turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 731 قېتىم كۆرۈلدى
imannur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2379
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 45 سوم
تۆھپە: 26 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 26 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ھېيىتلىق (ھىكايە) مۇكاپاتلىق ئەسەر 

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما everoll تەرىپىدىن مۇنبەر ئۇقتۇرىشى بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-06-29)
باغداش مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە  قاتناشتۇرىمەن

ھېيىتقا ئاز قالغانسېرى تىكىدىغان كىيىملەرنىڭ كۆپلىكىدىن باھارگۈل ئاخشىمى خېلى بىر ۋاقىتلارغىچەئۆيىگە    قايتالماي كىيىم تىكىش دۇكىنىدىلا  كەچ قىلىۋېتىپ باراتتى. دەل -بۇنداق ئالدىراش كۈنلەردە قېرىشقاندەك   باھارگۈلنىڭ ئىككىلا شاگىرتىنىڭ بىرى سوقۇرئۈچەي كېسلى بولۇپ ،يەنە بىرىنىڭ ئۆيىدە مىيىت بولۇپ قېلىپ ئۇنىڭ زىممىسىدىكى يۈك بىراقلا ئېغىرلىشىپ كەتكەنتى   .
      باھارگۈل ئەمدىلا بىر كۆينەكنى تورلاش ماشىنىسىغا سېلىپ تۇرىشىغا  دۇكان ئىشىكى ئېچىلىپ قاش- كۆزلىرىگە ئەستايىدىل گىرىم قىلغان ،چاچلىرىنى زامانغا لايىق  ياسىتىپ ئۈستىگەخويمۇ ياراشتۇرۇرۇپ يېڭىلا مودابولغان    كورىيە  پاسونىدىكى كۆكرەك قىسمىغا  پۇرمە قىلىپ ئاستى تولىمۇ  لەرزان قويۇۋېتىلگەن ، بىنەپشە رەڭلىك    كۆينەك ،پۇتىغا ئاپپاق رەڭلىك ئۈستىگە چىراق يوروقىدا ۋالىلداپ يېنىپ تۇرغان كۆز ئورنىتىلغان ئىگىز   پاشىنلىق ئاياق كىيگەن،يۈز  تېرىسنىڭ سۈزۇكلىكىدىن ئادەم قاراۋېرىشكەئەيمەنگۈدەك  چىرايلىق بىر ئايال    ، خۇشبۇي ئەتىر  پۇرىقى  بىلەن تەڭ دۇكانغا كىرىپ   كەلدى  . 
ئۇ  ئايال باھارگۈلگە ئىللىق سالام بەرگەندىن  كېيىن باھارگۈلنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئورۇندۇققا  كېلىپ ئولتۇرۇپ   بولۇپ ،قولىدىكى سۇلياۋخالتىدىن باھارگۈل تېخى كۆرۈپ باقمىغان شۇنچىلىك سىپتا،تىگى يېشىل بىلەن سېرىقنىڭ   ئارلىقىدىكى رەڭگە  مايىلراق كېلىدىغان  ،گۈللىرىنى خۇددى  قولدا  كەشتىلىگەندەك  كۆرىنىدىغان ،تۆكۈلۈپ   تۇرىشىدىن بەدەنگە تەگسىمۇ  بەكلاراھەت  بىلىندىغان بىر پارچە رەخىتنى چىقاردى-دە، گەپ  باشلىدى   .
بۇ  رەخىتنى ئاچام تۈركىيەگە چىققاندا ئالغاچ كەپتىكەن  ،ئەسلىبۇ  يەردە ھاۋا خېلى  ئىسسىغاندا  كۆينەك    تىككۈزۈپ كىيەي دىگەن ،بىراق كېيىنكى چارشەنبە كۈنى يولدىشىمنىڭ ئىنسىنىڭ ئوغلىنى سۈننەت توي   قىلىدىغان  بولۇپ قالدى ، شۇڭا بۇ 3 كۈن ئىچىدە بۇنى بىر تىكىپ  بېرەمدىكىن  دەپ  ،ئەتراپتىكىلەردىن    سۈرۈشتۈرۈپ  بۇ ناھىيەبازىرىدا  سىزنى  بەك   كۆڭۈلدىكىدەك تىكىدۇ  دەپ ئاڭلىدىم . باشقىلارغا ئاپارغىنىم    بىلەنمۇ رەخىتنى زايا  قىلىۋېتەمدىكىن -دەپ ،ئۇدۇل سىزنىڭ يېنىڭىزغىلا ئەكىردىم-دەپ سۆزلىگىنىچە رەخىتنى     باھارگۈلنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ ئەكەلدى    .  
 باھارگۈل شۇنچە  تىتىلداپ تۇرسىمۇيەنىلا ئۆزىنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسى بىلەن بۇ  چىرايلىق خېرىدارنى رەت   قىلماقچى بولۇپ دۇدۇقلاپ   قالدى،،،،،
-بۇ  ،بۇ   ،ھازىرئىككىلا  شاگىرتىىم يوق بولغاچقا  بىر ھەپتە بۇرۇنلا ....

