turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 2095 قېتىم كۆرۈلدى
دىلكەش
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2792
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 663 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 702 سوم
تۆھپە: 355 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 356 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇردا ئەبگالىق (3- ساتقىنلىق ۋە مۇناپىقلىق)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما sebir تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-10-21)
 

    ئۇيغۇردا ئەبگالىق (3- ساتقىنلىق ۋە مۇناپىقلىق)

         

                 ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى

 

                                 يولۇڭنى تۈزەتكىن، خۇي- پەيلىڭ بىلەن،

                                 بول ئىككى جاھاندا تۆردە ئولتۇرار.

                               (يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» 6641- بېيىت)

 

ساتقىنلىق- ئەبگالىقنىڭ يەنە بىر ئالامىتى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى روناق تاپقۇزمايۋاتقان ئەڭ ئەجەللىك ئىللەتلەرنىڭ بىرى. ھېكايە: ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىپتىخارى، غۇرۇرى. ئۇ ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدىكى ئۆزى بىلەن بىر تىلدا سۆزلەيدىغان، ئۆزى بىلەن بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئىنسان روزى موللىنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھەپسىگە ئېلىنىپ، 1933- يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى پاجىئەلىك ھالدا قەتلى قىلىنغان. شۇ يىلى ئۇ تېخى ئەمدىلا 32 ياشقا كىرگەن بىر ياش ئەزىمەت ئىدى.

بۇ يەردە مۇنداق بىر سۇئال تۇغۇلىدۇ: ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ ئۇيغۇر، روزى موللىمۇ ئۇيغۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق، زادى نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر روزى موللا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چېقىشتۇرۇپ ئۆلتۈرگۈزىۋىتىدۇ؟ بۇ يەردىكى تۈپ مەسىلە روھى جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقتا. يەنى بۇ ئىككەيلەن گەرچە دىنداش ۋە مىللەتداش بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى روھ بىر- بىرسىنىڭكىگە تۈپتىن ئوخشىمايتتى: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر پۈتكۈل خەلقىم، پۈتكۈل مىللىتىمنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى مىنىڭ مەنپەئەتىم، مىللىتىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پىدادۇر جېنىم دەيدىغان مىللەتپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك روھىنىڭ ئىگىسى ئىدى؛ روزى موللا بولسا، مىنىڭ گېلىم- مىنىڭ بارلىقىم، ھاكىم گېلىمغا نان بەرسىلا ئۆز مىللىتىمنىڭ، ئۆز خەلقىمنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى بەش پۇلغا سېتىۋەتسەممۇ شۇركەنمەس تېنىم دەيدىغان ساتقىنلىق روھىنىڭ بەندىسى ئىدى.

سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر قانداق ئېرق، ھەر قانداق دىن ۋە ھەر قانداق بىر مىللەتكە تەۋە ئادەم ئۈچۈن، ئەمەلىي پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش، ئۆز خەلقىگە كۆيۈش، ئۆز مىللىتىنىڭ بەخت- سائادىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلاشنى تۈپ مەزمۇن قىلىدىغان مىللەتپەرۋەرلىك ئەزەلدىن ئەبەدكە گۇناھ ھېساپلانمايدۇ ۋە شۇنداق بۇلۇشى كېرەك.چۈنكى، مىللەتپەرۋەرلىك ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مۇستەھكەم ئۇلى ۋە تەۋرىمەس ئاساسى. ئۆز مىللىتىنى سۆيمىگەن ئادەمنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى چىندىن سۆيۈشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ھالبۇكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاداققى نىشان قىلىنغان مىللەتپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە، ھەر قايسى مىللەتلەرگە خاس تۈرلۈك ئادەملەرنىڭ قەلبىدە باراۋەرلىك ۋە خوجايىنلىق تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك رولىنى تولۇقى بىلەن جارى قىلدۇرۇش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيىتى بار، ئەلۋەتتىە. ئەگەر بۇ چۈشەنچە توغرا دەپ قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئۇ ھالدا، مىللىي ساتقىنلىق ۋە مىللىي مۇناپىقلىق تىتاڭ تومۇرىغا تەككۈزۈپ ئەيبلىنىشى ۋە خەلقى ئالەم ئالدىدا سازايى قىلىنىپ، ئادەمى ئەخلاق بابىدىن ۋە ئىنسانىي پەزىلەت مەيدانىدىن ئەبەدىيلىك قىلىپ قوغلاپ چىقىرىلىشى لازىم.

ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان ئىچكى تارىخىدا ھامان زور- زور پاجىئەلەر بىلەن نەتىجىلىنىپ كېلىۋاتقان بىر كۈرەش بار. ئۇ بولسىمۇ، مىللەتپەرۋەرلىك بىلەن مىللىي ساتقىنلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتۇر. 30- ۋە 40- يىللاردىكى ئويغىنىش دەۋرىدە بىھۇدە قەتلى قىلىنىپ كەتكەن ئاتاقلىق تەرەققىيپەرۋەر دىنى زات ئابدۇقادىر داموللام، مەرىپەتپەرۋەر ئوقۇتقۇچى مۇھەممەد ئەلى تەۋپىق ئەپەندى ۋە ئوتيۈرەك شائىر، تاغ يۈرەك تالانت ئىگىسى لوتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ خىل مىللەتپەرۋەرلىك بىلەن مىللىي ساتقىنلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ غوللۇق قۇربانلىرى. شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىدىن يەكۈنلەپ ئېيتقاندىمۇ، ئۇ ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە روزى موللىلارنىڭ كۆپلۈكىنىڭ قانلىق نەتىجىسى. شۇنىسى ئېنىقكى، ئارىدىن ئاتمىش ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتكەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلغانلارمۇ، ساتقىن روزا موللىنىڭ ئىپلاس جەندىسىگە مىراسخورلۇق قىلغانلارمۇ بار. ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئىچىدە، خۇسۇسەن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئىچىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپمۇ ياكى روزى موللىنىڭ ئەۋلادى كۆپمۇ؟ ئەتراپىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار، ۋىجدانىڭلاردىن سوراپ بېقىڭلار!

بىز «ئۇ مىللەتمۇ بولمايدۇ، بۇ مىللەتمۇ يارىمايدۇ. دۇنيادا مەن ئاكاڭ بىرىنچى» دەيدىغان تار مىللەتچىلىككە ئىنتايىن ئۆچمىز. بىز مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىقنى كۆز قارچۇقىمىزدىن بەكرەك ئەزىزلەيمىز ۋە ئاسرايمىز. چۈنكى، بۇ يۇمۇلاق يەر شارىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ھەر قانداق ئىشلىرىنى پەقەت يۇمۇلاق شىرە ئەتراپىغا جەم بولۇپ، ئۆپكىسىنى بېسىۋېلىپ ئولتۇرۇپ، ھەممە تەرەپلەرنى ئوخشاش كۆزدە تۇتقان ھالدا ئەستايىدىل سۆزلىشىش، پىكىرلىشىش ۋە سىردىشىش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بۇلىدۇ دەپ قارايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز «مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاق، ئىناق بولۇش» دىگەن ئەسلىدىن توغرا ۋە ھەقلىق شوئارنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە بۇرمىلاپ، «ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى پۈتۈنلەي قۇربان قىلىش، ئۆز خەلقىنىڭ ھەقلىق نىسىۋىسىنىمۇ قالدۇرماي سېتىۋىتىش» قىلىپ چۈشىنىۋاتقان ۋە چۈشەندۈرىۋاتقان ئەبگالارغا لەنەت ئوقۇيمىز.

سەن قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت مەركىزى تۈۋرۈك قىلىنغان ئەلدىكى بىر ئۇيغۇر كادىرسەن. ئەڭ ئەقەللى ساۋات شۇكى، سەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ، ئۇيغۇر مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىلىسەن. چۈنكى، ئەگەر سەن ئىسسىق قانلار بەدىلىگە كەلگەن بۇ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىلىق بىر ئۇيغۇر بولمىغان بولساڭ، ساڭا ئۇ ھوقۇق، ئۇ ئورۇندۇق مۇتلەق يوق ئىدى. شۇڭا سەن ھەر خىل مەجلىسلەردە، تۈرلۈك قانۇنى سورۇنلاردا ئالدى بىلەن ئۆز خەلقىڭنىڭ يىغىسى ئۈچۈن يىغلىشىڭ، ئۆز مىللىتىڭنىڭ كۈلكىسى ئۈچۈن كۈلۈشۈڭ كىرەك. ئەگەر سىنىڭ پىكىرىڭ، سىنىڭ بايانىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، راست بۇلىدىغانلا بولسا، يىغىن رىياسىتى، قانۇن- تۈزۈم مەمۇرىيىتى سىنىڭ پىكىرىڭنى قوبۇل قىلىدۇكى، پەقەت شۇ چاغدىلا سەن ھەقىقى ئۇيغۇر كادىرى بولغان بۇلىسەن. ئەكسىچە سەن «مەن ئۇيغۇر كادىرمەن، ھالبۇكى ئۇيغۇر ئۈچۈن گەپ قىلسام، شەخسىيەتچىلىك قىلغان، مىللەتچىلىك قىلغان بۇلىمەن. بۇ ھالدا يولداشلارنىڭ ماڭا پىكىرى چىقىپ قالىدۇ» دەپ، ھەقىقەتكە چاپان ياپساڭ، ئۆز خەلقىڭنىڭ تۇرمۇشىدىكى يوقىرىغا يەتكۈزۈشكە تىگىشلىك دەرد- ئەھۋالىنى راستى بىلەن دوكلات قىلمىساڭ، ئۇنى ئاز دەپ باشلىقنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىش تەمەسىدە پاكىت ئويدۇرۇپ يالغان گەپ قىلساڭ، بۇ ھالدا سەن ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتىنى ساتقان ئەبگا كادىر بولغان بولىسەن، خالاس.

بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە، مەلۇم ساندىكى ساتقىنلارنىڭ بولۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. ئەجەپلىنەرلىكى ۋە خەۋپلىنەرلىكى، ساتقىنلىق ئىللىتىنىڭ يامراپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ شۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ خېلى بىر قىسمى ئۈچۈن جاھاندارچىلىق ۋاستىسى بولۇپ قېلىشى. ساتقىنلىق بىر مەرەز ئىللەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ سوبىيكتىپ ۋە ئوبىيكتىپ جەھەتتىكى تۆرىلىش ۋە يامراش سەۋەبلىرىگىمۇ ئىگە.

نەپسانىيەتچىلىك- ساتقىنلىق تۆرەلمىسىنى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئۆستۈرىدىغان پارنىك. «كۆڭلى تىلەركى دەھردە بار پۇلنى ئالسا ئول، بولسا ئاڭا نەسىب بۇ ئالەمدە بارچە ھەرام» (كۆڭلى بۇ دەۋردىكى ھەممە پۇلنى مەنلا ئالسام، ھەتتا بۇ ئالەمدىكى بارلىق ھارام نەرسىلەرمۇ ماڭا نېسىب بولسا، دەپ تىلەيدۇ). مانا بۇ 18- ئەسىر ئۇيغۇر شائىرى ئەمىر ھۈسەيىن سەبۇرى قەلىمى سىزغان نەپسانىيەتچىلىكنىڭ ئوبرازى. نەپسانىيەتچى ئادەمنىڭ ئولتۇرسا- قوپسا ئويلايدىغىنى شەخسى ئۆزىنىڭ نەپسى، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى، ئۆزىنىڭ تويماس گېلى. ئۇنىڭ تونۇشىدا يا ھالال- ھارام ئېڭى، يا ھەق- ناھەق قارىشى مەۋجۇد بولمايدۇ. ئۇنىڭغا پۇل بەرسىلا، گېلىغا ھەلەپنىڭ ئورنىدا بىر يىگۈلۈك بەرسىلا، ئاشۇ پۇل بەرگۈچى ۋە ئۇنى باققۇچى ئۈچۈن ئېشەككە ئوخشاش ئىشلەۋىرىدۇ. مۇنداق ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۇل ئۈچۈن، ھارام تاماق گال ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى ۋە ئولارنىڭ ئەزىز مەنپەئەتىنى سېتىۋېتىش خۇددى يىڭىگە قونۇپ قالغان توپىنى قېقىۋەتكەنچىلىكمۇ بىلىنمەيدىغان ئىش. ھالبۇكى قەيەردە نەپسانىيەتچى كۆپ، شۇ يەردە ساتقىن كۆپ. قەيەردە ساتقىن كۆپ، شۇ يەردە بۇرۇختۇملۇق، ئاھ ئۇرۇش ۋە روھى ۋەيرانىلىق كۆپ.

بىپەرۋالىق بىلەن رەزىللىككە سۈكۈت قىلىش- ساتقىنلىقنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرىدىغان روھلاندۇرۇش دورىسى. ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەڭ يۈكسەك ئىنسانىي پەزىلەتكە ئىگە مەرد ئوغۇل ئىدى؛ روزى موللا بولسا، روھى دۇنياسى ئەڭ پاسكىنا، ئىنسانىيەت ئىللەت بابىدىكى پەسنىڭ پېسى سانىلىدىغان ساتقىنلىقتىن ئىبارەت مەخلۇق روھىغا قۇل ئىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەتتا ئۇنىڭ دۇشمەنلىرىمۇ ئەيمىنىدىغان، دوستلىرى، قېرىنداشلىرى بولسا سۆيۈنۈپ تەلپۈنىدىغان سەردار ئۇيغۇر ئىدى؛ روزى موللا بولسا، ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇرلارنىڭ نۇمۇسىنى كەلتۈرىدىغان سېپى ئۆزىدىن بولغان ئەبگا ئۇيغۇر ئىدى. يەنە ھەممە ئادەم بىلىدۇكى، بۈيۈك ئىنسان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ھايۋان تەبىئەت روزى موللا ساتقىنلىق قىلىپ ئۆلتۈرگۈزىۋەتكەن. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەنۇ، ئۇنى ناھەق ئۆلتۈرگۈزىۋەتكەن روزى موللا بولسا، يەنىلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەخىرامان يۈرىۋەرگەن. ھېچقانداق بىر تارىختا، ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ ئۇ ساتقىننىڭ ھەتتا بىر تال مويىغىمۇ چېقىلغانلىقى سۆزلەنمەيدۇ. بۇ نىمە؟ بۇ- رەزىللىككە سۈكۈت قىلىش! ئۇ ئالىممۇ ياكى زالىم، ئۇ قەھرىمانمۇ ياكى خائىن! ھېچكىم پەرۋا قىلمايدۇ. مۇھەببەتنىمۇ، نەپرەتنىمۇ ئوخشاشلا بىر قەبرىستانلىققا كۆمىۋېرىدۇ. بەك ئاچچىقى كېلىپ كەتسە، «خۇدايىم جازايىڭنى بىرەر، ئىلاھىم»، «ئەلقىساسۇ مىنەلھەق» (قىساسنى ئاللاھ ئېلىپ بىرىدۇ) دەپ قارغاپ قويۇپ، يەنىلا مىسكىن يولىغا قاراپ كېتىۋىرىدۇ. لەنىتى ساتقىن تېگىشلىك جازاسىنى يېمىگەنلىكى، ھەتتا مۇۋاپىق سورۇندا، ھەقلىق تۈردىكى ئەيىبلەشكىمۇ ئۇچرىمىغانلىقى ئۈچۈن خورىكى ئۆسۈپ، سېتىش تىجارىتىنى داۋاملىق قىلىۋىرىدۇ.

كۆتۈرمىچىلىك- ساتقىنلىقنى خېرىدار بىلەن تەمىنلەيدىغان بازار. ئىلىمدارنى پەگاھتا قويۇپ، ئەمەلدارنى ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ئۇمىچىغا قارىماي ھامان تۆرنىڭ كاللىسىغا مىندۈرۈپ قويۇش، ئىلىمداردىن ئەيمىنمەي، ئەمەلداردىن قورقۇش، ئۇ ئەمەلنىڭ نىمە بەدىلىگە كەلگەنلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، ئەمەلدار بولسىلا چوقۇنۇش، ئەمەلدار بولسىلا چاپىنىنى كۆتۈرۈش- بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خېلى زامانلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان يامان ئىللەت. ياڭ زىڭشىڭ، شېڭ شىسەيلەر ئۆز زامانىسىدا، ئۇيغۇر خەلق ئاممىسىغا نىسبەتەن نادان قالدۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. ئۇيغۇر يەرلىك ئەمەلدارلىرى ئۈچۈن مىللىي ساتقىنلىققا يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەن. كىم زالىم ھۆكۇمەتكە قولچۇماق بۇلۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ساتسا، شۇنىڭغا ئەمەل بەرگەن؛ كىم ئۇيغۇر ئاممىسىنى نادانلىق، قاششاقلىق، مۇتەئەسسىپلىك يولىغا بەكرەك باشلىيالىسا، شۇنىڭغا ئىمتىياز بەرگەن. ئەلەملىك يىرى شۇكى، ئاشۇ 30- يىللاردا بىچارە نادان خەلق «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مەندىن كىيىن ئەمدى پەيغەمبەر كەلمەيدۇ دەۋەتكەنىكەن، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا، شېڭ شىسەي جانابلىرى پەيغەمبەر بولاتتى» دىگەن ئەبلەخنىمۇ قولىدا ئەمەل ۋە ئىمتىيازى بولغانلىقى ئۈچۈنلا كاتتا دىنىي ئۆلىما بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىخلاس نامىزىنى ئوقۇپ يۈرگەن. يامانغا يانتاياق بولۇپ، ئاۋام خەلقنى قىيناپ جېنىنى جاڭگالدا قويىۋاتقان بەگ، قازى، موللىلارنىڭ ئالدىدىمۇ داۋانچىڭنىڭ دەرەخلىرىدەك تەكشى ئىگىلىپ تۇرۇپ كۆنۈپ كەتكەن.

جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كىيىنكى زاماننى خەلقىمىز بەجايىكى يېڭى ئېرا بىلىپ، ئادەتتە «ئازاتلىقتىن كېيىن» دەپ ئاتايدۇ. «ئازات زامان» ناخشىسىنى ھەممە ئادەم روھلىنىپ ئېيتىشنى بىلىدۇ. ھالبۇكى ئازات زاماننىڭ خەلقىدە زامانغا خاس بولغان ئازات ئاڭ، ئازات ئىدىيە ۋە ئازات تونۇش بولۇش كىرەككى، ھەممەيلەن ساتقىنلىق ئۈچۈن يول ئېچىپ بىرىدىغان نەپسانىيەتچىلىك، رەزىللىككە سۈكۈت قىلىش ۋە كۆتۈرمىچىلىك ئىللەتلىرىنىڭ  يىلتىزىغا قەتئى پالتا چېپىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق مەنپەئەتىنى ئۆزلىرى قوغدىيالايدىغان بولۇشى كىرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن روزى موللىلارنى لەنەت ئەخلەتخانىسىغا تاشلىۋەتكىلى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئەمەلى پائالىيەت ئارقىلىق قوغداپ قالغىلى، شۇنداقلا لوتپۇللا مۇتەللىپلەرنىڭ ياش غۇنچە گۈلىنىمۇ راسا ئېچىلدۇرغىلى بۇلىدۇ. 

مۇناپىق- ئۇيغۇر تىلىغا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە ئەرەبچىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆز بۇلۇپ، ئۇ «ئېغىزىدا دىگىنى بىلەن ئەمەلىيىتىدە قىلغىنى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئادەم» دىگەن بولىدۇ. مۇناپىقلىق ساتقىنلىقنىڭ ھامىيىسى. ساتقىنلىق ھامان مۇناپىقلىق ئارقىلىق پەردازلىنىپ تۇرۇپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ياۋۇز غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ھېكايەت: 20- يىللاردىكى قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ داھىسى تۆمۈر خەلىفىنى بىر مۇسۇلمان قۇرئان تۇتۇپ تۇرۇپ: «سىزنىڭ ئامانلىقىڭىز، مىنىڭ ئامانلىقىم» دەپ قەسەم قىلىپ ئالداپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتكە تۇتۇپ بېرىپ ئۆلتۈرگۈزىۋەتكەن.

سەن نارەسىدە قىز ۋە بالاغەتكە يەتمىگەن ئوغۇلغا ئاتا- ئانىسەن. ھالبۇكى ئېغىزىڭدا «بالىلارنى ئەدەبلىك، غايىلىك قىلىپ تەربىيىلەش ئاتا- ئانىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى» دىگەن تۇرۇقلۇق، ئەمەلىيەتتە بالىلارنى ئەستايىدىل ياخشى تەربىيىلىمەي، ئوبدان يىتەكلىمەي، ئاقىۋەتتە بۇرچۇڭنى ئادا قىلالمىغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جىنايەت سادىر قىلىدىغان جەمئىيەت داشقاللىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويساڭ، بۇ ئەمەلىيىتىڭ بىلەن سەن مۇناپىقلىق قىلغان بولىسەن.

سەن ئاناڭنىڭ ئاق سۈتى، داداڭنىڭ يۇمشاق نېنىنى يەپ چوڭ بولغان بىر بالىسەن. ھالبۇكى سەن «ئاتا- ئانىنىڭ نەسىھىتىنى قۇلاقتا تۇتۇش پەرزەنت ئۈچۈن پەرز» دەپ نەچچە رەت ئېيتقان تۇرۇقلۇق، ئەمەلدە خىروئىن تۈتۈنىگە ئەسىر بۇلۇپ، پاسكىنىلىق كۇچىسىدا لاغايلاپ يۈرسەڭ، بۇ قىلمىشىڭ بىلەن سەن مۇناپىقلىق قىلغان بۇلىسەن.

سەن بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىسەن. ھالبۇكى خىزمەتكە كىرگەن چاغدا «دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەييارلاپ، بالىلارغا ياخشى بىلىم بىرىمەن، گەپ- سۆزدە، يۈرۈش- تۇرۇشتا ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە، ئەدەب- ئەخلاقتا، مەدەنىي تۇرمۇشتا ساۋاقداشلارغا ئۆرنەك بۇلىمەن» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن تۇرۇقلۇق، ئەمەلىيەتتە ھەم ئىچىپ ھەم چېكىپ، بەزىدە تېخى تۈرلۈك ناشايان ئىشلارنى قىلىپ يۈرسەڭ، بۇ ھال بىلەن سەن تەھقىق مۇناپىقلىق قىلغان بۇلىسەن.

سەن بىر خەلق كادىرىسەن. ھالبۇكى ئېغىزىڭدا «خەلق ئۈچۈن بەجانىدىل خىزمەت قىلىش» دەپ يۈرۈپ، ئەمەلىيىتىڭدە خەلقنىڭ ئاھۇ-دادىغا يەتمىسەڭ، ئاممىنىڭ ئادەتتىكى ھاجىتى ئۈچۈنمۇ سوۋغا- سالامسىز ئالدىغا چىققىلى ئۇنىمىساڭ، ئەمەلنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ، شەخسى مۇرادىڭ، خۇسۇسىي مەنپەئەتىڭ ئۈچۈنلا كەتمەن چاپساڭ، بۇ ھالىتىڭ بىلەن سەن سۆزسىز بىر مۇناپىق كادىرسەن. بىلگىنكى، خەلق ئۆزلىرىگە سادىق كادىرغا ئاشىنا! مىللەت ئۆزلىرىگە ئىخلاسمەن كادىرغا تەشنا! ئەكسىچە خەلق مۇناپىق كادىردىن بىزار. كىمدە- كىم بولسۇن، مۇناپىقلىقى ئۈچۈن خەلق ئالدىدا ھامان تارتقاي ئىزا!!!

جۇڭگۇدا ئەللىك ئالتە مىللەت بار. ئەللىك ئالتە مىللەت بەجايىكى ئەللىك ئالتە تال گۈل. بىز بىلىمىز، ئۇيغۇر- جۇڭخۇا رەيھانزارىدىكى بىر سەرخىل گۈل! ئۇيغۇر- جاھان مەدەنىيەت گۇلىستانىدىكى بىر خۇشناۋا بۇلبۇل. ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ گۈلنىڭ سۇلىشىپ قېلىشىنى، قۇرۇپ نابۇت بۇلۇپ كىتىشىنى ھېچكىم خالىمايدۇ، بۇنىسى رۇشەن. بىراق شۇنى ئېنىق تۇنۇش كىرەككى، ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ خۇشناۋا بۇلبۇلنىڭ ئەبەدىل- ئەبەد خەندان ئۇرۇپ سايرىشىنى ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلار ئاخىرقى ھىساپتا دەل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزى! شۇنداقكەن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇمۇمىي ئىقتىدارى بوز يىرىنى ئېچىش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇمۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، شۇ ئارقىلىق بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئۇمۇمىي گۈللىنىش دولقۇنىغا پائال ماسلىشىش- بۇ دەۋرنىڭ جىددى تەلىپى! پەقەت مۇشۇ تەلەپنى چىقىش قىلىش نوقتىسىدا تۇرۇپ، ئىللەت يېغىرىڭنى ئېچىپ ئۆزەڭگە كۆرسەتتىم. مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى مىنىمۇ ساتامسەن، مىنىمۇ چاقامسەن، ئويلان، ئەبگا!!!

 

 

 

تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-21, 17:40
مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۇك تەندىن ئىبارەتتۇر.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-21 17:30 |
sahra
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2843
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 205 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 205 سوم
تۆھپە: 114 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 114 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى پىكرلەركەن بۇ لىكىن ئاشۇ مۇناپىق ساتقنلار مۇشۇنداق ماقالىلەرنى ئۇقۇماسمىكىن دەيمەن
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-21 18:13 |
siyit-noqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3597
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 90 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 54 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 54 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئىچىدە، خۇسۇسەن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئىچىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپمۇ ياكى روزى موللىنىڭ ئەۋلادى كۆپمۇ؟
مېنىڭچە روزى موللىنىڭ ئەۋلادى كۆپراقمىكىن دەيمەن قەلىمىڭىزگە دەرت يەتمىسۇن قېرىندىشىم مۇشۇنداق تېمىلىرىڭىز بىلەن بارغانسېرى سەزمەس بولۇپ قېلىۋاتقان يۈرەكلەرنى تەۋرىتىپ تۇرۇڭ      
تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-21 21:32 |
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 220
شۆھرەت: 1422 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1426 سوم
تۆھپە: 793 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 800 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 215(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ئوقۇغاندا موللام مۇنداق دىگەن:
                                          خەلق ئۈچۈن ئىشلىگەنلەر چۆلدە قالىدۇ،
                                          باشلىق ئۈچۈن ئىشلىگەنلەر ئۆيدە قالىدۇ.
مەن خىزمەت قىلغاندا باشلىغىم مۇنداق دىگەن:
                                          دۆلەت ئۈچۈن ئىشلىگەنلەر ئۆلۈپ قالىدۇ،
                                          باشلىق ئۈچۈن ئىشلىگەنلەر كۈلۈپ قالىدۇ.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-21 23:40 |
attila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 116
شۆھرەت: 790 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 896 سوم
تۆھپە: 438 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 438 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 153(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

1. بىر قىسىم تور بەتلەردە مۆھتىرەم ئۇستاز تەكلىماكانىينىڭ «ئۇيغۇرلاردا ئەبگالىق» ناملىق ئەسىرىنىڭ نامى ئۆزگەرتىلىپ، «ئەبگا ئۇيغۇر» دەپ ئېلىنىش ئارقىلىق، مۆھتىرەم ئۇستازنىڭ يازمىسى نومۇسسىزلارچە بۇرمىلانغان ھەم ئۇستازغا ئېغىر ھاقارەت قىلىنغان. ئەسەرنىڭ ئىجابىي قىممىتى سۇسلاشتۇرۇلۇپ، سەلبىي ئىدىيىۋى خاھىش تەرەپكە بۇرمىلانغان.
بۇنىڭ ئۆزىنى بىز ئۇستازنىڭ «ئۇيغۇرلاردا ئەبگالىق» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان مۇشۇ يازما بويىچە ئالغاندا ساتقىلىقنىڭ بىر ئىپادىسى. يەنى ئۇلار مۆھتىرەم ئۇستازنىڭ سەمىمىيىتىگە، ھۆرمىتىگە، ئەڭ مۇھىمى شۇ تېمىدىكى يازمىسىنىڭ ئىجابىيلىقى ۋە ئىجتىمائىي قىممىتىگە ساتقىنلىق قىلغان.
2. بۈگۈنكى كۈندە «ئەبگالىق موللىلاردا بولىدۇ» دېيىش مىللىي زىددىيەت تېرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ سۆز توردا توختاۋسىز بەس-مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىش، تىل-ھاقارەت، ھۇجۇم پەيدا قىلىپ، تور يازمىلىرىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشىغا، تور ئەزالىرىنىڭ ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچىگە، ئۆزئارا قوللاش ۋە ئىشىنىشىگە سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. تور يازمىلىرىغا يېڭى كىرگەنلەردە بىزارلىق پەيدا قىلىدۇ. ئىجتىمائىي قىممەت قارىشى ئاجىزلار ئارىسىدا بىزنىڭ مىللىي ئۇيۇشۇش كۈچىمىز ۋە مىللىي ئىلغارلىقىىز توغرىسىدا، زىيالىلىرىمىزنىڭ يېتەكلەش كۈچى ۋە ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدىكى ئورنى توغرىسىدا گۇمان پەيدا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىي توپىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوق قىلىۋېتىدۇ. بىر پۈتۈن مىللىي توپنى «ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق» دەۋرىدەك ئىككى توپقا بۆلۈۋېتىدۇ. شۇڭا بۇنداق قاراش ئاپپاق خوجىنىڭ جەندىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭ خەلىق جەلبىدىن ئاللىبۇرۇن تازلىۋېتىلگەن ئويۇنىنى قايتا ئويناشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بىز بۈگۈنكى ئەمىلىي رېئللىقتىن قارىغاندا، جەمىئىيەتتە زىيالىي كۆپمۇ ياكى موللىمۇ؟ كىملەر بەكراق ئۆز باشلىقىنىڭ (بۇ يەردە پارتىيە-ھۆكۈمەت بىلەن باشلىق تامامەن ئىككى ئىش سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويۇلۋاتىدۇ. پارتىيە-ھۆكۈمەت خەلققە ۋەكىللىك قىلسا، بىر قىسىم رەھبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ گۇماشتىرلىرى ئۆزىنىڭ چىرىك شەخسىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، خەلقنى قان يىغلىتىۋاتىدۇ) كەينىدىن شاپاشلاپ ئەبگالىق قىلىۋاتىدۇ؟! تەخسىكەشلىك، خوشامەتچىلىك، يالاقچىلىق قىلىپ مەنپەئەتكە ئېرىشىش يوللىرى كىملەرگە بەكراق كەڭرى؟! موللىلار كىمگە خوشامەت قىلىدۇ؟! قېنى دەپ باقايلىچۇ؟!
شۇڭا بۇ يەردە زىددىيەتنى ھە دېسە خەققە ئىتتىرمەي، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى چىڭ تۇتايلى.
ھازىر نېمە ئۈچۈن يازغۇچى-قەلەمكەشلىرىمىز پاھىشىخانىلار توغرۇلۇق ماقالە-ئەسەر يازغاندا، ئىسىمى ۋە ئورنىنى يۈرەكلىك ئوتتۇرغا قويالمايدۇ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب، بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاتالمىش زىيالىلىرىمىز شۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، تۇشمۇ-تۇشتىن شۇ يەرنى ئىزدەپ تاپىدۇ. دېھقانلىرىمىز ۋە موللىلىرمىز ئۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇمىغاچقا، ئۇ يەرلەرنى كىتابلاردىن ئىزدەپ يۈرمەيدۇ.
3. باغداشنىڭ ھەر بىر ئىخلاسمەن كۆرۈرمەنلىرى مۇنبەردىكى ئەسەرلەرگە ئىنكاس يازغاندا ئىلمىيلىكى ۋە مۇنازىرە روھى  يۇقىرى بولۇش، ئىدىيسى ساغلام بولۇش، مىللىي ئۆزلۈك تۇيغۇسىغا پايدىلىق بولۇش، رېئالنلىق، يېتەكچىلىك كۈچى ئۈستۈن، لوگىكىلىق ھۆكۈملەشكە ئەھمىيەت بەرگەن، پاكىت ئېنىق بولۇش، ئىلمىيلىك ئارقىلىق قايىل قىلىش يولىنى تۇتساق. ئۆزىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاغزىمىزغا كەلدى دەپ جۆيلىمىسەك ياكى ئىنكاسنى يازمىغا قاراتماي، ئاپتورنى ياكى ئىنكاسچىلارنى تىللايدىغان ئىشنى قىلمىساق (مىللەت-خەلققە زىيانكەشلىك قىلغانلار بۇنىڭ سىرىتىدا، ئەلۋەتتە).
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-22 11:12 |
sadir-palwan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1614
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 163
شۆھرەت: 848 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 849 سوم
تۆھپە: 506 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 507 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئالدىقى قىسمىدىكى يازمىىنڭ ئىنكاس قىسمىدا  ئۇيغۇرغولنى ئېيتىشىچە : بۇنى ئەسلى ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى  ئەبگا ئۇيغۇر دەپ يازغانكەن ، شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىغا چىقارغاندا مۇھەرررىر قۇربان مامۇت تەرىپىدىن ئۆزگەتىلىپتۇ 1
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-22 16:18 |
alxiri
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3883
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 23
شۆھرەت: 115 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 115 سوم
تۆھپە: 69 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 69 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 3 - قەۋەتتىكى tuglukنىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

تازنى تاز دىسە ئۆلگۈسى كىلۇر دىگەن شۇدە!
سىزمۇ زىيالىكەنسىز ھە  ئەسلىدە!!!!!
بۇ ئاتالمىش  ئۇستاز، دا موللىڭىز نىڭ قارىشىنى ھەممىسىگە تاڭاي دەمسىز .
ھەر قانچەكىم بولىشىڭىز دىن قەتئي نەزەر گەپ قىلغاندا بىلىپ سۆزلەڭ .
sarkar
ئەتلەس كىيسەڭ ، بوز كيگەننى ئۇنۇتما!
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-22 17:15 |
zaman924
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3898
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇناپىق ۋە ساتقىنىنىڭ بۇ دۇنيادا كۆرىدىغىنى خەلىقنىڭ نەپرىتى ،تۈگىمەس قاغىشلىرى ئۇ دۇنيادا بولسا 7جى  ئەڭ دەششەتلىك دوزاق ئوتى.
ئىنسان ھامىنى ئاجىز قاتىتىق قىيناقلار ئاستىدا سېتىلىپ كېتىشى مۇمكىن،لېكىن ئۆز بۇرادىرىنى قان قېرىندىشىنى سېتىش ئۈچۈن 100قېتىم ئۈلۈپ تىرىلىشمۇ ئازلىق قىلىدۇ.  
باتۇرلۇق ۋە ساداقەتمەنلىكتە دۇنيا تارىخىغا ئۆزگۈچە تۆھپە قوشقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۈگۈنكى ھالىغا ۋاي!!! بەلكىم ئۇنداق ۋىزدانسىزلار ھەقىقىي ساپ ئۇيغۇر بولماستىن ئارلاشما قان سېستىمىسىدىكى ساختا ئۇيغۇرلار!!!!!!!!!!!
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-22 21:42 |
zaman924
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3898
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېنىڭ بىر ياخشى پىكرىم بار.  
مېنىىڭچە ئۆزىنى ھەقىقي ئۇيغۇر دەپ ئويلايدىغانلارلا كېچە-كۈندۈز مىللەتنىڭ پايدىسىنى ئويلايدۇ. ئەكسىىنچە قوقەندىن(ئۆزبەقىستاننڭ شەھىرى)كەلگەن ئاپپاق غوجىغا ئوخشاش مۇناپىق ساتقىنلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئاق كۆڭۈلىكىدىن پايدىلىنىپ.......................................ھەي!!!!!!!!
مەيلى تارىختىكى ياكى كىيىنكى بولسۇن ساتقىنلارنى ئۇيغۇر دەپ ئېتراپ قىلماسلىقىمىز لازىم.
شۇندىلا.........................................
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-22 21:57 |
ser
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3902
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز.
ئككى كىشى بىلگەن سر ،سرئەمەس.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-23 01:08 |
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 220
شۆھرەت: 1422 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1426 سوم
تۆھپە: 793 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 800 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 215(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

موللا دصگةن نصمة؟ظذ نصمة ظصش قصلصدصغان ظادةم؟
بصرسص گأرصستاننصث ظامانلصغصنص ساقلايدذ دصسة،بصرسص جاچصزةنگة قارايدذ دةيدذ،هةممصسص هةر نصمة دصسة، راسلا بصلةلمةيدصكةنمصز،مةن بذ خةقنص هصچ چذشةنمصدصم.ظاق تاغلصق،قارتاغلق دصگةن بذ ظاتالمصنص بصز جذغراپصيةدة قايسص دألةتتصن سورايمصز ؟ تصخص زصيالص دصگةن گةپ چصقصپتذ...
بذ گةپلةرنص بصز پادصچصلار تازا ظاثقصرالمايدصكةنمصز.
دانصشمةنلةر، قصنص بصزگة لصكسصية قصلصإةتسةثلةر،بصلصپ سأزلةيلص
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-23 03:01 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«123»Pages: 1/3     Go
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر