ئۇلاپ قەشقەر تەرەپكە قاراپ ماڭدى . تۆمۈر ئېلى مارالبېشى تۇمشۇق دېگەن يەردە قەشقەردىكى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان چاغدا سۇغۇن چازىسىدا تۇرغان قىرغىزلار ئوسمان ئېلى  باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتىرىپ قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاۋاز قوشتى . ئۇنىڭ تۆمۈر سىجاڭغا يازغان خېتىدە : « ئاتام تۆمۈر سىجاڭ ئارقىلىق غازى خوجىنىياز ھاجىمغا بەيئەت قىلىمىز ! » دەپ يېزىلغانىدى . ئەھۋال شۇنداق ئىكەن ئاپتور بۇ كىشىلەرنى ئايرىپ چىقىپ : « قەشقەرگە كىرگەن تۆمۈرمۇ ، ئوسمانمۇ يەرلىك زوراۋانلار ئىدى » دەپ يازسا ، بۇ گەپنىڭ بىر ئۇچى بىۋاستە بېرىپ قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا تەگمەسمۇ !. ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە دېگەندەك بۇ سۆزنى قىلىش ئالدىدا ئاپتور سەل – پەل ئويلاپ قويۇشى لازىم ئىدى .

     «ئىنقىلاپ مېھمان چاقىرىش ، زىياپەت بىرىش ئەمەس ، تېگى –تەكتىدىن ئېلىپ ئيېتقاندا ئۇ بىر خىل زوراۋانلىق ھەرىكەت » ئەمما ئۇ ھەق – ناھەقلىقى ، توغرا ۋە ناتوغرىلىقى بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ .
30-يىللاردىكى قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنىڭ ھەممىسى تېگى – تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەققانىي ۋە توغرا بولغان زوراۋانلىق ھەرىكەت ئىدى . ئەگەر شۇ ۋاقىتتا بۇزوراۋانلىق ھەرىكەت كۆتىرىلمىگەن بولسا ، قانچە ئون يىللاردىن بىرى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپ ، ئىزىپ ، خەلق قېنى بەدىلىگە ئەپيۇن چىراقلىرىنى گۈللەندۇرۇپ زوراۋانلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق سۈرۈپ كەلگەن جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچى داۋتەي –ئامباللىرى ئۆز ھاكىمىيىتىنى تەخسىگە سېلىپ ئىككى قوللاپ خەلققە ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن بولاتتى .قەشقەرنى مىسالغا ئالساق ، تۆمۈر سىجاڭ كۈچ كۆرسىتىپ پەيزىۋاتقا كەلمىگەن ، ئوسمان ئېلى كۈچ كۆرسىتىپ ئاتۇشتىن – قەشقەر كونا شەھەرگە باستۇرۇپ كىرمىگەن بولسا ، ئۇزۇن يىل قەشقەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن ماداۋتەي تەختىتىن چۈشۈپ قولىدىكى سىلىڭلىق تامغىنى تاپشۇرمىغان بولاتتى . دىمەك ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتا كۈچ كۆرسەتكەنلىكى توغرا بولغان ھەققانىي ھەرىكەت ئىدى . تىببىي ئىلىمدا زەھەرنى – زەرھەر بىلەن قايتۇرۇش دېگەندەك ئەكسىيەتچى زوراۋان ھاكىمىيەتنى ، ئىنقىلابىي زوراۋان ھەرىكەت بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلىماي بولمايتتى .

     ئاپتور بۇ مەسلىدە يەنە تۆۋەندىكى بىر سەۋەنلىككە يول قويىدۇ ؛ يەنى تۆمۈر بىلەن ئوسمانغا « يەرلىك زوراۋانلار ئىدى » دېگەن ئاتنى قويدۇمدەپ قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنڭ زور گەۋدىسى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ ، سەلبىي ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ .مۇنداق قىلىش بىھۇدىلىك بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى خاتا ئۇرۇنۇشتۇر .
      ھەممىگە مەلۇمكى ، ياڭ –جىن مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلقنىڭ شىللىسىغا مىنىپ ئېكسىپلاتاتسىيە يۈرگۈزۈپ خەلقنى ئىزىپ كەلگەن تۇغما زوراۋانلار ئىدى .شۇڭا خەلق زۇلۇمدىن ئېكىسپلاتاتسىيىدىن قۇتۇلۇشقا ئىنىتزار بولدى . شۇنداق كۈنلەردە قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىدى . ئۇنىڭ تەسىرىدە جەنۇبىي شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرى بۈيۈك ئورمانغا تۇتاشقان ئوتتەك ھەممىلا يەردە لاۋۇلداپ يېنىشقا باشلىدى . بۇنداق بولۇشى شۇ دەۋرنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى ئىدى .« قەيەردە زۇلۇم بولسا شۇ يەردە قارشىلىق بولىدۇ » دېگەن قانۇنى ھۆكۈمنىڭ ئىجتىمائىي ئىنكاسى ئىدى . بۇ قوزغىلاڭنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ سەلبىي ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس .قەشقەرنى مەركەز قىلغان جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ پايانسىز كەڭ ۋادىسىنى 20-30يىلدىن بۇيان قاشقىردەك تىلغاپ زوراۋانلىق بىلەن خانىۋەيران قىلىپ كېلىۋاتقان ماتىتەي – ماداۋتەي ، ئامبال – لاۋىيلەرنى بىر قېتىم زوراۋان ئىدى »دەپ تىلغا ئالمىغان ئاپتور ، يوقۇرقى زالىملارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان تۆمۈر ، ئوسمانلارغا كەلگەندە «يەرلىك زوراۋانلار ئىدى »دەپ ئات قويغانلىقى كىشىنى قاتتىق چۆچۈتىدۇ . ئاپتوردىن شۇنى سورايلىكى ، جىن –شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت ئەمەلدارلىرى ئۇزۇن يىلدىن خەلقنىڭ شىللىسىغا مىنىۋېلىپ زوراۋانلىق يۈرگۈزسە « زوراۋانلىق » بولمايدىكەنغۇ ، خەلق ئاممىسى ( تۆمۈر ، ئوسمانمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ) ئۇلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ يورۇق كۈنلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللانسا « زوراۋان » بولامدىكەن !...

    ئاپتور بۇ مەسىلىگە كەلگەندە ئۆزىنىڭ 30-يىللاردىكى قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا تۇتقان پوزىتيىسى بىلەن مۇھەببىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشتىن ساقلىنالمايدۇ .چۈنكى ئاپتور جەنۇبىي شىنجاڭ خەلق قوزغىلاڭلىرىنى خەلق سېپىدە تۇرۇپ كۈزەتمەسىتىن بەلكى جىن شۇرېن ھۆكۈمتىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك سادىق ئەمەلدارى مەۋقەئىدە تۇرۇپ كۈزىتىپ قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ زور گەۋدىسى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ خەلق قوزغىلاڭلىرىنى « قالايمىقانچىلىق ئىچىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ »دەپلا تۈتەكلەشتۇرگەن .تارىخنى مۇنداق تۈتەكلەشتۇرۇپ كۆرسەتكەن ئاپتورنى قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا نىسبەتەن ھېسداشلىقى بار ، مۇئەييەن مۇھەببىتى بار دەپ ئېيتىشقا قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ! ئاپتورنىڭ 1922-يىللار « ئىلغار گۇرۇپپا » ، « مەخپىي تەشكىلات » قۇردۇم دېگەنلىرى بىلەن «تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى مېنى ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلىۋالماقچى بولغان »، « تۇرپان قوزغىلىڭنىڭ پرىنسىپال مەسىلىلىرىگە غەمغۇرلۇق قىلدىم » دېگەنلىرى نەگە كەتتى ! ئۇ دېگەنلىرى ھېچقانداق يەردە پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغان قۇرۇق سۆز دۆۋىسى بولۇپ قالماسمۇ ! .
      4- ئاپتور ئۆز كىتاپنىڭ 485-بېتىدىن 492-بېتىگىچە بولغان سەھپىلەرگە « قالايمىقانچىلىق ئىچىدىكى جەنۇبى شىنجاڭ »دەپ ماۋزۇ قويۇپ 1933-يىلىدىكى جەنۇنىي شىنجاڭ دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنى ئەسلەپ چىققان . ئەپسۇسكى ئەسلىمىنىڭ ئۆزى قالايمىقان يېزىلغان بولۇپ نۇرغۇنلىغان تارىخى پاكىتلار ئاستىن –ئۈستىن قىلىۋېتىلگەن .
       ئالدى بىلەن شۇنى ئىزاھلاپ قويۇش لازىمكى ، ئەسلىمىگە « قالايمىقانچىلىق ئىچىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ » دەپ ماۋزۇ قويۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس .چۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرى ناھايىتى رەتلىك – رېتىملىق بولدى . كۇچارنى ئىشغار قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئاقسۇ – قەشقەرنى ئىشغال قىلدى . دېمەك قوزغىلاڭ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ناھايىتى رەتلىك ۋە تەرتىپلىك بولدى .جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى نەزەرىدىن قارىغاندا ناھايىتى قالايمىقان بولدى .قوزغىلاڭچىلار ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان تۇرمۇشنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقتىن ئۇلار ساراسىمگە چۈشۈپ پاراكەندە بولدى . شۇڭا ئۇلار قوزغىلاڭنى « قالايمىقانچىلىق » دەپ ئاتىدى . بەلكى ئاپتور ئۆزىمۇ جىن شۇرېننىڭ بىر ئەمەلدارى بولغاچقا ( ئاپتور 1933-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى گىرمانىيىدىن قايتىپ كېلىپ ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل تۇرغان . 3-ئاينىڭ 27-كۈنى جىن شۇرېننىڭ بۇيرۇقى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا خىزمەت بىلەن كەتكەن ) جەنۇبىي شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرىنى بىر پارچە قالايمىقانچىلىق دەپ چۈشىنىپ قالغان بولۇشى كېرەك .

        مىسال ئۈچۈن بىر جۈملىنى كەلتۈرۈپ پاكىتقا سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى :
486-بەتتە : « 1933-يىلى 1- ئايدا ماشىمىڭ ، مارېننى كۇچارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى . كۇچاربىدىكلەر خاڭتوسى تۆمۈر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتىرىپ ، مارېن بىلەن بىرلىشىپ كۇچارنى بېسىۋالدى » دەپ يېزىلغان .

       مارېن ( ساقاللىق تۇنگان دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) نىڭ كۇچارغا كەلگەنلىكى راسىت .ئۇ كېيىن كەلدى . كۇچارنى تۆمۈر بىلەن ھەمدەمبەگ ھاجى ، كۇچار ۋاڭلىرى بىرلىشىپ ئون مىڭدىن ئارتۇق كۇچار خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىشغال قىلدى .ئون مىڭلىغان قوزغىلاڭچى خەلق ئىچىدە 32ئەسكىرى بىلەن كەلگەن مارېن قانچىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن ، تۆمۈر پۇرسەتتىن پايدىلانغان مەسىلە تۈپتىن مەۋجۇت ئەمەس . ئۇ كورلىغىچە بېرىپ كورلىنى ئىشغال قىلغال ئىنىسى توختى لۇيجاڭدىن كۈچ ئۇلاپ كۇچارغا كەلدى .شامالباغ دەرۋازىسىغا قويغان ئوتنىڭ يالقۇنى ئۆچمىگەن ۋاقىتتىلا ئات سالغان پېتى شەھەرگە باستۇرۇپ كىرىپ كەتتى .ئاپتور كۇچارنى ئىشغال قىلغان ئون مىڭدىن ئارتۇق كۇچار خەلقىنى تىلغا ئالماستىن مارېننى تىلغا ئالغانلىقى ـ تىلغا ئالغاندىمۇ ئۇنىڭ رولىنى ئۈستۈن قىلىپ يازغانلىقى ، ئەسلىمىنىڭ چىنلىقىغا خېلى دەرىجىدە نۇقسان يەتكۈزىدۇ .كىشىنى تەئەججۇپلەندۇرىدىغان يەنە بىر يېرى شۇكى ، ئەسلىمىنىڭ :« كۇچارنى بېسىۋالدى » دەپ يېزىلغان كۇچارلىق قوزغىلاڭچىلار ئۆز شەھىرىنى ئۆزى بېسىۋالمايدۇ ، بەلكى شەھەرنى بېسىپ ياتقان جىن شۇرېن ئەكسىيەتچىلىرىدىن ئۆز شەھىرىنى قۇتقۇزىۋالىدۇ ياكى ئازات قىلىدۇ ، ياكى ئىشغال قىلىدۇ . ئەسلىمىدە گەپنى مۇشۇنداق قويۇشمۇ بىر مەسىلە .ئەگەر ئاپتوردا قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى چوڭ بىر قىسمى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرىغا نىسبەتەن ئازراق ھېسداشلىقى بولىدىغان بولسا ، سۆزنى ھەرگىز ئۇنداق يازمىغان بولاتتى . بۇ يەردە ئاپتورنىڭ مەيدانى جىن شۇرېن تەرەپتە بولغانلىقتىن قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۇچارنى ئىشغال قىلغانلىقى گويا ئۆزىنىڭ ئۆيىنى باشقىلار تەرەپتىن بېسىۋالغاندەك ئېچىنىشلىق تەلەپپۇزدا يازغان !
        جەنۇبىي شنجاڭ قوزغىلاڭلىرى –قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ چوڭ ھەم ئاساسىي ھەل قىلغۇچ قىسمى بولۇپ ئومۇمىي ئېقىمى جىن شۇرېن ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت .مەقسەت ، نىشان توغرا بولغان بۇ قوزغىلاڭغا ئاپتورنىڭ مۇئەييەن ھېسداشلىقى بولۇپلا قالماستىن چوڭقۇر مۇھەببىتىمۇ بولۇشى كېرەك . شۇنداق بولغاندىلا ئۆزىنىڭ « تۇرپان قوزغىلاڭلىرىغا غەمغۇرلۇق قىلىش » تەڭ سالاھىتى ئىپادىلەنگەن بولاتتى . ئەمما ئاپتور جەنۇبى شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرىنى بىر پارچە قالايمىقانچىلىقى دەپ تونۇپ ھەر خىل قوپال سۆزلەر بىلەن ئەسلىمە بايان قىلغانلىقى كىشىنى تېخىمۇ قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ – خالاس !.
        جەنۇبى شىنجاڭدا قالايمىقانچىلىق بولغانمۇ دېگەندە قالايمىقانچىلىق بولدى .بۇ قالايمىقانچىلىق ئاساسەن ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان قالايمىقانچىلىق بولۇپ ، بۇ ئايرىم مەسىلە .بۇ ھەقتە توختالساق بەك ئۇزۇنغا كېتىپ قالىمىز !


6-« پانتۈركىست » ۋە « پانتۈركىزىمچىلار »توغرىسىدا

ئاپتور بۇمەسىلە توغرىسىدا ئۆز كىتابىنىڭ كۆپ يېرىدە تەكرارلايدۇ . مەسىلەن :
      « 1922-يىلدىلا ... مەخپىي تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشتۇق .... بىز پانتۈركىستلارغا ئوخشىمايتتۇق ... ( 307-308- بەتلەر )
      « ... بىراق ماشىمىڭ پانتۈركىزىمچىلارغا ئوخشىمايتتى » ( 486-بەت )
     « ماجەنساڭلار ..يەرلىكى ئەمەلدار ماشياۋۇنىڭ ياردىمىنى ئېلىشقا رازى ئىدىكى .پانتۈركىزىمچىلارنىڭ ئىز
بېسىپ تۇرۇشىغا يول قويمايتتى » ( 489-بەت )
        « .... پانتۈركىست مۇھەممەت ئىمىن ... قارىقاشتا قوزغىلاڭ كۆتىرىپ بۇ يەرنىڭ ھاكىمىيتىنى تارتىۋالدى .... » (488-بەت)
      «شۇ چاغدا خوجىنىيازنىڭ چۆرىسىدە ئايلىنىپ يۈرگەنلەرنىڭ بىر مۇنچىسى پانتۈركىزىمچىلار بولۇپ ، بۇلاردىن تەسىرى ئەڭ كۈچلۈكى مەھمۇت ئىدى . مەھمۇت بىلەن ساۋۇت داموللىنىڭ نىيىتى بىر ئىدى .... » (491-بەت )
      « .... يۈنۈسبەگ خوجىنىيازغا ئەگىشىپ يۈرگەن مەزگىلىدە پانتۈركىزىمچىلار تەرەپتىن تارتىپ كېتىلگەن .... » ( 492-بەت )
      «بۇ تەشكىلات ( شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى )نىڭ قۇراللىق كۈچى ئوسمان بىلەن مەھمۇتنىڭ قىسىملىرى ئىدى ..... ›› ( 495-بەت )
       يۇنۇسبەك – تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى پىچان ئۇرۇشىدا ۋاقىتلىق مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قارا شەھەرگە كىرىپ ، ئۇ يەردىن جەنۇبقا مېڭىپ ئاقسۇدا تۆمۈر سىجاڭغا يېتىشكەن . قەشقەرغە بارغاندا ماشىياۋۇنىڭ ئورنىغا ۋالى بولۇپ تەيىنلەنگەن .
        ‹‹.مەن ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن تاھىر بەگنىڭ ئەيقانلىرى ھەقىقەتەن ئەمەلىيەت ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇم ، خوجىنىيازنى پانتۈركىزىمچىلار قورشىۋالغانىكەن ......›› (503-بەت )
      ‹‹شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇش پىلانلىنىۋاتقاندا مەن ئالتايدا ئىدىم . ..... مەن كېرىمخانغا خەت يازدىم .... شىنجاڭ‹‹ مۇستەقىللىق ›› خاتا يولغا ماڭسا بولمايدۇ ....›› (502-بەت )
       يوقۇرقى نەقىللەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى ، ئومومەن 30-يىللاردا قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان باشلىقلارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ‹‹ پانتۈركست ›› ياكى ‹‹ پانتۈركىزىمچىلار ›› تەرەپىدىن تارتىپ كېتىپ . خاتا يولغا ماڭغۇچىلار بولۇپ قالغان . بۇنىڭ ئەكسىچە بىرلا كىشى ، يەنى پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىلا « پانتۈركسىت »بولمىغان ۋە «پانتۈركىزىمچىلار »تەرەپتىن تارتىپ كېتىلمىگەن ، يەنى خاتا يولغا ماڭمىغان ئادەم بولۇپ چىققان .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاپتور يەنە ماجۇڭيىڭ ، ماشىمىڭ ، ماجەنساڭغا ئوخشاش ئادەملەرنى
 ‹‹ پانتۈركىستلار ››غا ئوخشىمايدىغان ياكى پانتۈركىزىمچىلارنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرۇشىغا يول قويمايدىغان ئەزىمەتلەردىن قىلىپ كۆرسىتىپ ئۆزىگە شېرىك قىلىۋالغان . بۇ نېمىدىگەن كۈلكىلىك ۋە ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇش – ھە ! بۇ گەپچە 30-يىللاردا شىنجاڭنى بىر قانچە يىل پاراكەندىچىلىككە سېلىپ بۇلاڭ-تالاڭ ۋە قىرغىنچىلىق قىلغان ماجۇڭيىڭ ۋە ئۇنىڭ جاللات قىسىملىرى شىنجاڭغا پانتۈركىستلارغا قارشى تۇرۇش ۋە پانتۈركىزىمچىلارنى پۇت دەسسەپ تۇرۇشىغا يول قويماسلىق ئۈچۈنلا چىققان بولامدۇ !
        ئەجەبا ......بۇ يەردە شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ؛ ئاپتور ئۆز ئەسلىمىسىدە قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ غوللۇق سەركەردىلىرىنىڭ بىرسىگە ئۇنداق ، بىرسىگە مۇنداق دەپ ئات قويۇپ ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ‹‹ خاتا ››غا چىقارغانلىقى يالغۇز بىر قانچە سەركەردىنى كاردىن چىقىرىش بولۇپلا قالماستىن بەلكى 30-يىللاردا ئاز كام تۆت يىل داۋام قىلىپ ئەكسىيەتچى جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىنى تۈپتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاپ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۈنۈملىك ئالغا سىلجىتقان بىر پۈتۈن قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بىر يامان غەرەزنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقى مانا مەندەپ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ !.
       ئاپتور ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەيدىغان ۋە چۈشەنمەيدىغان قارا ئادەملەردىن ئەمەس ، بەلكى ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتنى ، ئۆتمۈشنى ، ھازىرنى ھەتتا خېلى يىراق كەلگۈسىنى مۆلچەرلىيەلەيدىغان چوڭ زىيالى .قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە جەنۇبى شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرى جۇش ئۇرۇپ قايناۋاتقان مەزگىللەردە ئاپتورگەرچە شىنجاڭدا يوق بولسىمۇ ، ئەمما قوزغىلاڭنىڭ ئۆتمۈشى ۋە تارىخى قىممىتىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ . قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ چىقمىغان بولسا ، ‹‹12-ئاپرىل ››سىياسى ئۆزگىرىشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ، جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرىلمىغان بولسا ، شىڭ شىسەي ۋە خوجىنىياز ھاجىغا مەركەزلەشكەن بىر قەدەر دىموكراتىك ، خەلقچىل ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلمايدىغانلىقىنى ، شۇنداقلا 30-يىللاردىن 40-يىللارغىچە بولغان شىنجاڭنىڭ سىياسى-ئىقتىسادى ۋە مەدەنى مائارىپنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققى قىلمايدىغانلىقىنى ئاپتور تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىدۇ . ئەپسۇسكى ھەممىنى چۈشىنىدىغان ئاپتور يەنە نېمە ئۈچۈن قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىدىن ئىبارەت بۇ تارىخى ئەمەلىيەتنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە تەۋەككۈل قىلغاندۇ ! . ھەممە چىراقنى خىرەلەشتۈرسەم ئاندىن ئۆزەمنىڭ چىرىقى ئوبدان يانىدۇ دېمەكچى بولامدىغاندۇ ! .

        بۇ يەردە ھەقىقى تارىخنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ ئۆتۈش لازىمكى ؛ قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى قانداقتۇر ‹‹مۇستەقىللىق ›› شۇئارىنى توۋلىغان ياكى ‹‹ مۇستەقىللىق بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان بولماستىن ، بەلكى مىللى زۇلۇم ۋە فېئودالىزىم زۇلمىغا قارشى قوزغالغان بىر قېتىملىق كەڭ مىقياستىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى بولۇپ ئومومى گەۋدىسى ، نىشانى ، مەقسىتى توغرا ئىدى . شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن 1933-يىلى ‹‹ 12-ئاپرىل ›› سىياسى ئۆزگىرىشىدىن كېيىن قۇرۇلغان ئۈرۈمچى يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ ئىتتىپاق تۈزدى . ئەگەر ئاپتور ئەيتقاندەك قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ چوڭ تارمىقى بولغان جەنۇبى شىنجاڭ قوزغىلاڭلىرى ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا خاتا يولغا مېڭىپ قالغان بولسا ، ياكى خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئەتراپىنى پانتۈركىزىمچىلار ئوراپ تۇرغان بولسا ، بولۇپمۇ ئاساسلىق سەركىلەردىن بولغان مەھمۇت سىجاڭ پانتۈركىزىم يولىغا ماڭغان بولسا ، ئۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ئۈرۈمچىدىكى شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىككە كېلىپ ئىتتىپاق تۈزمەستىن بەلكى قۇربىنىڭ يەتكەن يېرىگىچە قانداقتۇر ‹‹ مۇستەقىللىق ›› شۇئارلىرىنى توۋلاپ ، بايراقلارنى لەپىلدىتىپ يۈرگەن بولاتتى .روشەنكى ، ئۇلارنىڭ بىر قانچە يىللىق كۈرەش ئەمەلىيىتىدە بۇنىڭدىن دېرەك بېرىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈنگىنى يوق .ئەمما ئاپتور خوجىنىياز ھاجىنى قانداقتۇر پانتۈركىزىمچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغانلىقتىن ئۇنى قۇتقۇزىۋېلىش قىيىن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مىسال ئۈچۈن خوجىنىيازنىڭ كاتىپى كېرىمخاننى پانتۈركىست ئىدى دەپ كۆرسىتىدۇ .ئەپسۇسكى ئاپتور تاشقى موڭغۇلىيە ئارقىلىق ئۆتۈپ كەلگەن ياكى باشقا يوللار بىلەن كېلىپ خوجىنىياز ھاجىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى بولۇپ تۇرىۋالغان شۇنچە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىرسىنىمۇ تىلغا ئالمايدۇ . بىرنىڭ كۈچى قانداق ، بەش – ئوننىڭ كۈچى قانداق . بۇنىمۇ دەڭسەپ كۆرمەيدۇ .
لېكىن ئاپتور ئەسلىمىسىنىڭ بەزى سەھىپىلىرىدە يەنە مۇنداق مەلۇماتلارنى بېرىدۇ . مەسىلەن : (298-بەتتە ) تاشقى موڭغۇلىيە ئىۋەتكەن ۋەكىللەر ئىچىدىن ئاباۋ ، نىياز ئاخۇن ، قاسىم ، ئىسمايىل ئاخۇنلارنى تىلغا ئالسا ، ( 296-بەتتە ) ‹‹تاشقى موڭغۇلىيەدىن ۋە ئۈرۈمچىدىن كېلىپ خوجىنىياز قىسىملىرىغا قوشۇلۇپ ھەربى ۋە سىياسى خىزمەت ئىشلىگەنلەر ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ ئون نەچچىگە يەتكەن .....ئاباۋ .... تاشقى مۇڭغۇلىيىدىن كەلگەن سىياسىي خىزمەت خادىمى ئىدى . » شۇنىڭدەك(491-بەت ) يەنە « قومۇل ۋەقەسىدە تاشقى موڭغۇلىيىدىن خوجىنىيازنىڭ يېنىغا كەلگەن خادىملار مەسىلەن : ئىسمايىل ئاخۇن ، غازى ، نىياز ئاخۇنلار .... خوجىنىياز ئۈچۈن چەتئەللەردىن قورال – ياراق سېتىۋېلىپ بېرەلەيدىغان بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسى خوجىنىيازغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيتتى .....››دەيدۇ.

       يوقۇرقى ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولدىكى ، ئاپتور ھەممە ئەھۋالدىن خەۋەردار . خوجىنىياز ھاجىغا ‹‹ پانتۈركىست ›› دېگەن نامنى كۈچەپ چاپلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇ كىشىنىڭ ئاللىقاچان توزاققا چۈشۈپ كىنارىغا ئېسىلىپ قالغان تەييار گۆش بولۇپ قالغانلىقىنى ئاپتور ئوبدان بىلىدۇ ! .
     ئەمما ئاپتور پۈتۈن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مەھمۇت سىجاڭنى ‹‹پانتۈركىست››قىلىپ كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن : ..... پانتۈركىزىمچىلاردىن تەسىرى ئەڭ كۈچلۈكى مەھمۇت ئىدى .مەھمۇت بىلەن ساۋۇت داموللىنىڭ نىيىتى بىر ئىدى . بۇ تەشكىلاتنىڭ ( شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ) قۇراللىق كۈچى ئوسمان بىلەن مەھمۇتنىڭ قىسىملىرى ئىدى ....... ۋە باشقىلار .

      ئەمەلىيەتتە مەھمۇت مۇھىتى قانداق ئادەم ئىدى ؟ ئۇ ، قەيسەر ، ئىرادىلىك ، قەتئى ئادەم بولۇپ قۇۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسى مەقسەت نىشانىدىن تەۋرەنمىگەن ، شىنجاڭدا ئاخىرقى مىنوتقىچە ئېلىشىپ ھېچ ئامال قالمىغاندا ئاندىن چەتكە چىقىپ كەتتى .
        ئۇ چەتكە چىقىپ كەتكەنگە قەدەر شىڭ شىسەيگە قارشى كۈرەش قىلدى .شىڭ شىسەينىڭ ، فۇكاڭ توختىمىغا ئەمەل قىلماي ، چىدىماسلىق قىلغان ئىشلىرىغا قارشى تۇردى .شىڭ شىسەينىڭ ۋەتەن بىرلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇپ ، شىنجاڭنى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش رىسپوبلىكىسى قىلىۋېلىشقا تەكلىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا ئەرز قىلىپ نەنجىن مەركىزى ھۆكۈمەتكە ئادەم ئىۋەتتى .دېمەك ئۇ ، چەتكە چىقىپ كەتكەنگە قەدەر نەنجىن ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزمىدى .ئۇ مەركەزگە ئىتائەت قىلىش دائىرەسىدە تۇرۇپ مۇختارىيەت ( ئاپتونومىيە ) تەلەپ قىلدى . بۇ ئادەمگە قانداقتۇر ‹‹ پانتۈركىست ›› ‹‹ ۋەتەن بىرلىكىنى بۇزغۇچى ›› دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇش تولىمۇ ئادالەتسىزلىك ۋە ناھەق بولىدۇ . ساۋۇت داموللا بىلەن نىيىتى بىر ئىدى دېسەك تېخىمۇ ئادالەتسىزلىك بولىدۇ . چۈنكى ساۋۇت داموللىنى قولغا ئېلىپ خوجىنىياز ھاجىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن كىشى دەل شۇ مەھمۇت مۇھىتى ئىدى .ئۇنىڭ قىسىملىرى ساۋۇت داموللا تايانغان كۈچ بولماستىن بەلكى خوجىنىياز ھاجىغا ئىتائەت قىلىدىغان ئاساسلىق كۈچ بولۇپ ئاخىرقى مىنوتقا قەدەر مەھمۇت سىجاڭغا سادىق بولۇپ تۇردى .
         ئاپتور‹‹پانتۈركىست ››‹‹‹پانتۈركىزىم ››دېگەننىڭ تىگى –تەكتىدىن تارتىپ ئاقىبەتلىرىگىچە بولغان پۈتۈن جەرياننى باشقا ھەر قانداق كىشىدىنمۇ چوڭقۇر ۋە ئېنىق چۈشىنىدۇ . پانتۈركىزىم قاچان قەيەردە پەيدا بولدى ، ئوسمان ئىمپىرىيىسى قانداق بەربات بولدى ، پانتۈركىزىمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇچقۇنلىرى قانداق باستۇرۇلدى ، 30-يىللاردىن كېيىن شىڭ شىسەي دەۋرىدە پانتۈركىزىم قانداق بولدى ، بۇ جەھەتلەردە ئاپتورنىڭ بىلىمى ھەممىدىن چوڭقۇر  ‹‹ پانتۈركىست ›› دېگەن سۆز بىلەن تۈركى تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ بوينىنى قۇشقاچنىڭ بوينىنى بوينىنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ ، چامغۇرنى كەسكەندەك كېسىپ تاشلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ، ئۇنداقلارنىڭ نام –ئەھۋالىنى تارىخلاردىنمۇ ئۆچۈرىۋاتقىلى بولىدغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتور 1922-يىللاردىلا بىز پانتۈركىستلارغا ئوخشىمايتتۇق دەپ ئېلان قىلغان .مەيلى ئۇ چاغدىكى تەسەۋۋۇرىدا كىملەرنىڭ پانتۈركىستلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن قەتئى نەزەر (ئاپتور كىمنى نەزەردە تۇتقان بولسىمۇ ..) ئاپتورنىڭ بالدۇر ئېلان قىلغانلىقىغا پىكىرىم يوق . قورقان ئالدىدا مۇش كۆتىرىپتۇ دەپمۇ قارىمايمەن . لېكىن 30-يىللاردىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا جان پىدا قىلىپ قاتناشقان سەركەردىلەرگە قانداقتۇر ‹‹پانتۈركىست ›› ‹‹ مۇستەقىل دۆلەت قۇرغۇچى ›› دېگەندەك يولسىز قالپاقنى قار – قويۇق كەيگۈزۈپ ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم قۇربان قىلىۋەتمەكچى بولغانلىقىغا تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن ! .
       كىتابنىڭ 480-بېتىدە ‹‹ ماجۇڭيىڭ قەشقەرغە كىرگەندىن كېيىن ‹‹ شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ›› نى بىت-چىت قىلدى .... ›› دەپ يېزىلغان .
        جۈملىنىڭ ئورانى ۋە كەيپىياتىدىن قارىغاندا ماجۇڭيىڭ قانداقتۇر ئىجابى كۈچ ، قەشقەردىكىلەر قانداقتۇر ‹‹ شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ››دىن ئىبارەت سەلبى گۇروھتىكىلەر بولۇپ بىت-چىت بولغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ .مەسىلىنى مۇشۇنداق قويۇش زادى قانداق ؟ بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن تارىخى پاكىتلارغا ھاۋالە قىلىپ كۆرەيلى :

       ①1933-يىلى 5-ئايلاردا ماجۇڭيىڭ 2-قېتىم شىنجاڭغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئەپتى-بەشرىسى ئاشكارلىنىپ شىنجاڭدىكى 13 مىللەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولۇپ قالدى . مۇشۇ سەۋەبتىن خوجىنىياز ھاجى شىڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ فۇكاڭ كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى . 1934-يىلغا ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان ماجۇڭيىڭنى بىت-چىت قىلىۋېتىش ئۈچۈن شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى پۈتۈن كۈچىنى سەپەرۋەر قىلغاندىن تاشقىرى سوۋىت ئىتتىپاقىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى . تەلەپكە بىنائەن سوۋىت ئارمىيىسى ‹‹ ئالتايسكى›› دېگەن نام بىلەن چۆچەك ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرىپ ماجۇڭيىڭ قسىملىرىغا يەردىن ھاۋادىن قاخشاتقۇچ زەربە بەردى . نەتىجىدە ماجۇڭيىڭ مەغلۇپ بولۇپ جەنۇبى شىنجاڭ تەرەپكە پېتراپ قاچتى . تارىخى ئەمەلىيەت دەل مۇشۇنداق ، ئەمما ئاپتور ئەسلىمىسىدە گويا ماجۇڭيىڭ قانداقتۇر ‹‹ شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ›› نى بىت-چىت قىلىۋېتىش ئۈچۈنلا قەشقارغە بارغاندەك قىلىپ قويغان .مۇنداق يېزىش تارىخى پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى ھەق - ناھەقنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋاتقانلىق بولىدۇ .

      ② ساۋۇت داموللا 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە ‹‹ شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ›› نى كۆتىرىپ چىقتى . بۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجى ئاقسۇدا ئىدى . ساۋۇت داموللىنىڭ ئۇ ئىشنى قوللىمايتتى . خوجىنىياز ھاجى 34- يىلىنىڭ باشلىرىدا قەشقەرگە باردى .ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى ئۈرۈمچى تەرەپتىن قېچىپ قەشقەرگە يېتىپ بارغاندا خوجىنىياز ھاجى قەشقەردە بار ئىدى .ئۇنىڭ تەسىرى چوڭ ، ئەمەلىي كۈچى كۆپ بولۇپ شىڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ۋە جەنۇپقا قاچقان ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى قەشقەرگە يېقىنلاشقاندا خوجىنىياز ھاجى قاتتىق توسۇپ كەسكىن جەڭ قىلماستىن شەھەرنى بوشۇتۇپ يېڭىسار – يەكەن تەرەپكە كەتتى . كېيىن ئۆزى ئەركەشتامغا باردى . شۇ ۋاقىتتا ساۋۇت داموللىمۇ مەپىسىگە چۈشۈپ يېڭىسار – يەكەن تەرەپكە كەتتى . شۇ مەزگىلدە خوجىنىياز ھاجى تەرەپتىن قولغا ئېلىندى . دېمەك « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » دىگىنى ساۋۇت داموللا قولغا ئېلىنىش بىلەن ئوتتۇرىدىن كۆتۈرىلىپ كەتتى . بۇ ئەمەلىي پاكىتلاردىن شۇنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇكى ، شۇ ۋاقىتتا قەشقەرگە توپلانغان كۈچ ، مۇتلەق تەسىرگە ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە خوجىنىياز ھاجىنىڭ كۈچى بولۇپ شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىتتىپاقلاشقان –تەمىناتىنى ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىدىن ئالىدىغان قانۇنلۇق كۈچ ئىدى . ساۋۇت داموللا قۇرغان ھۆكۈمەت بۇلارغا ۋەكىللىك قىلالمايتتى .بۇ ھۆكۈمەت يۈسۈپجان قۇر بېشى ۋە ئوسمان قىرغىزنىڭ كۈچىنى تايانچ قىلغان بولۇپ كۈچ جەھەتتە ئاز ھەم ئاجىز ئىدى .ھەتتا خوتەن قىسىملىرىمۇ ئۇ ، ھۆكۈمەتنى قوللىمايتتى ۋە ئىتائەت قىلمايتتى .
        دىمەك ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى قەشقەرگە كىرگەندە بىت –چىت بولغىنى قانداقتۇر « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى »بولماستىن ، بەلكى شەھەرنى ستراتىگىيىلىك بوشۇتۇپ بەرگىنى خوجىنياز ھاجى ئىدى .ئۇ ، شىڭ شىسەي بىلەن كېلىشىپ قويۇپ ماجۇڭيىڭغا ئەجەللىك زەربە بەرمەستىن شەھەرنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنىدى . يىغىپ ئېيتقاندا ماجۇڭيىڭ قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن « شەرقىي تۈركستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » بىت – چىت بولۇپ كەتتى دېيىلىدىغان بولسا ، تارىخى پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيلا قالماستىن ، بەلكى تارىخ ناھەق بۇرمىلىنىپ كېتىدۇ .
       بۇ مەسىلىنى چۈشىنىشكە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر پاكىتنى قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن .مەسىلەن : ئېكىسپىدىتسىيىچى سۋىن –ھېدىن يازغان «ماجۇڭيىڭنىڭ سەرگەردانلىق خاتىرىسى »ناملىق كىتابنىڭ ( خەنزۇچە نەشىرى ) 263-بېتىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان :  « ئۇرۈمچىدىكى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ باش كونسۇلى گ . ئا . ئەپرېستۋ ماڭا قەشقەردىكى خىزمەتدىشىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتتە يېزىلغان مۇنۇ سۆزلەرنى دەپ بەردى : - ماجۇڭيىڭ ئۆزىنىڭ قالدى – قاتتى ئادەملىرىنى ئەگەشتۇرگەن ھالدا جان تالىشىپ قېچىپ قەشقەرگە كەلدى . ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ 120 ئادىمى بىلەن ئەركەشتام ئارقىلىق قېچىپ روسيىگە كەتتى ...»

       شۇ يىللاردا ھەممىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونسۇللىرى ئۆز –ئارا يېزىشقان خەتلىرىدە ماجۇڭيىڭنى جان تالىشىپ قەشقەرگە قېچىپ كەلدى دەۋاتسا ، ئاپتور كىتاپنىڭ 496-بېتىدە «ماجۇڭيىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ (شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتچىلىرنىڭ –دېمەكچى )شېرىن چۈشى تامامەن بىت – چىت بولدى » دەپ يېزىپ كىشىنى تېخىمۇ قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .

       يوقۇرقى ئىككى خاتىرنى سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا ، سوۋىت ئىتتىپاقى كونسۇل خادىملىرىنىڭ ماجۇڭيىڭنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشقا بەرگەن خۇلاسىسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ، ئاپتورنىڭ ئەسلىمىسىدىكى بايانلار بىر تەرەپمىلىك بولۇپلا قالماي غەرەزلىك بۇرمىلانغانلىقى مەندەپ كۆرىنىپ تۇرىدۇ .ئاپتور بۇ يەردە ھەتتا ماجۇڭيىڭمۇ « پانتۈركىزىمچىلارنى » نى بىت – چىت قىلغان دېگەن ئۇقۇمنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولىدۇ .
قالغان تەرەپلەرنى ھۆرمەتلىك كىتاپخانلارنىڭ ئۆزلىرى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ چىقىشنى ئۈمىت قىلىمەن !

        كېيىنكى ئەمەلىي ئەھۋاللاردىن قارىغاندا ، شىنجاڭ شارائىيىتىدا بىر ئادەمنىڭ « پانتۈركىزىمچى » ، « پان ئىسلامزىمچى » بولۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچراشىنىڭ ئۆلچەم شەرتلىرى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ ، شىڭ شىسەينىڭ ئەشەددىلەشكەن دەۋرلىرىدە قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقانلارنىڭ تولىسى دىگىدەك « پانتۈركست » ،  « پان ئىسلام » ، « جاھاتگىرلارنىڭ قۇيرۇقى – جاسۇسى » بولۇپ تۈرمىگە تاشلاندى . شۇنىڭدەك ھىندىستان ، مىسىر تەرەپلەردە ئوقۇپ كەلگەن ياكى ھەرەمگە بېرىپ كەلگەنلەرمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كېلىپ تۇرمىگە تاشلاندى .ئەگەر مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ئېيتقاندا ئاپتورنىڭ ئۆزى قانداق بولىدۇ ، روسيە قازاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ، گىرمانىيىدە ئوقۇغان ئاپتور زادى زادى نېمىگە تەۋە ؟ ....

     1962-يىللاردىكى ئۆگىنىش ھەرىكەتلىرىدە ئۆزىنى تەكشۈرۈپ مەسلە تاپشۇرغان ئاپتور ، 30- يىللاردا بىرلىندا ھەرىكەتلىنىۋاتقان مەشھۇر پانتۈركست غىياس ئىسھاقى ( تاتار ) لارنىڭ نەشىر قىلغان « مىللەتلەرنىڭ چوڭ يولى » ، پارىژدا ھەرىكەتلىنىۋاتقان مەشھۇر پانتۈركىست مۇستاپا چوقاي نەشىر قىلىۋاتقان « ياش تۈركىستان » ناملىق ئەكسىيەتچى ژۇرناللارنى كۆرگەنلىكىنى ، ئوقۇغانلىقىنى ھەتتا بۇ ژۇرناللارنى ئاپتورغا ئەۋەتىپ تۇرغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى .ۋەھالەنكى ، پانتۈركىستلارنىڭ بىرلىن ، پارىژدا قانداق ھەرىكەتلنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىمىغان . بىلىمىگەن ، ھەتتا ئۇلار نەشىر قىلغان ژۇرناللارنى كۆرمىگەن ، كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئوقۇشنى بىلمىگەن قاراتۈرۈك ، ساۋاتسىز سەھرالىقلار « پانتۈركست » ، « پان ئىسلامسىت » بولۇپ ئەيىپلانغان يەردە ، بىرلىن – پارىژلارنى كېزىپ يۈرگەن بەلكى شۇ مەزگىللەردە غىياس ئىسھاقى ( تاتار ) ، مۇستاپا چوقاي ( ئۆزبېك ) لەر بىلەن كۆرۈشۈپ سالاملاشقان ياكى ئۇلارنىڭ ژۇرنال – مەجمۇئىلىرىنى كۆرۈپ يۈرگەن ئاپتور قانداق قىلىپ « پانتۈركست » ، « پان ئىسلامست » بولماي قالغاندۇ ؟

         ئەمما ئاپتور بەزەن جايلاردا قۇيرۇقىنى تۇتتۇرمىسىمۇ ، لېكىن ئازراق كۆرسىتىپ قويىدۇ . مەسىلەن : ئاپتور 1938- يىلى 2- ئايدا شىڭ شىسەي زايساندىن چاقىرتىپ كېلىپ قولغا ئالغان چاغلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق يازىدۇ : « كىچىك ماشىنىدىن بىر نەچچەيلەن چۈشۈپ ..ئاندىن قولۇمنى كۆتىرىپ قويۇپ يېنىمنى ئاختۇردى ، مەن ئەنە شۇنداق قولغا ئېلىندىم .مېنى قولغا ئالغانلارنىڭ بىرى ئىلى ج خ ئىدارىسىدىكى سوۋىت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىسى ئىدى » .
   « ئىلى ج خ ئىدارىسى مېنى بىر ھەپتە قامىغاندىن كېيىن 4- ئاينىڭ 12- كۈنى ئۈرۈمچىدىكى
 2- تۈرمىگە يالاپ ئېلىپ باردى ».
       « ج خ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى يىڭچى ۋە سوۋىتلىك ئىككى سوراق مەسلىھەتچىسى مېنى سوراق قىلىشقا مەسئول بولدى . ئۇلار ماڭا « جاھانگىرلارغا غالچىلىق قىلغان » ، چەتئەلگە باغلانغان » ، « گىرمانىيە بىلەن ياپونىيە كۈچلىرىگە تايىنىپ شىنجاڭدا مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتى قۇرماقچى بولغان »دېگەنگە ئوخشاش بەتناملارنى چاپلىدى . مەن بۇنداق بۆھتاننى ئېتراپ قىلمىدىم . ئەلۋەتتە .... ھوشۇمغا كەلگەندىن كېيىن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ فاشىستلارغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىمىنى چۈشەندۈرمەكچى بولدۇم . چۆچەكتە گىرمانىيىنىڭ ئىشپىيونى شىمېتنى پاش قىلىپ سوۋىت ئىتتىپاقىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىمنى ، شۇنداقلا ياپۇن جاھانگىرلىكىگە ئىنتايىن ئۆچ ئىكەنلىكىمنى ، 1933-يىلى ئالتايدا ياپونىيىنىڭ غالچىسى ماخېيىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقىمنى .سۆزلەپ بەردىم » .
يوقۇرقى سۆزلەردىن قارىغاندا ئاپتورغا « پانتۈركست – پان ئىسلامسىت » شامىلى ئاز – تولا تەككەندەك قىلىدۇ . سوۋىت مەسلىھەتچىلىرى قاتناشقان قولغا ئېلىنىش ۋە سوراق قىلىنىش ئەھۋاللىرى مەسىلىنىڭ يالغۇز شىڭ شىسەينىڭ قولىدىن ئەمەس ، بەلكى سوۋىت ئىتتىپاقى تەرەپىدىن بولىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ .ئاپتورنىڭ ئېتراپ قىلمىغانلىقى بىرىنچىدىن يوق نەرسىنى ئىقرار قىلمىغانلىق بولسا ، ئىككىنچىدىن ھەر قانداق جازاغا بەرداشلىق بىرىپ سىناقلاردىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى .

        بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش لازىمكى :ئاپتورغا 1933-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا موسكىۋادا يولداش پوگونىن كېلىپ شىنجاڭنىڭ تۆۋەتتىكى سىياسى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان . شۇنىڭ بىلەن كاللىسىنى ئېلىشتۇرىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ئايدىڭلاشقان .(ئاپتور يەنە 504-بەتتە پوگونىن توغرىسىدا توختۇلۇپ مېنى ئىنقىلاپقا تونۇشتۇرغان پوگونىنمۇ ئۇرۈمچىگە كېلىپ شىنجاڭنىڭ سىياسى تەپتىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە مۇئاۋىن باشلىق بولۇپ شىنجاڭدا ئامانلىقىنى ساقلاش ئورگانلىرىنى قۇرۇشقا ياردەملەشتى )  دەپ ئۇچۇر بىرىدۇ .
673-بەتتە يەنە ئۇچۇر بىرىپ :«ئىشىكتىن كىرىشمىگىلا بىر كىشى ئالدىمغا كېلىپ مەن بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى .ئۇنىڭ سوۋىتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم .لېكىن بىز تونۇشمايتتۇق .ئۇ مېنىڭ روسچە بىلىدىغانلىقىمنى بىلسە كېرەك ،تەرجىمان ئەكەلمەپتۇ . ئۇ ناھايىتى ئەدەپ بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇردى .
    « مەن شېبايىۋ بولىمەن ،ئەمدىلا موسكۋادىن مەخسۇس سىز بىلەن ئەھۋاللىشىشقا كەلدىم » دېدى . مەن بىر ئاز ھەيران بولدۇم . ئۇ ، گېپىنى داۋاملاشتۇردى . « شىڭ شىسەي شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان چاغدا سوۋىت ئىتتىپاقىدىن سوراق مەسلىھەتچىسى قىلىپ ئەۋەتىلگەن يولداشلار شىڭ شىسەينىڭ دامىغا چۈشۈپ قېلىپ سىزنى جاھانگىرلارنىڭ غالچىسى ، دىگەن ئىكەن .6-7 يىللىق تەكشۈرۈش ئارقىسىدا سىزگە تۆھمەت قىلىنغانلىقى ،ئۇۋال قىلىنغانلىقى ئىسپاتلاندى . شۇڭا سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى مېنى مەخسۇس سىزدىن ئەپۇ سوراش ئۈچۈن ئەۋەتتى » شۇنىڭ بىلەن ئۇ قولۇمنى يەنە بىر قېتىم چىڭ سىقتى ، - دەيدۇ .
      يۇقۇرقى ئەھۋاللاردىن ئاپتورنىڭ قاماققا ئېلىنىش – بوشۇتىلىش ئىشلىرى ئادەتتىكى كىچىك ئىشلاردىن بولماي ، بەلكى چوڭ ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولۇپلا قالماستىن ، ئەڭ مۇھىمى ئاپتورنىڭ چوڭ تەۋەلىكى بار ئالاھىدە ئادەم ئىكەنلىكىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ .
        مۇشۇ مەسىلىگە كەلگەندە بىر جۇملە كۆڭۈل سۆزىنى ئېيتىپ ئۆتۈشنى خالايمەنكى ، سوۋىت ئىتتىپاقى شۇ يىللاردا شىنجاڭغا ئەۋەتكەن سوراق مەسلىھەتچىلىرى ئاپتورنى خاتا سوراق قىلىپ ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلغان ئون مىڭلىغان ھەر مىللەت خەلقىدىن ئەپۇ سورىمامدىكەن ! ... قىزىق ئىش – ھە ! .

         ئاپتورنىڭ ئەسلىمىسىدە تولا مەسىلىلەردە پرىنسىپاللىق ۋە ئىزچىللىق كەم
      مەسىلەن :ماجۇڭيىڭ توغرىسىدا بىر تۇرۇپ ماشىمىڭنى «پانتۈركستلارغا ئوخشىمايتتى »دەپ پەرداز بەرسە ، ماجۇڭيىڭنى جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ پانتۈركىزىمچىلارنىڭ شېرىن چۈشلىرىنى بىت –چىت قىلدى دەپ كۆككە كۆتىرىدۇ . مەسىلە ئۆزىگە تاقاشقاندا « ياپۇنىيىلىك غالچىىسى ماخېيىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلدىم »دەپ ئۆزىگە دەستەك قىلىدۇ .ماخېيىڭ دېگەن ماجۇڭيىڭنىڭ ئالتاي چۆچەككە ئەۋەتكەن ئۆز ئادەمىغۇ !ھەر ئىككىسىلا ياپونىيىنىڭ غالچىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانغۇ !. 
 

ئەسكەرتىش : مەزكور ئەسەر باغداش تورىغا خاس ، ھەرقانداق يەردە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
  


     
 


        
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-05-23, 16:33
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-05-23 15:38 |
mingyol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1923
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ يازمىغا ئىنكاس يېزىشقا سەۋىيەم يەتمىگۈدەك . مۇنبەرداشلارنىڭ مۇنازىرىسىنى كۈتەي . ۋەزنى ئېغىر يازمىنىڭ تاقىلىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .
music bagdax
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-23 18:58 |
hon~oghli
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1811
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 277 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 272 سوم
تۆھپە: 159 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 162 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن يۇقارقى كىتاپنى ئوقىغان چىغىمدا ، بۇ يۇمۇلاق تاۋۇزغا چىكىت قويۇپ قويغان ئىدىم ،
مانا ھەقىيقىي تارىخ ھامان ئىچىلىدۇ ، بورھانغا ۋە شۇنىڭدەكلەرگە كەلگۈسى ئەۋلاتلار ،
چوقۇم لايىقىدا باھا پىچىدۇ ،< ھەقىيقەت ئىگىلمەيدۇ يا سۇنمايدۇ> ، ھەقىيقەت ھامان ھەقىيقەت ، بىر شەخىسنىڭ تارىيخىنى ئۆزگەرىتكىلى بولسىمۇ ،بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ تارىيخىنى
ئۆزگەرتىش ياكى ياساپ چىقىش ئەسلا مۆمكىن بولمايدىغان ئەمىلىيەت .
بىلمىدىم بۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىيخىنى زەھەر خەندىلىك بىلەن ياساپ چىقىشىنىڭ
مەخسىدى زادى نىمە؟  نەچچە مىڭ يىللىق تارىيخىمىزنى،ئاپپاق غوجا يوققۇتۇش غەرزىدە بولغان بولسىمۇ ئەقىيقەتنىڭ قۇدىرتى بىلەن يەنىلا بىزلەرگە يىتىپ كىلەلىدى ،
شۇنىڭغا ئوخشاش يىقىنقى تارىخمۇ مەڭگۈ يوقالمايدىغانلىقىنى ئاسپاتلىدى .
قىرىندىشىمىز (باغداش ئەدىبىياتى) نايىتى ياخشى تىيما يوللاپسىز ، ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرگەي!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-23 20:03 |
nur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 846
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 96
شۆھرەت: 590 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 590 سوم
تۆھپە: 342 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 342 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  بۇ ئەسەر بىر پارچە ئوبزورلا بولۇپ قالماستىن بەلكى دىئارىمىزنىڭ يېقىنقى 50 يىللىق تارىخىغا كىرگۈرۈلگەن  تۈزۈتۈش ئىكەن. خېۋىر تۆمۈر ئاكىغا ئوخشاش پىشقەدەملىرىمىزلا بۇنداق ۋەزنى تولىمۇ ئېغىر خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. 
  
   تېما يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت . ئىتايىن قىممەتلىك ماتىريال بىلەن تەمىنلەپسىز.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-23 21:24 |
tohotur

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 370
شۆھرەت: 2077 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2082 سوم
تۆھپە: 1222 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1225 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 677(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تارىخى بىلىملەرنى تەپەككۇر ئانالىز قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىنى بىلىۋالدىم ،

قېىرىلىق بىر كىسەلىك ،    ئادەم ئەسلىدىنلا ئاجىز قېىرىغاندا تېخىمۇ ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان گەپ ،  توغرا چۇشۇنەيلى .

ئەمما ھەقىقەتنى يۇرۇتقان ھەم ھەقىقەتنى يورۇتۇشنىڭ يولىنى ئۆگەتكەن خېۋىر بۇۋىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن

مەنغۇ بۇ مەرھۇم بۇۋىمىزنىڭ مۇللا زەيدىن ھەقىدە قىسىسە دىگەن  رۇمانىغا ئامراق ئىدىم ،
ئۆزەمنىڭ بۇۋام مېنىڭ موللازەيدىن دىگەن كىتاپنى زىرىكمەي ئوقۇشۇمغا بەك خاپا ئىدى ، '
شۇ كىتاپنى ئوقۇپ ئولتۇرساملا  : بۇ موللازەيدىن دىگەن تارىخقا يازغۇدەك ئەدەم ئەمەس بۇ  ،نىمە قىلىدىغاندۇ مۇشۇنداق كىتاپلارنى ئوقۇپ  دەپ قاقشاپ كىتەتتى ،
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-24 01:36 |
arkim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 920 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 925 سوم
تۆھپە: 529 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 529 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 185(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياراتقۇچى ئاللا ئىگەم خېۋىر تۆمۈربوۋىمىزدەك كىشىلىرىمىزگە جەننىتىڭدىن ئورۇن بەرگەيسەن!
music bagdax
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-24 10:56 |
sarsan88
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 17 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 17 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تور ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا مەن كۆرگەن ئەڭ چوڭ قىممەتكە ئىگە تېما بولدى ؛
   ئەجرىڭلەرگە رەخمەت !
oztil
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-24 12:22 |
nilopar0997
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1604
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تارىخنى ھەقىقى بىلىدىخانلار يەنىلا باركەن. ئوز تارىخىمىزنى يۇرۇتۇپ بىرىدىغان ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۇرگەن قېرىنداشلىرىمنى اللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.
بەك ياخشى بىر باشلىنىش بوپتۇ، ئۇزۇلۇپ قالمىسىكەن.
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-24 18:04 |
tohotur

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 370
شۆھرەت: 2077 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2082 سوم
تۆھپە: 1222 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1225 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 677(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  ۋاي خۇدايىم قانداق ئادەم بۇ ، پوق يىگەنلا ئادەمكەنغۇ بۇ ، بۇگۇن تەپسسىلى ئوقۇپ  بېقىپ ئوزەممۇ پوق ياۋالغاندەك بولۇپ قالدىم ، چىركىنچىلىك دىگەن يوقۇرى  قاتلامدىمۇ نىمە ،
بۇ قارى كىتاپ يازىمەن دەپ ئۆزىگىمۇ ،بىزگىمۇ ئۇگال قىپتۇ ئىست ،
oztil
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-24 19:54 |
arkim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 920 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 925 سوم
تۆھپە: 529 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 529 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 185(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ تېمىنى ھەممە ئۇيغۇرنىڭ كۆرۈشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم...
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-25 09:51 |
koknur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1988
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ بورھان شەيدى نىڭ شۇ ئەسىرنى ئۇقۇپ  چىققان .
شۇ جەرياندا نۇرغۇن مۇجىمەللىكنى ھىس قىلغان ئىدىم ،شۇنداقلا بۇئادەمنىڭ ياڭ زېڭشىڭ،
جىن شۇرېن،شېڭ شىسەي، شېڭ شېسەيدىن كېيىنكى گومېنداڭ ھاكىمىيتىدە،ئۇندىن كېيىنكى كومپارتىيە دەۋىرنىڭ ھەممىسىدە مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغىنىنى ،ئىككى خىل ھاكىميەتنىڭ ئىككىلىسىدە شىنجاڭغا رەئىس بولغننى بىلگەندىن كېينلا سېپى ئۈزىدىن ماڭقۇرت دىگەن باھانى بىرىپ بولغان ئىدىم .
مەرھۇم خېۋىر تۈمۈر ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالسىنى ئۇقۇغاندىن كېيىن چۈشەنچەمنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-25 11:37 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرى