saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«12345»Pages: 1/7     Go
بۇ تېما 30207 قېتىم كۆرۈلدى
miras
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 152
شۆھرەت: 1193 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1175 سوم
تۆھپە: 617 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 646 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۈرۈمچىدىكى بۇ ئورۇنلارنى بىلىۋېلىڭ !(ئەسقاتىدۇ)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kokturuk تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-08-07)
 
 
ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز ئەھلى مۇسۇلمان :
ئۈرۈمچىگە خوش كەپسىز ، مەيلى ئۈرۈمچىدە بىر كۈن تۇرۇڭ ياكى 10 كۈن تۇرۇڭ ۋە ياكى رەڭگارەڭ تۇرمۇشقا باغلىنىپ قېلىپ بوشىنالماي مەڭگۈ تۇرۇپ قېلىڭ تۆۋەندىكىلەرنى بىلىپ قويسىڭىز پايدىسى تىگىدىكى زىيىنى تەگمەيدۇ.

1.مېھمانخانىغا چۈشسىڭىز ،ئۈرۈمچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇددۇلىدىكى پارلاق رېستۇرانىغا ياكى بولمىسا چوڭ بازادىكى ئاقساراي مېھمانخانىسىغا قاتارلىق مېھمانخانىلارغا چۈشسىڭىز بولىدۇ . باھاسى بەك يوقىرىمۇ ئەمەس ، ياخشى يېرى كېچە بولغاندا قالايمىقان كېلىدىغان تېلفۇنلاردىن ساقلىنالايسىز .
 
2. ئەمدى ئادەم دىگەننىڭ لەغمەنگە ئىشتىياقى بەكرەك كىلامدىغاندۇ دەيمەن ، ئوخشىغان لەغمەن يەيمەن دېسىڭىز ،كونسول كوچىسىنىڭ ئەڭ ئىچىدىكى ئەشكەن لەغمەنخانىسىدىن يەڭ . ئىچى ئالاھىدە بىزەلمىگەن بولسىمۇ تامىقى ئالاھىدە ياخشى  . بىر ناچار يېرى بەك ئۇزۇن ساقلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ، ھەمدە ناتونۇش كىشىلەر بىلەن بىر ئۈستەلدە غىزالىنىپ تازا ئەركىن بولالمايسىز .

3.ئۆپكە ھېسىپنى قەيەردە يىيىشنى بەلكىم كۆپلىگەن كىشىلەر بىلىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ كونسول كوچىسىدىكى دىلبەر ئۆپكە ھسىپلىرى .

 
4.ھاۋا ئىسىپ كەتسە لەغمەن -سومەنگە كۆڭۈل تارتماي قالىدۇ . بۇنداق چاغدا كونسول كوچىسىدىكى ئەتىرگۈل راڭپىزىخانىسى ھاجىتىڭىزدىن چىقىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس.
 
5.ئۈرۈمچىدە ئۇسسۇپ قالسىڭىز دوغاپ ئىچىڭ ، دابازا ، سانشىخاڭزا تەرەپلەردە بىر خىل توڭلاتقۇتىدىن ئايلاندۇرۇپ چىقىرىپ بۇلاقتىن چىققاندەك شارىلداپ تۇرىدىغان بىر خىل رەڭلىك سۇلار پەيدا بولۇپ قاپتۇ ، قارىماققا ئۇسسىغان يەرگە تېگىدىغاندەك كۆرىنىدىغان بۇ رەڭلىك سۇلارنىڭ سۇچلىك تەمى بولسا نىمە دەي، بەربىر جورەن قىلىپ ساتقاندىكىن شىكەرنى ئازراق سېلىۋەتكەن بولسىدى ،شۇڭا دەيمەن بولسا مۇزدەك مىنىرال سۇ ئىچىسىڭىز ئۇسسۇزلىقىڭىزنى خېلى بېسىپ قويىدۇ .
 
