turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 1171 قېتىم كۆرۈلدى
turan
تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنۇم ھاياتىمنىڭ ئاخىرلا ..
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 477
شۆھرەت: 2657 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2666 سوم
تۆھپە: 1550 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1557 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 378(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تۇرپان خەلق ناخشىسى ‹‹ئاچىل››نىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى

  (پەرھات ئابدىراخمان )
1.تۇرپان خەلىق ناخشىلېرى
تۇرپان خەلىق ناخشىلېرى ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلېرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن يەنە ئۆزىنىڭ مىلودىيە ئالاھىيدىلىكى ۋە ئۇدار ئالاھىيدىلىكى بىلەن باشقا خەلىق ناخشىلېرىدىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. تۇرپان خەلىق ناخشىلېرى تۇرپان خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخى يىللار جەريانىدا بىشىدىن ئۈتكۈزگەن ئازاپ –ئۇقۇبىتى ،سەرگۈزەشتىلېرىنىڭ شاھىدى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزۇن يىللار جەريانىدا ئېغىزدىن –ئېغىزغا كۈچۈپ ئېيتىلىپ كەلمەكتە.
2.‹ئاچىل›ناخشىسىنىڭ پەيدا بۇلۇشى ۋە  تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى
‹ئاچىل›ناخشىسىنىڭ بارلىققا كىلىشى 1931-يىلى پارتىلىغان قۇمۇل قوزغىلىڭى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان.
قۇمۇلدىكى ۋاڭلىق تۈزۈمىنىڭ زۇلۇمىدىن تويغان دىھقانلار 1907-يىلى تورپاقلار قوزغىلىڭى ھەمدە 1912-يىلى تۈمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى ئىككى قىتىم قوزغىلاڭ كۈتۈرۈپ ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئىكىسپىلاتاتسىيسىگە قارشى تۇرغان بولسىمۇ ،ھەر قتىمدا مەغلۇپ بۇلۇپ تىخىمۇ بەتتەر ئازاپ دىڭىزىغا غەرىق بولدى .1911-يىلى ۋۇچاڭدا كۆتۈرۈلگەن شىنخەي ئىنقىلابى پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا شىددەتلىك دۇلقۇن پەيدا قىلىپ ،300نەچچە يىل ھۈكۈم سۈرگەن چىڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، جۇ ڭگودا تۇنجى قىتىم جۇمھورىيەت تۈزۈمىنى تىكلىدى .بۇدۇلقۇننىڭ تەسىرى بىلەن شىنجاڭدىمۇ كەينى –كەينىدىن كۈتۈرۈلگەن قوزغىلاڭلار چىڭ سۇلالىسى ھۈكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئاخىرقى باش مۇپەتتىشى يۈۋەن داخۇانى ئىچكىرى ئۆلكىگە قىچىشقا مەجبور قىلدى .نەتىجىدە ئەينى چاغدا يۈۋەن داخۇانىڭ شىنجاڭدىكى ئىنقىلابى ھەركەتلەرنى باستۇرۇشقا پائال ھەمكار لاشقان ئۈلكە ھەربى نازارەتچىسى ياڭ زىڭشىن ھۈكۈمرانلىق ئورنىغا چىقپ ،ئۆزىنىڭ مىنگونىڭ ھەربى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى جاكارلىدى .
ياڭ زىڭشىن ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققاندىن كىيىن ئىزچىل تۈردەئىستىبدات ۋە جاھالەت سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ ،قۇۋلۇق –شۇملۇق بىلەن يۇرت سوراپ ،شىنجاڭنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇپ ‹‹مۇستەققىل پادىشا ھ››بۇلىۋالدى ،ھەرخىل ھىلە-نەيرەڭلەرنى ئىشقا سىلىپ خەلىقنى قاتتىق ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلدى .يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئارقىلىق خەلىقنى زۇلمەتلىك دەۋىرگە سۆرەپ كىردى .‹‹ياڭ زىڭشىن ھۈكۈمرىنلىقىدىكى شىنجاڭنى نادانلىق ،قالاقلىق قاپلاپ كەتكەن بۇلۇپ ،ئەمەلدارلىق تۈزۈمى چىرىك ،مائالىيە كىرىمى قۇرۇق ،ھەربى قۇشۇنى بىرتوپ بۇلاڭچى ،ئىگلىكى ۋەيران ،ھۈنەر-كەسىپ كاسات ،خەلىق ئاممىسى ئېغىر زۇلۇم ئاسارىتىدە ئىدى ››.
ياڭ زىڭشىن يۈرگۈزگەن دەھشەتلىك زورلۇق –زومبۇلۇقلار  ئاخىر ئۇنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتەردى .يەنى ئۇ 1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ،قۇشۇمچە جىياڭجۈن يامۇلىنىڭ ھەربى ۋە خارجى ئىشلار مەھكىمە باشلىقى ،ياپونىيىدە قانونشۇناسلىق بۇيىچە ئىلىم تەھسىل قىلىپ بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيسى ھەمدە ئىلغار پىكىر ئىقىمىنى قۇبۇل قىلغان ،پارخورلۇقنى تۈگۈتۈپ مائارىپنى تەرەقى قىلدۇرۇشىنى تەكىتلەيدىغان پەن ياۋنەن تەرپىدىن ئىتىپ ئۆلتۈرۈلدى .ۋە ھالەنلەنكى ،بۇقىتىملىق سىياسى ئۆزگۈرۈشتىن كىيىن ئەينى زاماندىكى مەمورى ئىشلار نازىرى ،ياڭ زىڭشىندىن قىلىشمايدىغان مۇستەبىت جىن شۇرىن تۇپلاڭدىن توقاچ ئۇغۇرلاپ ،پەن ياۋنەن ۋە .ئۇنۇڭ قوللىغۇچىلېرىنى باستۇرۇپ شىنجاڭنىڭ ھۈكۈمرانلىق ئورنىغا چىقۋالدى .
جىن شۇرېن ئۆلكىنىڭ ئالى ھۇقوقىنى قولغا كىرگۈزۋالغاندىن كىيىن خەلىققە ياڭ زىڭشىن دەۋرىدىكىدىنمۇ ئارتۇق زۇلۇم سىلىپ ،ئېزىش ۋە بۇلاپ ـ تالاشنى كۈچەيىتتى .ئەسىرلەردىن تارتىپ ئەكسىيەتچى ھۈكىمەتنىڭ سادىق گۇپپاڭچىسى بۇلۇپ كىلۋاتقان قۇمۇلدىكى يەرلىك بەگ –ئەمەلدارلار بىچارە خەلىقنى خىلمۇ خىل قەبىھ ئۇسوللار ،قاتمۇ-قات سىلىق ۋە بۇيۇنتۇرۇقلار بىلەن دەھشەتلىك تۈردە ئېزشكە باشلىدى .نىھايەت ،خەلىقنىڭ سەۋىر قاچىسى تۇشۇپ ،قۇمۇلنىڭ شەرقى تاغلىق رايونلېرىدا ئەمگەكچى خەلىقنىڭ ئەزگۈچىلەرگە قارشى قوزغىلىڭى پارتىلدى .قوزغالغان خەلىق ھۈكۈمەت ئەسكەرلىرى ئىگىلەپ تۇرغان جايلارغا تىز سۈئەتتە ھۇجۇم قىلىپ ،ئۇلارنى بىر –بىرلەپ يۇقاتتى .بۇ قوزغىلاڭ ئۇمومى خەلىق ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ ،ھەر مىللەت خىەلقىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزوسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكتىن ئالدى بىلەن شەرقى شىنجاڭ ،ئاندىن جەنوبى شىنجاڭ خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى .دەل مۇشۇ مەزگىلدە تۇرپاندىن چىققان ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر خەلىقنى ئىتپاقلاشتۇردىغان ،زۇلۇمغا قارشى قوزغۇلۇشقا ئۈندەيدىغان بىر ناخشىنىڭ زۆرۆرلىكىنى ھىس قىلىپ ‹‹ئاچىل ›› ماۋزولۇق بىر شېئىر يازدى .داڭلىق سازەندە قۇربان تەمبۇر شېئىرنى ئاھاڭغا سالدى .كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىپ ،قانلېرىنى ئۇرغۇتىدىغان بۇناخشا خەلىق ئارسىدا ناھايتى تىز ئۇموملىشىپ ،خەلىقىنى ئويغۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى .كىيىنچە‹‹ئاچىل››ناخشىسى قوزغىلاڭچىلار  سۈيۈپ ئېيتىدىغان ناخشىغا ،جۈملىدىن دىھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ جەڭگىۋار مارىشىغا ئايلاندى .
ھازىر بۇناخشىنىڭ ئىجات قىلىنغىنىغا 70يىلدىن ئاشتى ،ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشىگە ئەگىشىپ ناخشىغا خىلمۇ-خىل خەلىق قۇشاقلېرى سىلىنىپ ئېتىلدىغان بولدى .ناخشا تەڭرى تېغىنىڭ جەنوبى ۋە شىمالىغا كەڭ تارقىلىپ ،ھەممە ئادەم بىلدىغان ،رادىئو- تىلۋىزور ۋە تۈرلۈك پائالىيەت – سورۇنلاردا داۋاملىق ئورۇندىلدىغان خەلىق ناخشىلېرىدىن بىرى بۇلۇپ قالدى .
3.ئاپتۇربىلەن تۇنۇشۇش
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر(1901ـ1933)تۇپان شەھرىدە ئابدۇراخمان مەخسۇم ھاجى ئىسىملىك ئابرويلۇق سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .ئۇ بالىلىق چاغلېرىدا دىنى مەكتەپتە ئۇقۇپ كىلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلېرى بىلەن ئۇچراشقان .1916-يىلى چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى بىلەن بىللە روسيىگە چىقىپ شەمەي شەھرىدە يىڭىچە پەننى مەكتەپتە ئۇقىغان .بىر نەچچە يىلدىن كىيىن قايتىپ كىلىپ تۇرپان يىڭى شەھرىدىكى شۆتاڭغا كىرىپ خەنزوتىلى يېزىقىنى ئۆگەنگەن .1923ـ يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرپان ئاستانىلىك مەشھور مەرىپەتپەرۋەر زات ،تەرەققىيپەرۋەر ئىنقىلاپچى مەخسۇت مۇھىتى بىلەن سابىق سوۋىت ئىتپاقىغا بېرىپ ئۈچ يىل تۇرۇپ كۆپلەپ بىلىم ئالغان ۋە نەزەر دائىرسىنى كىڭەيىتكەن .1926ـ يىلى يۇرىقا قايتىپ كىلىپلا يىڭى مائارىپ ۋە ئىلىم ـ پەن ئارقىلىق مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئىدىيىسىنى تەرغپ قىلغان .
1927ـ يىلىغا كەلگەندە مەخسۈت مۇھىتى ،پىچانلىق ئىسكەندەر غۇجا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە بىر مەرىپەت ئۈيۇشمىسى تەسىس قىلىپ ،جەمىئەتتىن ئىئانە توپلاپ پەننى مەكتەپلەرنى ئاچقان.ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بۇ يىللاردا بالدۇر ئويغانغان ئادەمگە خاس جاسارەت بىلەن نادانلىق ۋە زۇلۇم بىلاەن تولغان ئجتىمائى قاباھەتكە قارشى كۈرەشنى باشلىغان .بۇ مەزگىل ئۇنۇڭ شېئىر ئىجادىيتىنىڭ مول ھۇسول پەسلى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ .ئۇ ئۈتكۈر قەلىمى بىلەن ئۆز دەۋرىنىڭ ئجتىمائى زىدىيەتلېرىنى ۋە جەمىئيەت رىئاللقىنى ئەكىس ئەتتۈردىغان شېئىرلارنى يېزىپ مۇستەبىت ھاكىميەتنىڭ ماھىيتىنى ئىچىپ تاشلىغان .نادان خەلىقنىڭ مەنىۋى ئىللەتلېرىنى قاتتىق قامچىلىغان .ئۇنۇڭ شېئىرلېرىدىكى چوڭقۇر ھىسيات سىياسى مەزمون ،كۈچلۈك ئىسيانكار روھ ،يىراقنى كۆرەر نەزەر ۋە چاقىرىق كۈچىگە باي پىكىرلەر كەڭ خەلىق ئاممىسىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇشقا باشلىغان1932- يىل 12-ئاينىڭ بىشىدا تۇرپاندا قوزغىلاڭ پارتىلغان .ئىچ – ئىچىدىن ھاياجانلانغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قۇلىغا قۇرال ئىلىپ قوغىلاڭغا قاتنىشىش بىلەن بىللە قايناق ئىلھامى بىلەن ‹‹ئاچىل››ناخشىسىنى ئىجات قىلغان .بۇناخشا ناھايتى تىزلىكتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ جەڭ ناخشىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن.
بۇ ئوت يۈرەك شائىر 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى جاللات شىڭ شىسەي تەرپىدىن بىرتۈركۈم سەبداشلېرى بىلەن بىللە 32يىشىدا قىلىچ بىلەن چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .
.ناخشا تېكىستى
1).ئۈرۈمچىدىن ماڭدۇق بىز
   يارغولنىڭ يۇلى بىلەن
  ئوينىساڭ تۈزۈك ئۇينا
  ھەر ئىشنىڭ يۇلى بىلەن
 
2).ئورمان قويدۇق باغ بولدى
  ھەممەبىردەك ئەي بولدى
  ئالما،ئۈزۈم ،تۇغاچلار
  شاخ – شىخىدا مەي بولدى
 
3).ئاشلىق ،چارۋا ،ئورماندىن
  قوش مول ھۇسول ئالىمىز
  بۇ بەختىيار زاماندا
  باياشاتتۇر كۈنىمىز
-
.ناخشىنىڭ ئېيتىلىش ئۇسلوبى ھەققىدە
 
ناخشىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشىدىن كۆرۋىلىشقا بۇلىدۇ بۇ بىر مارىش خاراكتىرلىق جەڭ ناخشىسى. ناخشىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىيتىلىش ئۇسلوبى بىلەن ھازىرقى ئېتىلىش ئۇسلوبى تۈپتىن ئۇخشىمايدۇ .ئەينى ۋاقىتتا مارىش ئۇسلوبىدا ناھايتى جەڭگىۋار .سۆزلېرى ئۇرغۇلۇق ئېيتىلغان بولسا ھازىر بۇناخشىنىڭ خاراكتىرى ۋە ئىيتىلىش ئۇسلوبى ئۆزگۈرەپ بىزگە ئۇسۇل ئۇسلوبىدا ،ناھايتى قاينام- تاشقىنلىق ،مۇھەببەتنى كۈيلەيدىغان ناخشا سۈپىتىدە ئېيتىلىپ كەلمەكتە
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-23 23:04 |
ohuz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 284
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 90 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 54 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 54 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن بۇ ناخشىنى
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-24 15:35 |
duttarqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 252
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 123
شۆھرەت: 810 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 808 سوم
تۆھپە: 451 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 463 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 534(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تۆۋەندىكىسى بولسا قومۇل ۋە تۇرپاننىڭ {ئاچىل} دىگەن ناخشىسى. بۇ ئىككى ناخشىنى سېلىشتۇرۇپ ئاڭلاپ باقايلى.



]تۇرپان خەلق ناخشىسى{ئاچىل}
 


قومۇل خەلق ناخشىسى{ئاچىل}

[ بۇ يازمىنىduttarqiدە2011-01-24 16:40قايتا تەھرىرل ]
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-24 16:16 |
arsilan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 201
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 160
شۆھرەت: 825 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 828 سوم
تۆھپە: 490 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 490 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 191(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تۇرپان ناخشىچىلىرى ئەسلى تېكىسنى ئوقۇپ مۇزىكىنى ئازراق ئۆزگەرتكەن بولسا ھەقىقى جەڭ مارشى بولاتتىكەن.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-24 18:29 |
bandit
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 554
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 220 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 220 سوم
تۆھپە: 129 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 129 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەر ھالدا ئاچىلنىڭ ئەسلى تېكىستتىنى بىلىۋالدىم....  رەخمەت سىز گە.
    
ئېيتىش ئۇسلۇبىدا يەنىلا بىزنىڭ قومۇلنىڭ ياخشى........رېتىمى يېنىك، كىشىگە بىر خىل ئەركىن،ھۇزۇر بېغىشلايدۇ........
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-04 16:58 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 532
شۆھرەت: 3440 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3431 سوم
تۆھپە: 1923 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1957 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 975(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يوقىرقى ئىككىلا ناخشىدا مۇزىكىلىق پۇراق ۋە مۇزىكىلىق رېتىم تازا ۋايىغا يەتمىگەن،ئىسكەندەر سەمەتنىڭ ناخشىسىدا بۇنداق تۇيغۇ تولىمۇ يارقىن.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-04 22:14 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 532
شۆھرەت: 3440 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3431 سوم
تۆھپە: 1923 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1957 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 975(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەينى دەۋىردە بۇ ناخشا ئىقىلابنىڭ،ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ناخشىسى ئىدى ، ھازىر تانسىكەشلىرىمىزنىڭ ناخشىسى بولۇپ قاپتۇ،بەلكىم مەرھۇم  ئا،ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ  روھى قورۇنۇپ ھەسرەت چىكىۋاتسا كىرەك.
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-04 22:16 |
kojo
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4824
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 103 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 104 سوم
تۆھپە: 62 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 63 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

<<ئاچىل>> نىڭ تۇرپان ۋە قۇمۇل ۋارىيانتىلىنىڭ ئىكىسىنىڭلا ئۈزىگە چۇشلۇڭ يېقىملىق ئالاھىدلىكى بار. ئاچىل ناخشىسھى ئەسلىدە تۇرپاندا پەيدا بۇلۇپ ئاندىن قۇمۇلغا تارقالغاندا قۇمۇلۇقلار ئەسلىسىنى سەل ئۈزگەرتىۋەتكەن. بۇيەردە قۇمۇلنىڭ ياخشى دىگەن گەپلەرنى قىلماينى. ئەسلى ئىجاد قىلىنىنغان جاي تۇرپان، ئەسلىسىنى ئاساس قىلغاندا يەنىلا تۇرپاننىڭ ئۈز ئەسلى ئالاھىدلىكنى ساقلاپ قالغان.
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-21 21:50 |
alqondi
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 404
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 521
شۆھرەت: 2854 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2862 سوم
تۆھپە: 1691 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1693 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1391(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تۇرپان خەلق ناخشىسى ، قومۇل خەلق ناخشىسى ، ئىلى خەلق ناخشىسى ، قەشقەر خەلق ناخشىى ...  خەلق ناخشىسى ھەممىسى ئۇيغۇر خەلق ناخشىسىغۇ ئاخىر .
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-23 11:32 |
qayan123
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2736
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 107
شۆھرەت: 555 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 558 سوم
تۆھپە: 329 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 329 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 77(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەقىقەتەن تۇرپاننىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىن ياخشىكەن
ئادەم ئۆمرۈدە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچۇرايدۇ
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-23 13:46 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تارىخ بەتلىرى