بەش نان
بىللە سەپەرگە چىققان دېھقان بىلەن سودىگەر يولدا بىر دەرەخ سايىسىدا ئولتۇرۇپ نان يېيىشمەكچى بوپتۇ-دە، دېھقان ئۈچ نان ، سودىگەر ئىككى نان چىقىرىپتۇ . بۇ چاغدا ئوزۇقلۇق ئالماي يولغا چىققان بىر ناتونۇش كىشى كېلىپ ئۇلاردىن بىر ئاز نان بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ . دېھقان بىلەن سودىگەر ماقۇل بوپتۇ . بۇ ئۈچ كىشى بەش ناننى بىللە يەپتۇ . نان يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن ناتونۇش ئادەم بەش تەڭگە چىقىرىپ :
_ ئاق كۆڭۈل بۇرادەرلەر ، بۇنى ئېلىپ قويۇڭلار ، بۇ مېنىڭ ئازراق بولسىمۇ كۆڭلۈم ! _ دەپتۇ . ناتونۇش ئادەم كېتىپتۇ . دېھقان سودىگەرگە :
_ بۇرادەر ، مەن ئۈچ نېنىم ئۈچۈن ئۈچ تەڭگە ئالاي ، سەن ئىككى نېنىڭ ئۈچۈن ئىككى تەڭگە ئال ، _ دەپتۇ . سودىگەر بۇنىڭغا قوشۇلماي :
_ ناننى تەڭ يېدۇق ، پۇلنىمۇ تەڭ بۆلىشەيلى ! _ دەپتۇ . ئىككەيلەن تالىشا - تالىشا ، بىر پىكىرگە كېلەلمەپتۇ . ئاخىر يولدا كېتىۋاتقان بىر يولۇچى بوۋاينى بۇ ئىشنى لىللا بىر تەرەپ قىلىپ قويۇشقا تەكلىپ قىپتۇ . يولۇچى بۇۋاي بۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن :
_ دېھقان بۇرادەر تۆت تەڭگە ئېلىشى ، سودىگەر بۇرادەر بىر تەڭگىلا ئېلىشى كېرەك . مۇشۇنداق بولسا ، تازا مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ ! - دەپتۇ . سودىگەرمۇ بۇنىڭغا قايىل بوپتۇ . يولوچى بوۋاينىڭ تەقسىماتى ئادىل بولدىمۇ - يوق ؟
يولۇچى بوۋاي نېمىگە ئاساسەن دېھقانغا تۆت تەڭگە ، سودىگەرگە بىرلا تەڭگە بۆلۈپ بېرىدۇ ؟ جاۋابىنى تېپىپ بېقىڭىزلار