جالالىدىن بەھرامنىڭ <ئامەت ۋە ئاپەت> رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى شېئىرى تەسىراتىم
1.ئابابەكرى سېنىڭ قىلغان قىلمىشلىرىڭ،
خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغانلىرىڭ.
سېنى تۇتۇش ئۈچۈن ساقچى ھەر جايلاردا،
ئۇنى سېزىپ قېلىپ بەدەر قاچقانلىرىڭ.
2.خىروئىنغا خۇمار بولۇپ شۇندىن بۇيان،
سەن قىلمىغان ئەسكىلىكلەر قالماپتىغۇ؟
ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلۈپ كېتىپ ھالال جۈپتۈڭ،
يىتىم قىزىڭ خوشال كۈلۈپ باقماپتىغۇ؟
3.بىچارە قىز شۇنچە جاپا ئەلەم تارتىپ،
چوڭ بولغاندۇ ئارزۇ-ئارمان بۆشۈگىدە.
ئون تۆت ياشقا كىرمەي تۇرۇپ بىچارە قىز،
توزۇپ كەتتى نەپسىڭ ئۈچۈن ناراسىدە.
4.ئابابەكرى كاززاپ ئوغرى،ئىپلاس قېرى،
خىروئىنچۈن ئۆزەڭگە گۆر كولاپ كەلدىڭ.
ھەتتا پۇلچۈن دىيانەتسىز نامەرتلەرگە،
پەرىشتىدەك پاك قىزىڭنى سولاپ بەردىڭ.
5. قاقچى يىگىت قەدىردانغا نىكاھلىدىڭ،
نەۋرەڭ قەيسەر تۇغۇلغىچە جازالىدىڭ.
كۈيئوغلۇڭنى قەتلى قىلدىڭ خىروئىنغا،
ئۇچراشتۇرماي سەن قىزىڭنى ئازاپلىدىڭ.
6.سەن قىزىڭنى تاشلاپ كەتتىڭ قۇرۇق ئۆيگە،
ئاچچىق ئۆتمۈش سىڭىپ كەتكەن ئاشۇ گۆرگە.
كۆرمىگەننى كۆردى ئاخىر قىزىڭ-نەۋرەڭ،
پۇل قويمىغاچ،ئۇلار قالدى ئېغىر كۈنگە.
7.يايما يېيىپ ئوقەت قىلدى مېھرىبان قىز،
ئوغلى ئۈچۈن جاپالارغا پۈكمىدى تىز.
ئاشخانىلار ئاچقان ئىدى روناق تېپىپ،
يەنە كەلدىڭ شۈلەپ ئالدىڭ،سەن ئىمانسىز.
8.رەسۋا قىلدىڭ،چىركىن دىدىڭ-خالايىققا،
كۆندۈرەلمەي سېتىش ئۈچۈن تالالىققا.
سېتىۋەتتىڭ بەك بەركەتلىك ئاشخاننىمۇ،
نىم قىپ بەرسە بولار سەندەك بالالىققا.
9.ۋۇجۇدۇڭغا سىڭىپ كەتكەن شۇ رەزىللىك،
خىروئىنچۈن ئۆز قىزىڭنى يەنە ساتتىڭ.
پۇلغا تېخى سولاپ بەردىڭ تاڭ ئاتقۇچە،
ئۆي تېشىدا قۇلۇپ سېلىپ سولاپ ياتتىڭ.
10.مېھرىباندەك قىزىڭنىمۇ ئايىمىدىڭ،
ئار-نومۇستىن ئەل-مەلىدە يۈرۈتمىدىڭ.
ئۆز قىزىڭنى سېتىپ دەسمى قىلىش ئۈچۈن،
كۈيۆئوغلۇڭ قەدىردانغا كۆرسەتمىدىڭ.
11.بۇ خورلۇققا چىدىمىغان گۇناھسىز قىز،
ئارغامچىنى سىرتماق قىلدى، ئۆلۈپ ئالدى.
ئانىسىغا ھېچ قانمىغان كىچىك قەيسەر،
يىغلاپ-يىغلاپ ئانىسىدىن يىتىم قالدى.
12.تەڭرى سېنى جازالىدى ئابابەكرى،
قەھرىتاندا قىشتا مۇزلاپ ئۆلۈپ قالدىڭ.
يول ئالساڭمۇ جىمجىتقىنا بىر كېچىدە،
بۇ دۇنيادا ئىپلاس دىگەن نامنى ئالدىڭ.
13.بۇ روماننى ئوقۇپ چىقىپ غەزەپلەندىم،
سەندەك ئىپلاس دادا ئۈچۈن نەپرەتلەندىم.
بۇ دۇنيادا يامان يولغا ماڭغانلارنىڭ،
ئاخىرەتتە كۆرگىنىدىن ھەسرەتلەندىم.
14.بەك ئېچىندىم، ئىنساپمۇ يوق پۇل دىسىلا،
ماڭغىن بىللە پۇل-مال دىگەن مول دىسىلا.
ئۆكۈنمەسمۇ ھاياتىغا سېلىپ نەزەر،
ماڭغان يولۇڭ گۈزەل پارلاق يول دىسىلا.........................
مەنبە :-ئۆزۈم،-ئىجادى شېئىرلىرىمدىن سۇندۇم....