باھارگۈلنىڭ قالغان گەپلىرى ئاغزىدىلا لەيلەپ قالدى  . 
-ۋىييەي_ ! تىكىش ھەققىنى باشقىلاردىن ئارتۇقراق بەرسەم بولمىدىمۇ مېنىڭكىنى ئاۋۋال تىكىۋەتمەمسىز  -! دىگىنىچەسومكىسىنىڭ سېرتىمىسىنى شارتتىدەئېچىپ 50 سوملۇق پۇلدىن بىر پارچىنى ئېلىپ باھارگۈلنىڭ    ئالدىغا قويدى .قالغىنىنى كۆينەك  پۈتكەندە  بېرەي _ ھە  !؟  
 باھارگۈل چىرايلىق خېرىدارنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىگە  قارىغىنىچە گەپ  قىلىىشقا تەمشىلىپ توختاپ قالدى  .
بىر كەسپىي كىيىم تىككۈچى بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇنداق ئېسىل رەخىتكە ئۆزىمۇ سەزمەيلا ئامراق بولۇپ    قالغاندەك  بولۇپ قالدى .
 خېرىدار  تەكەللوپسىزلا  باھارگۈلنىڭ ئۈستەل ئۈستىدە تۇرغان مېتىرىنى قولىغائالدى-دە ! باھارگۈلگەتەڭلەپ   
_ تېز بولۇڭ ئۆلچەپ بولسىڭىزلا ماڭاي، دەپ تۇرۇۋالدى  .
باھارگۈل يەنىلا  بىردەم ئىككىلەنگەندەك بولۇپ خالار -خالىماسلا ئورنىدىن تۇردى_دە  ،خېرىدارنىڭ    ئۆلچەشكە تېگىشلىك جايلىرىنى تېزلا  ئۆلچەپ بولدى  .
چىرايلىق خېرىدار باھارگۈل  ئۇزاتقان سېرىق رەڭلىك تالوننى ئېلىپ سومكىسىغا سالغىنىچە ، ئەمىسە سىزنى    ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم  ، دەپ- تاقىلداپ ماڭغىنىچە چىقىپ كەتتى.باھارگۈل تېلىپكەتكەن پاتىڭىغا ياغاچ    مىتىر بىلەن بوش ئۇرغىنىچە ئورنىغاكېلىپ ئولتۇردى ۋە ھېلىلا كىرگەن رەخىتنى سىلاپ قويۇپ رەتلىك قىلىپ    تىزىپ قويۇلغان  رەخىتلەرنىڭ قاتارىغا  قوشۇپ قويدى   .
بىر  خىل رېتىمدىكى ئالدىراشچىلىق بىلەن ئىككى كۈنمۇناھايتى تېز ئۆتۈپ كەتتى .
  
  باھارگۈل بۇ  ناھىيەبازىرىدا دۇكان ئاچقان  ئىككى يىلدىن بۇيان كىيىملەرنى تېز ۋە سىپتا ،خېرىدارلارنىڭ     كۆڭلىدىكىدەك تىكىش  بىلەن ناھايتى تېزلا خېرىدارتوپلىۋالغان ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستگە بۇ ناھىيە بازىرى    كىچىك ھەم  ئادەم بەك كۆپ بولمىغاچقا كىچىكرەك دۇكان ۋە ئاشخانىلارمۇ  ھەممە ئادەمگە دىگۈدەك  تونۇش    ئىدى . ئادەملەر ئۆز-ئاراپىششىق تونۇشمىسىمۇ ، سىرتتىنبىر-بىرىنى تونۇيتتى،شۇڭلاشقا  باھارگۈلمۇئامال بار     خېرىدارلارنى لايىقىدارازى قىلىپ يولغاسالاتتى ، بولۇپمۇ تويلۇق كىيىملەر ،يېڭىلامودا بولۇشقا باشلىغان  كىيىملەركىيىم  تىكىش دۇكىنىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولۇپ كېلىۋاتاتتى .
بۇ نەچچە كۈندىن بېرى ھېيىتقا  كىيىم تىكتۈردىغان  ئاياللارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي قېلىۋاتاتتى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە  بۇ  يەردىكى تويلارنىڭ كۆپىنچىسى يازلىقى بولىدىغان  بولغاچقا  ھەم  ھېيىتلىق ھەم تويلاردا كىيىش  ئۈچۈن كىيىم   تىكتۈردىغانلار   كۆپىيىپ  كېتەتتى    .
بۇ نەچچەكۈندىن بۇيان باھارگۈل ھېرىپ ھالىدىن  كېتەي دىسىمۇ   ، ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى ھېيىتقا قىلچە    تەييارلىق قىلىشقا ئۈلگۈرمىسىمۇ ئامال بار قولىدىكى بارلىق رەخىتلەرنى تىكىپ پۈتكۈزۋېتىشكە       تىرىشۋاتاتتى  . بۇ  ئىككى  كۈندىن  بۇيان  ھەر بىر پارچە رەخىتنى قولىغا ئېلىپ تىككەندە  ھېلىقى ئالاھىدە    رەخىت ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇراتتى  .

