بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۈرۈمچىگە بارغانتىم...بۇرۇندا بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى سانىلىپ شىددەتلىك سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان شەھەرگە كەلگىنىمدە بەك ھاياجانلىناتتىم، كۆز ئالدىمغا ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس دەقىقىلەر كېلىپ يۈرۈكۈم 18 يېشىمدىكى دەملەردەك لاۋۇلداپ ياناتتى. بىراق، بۇ قېتىم قەلبىمدە نە بىر ھاياجان ۋە باش-ئاخىرى چىقمايدىغان گۈزەل ئەسلىمىلەرگە ئورۇن يوق ئىدى. خۇددى ئۈرۈمچى مەندىن يىراقلاۋاتقاندەك...دېمىسىمۇ، بۇ شەھەر ماڭا بارغانچە ناتونۇش بولۇپ كەتمەكتە. چۈنكى، ئۇ بەكمۇ تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ! مەن تونۇيدىغان كوچىلاردا ماڭسام ئېزىپ قېلىۋاتىمەن... ئۈرۈمچىدە ئون كۈندەك تۇرۇش جەريانىدا كۆزۈمگە بەكرەك چېلىققىنى ئۆلچەمسىز ۋىۋىسكىلار بولدى! ئۆزۈم بىر تىل -يېزىق خىزمەتچىسى بولغاچقىمۇ، كەسپىي ئادىتىم بويىچە بۇ شەھەردىكى ۋىۋىسكىلارغا نەزىرىمنى ئاغدۇرغانتىم. مېنىڭچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بەكرەك تەشۋىق قىلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پايتەختى بولغان ئۈرۈمچىدە دۆلەتنىڭ تىل-يېزىق نىزاملىرىغا خىلاپ ۋىۋىسكىلارنىڭ بولىشى بىر چوڭ خاتالىق!قايناق بازار ، ئاۋات كوچىلاردىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتىدىغان ئۆلچەمسىز ۋىۋىسكىلارغا قاراپ ئىچىم سېرىلىپ كەتتى...
مەيلى<< دۆلەت تىل-يېزىق قانۇنى>> ۋە مەيلى <<ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تىل-يېزىق نىزامنامىسى>>دا بولسۇن، ئاپتونوم ھوقۇقىغا ئىگە بولغان مىللەت يېزىقى چوقۇم خەنزۇچىنىڭ ئۈستىگە يېزىلىدىغانلىقى بىكىتىلگەن! ئەجەبا بۇ ۋىۋىسكىنى ياسىغان ۋە ئاسقان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ قانۇنىنى كۆزگە ئىلمايدىغانلارمىدۇ؟!
ئوڭدىكى لوپا ئەينەك بىلەن كۆرمىسە ئوقۇغىلى بولمايدىغان يېزىق نىمە يېزىق بولغاي؟! سولدىكى ۋىۋىسكىنى ياسىغانلار نەدىن كەلگەندۇ؟! <<شىنجاڭدىكى باش ۋاكالەتچى>> دۇكان تۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدىن خەۋەرسىز يۈرەمدۇ؟! ئۇنداق بولسا قانداقمۇ جىق پۇل تاپالايدۇ...
بىلمىگەنلەر بىلىپ قالسۇن! ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇنداق ۋىۋىسكىنى ئېسىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ! ئىشەنمىسىڭىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىل-يېزىق كومىتېتىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ سوراپ بېقىڭ.
تېلېفۇن نومۇرى: 0991-114118...
ئۈرۈمچىدەك خەلقارالىق شەھەرنىڭ گۈزەل قىياپىتىگە نەقەدەر چوڭ زىيانكەشلىك قىلغان ئەبجەق دۇكان بۇ...قاراڭە! بىچارە سۆيۈملۈك يېزىقلىرىمىزنى بوران ئۇچۇرۇپ كېتىپتۇ!...
بۇ مەخسوس ھاراق-تاماكا ساتىدىغان دۇكانغا، ئۇيغۇرلار ئاپىسى بىلەن تەڭ كىرىپ ھاراق-تاماكا سېتىۋالسۇنمۇ؟! بۇ ۋىۋىسكىنى ئىشلىگەن يولداش ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغىلا ئەمەس، ئۆرپ -ئادىتىگىمۇ قىلچىلىك ھۆرمەت قىلماپتۇ...ئۈرۈمچى بۇنداق بولۇپ كەتسە...
ھە!بىلدىم،ئۈرۈمچى تەرەپ-تۇشتىن ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان يولۇچىلارنى، << فارشى >> ئالارمىش...
شۇنچىلىك يوللاپ قوياي! مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ دىققەتتە بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن! ھە راس، قومۇل تۆت كوچىدا بىر تىرىشچان ئۇيغۇر يىگىت ئاچقان بىزەكچىلىك دۇكىنى بار، ئۇ دۇكاننىڭ ۋىۋىسكىسىمۇ ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىنىڭ ئاستىغا يېزىپ قويغان ، بىر قانچە قېتىم سەمىمي رەۋىشتە دوستانە ئەسكەرتكەن بولساممۇ، تۈزەتمىدى...
[ بۇ يازمىنىsebirدە2011-10-04 18:17قايتا تەھرىرلىدى ]