turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«12345»Pages: 1/5     Go
بۇ تېما 5440 قېتىم كۆرۈلدى
bagdaxadabiyati
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 128
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 55
شۆھرەت: 760 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 720 سوم
تۆھپە: 380 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 380 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئىلىدىكى قۇمۇللۇقلار ئەجدادلىرىدىن چىققان ھاكىمبەگ خوجا

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kokturuk تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-07-11)
ئىلى دىيارىدىكى قۇمۇللۇقلار ئەجدادلىرىدىن چىققان سادىر پالۋان
قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر كىشىنىڭ ئائىلە نەسەبى
 

(مۇھەممەت يۈسۈپ) 

  
       مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غۇلجىدىكى ئاپتورلارنىڭ تەتقىقات ماقالە ۋە ئەسەرلىرىدىن سادىر پالۋان، ھاكىمبەگ خوجا، ئابدۇللا ھاپىز قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر كىشى ئەجدادلىرىنىڭ قۇمۇللۇق ئىكەنلىكىدىن ۋاقىپ بولۇپ، ئەزىز دىيارىمىز قۇمۇلنىڭ « پالۋانلار يۇرتى » بولۇپلا قالماستىن، نۇرغۇن جامائەت ئەربابلىرى، ئالىم، شائىرلارنىڭ چىققانلىقىدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىپ سۆيۈنگەنىدىم. قۇمۇلدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىمۇ بۇ يېڭى تەتقىقات ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ماقالىنى يېزىپ كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم.
           ئىلى دىيارىدىن چىققان سادىر پالۋان قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر كىشىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ قۇمۇللۇق ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، گەپنى ئىلى دىيارىغا قۇمۇللۇقلۇقلارنىڭ قاچان ۋە قانداق كۆچۈپ چىققانلىقىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
       چىڭ سۇلالىسى 1759-يىلى شىنجاڭدىكى جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىپ، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىق ئورگانلىرىنى قۇرغان، چېگرىنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەسكەر تۇرغۇزغانىدى. بۇنداق كۆپ ئەسكەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يېمەك- ئىچمىكىنى شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقتىن ئالۋان – ياساق ئېلىش بىلەن ھەل قىلاتتى. ئۇ چاغدا قاتناش، توشۇش ئىشلىرى راۋاجلانمىغانلىقتىن ئىچكى ئۆلكىلەردىن يۆتكەپ ھەل قىلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تارىختىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش-چېگرىنى قوغداش ئەنئەنىسى بويىچە ھەرخىل شەكىلىدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشنى يولغا قويۇپ ھەل قىلىشقا كىرىشتى. شىنجاڭدا « ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش »، ئىچكى ئۆلكىلەردىن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان « مەھبۇسلارنى يۆتكەپ كېلىپ ، ئەسكەرلەرنىڭ نازارەتچىلىكىدە يەر تېرىش » ، « شىنجاڭغا كۆچمەن كۆچۈرۈپ، خەلق تېرىقچىلىقىنى يولغا قويۇش » قاتارلىق چارە- ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ھەم ئاشلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ چىگرانى قوغداپ تۇرغان ئەسكەرلەر بىلەن ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ يېمەك – ئىچىمىكىنى ھەل قىلدى ھەم شىنجاڭغا ئاھالە كۆچۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، 1760-يىلدىن 1768-يىلغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىن 6000 ئائىلىكتىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقان دېھقانچىلىق قىلىشقا غۇلجىغا كۆچۈرۈلدى. جۈملىدىن قۇمۇلدىنمۇ 500ئائىلە ئۇيغۇر دېھقان 1766-يىلى 5-ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىسھاق ئىنانچىخان باشچىلىقىدا غۇلجىغا كۆچۈرۈلدى ( ئىسھاق ۋاڭ ئۈچ يىلدىن كېيىن قۇمۇلغا قايتىپ كەلدى ) خەنزۇلار بۇ دېھقانلارنى « ئۇيغۇر تېرىقچىلار» دەپ ئاتىدى. بۇ ئۇيغۇر دېھقانلار ئۆزلىرىنى بولسا «تارانچىلار » دەپ ئاتاپ ، جاللات شېڭ شىسەي دەۋرىدە ئايرىم بىر مىللەت دەپ ئاتىلىپ قالغان بولسىمۇ، كېيىن « ئۇيغۇر » دېگەن نام ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى . بۇندىن باشقا، ھەرخىل باھانە- سەۋەبلەر بىلەنمۇ قۇمۇلدىن غۇلجىغا كىچىك كۆلەمدە ئاھالە كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلىشىش بولغان. «1825-يىلى ( داۋگۇاڭنىڭ 5-يىلى ) 12-ئايدا چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدىن چۈشۈرۈلگەن خوتەن، قەشقەر، ئىلى قاتارلىق جايلاردىكى ھېكىمبەگ ( بەزى جايلاردا ھاكىمبەگ دېيىلىدۇ )لەرنىڭ داۋگۇاڭ خاننى تاۋاپ قىلىشقا ئىجازەت بېرىلگەن بۇيرۇق بويىچە ئىلىنىڭ 6- جەرىكىلىك ( دەرىجىلىك) ھاكىمبېگى خالزات ھاكىمبەگ بېيجىڭگە بارغۇچە ۋە قايتقىچە قۇمۇلدىن ئۆتۈپ قىسقا مەزگىل تۇرغان. بۇ چاغدا 7-ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى مۇھەممەت بېشىر ۋاڭنىڭ 2- ئايالى بۈۋىھەجەر ( 8- ئەۋلاد ۋاڭ غۇلام مۇھەممەتنىڭ ئانىسى ) ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، خالزات ھاكىمبەگ تەيجى تاغىسىنىڭ قىزى مېھرىبانۇنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىشقا  مەسلىھەت بەرگەن. توي رەسمىيەتلىرىنى ئەلچىلەر ئىلىغا ئىككى قېتىم بېرىپ بېجىرىپ كەلگەندىن كېيىن قۇمۇلدىن 60ئائىلە ئىلىغا توي قىلىشقا بارغان ۋە ئىلىدىنمۇ 60ئائىلىلىك ئەر – ئاياللار قۇمۇلغا كەلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، خالزات ھاكىمبەگ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قۇمۇلدىن ئىلىغا 30ئائىلە ئادەمنى كۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن بۇ 30 ئائىلىلىك قۇمۇللۇقلار خۇدىيار يۈزىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەھەللە شۇ چاغدىن باشلاپ «قۇمۇللۇقلار مەھەللىسى » دەپ ئاتالغان. 





ھاكىمبەگ خوجا



      خەلقپەرۋەر ، تەرەققىياتپەرۋەر جامائەت ئەربابى ھاكىمبەگ خوجا ( ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خوجىخان ھاكىموپنىڭ بوۋىسى ) نىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئائىلە نەسەبى ھەققىدە ئابدۇۋەلى قادىر ، ئەدىھەم ئابدۇمىجىتلەرنىڭ يازغان ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: « ھاكىمبەگ خوجا (مىرغىياسبەگ) 1871-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى بەھرەمبەك خوجا (1) قۇمۇل ۋاڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. ئانىسى يۈنساخان خېنىم چۇلۇقايدىكى نوپۇزلۇق ئائىلىلەردىن مۆرىدىن شايىبېگىمنىڭ قىزى ئىدى. بەھرەمبەگ خوجا قۇمۇلدىن ئىلىغا كېلىپ، يۈنساخان خېنىم بىلەن نىكاھلانغان. ئۇلار ئۈچ قىز ، بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەندىن كېيىن بەھرەمبەگ خوجا ئۆز يۇرتى قۇمۇلغا قايتىپ كېتىپ ، شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. يالغۇز ئوغۇل مىرغىياسبەگ ئوقۇش يېشىغا توشقاندىن كېيىن ، دادىسى بەھرەمبەگنىڭ ھاۋالىسى بويىچە شۇ ۋاقىتتىكى تەيجى ئىلياسخان تەيجى ( بوۋاق ھېكىم ) نىڭ تەربىيىسىدە بولۇپ، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ چۇلۇقاي يېزىسىدا باشلانغۇچ مەلۇماتىنى چىقارغان. كېيىن ئىلياس تەيجىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئوردىغا كىرىپ مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان مۇئەللىمدىن دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەردىن دەرس ئالغان ھەمدە خەنزۇچە ئوقۇغان. ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئوردىدا خىزمەت قىلغان . ئىلياسخان تەيجىنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى بولمىغانلىقتىن يالغۇز قىزى نۇرنىسا خېنىمنى تەيجىلىك ئورنىغا ۋارىسلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى ئۆزى تەربىيىلىگەن تۇغقىنىنىڭ ئوغلى مىرغىياس بەگكە ياتلىق قىلدى. 1892-يىلى ئىلياسخان تەيجى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى نۇرنىسا خېنىمنى « ھېكىم ئاغىچا» ( « ھاكىم ئاغىچا » -- ئا ) قىلىپ تەيىنلىدى ھەمدە ھېكىم ئاغىچا نامىغا يېڭى تامغا ئويدۇرۇپ بەردى. « ھېكىم ئاغچا » يۇرت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى يولدىشى مىرغىياس بەگكە ھاۋالە قىلدى . شۇندىن باشلاپ خەلق مىرغىياس بەگنى ھاكىمبەگ خوجا دەپ ئاتىدى » .

       « شىنجاڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن 1762-يىلى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنى باشقۇرىدىغان ئەڭ ئالىي ھەربىي—مەمۇرىي ئورگان – ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا « ئىلى گۇڭبەگلىكى » ( سۇلتانلىقى ) مەھكىمىسىمۇ شۇ يىلى قۇرۇلغانىدى. 1762-يىلدىن 1911-يىلدىكى شىنخەي ئىنقىلابىغىچە بولغان 150يىل ئىچىدە ئىلى سۇلتانلىقى مەھكىمىسىنىڭ سۇلتانلىقىنى بىر ئەۋلادتىن توققۇز ئەۋلاد (2)ئۆتەپ كەلگەنىدى. « ئىلى سۇلتانلىقى » نىڭ 10-ئەۋلاد سۇلتانى بولغان ھاكىمبەگ خوجا 1911-يىلدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن تارتىپ ئۆلكە ئازاد بولغۇچە ۋە 1957-يىلى ۋاپات بولغۇچە ھاكىمبەگ خوجا نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلدى. ئۇ مۇشۇ جەريانىدا ياڭ زېڭشىڭ ، جىن شۇرېن ، شېڭ شىسەي، گومىنداڭ ۋە ئۈچ  ۋىلايەت دەۋرلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ھاكىمىبەگ خوجا ئىلىدا 86يىل ياشاپ ، كونا دەۋرنى ئۇزاتقان ئەڭ ئاخىرقى بەگ ئەۋلادى ۋە ۋالىي ھەمدە ئازادلىقتىن كېيىنمۇ تۇنجى ۋالىي بولغان كىشى ، ھاكىمبەگ خوجا بىر ئۆمۈر ۋەتەنپەرۋەرلىك ، خەلقپەرۋەرلىك مەيدانىدا تۇرۇپ، مەدەنىيەت، ئادالەت، ھەققانىيەتنى ياقلاپ، نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ، ئىلىدىكى ھەر مىللەت خەلقى قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى. ھاكىمبەگ خوجا 1892-يىلى مەنسەپكە ئولتۇرغاندىن تاكى 1957-يىلى 86يېشىدا غۇلجىدا ۋاپات بولغىچە بولغان تارىخىي جەرياندا ۋەتەنگە مۇھەببەت باغلاپ، ۋەتەن ، خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، پاك- دىيانەتلىك ياشاپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى » .

   ھاكىمبەگ خوجىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن خەتتات، رەسسام ، بايازچى، مەرىپەتپەرۋەر چوڭ پاشا خوجا ( خوجىخان ھاكىموپنىڭ دادىسى( 1893-1962 ) ، كىچىك پاشاخوجا، ئەكرەمجان خوجا ۋە قەييۇمبەگ خوجا (1918- 1954 ) ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىدە پىيادە ئەسكەرلەر 2-پولكىنىڭ كوماندىرى، 50-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، ئۆلكىلىك سانائەت-كان ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان. قىزى گۆھەربانۇ خېنىم (قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ داھىيسى مەرھۇم خوجىنىياز ھاجىنىڭ چوڭ ئوغلى سەيدۇللام بىلەن 1937-يىلى تۇرمۇش قۇرغان ) .

  ھاكىمبەگ خوجىنىڭ يۇقىرىقى مەرھۇم پەرزەنتلىرىمۇ ئاتىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، خەلقپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر بولۇپ، بىر ئۆمۈر خەلققە پايدا- نەپ يەتكۈزۈپ، ئىلىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدە يۈكسەك ئىززەت- ھۆرمەتكە ئېرىشىپ، خەلقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات قالدى.

پايدىلانمىلار :
1.ئابدۇللا ئەخمىدى :  بەييەنخۇ يېغىلىقى ۋە مېھرىبانۇ ۋاڭ »  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » 1986-يىل 4-سان .
2.« ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى » مەجمۇئەسىنىڭ 92-يىلى 8-سان ( خەنزۇچە نەشرى )
3.تۇرسۇن ياسىن: « باھادىر ئەزىمەت – سادىر پالۋان » كىتابچىسى شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ، 2001-يىل 6-ئاي 1- نەشرى
4.«ئىلى گېزىتى » نىڭ 1998-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى « ۋەتەنپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر زات ھاكىمبەگ خوجا » دېگەن ماقالىسى
5. « ئىلى دەرياسى » ژۇرنىلىنىڭ 1982-يىل 4- سانى
6.«شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى » نىڭ 42-سان 280- ، 283- بەتلىرى



مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقوقى باغداش تورىغا خاس ، قالايمىقان كۆچۈرگەنلەرنىڭ قانۇنىي مەسئولىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ 

تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-11, 20:04
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-07-11 20:04 |
gulsosar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 586
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 155 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 150 سوم
تۆھپە: 90 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 90 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 123(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   قىممەتلىك ماتىرىيالكەن. قەلەم ئىگىسىگە رەھمەت.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-11 20:37 |
alkizar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 540
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 145 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 145 سوم
تۆھپە: 86 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 86 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سادىر پالۋان -خوتەن قاراقاشلىق خۇشئەخمەت ئاخۇننىڭ ئوغلى . دادىسى ئەينى ۋاقىتتا ئىلىغا كۆچۈپ چىققان قاراقاشلىقلارنىڭ قاتارىدا بىرگە چىققان . سادىر پالۋان ئىلىدا تۇغۇلغان .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-11 21:31 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 532
شۆھرەت: 3440 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3431 سوم
تۆھپە: 1923 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1957 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 975(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھا ھا ھا يۇرتۋازلىق ،نەدىن چىقىشى مۇھىم ئەمەس ،ھەقىقى تارىخمىز مۇھىم.   
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-11 22:36 |
yuzbexi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2335
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 194
شۆھرەت: 1040 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1040 سوم
تۆھپە: 612 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 612 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 211(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سادىر پالۋان قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ ئىلى دىيارىدا مەشھور كىشىلەردىن ئاتىلىپ ئۇيغۇر تارىخىدا يوقۇرى مەرتىۋىسى بىلەن ئاتىلىشى بىزنىڭلا ئەمەس پۇتكۇل ئۈيغۇرنىڭ شان-شەرىپىدۇر  . يۇرتۋازلىق  نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئېلىپ ئېيتقاندا  يوقىرىدا ئىسمى ئاتىلىپ ئۆتكەن ئۈچ كىشىنىڭ مەشھور ئاتىلىشىدا  <<يىلتىز يۇرتىغا  >>قارىغاندا ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئۆسۇپ چوڭ بولغان ،شۇكىشىلەرنىڭ ياشاپ ئۆتكەن مۇھىت شارائىتىنىڭ تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ دەپ قارايمەن ، ئەلۋەتتە مەن بۇيەردە ئۇلارنىڭ ئەجدادىنى بىر چەتكە قايرىپ قويماقچى ئەمەسمەن . يېتۇك  ئالىم يۇسۇپ خاس ھاجىپ : ئەگەر ئىت يولۋاسلار بىلەن بىللە چوڭ بولسا ئۇ ھالدا ئۇ يولۋاستەك بولىدۇ . ئەگەر يولۋاس ئىتلار بىلەن بىللە چوڭ بولسا ئۇ ھالدا ئۇ ئىتتەك لالما چوڭ بولۇپ قالىدۇ، دەيدىغان ھەقىقەتنى قالدۇرغان  .ئىلى دىيارى قەدىمدىن بېرى ھەق ياقلىغۇچى يۇرت سۆيەر باتۇرلارنىڭ ماكانى . شۇنداق بولغاچ بو ماكان بىزنىڭ يوقارقى كىشىلىرىمىزگە خۇددى << ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز  >>دىگەندەك يارىشىپ ئۆز قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرالىغان دەپ قارايمەن  .  

ئەسكەرتىش : گەپ -سۆزلىرىمدىن يۇرتۋازلىق پۇرىقى چىقىپ قالغان بولسا << پۇھ >> دەۋېتىپ ئۆتۇپ كېتەرسىزلەر    . يۇتۋازلىق ئىتپاقسىزلىقنىڭ ئاشنىسى  .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-12 04:38 |
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 481
شۆھرەت: 2815 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2930 سوم
تۆھپە: 1626 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1631 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 624(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاڭلىسام ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مىجىت ناسىر ئەپەندىمنىڭ ئەجدادىمۇ قومۇللۇق سېلىمساق(سامساق) پالگان دېگەن كىشى ئىكەن...
ئىلى بىلەن قومۇلنىڭ تارىخى تەقدىر، قىسمەتلىرىدىمۇ جىق ئوخشاشلىقلار بار. ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ھۆرلۈك ئۈچۈن تۆكۈلگەن قانلار...
lutun
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-12 09:29 |
tohotur
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1011
شۆھرەت: 5445 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5457 سوم
تۆھپە: 3213 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3217 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1996(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قىزى گۆھەربانۇ خېنىم (قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ داھىيسى مەرھۇم خوجىنىياز ھاجىنىڭ چوڭ ئوغلى سەيدۇللام بىلەن 1937-يىلى تۇرمۇش قۇرغان ) .

ئانا يۇرتتىمۇ شۇناق بىر يېرى بار ھە ، قومۇللۇق قومۇللۇققا قىز بەرسە بۇنۇڭ نەرى ھەيران قالغۇدەك ئىش بولسۇن .
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-12 14:41 |
torpak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 198
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 24 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 24 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن بۇ ماقالىنىڭ تېىمىسىنى كۆردۈم مەزمونىنى ئوقىمىدىم،بەلكىم پالۋانىنى قۇمۇللۇق ،قۇمۇلدىنى پالۋانلار جىق چىقىدۇ،ياكى بولمىسا باشقا مەزمون باردۇر.مەن دەيمەن نەدىن قاچان قانداق ئالىم ،قەھرىمان چىقسا ئۇ ئۆتمۈش ،لېكىن چوقۇم خاتىرلەش ئەسلەش زۆرۈر،،،،دىگەندەك زامانىمىزنىڭ پەخرى يېتۈك ئالىم ئەدىبىمىز ئابدۇرېىھىم ئۆتكۈر تىلەشوپ ئەپەندى قۇمۇلدا تۇغۇلغان تېگى نەلىك ؟ئۇنى بىز بېىلمىز ،پەقەت دەۋلىتمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانىلىكى ئادەم بولسا ،ئۇ قايسى دەۋر ،قايسى زامان ،قايسى مىللەت ،قايسى يۇرت مېنىڭچە ئۇ بەك مۇھىم ئەمەس،،،،،جىيەن بوزەن مۇ قۇمۇللۇق جۇمۇ!!!
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-12 17:55 |
torpak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 198
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 24 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 24 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن بۇ ماقالىنىڭ تېىمىسىنى كۆردۈم مەزمونىنى ئوقىمىدىم،بەلكىم پالۋاننى قۇمۇللۇق ،قۇمۇلدىنى پالۋانلار جىق چىقىدۇدىگەندۇ،ياكى بولمىسا باشقا مەزمون باردۇر.مەن دەيمەن نەدىن قاچان قانداق ئالىم ،قەھرىمان چىقسا ئۇ ئۆتمۈش ،لېكىن چوقۇم خاتىرلەش ئەسلەش زۆرۈر،،،،دىگەندەك.... زامانىمىزنىڭ پەخرى يېتۈك ئالىم ئەدىبىمىز ئابدۇرېىھىم ئۆتكۈر تىلەشوپ ئەپەندى قۇمۇلدا تۇغۇلغان تېگى نەلىك ؟ئۇنى بىز بىلمىز ،پەقەت دەۋلىتمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانىلىكى ئادەم بولسا ،ئۇ قايسى دەۋر ،قايسى زامان ،قايسى مىللەت ،قايسى يۇرت مېنىڭچە ئۇ بەك مۇھىم ئەمەس،،،،،جىيەن بوزەن مۇ قۇمۇللۇق جۇمۇ!!!
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-12 17:57 |
hantagri
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2357
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
تۆھپە: 33 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 33 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەجدادى قومۇللۇقلارنى تەتقىق قىلماي ، قومۇلدا تۇغۇلغان ئاپپاق غوجىمۇ بار ئىدى ئەمەسمۇ ؟
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-12 18:12 |
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 481
شۆھرەت: 2815 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2930 سوم
تۆھپە: 1626 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1631 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 624(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قومۇلدىكى ئاپپاق خوجا تۇغۇلغان يەرگە بىر تەرەتخانا سالغۇم بار ئىدى.
---
قومۇللۇقلار ھەقىقەتەنمۇ يۇرتباز...ئۇلار ئۆز يۇرتىدىن كەتكەن قۇمۇللۇقلارنىمۇ نەچچە يۈز ھەتتا نەچچە مىڭ يىللاردىن كېيىن بولسىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ تېپىۋالىدۇ!
---
ئۆتكۈر ئەپەندىم ئۆزىنىڭ نەدە تۇغۇلغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ سۈكچى دېگەن يەردە تۇغۇلغان!
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-12 18:48 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/5     Go
Bagdax bbs » مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرى