مۇنبەر دە بەزىبىر كىسەلەرنىڭ ئەۋىج ئالغىانلىقى ئۈچۈن ، مەزكۇر ئۇنۋىرسال بومباردىمانچى دورا ياساپ چىقىلدى مەزكۇر دورا تۆۋەندىكى كېسەللەرنى داۋالايدۇ
1)مۇنبەرگە بەزىدە كىرىپ بەزىدە كىرمەسلىك ، مۇنبەردىكىلەرنى سېغىندۇرىۋېتىش كىسىلىنى.
2)يۇمۇر سۆزلەپ باشقىلارنى كۈلدۈرىۋېتىش ، تېما يوللاپ مۇنبەر ئەھلىنى قايىل قىلىۋېتىش كىسىلىنى .
3) ئىنكاس يازغاندا ئىملا دىققەت قىلماسلىق ، پىنيىنچە ھەرىپ بىلەن يېزىش، ھەتتا باشقىلار ئۇقىيالمايدىغان يېزىپ قۇيۇش كىسىلىنى.
4)تېما ياكى ئىنكاسى ئارقىلىق مۇنبەر پۇلى ، شۆھرەت ، ھەتتا ئالتۇن مۇكاپات ئېلىۋېلىش كىسىلىنى.
5) بىرى ئا مەيداندا تۇرۇپ سۆزلىسە ب مەيداندا تۇرۇپ سۆزلەپ ئىختىلاپ چىقىرىش كىسىلىنى.
6) مۇنبەرگە ئوت قۇيىۋېتىش ، توڭلاپ كەتكەنلەرنى ئىسسىتىۋېتىش كىسىلىنى.
6.5 ) بۇ ئۇرۇندىمۇ بىر كىسەل بار ، شۇنىمۇ داۋالايمىز.
7) يوقلىمىغا كىچىكىپ كىلىش ، ھەتتا كەلمەسلىك، بۇگۈن چاقىرسا كېلەرھەپتە ھە دىيىش كىسىلىنى.
8) دا ئىم تېما يوللاپ تۇرۋېلىش ، مۇنبەرنى ئاق قويماسلىق كىسىلىنى .
9) ياخشى تېما يوللاپ باشقىلارنى رەھمەت دىگۈزىۋېتىش كىسىلىنى .
10) يەنە بىر كىسەل بارئىدى.....يادىمغا كەلمەيۋاتقان كىسەللەرنىمۇ .
قاتار لىق ئون ئۇنۋىرسال كىسەللەرنى، ئون بىر ، ئون ئىككى قېتىم ئۇنۋىرسال بومباردىمان قىلىپلا داۋالىۋىتىمىزغۇ دەيمەن. .
ئىشىنىمەنكى دورىنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ساقىيىپ << شاش >> بۇلۇپ كىتىسىز .
دورا تىپى : << F-35 >> تىپلىق بومباردىمانچى دورا.
باھاسى : ئىشقىلىپ ئەرزان ئەمەس جۇمۇ.
ئىشلەپ چىقارغان ۋاقتى : بىلگىلى بولمايدىغان بىر يىلى ، ئۆتۈپ كەتكەن ئايلارنىڭ ، كەلمەيۋاتقان كۈنى.
ئالاقىلاشقۇچى : ئۇ
ئالاقىلىشىدىغان ئۇرۇن؛ تېخى بىكىتىلمىدى.
تېلفۇن؛ نۆلدىن كېينكى سان ،ئۈچكە ئىككىنى قوشقاندىكى سان ۋە يەتتىدىن بىر ئىككى ساننى ئېلىپ ،خالىغان سانغا بۆلۈپ ، كۆپەيتىپ دېگەندەك بىر قاتار ماتىماتىكا ئىشلىۋەتكەندىن كېيىنكى سانلار.
كۈچكە ئىگە ۋاقتى ؛ توۋا خۇدايىم مەن نىمە بىلەي .
سىز ئۈچۈن ؛24 سىكۇنىت ئوتتۇرھال مۇلازىمەت قىلىمىز.
ھەل قىلالمايۋاتقان مۇنبەر كىسىلىڭىزنى بومباردىمان قىلىپ تەلتۆكۈس يۇقىتىشقا كىم كىپىل .
كىسەل ئاغىرىقىدىن قۇتۇلۇشىتىكى ئەڭ ياخشى تاللانمىڭىز << F-35 >> تىپلىق بومباردىمانچى دورا بولغۇسى (ئامىيييييييين).
مەزكۇر ئېلاننى كۆرگەندىن كېيىن ئايرۇپىلاننى مۈرىڭىزگە ئارتىپ دەرھال ئۇچۇپ كېلىڭ.
مەنبە؛ ئۆزۈم.
[ بۇ يازمىنىsebirدە2011-10-14 13:03قايتا تەھرىرلىدى ]