     بەلكىم ئىككى شاگىرتىم كەلگۈچە بۇنداق رەخىتلەر بۇ  يەردىمۇ  مودابولۇپ ئۈلگۈرەردىگەنخىياللار    بىلەن  رەخىتنى قولىغا  ئالدى  ،ئاۋۋال ئەينەكنىڭ ئالدىغا  كېلىپ  ئۆزىنىڭ بويىغا ئارتىپ كۆرۈپ باقتى ،ئىلگىرى ھەر   قانداق رەخىتنى  كېسىشتىن ئاۋۋال  بەك ئالدىراش  بولمىسىلا ،  ئۆزىنىڭ بويىغائارتىپ  كۆرۈپ ئادەتلىنىپ   كەتكەن بولسىمۇ ئەممابۇ  قېتىم ئۆزى يالغۇز  يىتىشەلمەي  چارچاپ كېتىۋاتقاچقا بۇنداق قىلىشمۇ خوشياقماي    ھەم ۋاقىتمۇ  يار  بەرمەيۋاتاتتى.ئۇ  رەختىنى  كېسىپ  بولاي  دىگەندە  تېلفون سايرىدى ئۇ  رەختىنى  كېسىپ    بولۇپلائالاي  دىگۈچە تېلفونمۇ سايراشتىن توختاپ  قالدى . خېلى كەچ   كىرگەندە  ھېلىقى رەختىنى  تىكىش   ئۈچۈن ئاۋايلىغىنىچە  ماشىنىغاسېلىپ ماشىنىسىنى تاقىلدىدىشقا  باشلىدى. بۇ  رەخىت بەك سىلىق بولغاچقا   قولدىن  قېچىپلا   تۇراتتى شۇڭا خېلى  كەچكىچە  دىققەت  بىلەن ئەستايىدىل تىكىپ،  تورلاش ماشىىنىسىغا  سالىدىغان  چاغ بولغاندىلا قۇرسىقىنىڭ   ئېچىپ  كوركىراپ  ، ئۇيقۇ بېسىپ بەكلا  چارچاپ كەتكەنلىكنى ھېس  قىلدى ،شۇنداق بولسىمۇ  ئەتە تىكىدىغان رەخىتلەرنى كېسىپ بولۇپ قۇرۇق نان  بىلەن چاي ئىچىپ دۇكاننى ئىچىدىن تاقاپ    دۇكاندىلا قونۇپ  قالدى   .
ئەتىسى ئەتتىگەندە  ئورنىدىن تۇرۇپ يۇز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ  دۇكان   ئىچىنى بىر قۇر  تۈزەشتۈرۈپ   ئاخشام    پۈتكەن  چىرايلىق كۆينەكنى ئېلىپ ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزىگە ئەپلەپ كۆرۈپ كۆزلىرىگە           ئىشەنمەيلا  قالدى ،كۆينەكنىڭ ئاياق  تەرىپى خېرىدارنىڭ تەلىپىدىكىدەك  يېيىلىپ تۇرسىمۇ  ئوڭ  تەرەپكە    سەل قىيسىيىپ كەتكەن بولۇپ سەللا  دىققەت قىلغان ئادەمگە پۇچۇق چىقىپ قالغانلىقى مانا مەن دەپ بىلىنىپلا    تۇراتتى   
  ،توۋۋا ! ئەمدى قانداق قىلارمەن- !؟  ئۆزگەرتىشكىمۇ ئامال يوق  ،ئۇ چىرايلىق خېنىمنىڭ ئەپتىدىنلا  ھېچكىمنى    ئۆزىگە تەڭ قىلمايدىغانلىقى،ھاكاۋۇرلىقى،ئۆكتەملىكى بىلىنىپلا    تۇرمامدۇ -!؟  شۇتاپتاباھارگۈلنىڭ كۆز     ئالدىغاچىرايلىقخېرىدار نىڭ دۇكاننى  بېشىغا   كىيىپ  ھەممە يەرنى مالىمان  قىلىۋاتقان ھالىتى كېلۋېلىپ    بېشىدىن  بىر چېلەك سۇ  قۇيىۋەتكەندەك بىئارام بولۇپ ئۇ ياق-بۇياققامېڭشقا باشلىدى،توساتتىنلا  ئۈستەلدە   يېيىلىپ ياتقان  كىتابلارغا كۆزى چۈشۈپ ،سەل  ئەقىل تاپقاندەك ئىتتىك بېرىپ كىتابنى  قولىغائالدى-دە ،كىتاب    بېتىدىكى ھەر خىل شەكىلدە ھەر خىل چىراي ھالەتلىرىدەتۇرۇپ ئۈستىدىكى كىيىملەرنى نامايەن  قىلىۋاتقان     مودىللارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ھومىيىپ قاراپ تۇرغان ھالەتلىرى ،خۇددى ئۆزىگە  قاراپ تۇرغاندەك  بەدەنلىرى     سەل تىكەنلەشكەندەك بولۇپ كەتتى  ،ئۇ  كىتابنى  بىردەم بۇ كىتابنى بىردەم ئاختۇرۇپ ئاخىرى بىر  مودىلنىڭ    ئۈستىدىكى ئاخشام تىككەن كۆينەككە سەل  ئوخشايدىغان  بىر پاسونغائۇزاققىچە تىكىلىپ قاراپ كاللىسىغا    كەلگەن ئەقىلدىن سەل ئارام تاپقاندەك بولۇپ ،رەخىت پۇرۇشلىرىنى