turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 632 قېتىم كۆرۈلدى
miras
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 144
شۆھرەت: 1113 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1095 سوم
تۆھپە: 575 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 604 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 خەلقىمىز نەزەرىدىكى مۇقەددەس سانلار

قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەردە مۇقەددەس سان قارىشى بار، ئۇيغۇرلار«يەتتە»،«توققۇز»ۋە «قىرىق» دېگەن سانلارنى مۇقەددەس بېلىدۇ، بۇلار مىللىتىمىزنىڭ ئېڭىدا خاس قاراش، مەنىۋى ئادەتلەرنى ھاسىل قىلىپ، ئۆرپ-ئادەتكە زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇنى بېيىتقان.
مۇقەددەس سان «توققۇز». خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قاراشىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان«يەتتە»،«توققۇز»،«قىرىق»سانلىرى ئۇزاق زامانلار مابەينىدە خەلقىمىزنىڭ ئېڭى ۋە ئەقىدىسىگە ماس ھالدا خاسىيەتلىك تۈس ئالغان.«كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى»دا «كۆلتىگىن ئىلگىرى-كېيىن توققۇز قېتىم باشقا-باشقا ئاتقا مىنىپ جەڭگە كىردى»،«كۆلتىگىن توققۇز چىرىكىنى نەيزىلىدى» دېگەندەك بايانلار؛ قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ«كۆك مەشرىپى»دىكى قوشاقلاردا«قازىنى ئوتتۇز،قوينى توققۇز، ھەممىنى تەڭ راسلىدۇق»دېگەن مىسرالار ئۇچرايدۇ. بىزدە يەنە«ئوتتۇز ئوغۇل، توققۇز قىز»دېگەن گەپمۇ بار. بۇلاردىن«توققۇز»نىڭ قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادىتىدە خاسىيەتلىك تۈس ئالغانلىقىنى كۆرۋېلىش مۇمكىن. مۇشۇ خاسىيەتلىك سان ئېتىقادى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا كىرگەن قەبىلە ناملىرىمۇ«توققۇز ئۇيغۇر»(ئىچكى توققۇز)ۋە «توققۇز ئوغۇز»(تاشقى توققۇز) دەپ ئاتالغان. مەھمۇد كاشغەرى«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «خاننىڭ قولئاسىتىدىكى ۋىلايەتلەر ھەرقانچە كۆپىيىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلسىمۇ تۇغلىرى توققۇزدىن ئاشمايدۇ، چۇنكى توققۇز سانى خاسىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ » دەپ كۆرسەتكەن.
خاسىيەتلىك سان«يەتتە»ۋە «قىرىق». خاسىيەتلىك سان«يەتتە» چۈشەنچىسى«توققۇز» سانىنىڭ  سىرلىق خاراكتىرىدىن كېلىپ چىققان بۇلۇپ، سىرلىق سان«يەتتە» نىڭ زەردۇشت (ئاتەشپەرەسلىك) دىنىي ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرگەنلىقى ۋە ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مۇئەييەن ئادەت تۈسىنى ئالغانلىقى مەلۇم. ئېيتايلى، ئادەتتە، ئۇيغۇرلاردا ئوغۇللار يەتتە ياشقا كىرگەندە سۈننەت تۇيى ئۆتكۈزىلىدۇ. ئادەم ئۆلۈپ يەتتىنچى كۈنى جامائەتكە چوڭ نەزىر بېرىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا «يەتتە» سانىنىڭ سىرلىق تۈس ئېلىشىنى ھازىر ئىسلام دىنى بىلەن بېرىلىدۇ. ئۇيغۇرلادا«يەتتە» سانىنىڭ سىرلىق تۈس ئېلىشىنى ھازىر ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىق دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يىراق ئېتنىك مەنبەسى ئىسلام دىنىدىن بۇرۇنقى زەردۇشت دىنى ۋە بۇددا دىنى ئەقىدىلىرىگە تۇتۇشىدۇ، بۇ قەدىمكى دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ ھەممىسى مىلادىيەنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ، خەلقىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن.
   مۇقەددەس سان«قىرىق» چۈشەنچىسى بىرەر دىنىي ئېتىقادقا باغلانمايدۇ، ئۇ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت كاتېگورىيىسىگە تەئەللۇق.«ئوغۇزنامە» داستانىدا«قىرىق كۈندىن كېيىن چوڭ بولدى»،«قىرىق كېچە-كۈندۈز توي قىلدى» دېگەنگە ئوخشاش«قىرىق» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايانلار كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش ئادەتلىرىدىمۇ بالا تۇغۇلۇپ قىرىق كۈنگە توشقاندا«قىرىق سۈيى» قۇيۇپ، بۆشۈك تويى ئۆتكۈزۈش،«قىرىق نەزىر» قاتارلىق خاتىرلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى چۈشەنچىسىدە «قىرىق» سانى ئەڭ كۆپ، چەكسىز دېگەن مەنىگە ئىگە بۇلۇپ، ئۇ خەلقىمىزنىڭ ئقپتىدائىي تەسەۋۋۇرىدا ئەڭ چوڭ سانىنىڭ چېكى دەپ قارالغان. ئۇ «ئون» سانىنىڭ ئالامنىڭ تۆت تەرىپى(شەرق، جەنۇپ، غەرب، شىمال)گە تەكرار قوشۇلۇشى ياكى كۆپەيتىلىشى ئارقىلىق كېلىپ چىققان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي چۈشەنچىسىدىكى تۆت تەرەپ قارىشى ئالەمنىڭ چەكسىزلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل سىرلىق چۈشەنچە بۇلۇپ،«قىرىق» پۈتكۈل ئالەم مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-12-28 15:44 |
dilnaz
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2771
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 251
شۆھرەت: 1265 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1294 سوم
تۆھپە: 758 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 758 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 340(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دېگەنلىرىڭىز راست ، بىز ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇ سانلارنى قەدىرلەيمىز . لېكىن كېلىپ   چىقىش مەنبەسىنى سىز ئېيتقاندەك ئىسلام ئەقىدىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلاپ يۇرۇپتىكەنمەن . ئەمىلىيەتتە بۇ يىراق تارىخى زامانلاردىن ، ھەرخىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغانلىغىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن ،رەھمەت سىزگە !
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-03 22:27 |
袁放
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4501
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 66
شۆھرەت: 653 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 654 سوم
تۆھپە: 328 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 329 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

北京-热线-152-1025-4615--前台唯唯 ↓点击↓百度快照↓152-1025-4615话电--152-1025-4615问题补充:
152-1025-4615【小 姐 服务 上门信息】找.保健██唯唯█152-1025-4615联系█服务和找服务█找我们的服务,放松您的心灵,愉悦您的心情。TEL:152-1025-4615【了解她们的服务和找她服务信息】152-1025-4615我们这不议价不打折, 质量给你保.证,对价钱有疑问或者不能接受者,请即离开,谢谢您的关注!———————————————————————————————————————【找消费服务信息解答】♂♀1.我郑重承诺:绝对保证安全.唯唯解答找会所找小..姐服务信息。我们都是为-您-服务,地方你自己确定的,当然安全,我们也不是玩什麼仙人跳的,我每天都在网上,电话也一直没有变更过,并且我们也从来不对客护资料做保存记录的,人身安全这点你大可以放心。妙龄也都是兼职,她们不是每天都做的,平时也需要和家人或者朋友一起生活,对个人卫生很注意的,都干净卫生。做了很多年为您送小妹服务信息哪里安全?肯定是我们这里找送小 姐安全,可信———————————————————————————————————————qq140-1117-855
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-22 07:19 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئادەت قېرىماس