6.مالاچۇەر دەپ بىر ئەخلەت تائام بار ، شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ يەيدىغانلار باردە، ئەمدى زادى يەيمەن دەپ تۇرۋالسىڭىز  يەنئەن يولى مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇددۇلىدىكى تار كوچىدىكى خۇمار زىقلىق يىمەكلىلىرىدىن يەڭ ، ھە نىمە بولسا خېلى ياخشى ، ئەگەر زادى خوگو يەيمەن دەپ قالسىڭىز ، خويەنشەنگە بېرىڭ ، ئورنى  خەلق مەيدانى ئەتراپىدە ، 68 يۈەن تۆلەپ قويۇپ ياخشى غەيرەت قىلسىڭىز  نەچچە يۈز يۈەنلىك تائامغا ئېغىز تىگەلەيسىز ، ، ئۇنىڭ ئىچىدە تاۋۇز قوغۇن ، ئالما نەشپۈت ، خوگونىڭ ھەرخىل تۈرلىرى ، كاۋاپ ، توخو ، پولو ، كاۋاپ توخو . شورپا ، سومەن ھەممىسى بار  ، ئېچىملىكنىڭمۇ ھەرخىلى بار ،
 
7.كېندىجى دىگەنگە كەرو كىرمەڭ ، ھازىر چوڭ بازا كەينىدە تۈركىيەنىڭ ئەلبىك نامىدىكى كېندىجىگە ئوخشاش يەر ئېچىلدى ، رىۋايەت قىلىنىشىچە 100% ھالالمىش ،نى ھاجىملار ئايال توقاللىرىنى ، بالا ۋاقىسى بىلەن بىللە كىرىپ يەۋاتقىدەك  ،
 
8.ئەمدى ئۈرۈمچىدە بىرەر ئىش پۈتتۈرۈش سەۋەبى بىلەن چىققان بولسىڭىز چوقۇم بىراۋلارنى يەنى كانىيى يوغان غوجاملارنى مېھمان قىلىمسىڭىز بولمايدۇدە ، مائارىپ نازارىتىنىڭ يېنىدىكى باغۋەن تائام سارىيىنىڭ بېزىلىشى ئورنى خېلى ياخشى ، شۇ باھاسى سەل ئۆرە ، ئىش پۈتتۈرۈشتە پۇلىنىڭ كۆزىگە قارىمىغاندىكىن كىرىۋەرسىڭىز بولىۋېرىدۇ  . ئەگەر سەل تىجەشلىك بولايمىكىن دىگەن خىياللاردا بولار بولسىڭىز سەنشىخاڭزا ئارقا كوچىسى تۇڭگانلار مەسچىتىدىن نەنمىن تەرەپكە 200 مېتىر ماڭسىڭىز ئەلقوت تېز تاماقخانىسى بار ،بېزىلىشى باغۋەن ،قورغانلاردەك بولمىسىمۇ بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ غىزالىنىشقا بولىدۇ ، ياخشى يېرى باھاسى مۇۋاپىق .
 
9.كەچلىرى ئۈرۈمچىنىڭ كەچلىك ھاۋاسىدىن ، كەچلىك ھاۋاسىدىن دىگەندىن كۆرە كەچلىك ۋاراڭ -چۇرۇڭلاردىن ھوزۇرلۇنۇپ ئولتۇراي دېسىڭىز داۋەن كەچلىك بازىرىغا مەرھەمەت قىلىڭ ! بۇ يەردە ھەممە نەرسە بار ، ئۆتكەندىلا تېخى جاڭچۈنشەن شۇجى كېلىپ نەچچە زىق كاۋەپ بىلەن نەچچە رومكا پىۋا ئىچىۋېتىپ ماختاپ كېتىپ قالدى ،
 
10.تور خۇمارى بار كىشى دىگەن باشقا يۇرتقا كەلسىمۇ بىر يەرلىرى تورغا چىققۇسى كەپ تۇرىدۇ ، چوڭ بازاردىكى مارس تورخانىسىنى بىلىۋېلىڭ !
 
11.لەغمىنى ئوخشايدىغان يەنە بىر ئېسىل جاي بولسا سەنشىخاڭزا ئالتۇن بۇلاقنىڭ يان كوچىسىدىكى تەڭگە تاماقخانىسى ، لەغمىنى خېلى كۈنلەرگىچە يادىڭىزدىن كەتمەيدۇ ، ئۆچرەتتە بەك تۇرمايسىز .
 
12.لېكىنزە ئۈگرە دىگەنمۇ ياخشى تاماق ، ئىككىنجى دوختۇرخانا ئۇددۇلسىدا ئاتۇش ئۈگرىخانىسى بار ، بۇ يەرنىڭ ئۈگرىسى بىلەن گۆشنان خېلى ئوخشاپ قالىدۇ لېكىن .
 
13.ئېرجەنزى سومەن ، يەنى لەغمەن سومەن ، بۇنىڭغا خوتۇن خەقنىڭ خېلى ئىشتىياسى بار ، نەنمىن شىنخۇا كىتاپخانىسىنىڭ ئۇددۇلىدىدىكى كىچىكرەك كەلگەن خانتەڭرى تاماقخانىسىنىڭ مۇشۇ نەرسىسى بەلەن .
 
14.يەنە بىر گەپ ،رامزان كەپ قالدى ئەمەسمۇ ؟ روزىلىقنى سىرتتىن ئەكىرىپ تەييارلاپ قويىمەن دېسىڭىز نەنمىن خانتەڭرى جامائەسىنىڭ يېنىدىكى تار كوچىدا گۆشناننىڭ قاتىلى بار ، ئۈرۈمچىلىكنىڭ گېپى بويىچە ئۆتتۈردىغىنى ،
 
يەنە ئېسىمگە كېلىپ قالغانلىرىنى يوللاپ تۇرىمەن ،
ھازىر دەل ساياھەت ئەۋجىگە چىققان مەزگىل ، يۇرت يۇرتلاردىن يۇرت ئاتلاپ ساياھەتلەر بولىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە تورداشلار بولسا ھەممىڭىلەر ئۆز يۇرتىڭلارنىڭ يوقىرىدىقىدەك ئورۇنلارنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويساڭلار ساياھەت قىلماقچى بولغانلارغا پايدىسى بوپ قالار !
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-19, 15:35
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-07-19 15:34 |
miras
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 152
شۆھرەت: 1193 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1175 سوم
تۆھپە: 617 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 646 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تۇرپانغا كەلگەنلەر ئۈچۈن :
تۇرپان يېڭى دەۋر مەيدانى يېنىدىكى ئىككى قەۋەت قىلىپ سېلىنغان ئوردا تېز تاماقخانىسى :
  بۇ يەرنىڭ پۇرچاق لەغمىنى بەك ياخشىكەن ! ۋاقىپ بولغايسىلەر !
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-19 15:42 |
dilara
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2608
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 60 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 36 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 36 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ساپلا  مەن  ئامراق تاماقلارنىڭ  ئورنىنى  يېزىپسىز،،،،رەھمەت ھە،،،
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-19 15:56 |
alnazar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 16
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 113
شۆھرەت: 615 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 620 سوم
تۆھپە: 367 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 367 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 281(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چۆچۆرە ئىچىمەن دېسىڭىز  ئەردوچودىكى ئالتۇن قوشۇق قا بېرىڭ  ۋەششىي ئوخشايدۇ چۆچۆرىسى      
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-19 16:18 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1649
شۆھرەت: 9091 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 9153 سوم
تۆھپە: 5349 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5359 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2491(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خانتەڭرىنىڭ يېنىدىكى گۆش نان   ھازىرمۇ باكەندە ،
ئىسمدە قېلىشىچە ئۇزۇمزاردىمۇ گۆش ناننى ئوخشۇتۇپ قويىدۇغان

ئاۋۇ بىر يەرنىڭ لەڭپۇڭغا ئوخشاش تال تال قورۇيدىغان نىيەنيۇ بېلىقىمۇ ماڭا بەك يارىدى
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-19 16:20 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 1024
شۆھرەت: 5709 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5683 سوم
تۆھپە: 3356 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3343 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3067(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەشكەن لەغمەنخانا......
بۇ مېنىڭ ئۈرۈمچىدە بولساملا يوقلايدىغان يېرىم. يولدىشىم بۇ ئاشخانىنى << قولىنىڭ كىرىنى چىقىرىپ ئەتكەن لەغمەنخانا >> دەپ قويىدۇ. بارساقلا بىر قېتىم بارىمىز.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-19 17:56 |
oguzhan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 652
شۆھرەت: 3365 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3371 سوم
تۆھپە: 2005 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2005 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1583(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

        بالدۇرراق  يوللاپ  قويسىڭىزچۇ  ،   ئون  نەچچە  كۈندىن   ئۇدۇل  كەلگەن   يەردە  تاماق  يەۋېرىپتىمەن  ،  بەزى  ئاشخانىلارنىڭ  خېلى  بولىدىكەن  ،   بەزى  ئاشخانىلارنىڭ   ئۇزۇن  يولدىكى  ئۆتەڭلەرنىڭكىدىنمۇ  ناچاركەن  .    تىللا   تاماقخانىسىنىڭ   لەغمىنى  خېلى  بولىدىكەن  ،   سىز   تەڭگە   تاماقخانىسى   دىگەن  شۇ  بولسا  كېرەك  .

      ئەمدى  ياخشى  بولدى   ئۈرۈمچىگە   يەنە  بېرىپ  قالسام   تەمتىرەپ  يۈرمەيدىغان  بولدۇم   .  
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-19 19:06 |
nur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 846
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 229
شۆھرەت: 1306 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1313 سوم
تۆھپە: 766 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 768 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 135(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

 يائاللا:  بىزدەك يىلدا بىر ئۆيدىن چىقالمايدىغان بوۋايلارنى ئەجەپ ئارماندا قويدۇڭلارغۇ.  مەن پەقەت خوتۇنۇم ئەتكەن ،پۇرچاق سالغان سۇيۇقئاشنى ئەڭ نوچى تاماق دەپ يۈرۈپتىمەن-دىسە؟
 ئادەملەرنىڭ تۈرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تاماقنىڭ تۈرۈمۇ  دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپتۇدە.
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-19 20:41 |
abdulhemidyasin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 183
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 250 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 250 سوم
تۆھپە: 142 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 142 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 185(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىراس بۇرادەر، ياخشى تېما يوللاپسىز، ئەمما تاماقنىڭلا گېپى، باشقا زۆرۈرىيەتلەرنىمۇ يازايلى. قارىغاندا قۇرساققا ئامراق ئوخشايسىز - ھە؟
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-19 21:28 |
jeni-bak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2440
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
شۆھرەت: 230 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 230 سوم
تۆھپە: 136 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 136 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 117(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەي...!!! مەنزە ئۇرۇمچىگە بېرىپ باقمىغان، ئەمدى ئۇيەردە يەدىغانلا نەرسە بار باشقا نەرسە يوق دەپقالىدىغان بولدۇمدە...
يەنىلا ئاپام ئەتكەن لەغمەن ياخشى. (گەرچە مەن ئۆزەم يىلدا بىرەر قېتىم يەپ قويىدىغان لەغمەن بولسىمۇ...)
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-19 23:49 |
بارخان
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1370
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 211
شۆھرەت: 1141 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1157 سوم
تۆھپە: 684 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 686 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 927(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى nurدە2011-07-19 20:41يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
 يائاللا:  بىزدەك يىلدا بىر ئۆيدىن چىقالمايدىغان بوۋايلارنى ئەجەپ ئارماندا قويدۇڭلارغۇ.  مەن پەقەت خوتۇنۇم ئەتكەن ،پۇرچاق سالغان سۇيۇقئاشنى ئەڭ نوچى تاماق دەپ يۈرۈپتىمەن-دىسە؟
 ئادەملەرنىڭ تۈرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تاماقنىڭ تۈرۈمۇ  دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپتۇدە.

مەنچە بولسا ئاشنىڭ نوچىسى نەق ئاشۇ شۇ .قىرىق يىل يېسىمۇ زېرىكمەيدىغان ئاشنى يەنە قايسى ئاشخانا ئېتەلەيدۇ ؟ ھە ،ئەلۋەتتە يېگىلى نېسىپ قىلسۇن .
چىقىپ «بوران» كۆچۈپ «قۇملار» كۆمۈلگەيمۇ ئىزىمىز ؟
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-20 00:44 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/7     Go
Bagdax bbs » ئۇنۋېرسال ئۇچۇرلار