سالدىغان  قەغەز ساندۇقتىن بۇ  رەڭگە    ماس كەلگۈدەك  ،رەخت  پارچىسى ئىزدەپ تاپتى-دەدەرھال ماشىنىسىنى ئىشقا  سېلىپ ھېلىقى پۇچۇق كەتكەن    جايغائۇلاپ  تىكىشكەباشلىدى  ،بىر  نەچچە مىنوتقىمۇ قالمايلا كىيىم تىكىش  ماشىنىسىداپۈتۈپ چىققان  بىريېڭى    پاسونغا  قاراپ يىنىكلەپ قالغاندەك بولۇپ  قالدى،ئۇ كۆينەكنى ئېلىپ  باشقىدىن  ئەينەك  ئالدىغا كېلىپ    كۆينەكنى ئۆزىنىڭ بەدىنىگەئەپلەپ خېلى تەپسىلىي قاراپ باقتى. ئەمما  بۇ  پۇچۇق ھېچقانچە بىلىنىپ     كەتمىگەننىڭ ئۈستىگە ئالاھىدەكۆزگەچېللىقۇدەك  باشقىچىلا بىر پاسون چىققان  ئىدى ، ئۇ  كۆينەكنى چىرايلىق    خېرىدارنىڭ كىيۋالغان  ھالىتىنى  كۆز ئالدىغا  كەلتۇرۇپ  بىردىنلا   يىپ-يىنىك بولۇپ  قالدى  ،بېشى سەل    چىڭقىلىپ  تۇرسىمۇ   ،بايىقى غەمدىن خالاس  بولۇپ  قالدى ، ئەمدىلا   كۆينەكنى ئورنىغا قويۇپ ناشتا    قىلىشقىمۇ  ئۈلگۈرمايلا  بىرىنجى خېرىدارنى كۈتىۋالدى
   ھېيىتلىق  كىيىم تىكتۈرگەن كونا خېرىدار  كيىملىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ كىيپ  سىناپ ،رازىمەنلىك بىلەن    باھارگۈلگە  پۇل تەڭلەۋاتقانداچىرايلىق خېرىدار تاكاسلاپ ماڭغنىچە دۇكانغا  كىرىپ كەلدى ، باھارگۈلنىڭ     يۇرىكى باشقىچەسوقۇپ كەتتى، بايىقى خاتىرجەملىكى بىراقلا  يوقىلىپ سەل جددىيلىشىپ كەتتى  بېشىمۇ  باشقىدىن   چىڭقىلىپ كەتكەندەك بولدى . شۇنداق  بولسمۇ  تەۋەككۈل قىلىپ   دۇدۇقلاپ دىگۈدەك  ،،،،
-سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ئالماي تۇرۇپلا  كۆينەككە يېڭى پاسون چىقىرىپ  قويدۇم ،  ئەمدى سىزگە يارامدۇ  -يوق بىلمىدىم  دەپ ،ئاستا بېرىپ كۆينەكنى ئېلىپ  خېرىدارغا ئۇزاتتى ،خېرىدار كۆينەكنى ئېلىپ ئاۋۋال     ئەينەكنىڭ ئالدىغا  كەلدى ،ئۆزىگەئەپلەپ  بېقىپ  كىيىپ كۆرۈش ئۈچۈن كىيىم كىيىش   ئۆيىگە كىرىپ  كەتتى،   باشتا  كەلگەن خېرىدارمۇ بىر  ياندا قاراپ   تۇراتتى ،  كىيىم يۆتكەش ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ تېخىمۇ    چىرايلىق بولۇپ  كەتكەن ئايال تاك-تاك مېڭىپ ئەينەكنىڭ  ئالدىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ بەدىنىگە زەپ ياراشقان    بۇ كۆينەكنىڭ ئالدى-ئارقىسىنى سىلاپ تۇرۇپ
---  بەك  ئۇستىكەنسىز ،قانداق خېرىدارغا قانداق  پاسونلارنى قوشۇپ  قويۇشنىمۇ بىلىدىكەنسىز  ،شۇڭا    ھەممەيلەن سىزگىلا بۇيرۇتىدىكەن -ھە !  مەن راستىنلا  بەك خوش بولۇپ كەتتىم -، دىگىنىچە يەنەكىيىم   يۆتكەش ئۆيىگەكىرىپ كەتتى   .
باشتا كەلگەنخېرىدارمۇ باھارگۈلگە قاراپ ئاستاغىنە   ؛
- بۇيېڭىدىن ناھىيىگە كەلگەن ھاكىمنىڭ ئايالىكەن ، ئۆزى ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىدىكەندۇق ، قارىغاندا     ئادەتتىكىلا  بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان ئوخشايدۇ.ئەمدى  بۇيەرگە كېلىپ ناھىيلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ     باشلىقى بولغان   ئوخشايدۇ دىگەنلەرنى پىچىرلاپ تۇرىشىغا چىرايلىق ئايال مەمنون  بولغىنىچە باھارگۈلنى    ماختىغان پېتى چىقىپ كەلدى 

