ئۆزىنىڭ تولغىما ئۇسسۇللىرى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ياش ئۇسۇلچى ئايپاتەم ۋە زىۋىدىخاننىڭ ئورۇنلىشىدىكى تولغىما ئۇسۇلنى ھوزۇرىڭلارغا سۇندۇق .
ياش ئۇسۇلچى ئايپاتەم 1976-يىلى تارىم ۋادىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ ئۇ كىچىكىدىنلا ناخشا -ئۇسۇلغا ھېرىسمەن قىز ئىدى ، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا شەكىرە قاتارلىق ئۇسۇلچىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ تولغىما ئۇسۇلنى تىرىشىپ ئۆگۈنگەن ، ئۆزبىكىستاننىڭ قازان شەھرىدىكى "موتالىكا" دىباسىدا 1يىل بىلىم ئاشۇرغان ، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىزچىل ئۇيغۇر ئۇسۇللىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ،خەلقئارالىق ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا .
ئايپاتەم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ " ئۇسۇل ئوينىغاندا پۈتۈن بەدەننى تولغاپ ئوينىغاندا قىزلاردىكى ئەۋرىشىملىك ۋە ھېسىياتنى ئەينەن ئىپادىلەپلا قالماي كۆرگىچىلەرگە ئىستىتىك خوشاللىق ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ .
ئايپاتەم يېقىندا چوڭ تىپتىكى تولغىما ئۇسۇل سەنئەت كېچىلىكىگە جىددى تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ . ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ " بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكىم چوقۇم ياخشى ئالقىشقا ئېرىشىدۇ ، بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىققىمىز بىلەن ياخشى بولغان تولغىما ئۇسۇللارنى مەيدانغا ئېلىپ چىقىمىز .شەكىرەنىڭ ئەمدى سەھنە ھاياتى ئاخىرلاشتى دېيىشكە بولىدۇ ،،،ھەقىقىي تولغىما ئۇسۇلنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىزنىڭ سەنئەت كېچىلىكىمىزدىن كۆرىۋالسۇن !
[ بۇ يازمىنىmirasدە2011-01-25 00:14قايتا تەھرىرلىدى ]