قاتتىق دىسكىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتتى ئامرېكا newegg تورىنىڭ قاتتىق دىسكا پارچە باھا جەدۋىلىدە كۆرسىتىلىشچە ، تايلاندتا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىنىڭ سەۋەبىدىن، ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە قاتتىق دىسكا باھاسى خېلىلا ئۆرلەپ كەتكەن.
تايلاند ، پۈتۈن دۇنيادىكى قاتتىق دىسكىلارنىڭ %25 تى تايلاندتا ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ، ھەمدە كۆپ قىسىم ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتلار ۋە پارچە زاپچاس تەمىنلىگۈچى زاۋۇتلار كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، پۈتۈن يەر شارى بويىچە قاتتىق دىسكا قىس بولۇش مەسلىسى كىلىپ چىقىپ باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن. 10-ئاينىڭ 15دىن 21-كۈنگىچە ، كەلكۈن سۈيى Bang Pa-in InduSTrial Park ، Navanakorn Industrial Park قاتارلىق سانائەت رايونلىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلەھەلىرنى بۇزۇۋەتكەن. Western Digital ، TOSHIBA قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ تايلاندتىكى زاۋۇتلىرى ئاشۇ سانائەت رايونلىرىدا بولۇپ ، كەلكۈن سەۋەبىدىن پۈتۈنلەي ئىشتىن توختىغان.زاۋۇتى كەلكۈن رايونىدا بولمىغان Seagate شىركىتى بىر قەدەر تەلەيلىك بولۇپ ، لىكىن ئۇلارمۇ پارچە زاپچاس يىتىشمەسلىك مەسلىسىگە يولۇققان.پارچە سېتىش باھاسىدىن قارىغاندا، تايلاندتىكى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ سەۋەبىدىن قاتتىق دىسكا باھاسىدا شىددەت بىلەن ئۆرلەش كۆرۈلگەن. تۆۋەندىكى newegg تورىنىڭ باھا جەدىۋىلى:جەدىۋەلنى قىستۇرسام توغرا چىقمىدى، تەپسىلىي جەدۋەلنى
يولۇچى بلوگىدىن كۆرۈڭ.