-راستىنلا  بەك يامانكەنسىز  ، قولىڭىزغا  دەت كەلمىسۇن ، ئۈرۈمچىدىمۇ خېلى-خېلى نامى  باردۇكانلاردىمۇ     مۇنچىلىك ئۆزگىچە  قىلىپ تىكىپ بېرەلمەيدۇ دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىۋاتاتتى ،،،،،،،،،
خېرىدارنىڭ  رازى بولغانلىقىدىن باھارگۈلنىڭ بېشىنىڭچىڭقىلىشىمۇ  تىزگىنەك بىلەن كونتىرول قىلغاندەك توختاپ  قالغانىدى،  چىرايلىق  ئايال سومكىسىدىن 100  سوم  پۇلنى چىقىرىپ باھارگۈلگە تەڭلەپ ئاشقان پۇلنى    قايتۇرغانغىمۇ  قويماي رەخمەت  ئېيتىپ  ،ئايىقىدىن تاك-تاك  ئاۋاز  چىقىرىپ چىقىپ كەتتى.  ھېلىقى     خېرىدارمۇ  بۇدا  كەلگەندە ماڭىمۇ   موشۇنداق  پاسون چىقىرىپ  بېرىڭە  ئەمدىمەنمۇ   ماڭاي ،ئالدىرايتتىم     دەپ چىقىپ  كەتتى   .
                
باھارگۈل ئەمدىلا  ئۆزىنىڭ ناشتا قىلمىغانلىقى ئېسىگەكېلىپ دۇكاننى تاقاپ قارشىتەرەپتىكى ئاشخانىغايول   ئالدى   .
تويلۇق كىيىملەرنىڭ  بىر  قەدەركۆپلىكىدىن روزا ھېيىتنىڭ  قانداقلا بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيمايلا     قالدى،ئۇنىڭغىچە باھارگۈلنىڭ بىر  شاگىرتى قايتىپمۇ كەلدى ، روزاھېيىت  ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي  ھەر خىل    كۆينەكلىك رەخىتلەرنى كۆتىرىشىپ ئىلگىرى- ئاخىربولۇپ   نۇرغۇن ئاياللار باھارگۈلنىڭ  دۇكىنىغا  كېلىپ    كەتتى.بۇئاياللارنىڭ ھەممىسى ئېتىكىگە  ئازىراق  باشقا  رەخت ئۇلانغان قۇربان ھېيىتلىق  كۆينەك بۇيرۇتۇشقان ئىدى  .


2011-يىلى     6-ئاينىڭ    28-كۈنى    يېزىلدى  


[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-06-28 20:53قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-28, 20:53
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-06-28 20:06 |
oychan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1788
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 83
شۆھرەت: 538 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 549 سوم
تۆھپە: 312 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 313 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ئايال كىيىم تىكىشكە «ئۇستا» بولغىنى بىلەن ئۆزىنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنىمۇ تازا تونۇپ بولالمىغان ئوخشايدۇ.  

روزا ھېيتنىڭ ئالدىنقى كۈنلىرى.......
ئۆزىنىڭ ناشتا قىلمىغانلىقى ئېسىگەكېلىپ....  ئاشخانىغا يول  ئالدى.....
ئەتىسى ئەتتىگەندە  ئورنىدىن تۇرۇپ يۇز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ....

قانداق ناھىيىدە ياشايدىغان ئايالدۇ بۇ؟  رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدىكەن دېسە!  ھىچبولمىسا ئەتىگىنى بىر ۋاق نامازنى بولسىمۇ ئوقۇسىچۇ! سەھەر تۇرۇپ تېخىمۇ جىقراق ئىش قىلىۋېلىشىغا بولسىمۇ پايدىسى بولار ئىدى......
lutun
مەن _ مۇرەككەپ يارىتىلغان ئاددىي ئادەم!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-28 23:13 |
tewilgha
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2264
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 93
شۆھرەت: 530 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 540 سوم
تۆھپە: 306 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 306 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 217(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى oychanدە2011-06-28 23:13يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ ئايال كىيىم تىكىشكە «ئۇستا» بولغىنى بىلەن ئۆزىنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنىمۇ تازا تونۇپ بولالمىغان ئوخشايدۇ.  

روزا ھېيتنىڭ ئالدىنقى كۈنلىرى.......
ئۆزىنىڭ ناشتا قىلمىغانلىقى ئېسىگەكېلىپ....  ئاشخانىغا يول  ئالدى.....
ئەتىسى ئەتتىگەندە  ئورنىدىن تۇرۇپ يۇز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ....
.......

مەككىدە  ياشايدىغان ئاياللار  بولسىمۇ  ئاياللارنىڭ رامىزان ئېيىدا فىزولوگىيلىك سەۋەب  تۇپەيلىدىن  روزا تۇتالمايدىغان چاغلىرىمۇ بارغۇ ؟!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-01 19:24 |
oychan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1788
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 83
شۆھرەت: 538 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 549 سوم
تۆھپە: 312 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 313 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى tewilghaدە2011-07-01 19:24يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

مەككىدە  ياشايدىغان ئاياللار  بولسىمۇ  ئاياللارنىڭ رامىزان ئېيىدا فىزولوگىيلىك سەۋەب  تۇپەيلىدىن  روزا تۇتالمايدىغان چاغلىرىمۇ بارغۇ ؟!
 
ئاپتور ئاشۇلارنىمۇ ئويلاشقانمىدۇ؟
ئاشۇنداق سەۋەب بولغان تەقدىردىمۇ، ياخشى بىر ئايال ئەتىگىنى ئاش ۋاقتىغىچە ئۇخلامدۇ؟  كوچىلاردا ئاشخانىلار ئېچىلىپ  ناشتىلىق چىقىپ بولغان چاغ ئىكەنغۇ ئۇ؟ 
يا بولمىسا بەك ئۇخلاپ كېتىپ سەھەر ئويغىنالمىغانلىقىمۇ ئېيتىلماپتۇ.

ئەسلى روزا ھېيت دېمەي قۇربان ھېيت دېگەن بولسىمۇ سەل مۇۋاپىقراق بوپتىكەن.
hawar
مەن _ مۇرەككەپ يارىتىلغان ئاددىي ئادەم!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-01 19:59 |
imannur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2379
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 45 سوم
تۆھپە: 26 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 26 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى oychanدە2011-07-01 19:59يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
 
ئاپتور ئاشۇلارنىمۇ ئويلاشقانمىدۇ؟
ئاشۇنداق سەۋەب بولغان تەقدىردىمۇ، ياخشى بىر ئايال ئەتىگىنى ئاش ۋاقتىغىچە ئۇخلامدۇ؟  كوچىلاردا ئاشخانىلار ئېچىلىپ  ناشتىلىق چىقىپ بولغان چاغ ئىكەنغۇ ئۇ؟ 
يا بولمىسا بەك ئۇخلاپ كېتىپ سەھەر ئويغىنالمىغانلىقىمۇ ئېيتىلماپتۇ.

.......

مەن يازغان بۇ يازمىدىكى ئىشلارنىڭ     بىر    تەرىپى     ئۆزۈمنىڭ    ئەتراپىدا    مەۋجۇت    ،   يىللار    بويى    شارائىتى بار  تۇرۇپ  روزا    تۇتمايدىغان    ئاياللار  ،  مەسجىت    بوسۇغۇسىدىن    ئاتلاپ    باقمىغان    ئادەملەرمۇ    بار   ،   ئەمما    مودا    دىسە   بىر- بىرىدىن   قېلىشمايدىغان    ئادەملەر    ھەممىلا    يەردە   بار  ،  ئەمما   مېنىڭ    قەلەم  كۈچۈم    ،كۈزىتىش    ئىقتىدارىمنىڭ     يىتەرلىك    بولماسلىقى   تۈپەيلىدىن    ئەتراپىمدىكى    ماڭا    تەسىر    قىلغان   ئىشلارنى    ئوقۇغانلارغا     تولۇق   ئىپادىلەپ    بېرەلمەي    قاپتىمەن   .  ئەمما   مەن  بارغان   خېلى    يەرلەردىمۇ     خېلى    ئادەملەرنىڭ    ئوموميۈزلۈك    روزىغا   كىرىشىپ    كېتەلمىگەنلىكىنى   ئۆز كۆزۇم   بىلەن  كۆرگەن .   ئەمما   بۇ  يەردە    بۇ    قەيەر    دەپ    سوراشنىڭ    زۆرۆرىيتى    يوق .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-02 16:22 |
oychan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1788
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 83
شۆھرەت: 538 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 549 سوم
تۆھپە: 312 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 313 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى imannurدە2011-07-02 16:22يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

  ئەمما   بۇ  يەردە    بۇ    قەيەر    دەپ    سوراشنىڭ    زۆرۆرىيتى    يوق .

سەل ھاياجانلىنىپ قېلىپ سوراپ ساپتىمەن،  كەچۈرۈم سورايمەن.  ئاللاھ شۇ يۇرتتىكىلەرگە ۋە باشقا ئىسلام دىندىن يىراقلاشقان بارلىق كىشلەرگە ھىدايەت بەرگەي! بۇزۇقچىلىقنىڭ تارىلىشى ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىدىندۇر. ئاگاھ بولايلى!..........
lutun
مەن _ مۇرەككەپ يارىتىلغان ئاددىي ئادەم!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-02 16:42 |
tewilgha
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2264
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 93
شۆھرەت: 530 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 540 سوم
تۆھپە: 306 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 306 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 217(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى oychanدە2011-07-02 16:42يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

سەل ھاياجانلىنىپ قېلىپ سوراپ ساپتىمەن،  كەچۈرۈم سورايمەن.  ئاللاھ شۇ يۇرتتىكىلەرگە ۋە باشقا ئىسلام دىندىن يىراقلاشقان بارلىق كىشلەرگە ھىدايەت بەرگەي! بۇزۇقچىلىقنىڭ تارىلىشى ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىدىندۇر. ئاگاھ بولايلى!..........

شۇ يۇرتتىكىلەرلا ئەمەس ، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئەتىراپىڭىزدىمۇ روزا تۇتمايدىغان ، ناماز ئوقۇمايدىغان كېشىلەر بار ، ئۆيىڭىز خانە كەئىبىنىڭ بېقىنىدا بولمىسلا ... يەنە بۇ تېمىدا  بۇزۇقچىلىق توغۇرلۇق ھېچقانداق  مەزمون ئۇچىراتمىدىم ، روزا تۇتماسلىق بۇزۇقچىلىققا كىرمەيدۇ ، ئاللا بۇيرۇغان بەش پەرزنىڭ بىرسىنى  ئادا قىلمىغانلىق بولىدۇ ، بۇنى بۇزۇقچىلىق دىمەي گۈناھ دسەك بولىدۇ ياكى ئاسىيلىق دىسىڭىزمۇ بولىدۇ  ... تور تاقىلىشتىن بۇرۇنلا مەن مۇشۇ توغۇرلۇق بىر ئىنكاس يوللىغان ئىدىم ، بۇرۇنمۇ  باغداشتا باشقىلار يازغان تېمىلارنى ئىسلامغا باغلىۋېلىپ باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغوق سۇ چاچىدىغان ، دىنى ئۆلىمادەك بولىۋېلىپ باشقىلارغا زەربە بىرىدىغان خاھىشلار مەۋجۈت ئىدى ... .. ئاشۇنداق ئادەملەرگە شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ  : ئەگەر راستىنلا شۇنداق تەقۋادار مۇسۇلمان بولساڭلار  ئىشنى ئەتىراپىڭلاردىكىلەردىن باشلاڭلار ! ئاچا - سىڭىللىرىڭلارنىڭ ، تۇققانلىرىڭلارنىڭ قىزلىرىنىڭ كېيىنىشىنى ئىسلامى ھالەتكە ئەكىلىڭلار ! مەھەللەڭلەردىكى ئىچەرمەنلەرگە ھاراقنى تاشلاتقۇزۇپ ھەقنى تونۇتۇڭلار !  تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىدا يول تاپالماي تەمتىرەپ يۇرۇپ يامان يوللارغا كىرىپ كېتۋاتقان قېرنداشلىرىمىزنى توغرا يولغا باشلاڭلار ! ئۇلارنى قۇتقۇزىۋېلىڭلار ! پەيغەمبەر ئەلەيسالام مۇنداق دىگەن : << ئەگەر سىلەر ئىسلامغا مۇخالىپ ئىشنى كۆرگىنىڭلاردا ئۇنى قولۇڭلار بىلەن تۇزىتىڭلار ، ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭلار تىلىڭلار بىلەن تۇزىتڭلار ، ئەگەر ئۇنڭغىمۇ قادىر بولالمىساڭلار قەلبىڭلەردە نارازى بولۇڭلار ، ئەمما بۇ ئىيماننىڭ ئەڭ ئاجىزىدۇر >> ... ئەتىراپىمىزدا ھاراق ئىچىپ ، ۋاقتىنى قارتا ئويناش بىلەن بىكار ئوتكۇزىۋاتقان قېىرنداشلىرىمىزغا بىر ئېغىز نەسىھەت قىلالمايمىز ، بەدىنىنىڭ يېرمىدىن تولىسىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرگەن قىز - ئايال قېرىنداشلىرىمىزغا بىرەر ئېغىز نەسىھەت قىلالمايمىز ، تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىدا داۋالىنىشقا پۇل تاپالمايۋاتقان ئاجىز قېراىنداشلىرىمىزغا بىر سوم ياردەم قىلالمايمىز ، تاپقان ئىختىسادىمىزنى فى سەبىلىللا ئىشلارغا سەرىپ قىلالمايمىز ، بىرەسى ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە بىرەر ئەسەر يېزىپ ئىختىدارىنى جارى قىلدۇراي دىسە ئۇنى ئىسلامغا باغلاپ زەربە بېرىمىز  ، ئەسەرگە ئوقۇرمەن سۈپىتىدە ئىنكاس يازسىڭىز مەيلى ،كاتتا يازغۇچى سۈپىتىدە ئىنكاس يازسىڭىزمۇ مەيلى  ئەمما  دىنى ئۆلىما سۈپىتىدە ئىنكاس يازمىساڭلار !!! بۇ مۇنبەرگە ئسلامنى چەتكە قاقىدىغان تېمىلار يوللانمايدۇ ، يوللانسىمۇ باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىمايدۇ ،مۇۋاپىق كۆرسەڭلار سىلەرمۇ  باشقىلارنى توغرا يولغا باشلايدىغان ئىسلامى تېمىلارنى يوللاش ئارقىلىق بىزدەك ئىسلامى ئېڭى ئاجىز كېشىلەرگە ئازىراق تەلىم بىرىپ تۇرۇڭلار ،ئەدەپ - ئەخلاق ، شەرمى - ھايا توغۇرسىدىكى تېمىلارنى يوللاپ قەلبىمىزنى ئىللىتىڭلار ، پۇل تېپىش ، مىللى ئىختىسادنى يۈكسەلدۇرۇش توغۇرسىدىكى تېمىلارنى يوللاپ بىزگە ئۇمىد ئاتا قىلىڭلار ، قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بىر ئايەت بارغۇ دەيمەن :  <<  رەببىم بىزگە بۇ دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن ، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن ، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن  ، دىگىن >>  ..... بۇ يەردە ئېيتىلغان ياخشىلىقنىڭ قانداق قولغا كېلىدىغىنىنى ھەممىمىز بىلىمىز ...  
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-02 21:01 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » باغداش مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيتى