كەتتىلە
(ئا.ئۆتكۈرگە مەرسىيە)
ئېلى زاھىت
ھۆرمەتتە <<ئۆزلىرى>>دەيتتۇق ھەممىمىز،
<<سەن>>ئەمەس،<<سىزگىمۇ>> بارماي تىلىمىز.
ئىگىلىپ يىراقتىن بېرەتتۇق سالام،
كۆرگەندە ھەر قېتىم يايراپ دىلىمىز.
ئاھ ئۇستازكەتتىلە،كەتتىلە يىراق،
يۇلتۇزلار ئىچىدىن چولپان ئۆچكەندەك.
تەڭرىتاغ سۈكۈتتە ئەگدى بېشىنى،
قوينىدا بىر نۇرلۇغ چىراق ئۆچكەندەك.
جىنازا ئاستىدا مىڭلىغان بىلەك.
كۆتۈردۇق تالىشىپ باشلاردىن ئېگىز.
بىلمىدىم، تويمۇ ماتەممۇ بۈگۈن،
گۈلساينىڭ قوينىدا چايقالدى دېڭىز!
ئۆلىدۇ پۇقرامۇ، شاھلارمۇ بىر كۈن.
ئۆلۈمنىڭ قىممىتى ئوخشىماس بىراق،
نامەرتتىن يىرگىنەر بەلكى يەر ئانا،
سىلىگە گۈل زېمىن ئاچتى كەڭ قۇچاق.
كەتتىلە چىن ئىنسان سىمۋولى بولۇپ،
بېھىشنىڭ تۆرىدە ئورۇنلىرى بار.
ياخشىلىق قالمايدۇ يەردە ھېچقاچان.
ھۆر-پەرى راسلىغان سورۇنلىرى بار.
كەتتىلە، ئەۋلادقا قالدى كۆپ مىراس،
قالدىغۇ بوتىدەك بوزلاپ ئوغۇل-قىز.
ئۆلمەيدۇناملىرى،ئۆلمەيدۇ مەڭگۈ،
خەلقىمنىڭ قەلبىدە ئابىدەدۇر<<ئىز>>!
1995-يىل-5-ئۆكتەبىر
"ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئابىدىسى"ناملىق كىتاپتىن باغداش تورى تور يۈزىگە يوللىدى ، ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىڭ !