ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەركەتىھۇ! ئاللاھدىن ھەممىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى تىلەيلى!
ھۈرمەتلىك قېرىنداشلار، مەن تۆنۆگۈن مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتى ئۇيغۇر تىلى فاكولتىتىنىڭ تۇلۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىسى سىڭلىمىز ياسىمەنئايدىن ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ئۇكىمىز ئىليارنىڭ بۇيىل 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ ئازاتلىق ئارمىيە 307-دوختۇرخانىسى تەرىپىدىن جېددى خاراكتىرلىق لىمبا ئاق قان كىسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلىقى، ھەمدە ھازىرمۇ موشۇ دوختۇرخانىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇم.
ھازىر ئىليارنىڭ كىسىلى 2-باسقۇچ خىميلىك داۋالاشنىڭ 3- قېتىملىق داۋالاش باسقۇچىدا ئىكەن. 3-باسقۇچتىن 4- باسقۇچقىچە بولغان ۋاقىت قىزىل قان ئىشلەپچىقىردىغان غول ھۈجەيرىنى كۆچىرىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پەيتى ئىكەن. ئەمما ھازىرغىچە ئېرقى پەرىق قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى ماس كىلدىغان قان تېپىلمايۋېتىپتۇ. دوختۇرلارنىڭ دىيىشىچە قان تەغدىم قىلغۇچى ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىن چىقسا، ماس كىلىش نىسبىتى يوقىرى بولۇپ، ئىليارنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدىكەن. بۇ بىز دائىم ئاڭلايدىغان ئىلىك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيسى بولماي، ئادەتتىكى قان بىرىش بىلەن ئوخشاش ئىكەن. ئالدى بىلەن بەدىنىمىزدىن 8 مىللىلىتىر قان ئېلىپ قان ئىشلەپچىقىردىغان ھۈجەيرىنى تەكشۈرۈپ ماس كەلسە، پەقەت 300 مىللىلىتىر قاننى دەغدىم قىلساقلا بولىدىكەن.
ئىليارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كۆپچىلىكنىڭ ئىقتىسادى ياردەم بەرمەي، ئازراق قان تەغدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلدىكەن!
ئەگەر قېنىمىز ماس كەلسە بۇ نەۋقىران ئۇكىمىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى!
ئىليار ئىمىن ، ئۇيغۇر ، 21 ياش ،شىنجاڭ قومۇلدىن . 1997-يىلى قومۇل شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپتە باشلانغۇچ تەربىيەسى ئالغان .
2003-يىلى قومۇل شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن . 2007-يىلى قومۇل ۋىلايەتلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈپ كېيىن قومۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەلگەن . 2008-يىلى 12-ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان ھەمدە 2011-يىلى 12-ئايدا 69421-قىسىمدا قىسىمدىن چېكىنگەن .
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ ئازاتلىق ئارمىيە 307-دوختۇرخانىسى تەرىپىدىن جېددى خاراكتىرلىق لىمبا ئاق قان كىسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ، 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ شۇدوختۇرخانىدا داۋالانماقتا .