تۇغلۇق
مەسلەھەت سورىغۇچى: گۈلخان ئاپپاق
يېقىندىن بۇيان بالامنىڭ مىجەزى بوشاپ،ئۆگۈنۈشكە قىزىقمايدىغان،يالغۇزلۇقنى خالايدىغان،ئەتىسى سەھەر تۇرمايدىغان،ئىشقا ھورۇنلۇق قىلىدىغان،كەم سۆز بولۇۋالدى.مەن ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىچىمدە :<< بۇ بالام تېخى16 ياشقىلا كىرگەن تۇرسا،بۇ قانداق ئۆزگۈرۈش >> دەپ ئويلاپ ھېچ جاۋاپ تاپالمىدىم.بىراق ئويلىغناسېرى ئىچىم تىتىلداپ مېنى تەشۋىش بېسىپ كىتىۋاتىدۇ،شۇڭا پىسىخىك مەسلەھەت نۇختىسىدىن بۇ مەسلىگە جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز؟
مەسلەھەت بەرگۈچى :تۇغلۇق
سىز دىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا،بالىڭىزدا جىمغۇرلۇق كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى سادىر بولۇشقا باشلاپتۇ.شۇڭا مەن ئالدى بىلەن جىمغۇرلۇق كىسىلى ھەققىدە چۈشەنچە بىرىپ ئۆتەي.
جىمغۇرلۇق --- كىشىلەردىكى ماددى ۋە مەنىۋى ئېھتىياجنىڭ قانماسلىغى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان بىر خىل پاسسىپ روھى كەيپىيات بولۇپ،خەلقىمىز ئادەتتە<<شۈك كىسىلى >>دەپ ئاتاۋاتقىنى دەل جىمغۇرلۇق كىسىلىنىڭ ئېغىر لاشقان ھالىتىگە قارىتىلغاندۇر.
بۇ خىل كىسەل ئادەتتە ناچار كەيپىيات بىلەن باشلىنىپ ،تەدرىجى ئېغىرلاپ بارىدۇ.كېلىنكىدا كەم سۆز بولۇپ كىتىش،يالغۇزلۇقنى خالاش،ئۆگۈنۈش ۋە خىزمەتتە قىزغىن بولماسلىق،كىشىلىك ئالاقىدىن ئورۇنسىز ئەنسىرەش،تۇرمۇشتا تەشەببۇسكار بولماي،دائىم پاسسىپلىق قىلىش،ھامان مەيۈس خىياللارنى،خۇنۈك مەنزىرلەرنى ئويلاش ھەتتا ئۆلۈم خىيالىغا كىرىۋېلىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسۈتىدۇ.
ھازىر بۇ خىل كىسەلنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەردىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى تەدرىجى يوۇقۇرلاپ،يېزىلارغا قارىغاندا شەھەرلەردە ئاۋۇپ بارماقتا.
شۇڭا ياش -ئۆسمۈرلەردىكى بۇ خىل پاسسىپ روھى توسالغۇنى داۋالاش،ئالدىنى ئېلىش،مەكتەپلەردە بولسا پىسخولوگىيەلىك گىگىنا تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.بىز جىمغۇرلۇق كىسىلىنى داۋالاشتا:
1.ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى زىددىيەت ۋە مەۋجۇت مەسلىلەرگە قارىتىلغان تونۇش -بىلىش سەۋىيىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ،مۈمكىن قەدەر بالىلارنىڭ مۇستەقىللىغىنى يىتىلدۈرىشىمىز كىرەك.
2.جانلىق ئىجتىمائى ھەركەت مۇھىتى ھازىرلاپ،ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇناسىۋەت قابىليىتى ۋە تەپەككۈر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىشىمىز كىرەك.
3.ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ قىززىقىش ئالاھىدىلىگىدىن قول سېلىپ،ئۇلارنىڭ قەلىب ئېنىرگىيىسىنى ئۇرغۇتۇپ،ئۆزىنى تونۇش،ئۆزىنى باھالاش ئېڭىنى ئۆستۈرىشىمىز كىرەك.
4.ئېتىقات ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى بويىچە،بالىلاردا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىمىز كىرەك.
5.بىشارەت بىرىش ئۇسۇلى بويىچە،ئۈلگە كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوزغاپ،ئىلگىرلىشىگە نىشان كۆرسىتىش كىرەك.
6.ئەسلى مەن بىلەن ئۆز مەن ۋە ئۆزىدىن ھالقىغان مەن ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى يىشىپ،ئۆزلۈكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كىرەك.
ھازىر بالىڭىزنىڭ كونكىرىت ياش باسقۇچ ئالاھىدىلىگىنى نەزەرگە ئئەلغاندا،بالىڭىز ئىككىنچى قارشىلىق باسقۇچىغا كىرىپتۇ.شۇڭا بالىڭىزدا ھەم بالىلارغا خاس،ھەم ياشلارغا خاس ئۆتكۈنچى بىر پىسخىك مەزگىل بولۇدۇ.سىز بۇ نۇختىدا ئانچە ئەنسىرەپ كەتمەي،بالىڭىزنىڭ فىزولوگىيە ۋە پىسخولوگىيە جەھەتتىكى ئېھتىياج،تەرەققىيات تەلەپلىرىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ،بالىڭزنىڭ مۇستەقىل سوبىكتىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تۇرمۇشىغا ئاكتىپ كۆڭۈل بۆلۈپ،بالىڭىزنىڭ ئىجابى ئىلھامچىسى ۋە كۆڭۈللۈك سىردىشى بولالىسىڭىزلا سىز ئەنسىرگەن مەسلىلەرنى بالىڭىز ئۆزىلا ھەل قىلىپ كىتەلەيدۇ.شۇنىمۇ يەنە ئەسكەرتىش كىرەككى ،بالىلارنىڭ ئىككىنچى قارشىلىق مەزگىلى ناھايىتى زىل مەزگىل بولغاچقا ،بۇ مەزگىلدىكى تەربىيە ناھايىتى<<گۈزەل ۋە سەنئەتلىك>> بولۇشى كىرەك.شۇڭا ئەمىلى تەربىيە جەريانىدا ئەھۋالغا قاراپ ئۈلگە كۆرسىتىش،بىشارەتلەش،ئوبراز تەھلىلى قاتارلىق ۋاستىلىق ئۇسۇللار بىلەن بالىڭىزنىڭ قەلىب ئېنىرگىيىسىنى قوزغۇتۇپ،ئاڭ،ھەركەت،ئادەت،خاراكتىر تەرەققىياتىغا بولغان نازارەت ۋە يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ،غورورىنى مۈمكىن قەدەر پەرۋىشلەڭ،مۇشۇ مەزگىلدە قوپال سۆز ياكى تەنقىت ئىشلىتىپ،بالىڭىزدا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان كەيپىياتنى ياكى بېسىمنى پەيدا قىىپ قويماڭ.
ئېنىقكى،<<تەربىيىدە مۇھەببەتتىن ئىلھام،قىززىقىش،تالانت تۇغۇلىدۇ.خىيانەتتىن بولسا،كازاپ تۇغۇلىدۇ >>.دىگەن ھەقىقەتكە ئىشىنىڭ!.
2010-يىلى 3-مارت