turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 298 قېتىم كۆرۈلدى
eldawa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4696
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
تۆھپە: 28 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 28 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 دۇنيا ئەيدىز كۈنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

دۇنيا ئەيدىز كۈنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
ئىسكەندەر جېلىل


1-دېكابىرنىڭ «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» ئىكەنلىكى دۇنيا ئەھلىگە، بولۇپمۇ بىزدەك ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان ئۇيغۇر خەلقىگە ئانچە يات بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. مەزكۇر كۈن 1988-يىلى 1-ئايدا «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى» تەرىپىدىن ھەر يىلى 1- دېكابىرنى «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. ئۇنىڭدىكى مەقسەت، 1981-يىلىدىن باشلاپ يېڭىدىن يامراۋاتقان ئەيدىز ئەھۋالىدىن كىشىلەرنى خەۋەردار قىلىپ، شۇنىڭغا قارىتا مۇۋاپىق تەبىرلەرنى قوللىنىش، شۇ ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلەپ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى......
مانا شۇ كۈندىن كېيىن، بۈگۈنكى 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنىدىمۇ ئەيدىز ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، «ئەيدىز» ھەققىدىكى ئۇچۇر بىلەن تۇنجى بولۇپ ئۇچراشقىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇ چاغدىكى ئۇچۇر چەتئەللەردىكى ۋەقەلىك بويىچە ئېلىنغاچقا، ئەيدىزنى بىزدىن خېلىلا يىراقتا دەپ پەرەز قىلاتتىم. ئالىي مەكتەپكە يېڭى چىققاندا، بىز بىر قارار ئوقۇغۇچىلارغا يېرىم سائەتتەك «ئەيدىز» ھەققىدە لېكسىيە بېرىلگەن ئىدى. شۇ چاغدىلا، ئەيدىزنىڭ يىراق چەتئەللەردىن دىيارىمىزغا قەدەم باسقانلىقىنى بىلگەن ئىدىم.

مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتىدە قىلغان خىزمىتىم دەل ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ قالدى. 2004-يىللىرى، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى بىلمى يوق دىيەرلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا بولغان كەمسىتىشى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. بۇنداق شارائىتتا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى قەتئىي خالىمايتتى، شۇنداقلا ئەيدىز ھەققىدىكى پاراڭلاردىن ئامال بار ئۆزىنى قاچۇراتتى.
ئەينى ۋاقىتتا، خىزمەتداشلىرىم بىلەن «كەمسىتىشنىڭ بىلمەسلىكتىن كېلىدىغانلىقى»نى جەزىملەشتۈرگەن ئىدۇق. چۈنكى، بىر ئادەم ئەيدىز ھەققىدە ھېچنېمە بىلمىسە، باشقىلار بۇ كېسەلنى دەھشەتلىك قىلىپ تەسۋىرلەپ بەرسە، ئۇنىڭ يۇقۇش يولىنى ئەڭ ئەخلاقسىز يەرلەردىن كۆرسىتىپ بەرسە، بۇ ئادەم ئەلۋەتتە ئەيدىزنى ۋە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتىدۇ.
بىرسى ماڭا ئەيدىزنى يوقۇتۇشنىڭ «ئەڭ ئۈنۈملۈك» چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئەيدىز بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، بىر يەرگە ئاپىرىپ ئۇجۇقتۇرۋەتسىلا بولمىدىمۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ سۇئالىغا يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلەلمىدىم. ئەلۋەتتە ئۇ ئەيدىز ھەققىدە كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ: «ئەگەر سەن ئەيدىزدىن يۇقۇملانساڭ، سېنى ئاپىرىپ ئۇجۇقتۇرماقچى بولسا، سەن خالامسەن؟» دەپ سورىغىنىمدا ئۇ ئۈن-تىنسىز قالدى.
دەرۋەقە، نۇرغۇن خاتا- قاراشلار ۋە كەمسىتىشلەر بىلمەسلىكتىن كېلىدۇ. ھەر قېتىم ئەيدىز ھەققىدىكى كۇرسنىڭ دەسلىۋىدە، كۇرسانتلار «ئەيدىزنىڭ مەن ئاڭلاپ باقمىغان ئاجايىپ- غارايىپ يۇقۇش يوللىرى»نى ئوتتۇرىغا قوياتتى. مەسىلەن: «ئەيدىز ھاۋادىن يۇقىدۇ»، «ئەيدىز كومپىيۇتېر ئارقىلىق يۇقىدۇ»، «بالىلار تورخانىدا كۆپ ئولتۇرىۋەتسە، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاپ ئەيدىز بولۇپ قالىدۇ»، «ئەيدىز لەڭپۇڭدىن يۇقىدۇ» ... ھەتتا بەزى كۇرسانتلار ئۆزلىرىنىڭ يۇقارقىدەك بىمەنە يۇقۇش يوللىرىنى بازارغا سېلىپ، كۇرستا بوغۇلۇپ- بوغۇلۇپ سۆزلەپ كېتەتتى. بىر- ئىككى كۈنلۈك كۇرس تولۇق ئاياقلاشقاندىن كېيىن، كۇرسنىڭ دەسلىۋىدە يېزىپ قويغان «بىمەنە يۇقۇش يوللىرى»نى ئاشۇ كۇرسانتقا كۆرسەتسەك، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن خاتا سۆزلەپ قويغانلىقىدىن خىجىل بولاتتى، ھەمدە بىزنىڭ ئۇلارغا توغرا ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىكىمىزدىن مىننەتدار بولاتتى.
ئاۋامنىڭ ئەيدىز ساۋاتلىرىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ كەملىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا شەھىرىدىكى يەرلىكلەردىن پىدائىي تاللاپ، 7 كۈن سىستېمىلىق تەربىيىلىگەندىن كېيىن، ئائىلىلەرگىچە كىرىپ كەم دىگەندە يېرىم سائەت ئەيدىز ھەققىدە ساۋات بېرىدىغان بىر خىل پروگراممىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. بۇ پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، مەھەللىدىكى ئاۋامنىڭ ئەيدىزگە بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلىشىپ، يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارلارنى كەمسىتىش دەرىجىسى خېلىلا يۇمىشاپ قالدى. ھەتتا تەربىيىلەش كۇرسلىرىدا بەزى يۇقۇملانغۇچىلار ئۆزىنى دادىلىق بىلەن ئاشكارلىدى، لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى كەمسىتمەي، ئەكسىچە ئۇلار كۇرستىن ئۆزلىرى بىلەن «تەغدىرداش» دوستلارنى تېپىۋالدى. ئادەم تىكەندەك قالغاندا ھەقىقەتەن دوستقا مۇھتاج بولىدۇ.
بىزنىڭ بەزى پىدائىيلىرىمىزمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بولۇپ، بەزىدە بىللە ئولتۇرۇپ كۆڭۈل سىرلىرىمىزنى ئېيتىشاتتۇق. بىر پىدائىيمىز: «مېنىڭ پىدائىي بولۇشنى تاللىشىم، سىلەرنىڭ مېنى كەمسىتمىگەنلكىڭلاردىن بولدى.» دەيتتى. دەرۋەقە، بىزنىڭ باشقىلارغا ھۆكۈم قىلماسلىقىمىز، ھەمدە كەمسىتمەسلىكىمىز- تەربىيىلەش مەزمۇنىمىزنىڭ مۇھىم قىسمى ئىدى.
يەنە بىر پىدائىيمىز مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر باشقىلار مېنى كەمسىتمىسە، مەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى مەڭگۈ تېنىمدىلا ساقلاپ قالىمەن». شۇنداق، ھەممىمىز ئەيدىزنى توغرا چۈشەنسەك، ئۇلارنى كەمسىتمەي، ئەكسىنچە ئۇلارنى ھۆرمەت قىلساق، جەمئىيىتىمىز تېخىمۇ ئىناق بولاتتى.
2006-يىلى 11-ئايدا، ئۈرۈمچىدە 7 كۈنلۈك پىدائىي تەربىيىلەش كۇرسى ئاچتۇق. كۇرس تاماملانغاندىن كېيىن، ھەممەيلەن بىر سورۇنغا يىغىلدۇق. سورۇندىن كېيىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنى «دۇنيا ئەيدىز كۈنى»دە يەنە يىغىلىشقا كېلىشتۇق. ئۇ چاغدىكى كۇرسانتلار ھەقىقەتەن ئاكتىپ، بىر-بىرىدىن كۆيۈمچان ئىدى. ئاشۇ يىلى مەن تۈنجى قېتىم ئەيدىز كۈنىنى تەبرىكلەپ يىغىلىشقا قاتنىشىپ بېقىپتىمەن. ئۇ كۈنى پىدائىيلار ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال ئىدى. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق خۇشال بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. بەلكىم كۇرسنىڭ مەزمۇنى ياخشى بولۇش بىلەن بىرگە، كۇرس جەريانىدا ھەممىسى ئىچەكىشىپ كەتكەندۇ. پىدائىيلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار، بەزىلىرى باشقا ئورۇنلاردا ئەيدىز خىزمىتىنى ئىشلىسە، بەزىلەرنىڭ ئائىلىسىنى ئەيدىز ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ۋەيران قىلغان، ھەتتا بەزىلىرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئىدى. مېنىڭچە بولسا ئۇلار ئەيدىزنى توغرا چۈشىنىدىغان ھەمراھلىرىنى كۆرگەنلىكىدىن، باراۋەر مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىدىن، كەمسىتىلمىگەنلىكىدىن خۇشال بولىۋاتسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. «ئەيدىز كۈنى» ھەرگىزمۇ ئەيدىزنى قارشى ئالىدىغان كۈن ئەمەس، بەلكى قارشى تۇرىدىغان كۈندۇر. ئۇ كۈنى مەنمۇ ئىنتايىن خۇشال ئىدىم. چۈنكى ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ ۋابانى مىللىتىمىز ئارىسىدىن يوقۇتۇشقا بەل باغلىغان "ئەزىمەتلەر" مەن بىلەن بىللە ئىدى.
كېيىن ئاڭلىسام، غۇلجىدىكى ئىككى قىز- يىگىت پىدائىي دەل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ. بۇنى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى كەڭ تەشۋىق قىلىپتۇ. گەرچە ئارىلىق ۋە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارنىڭ تويىغا بارالمىغان بولساممۇ، بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. مەنچە بولسا، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئەيدىزنى كۈتۈۋېلىش ئەمەس، بەلكى بۇ ۋابانى ئارىمىزدىن يوقىتىشقا بەل باغلىدى. مەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا چىن دىلىمدىن بەخت ۋە تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
ھەر يىللىق دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ باش تېمىسى شۇ يىللىق دۇنياۋىي ئەيدىز ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇ يىلقى ئەيدىز كۈنىنىڭ ئېنگلىزچە باش تېمىسى «Getting to zero» ئىكەن. بۇنى ئۇددۇل تەرجىمە قىلسا «نۆلگە قايتىش» بولىدىكەن، مەن بۇنى «ئەيدىزنى نۆلگە يۈزلەندۈرەيلى» دەپ چۈشەندىم . بەزى نوپۇزلۇق ۋە نوپۇزسىز ئورۇنلاردا ئۇيغۇرچىسىنى ھەر خىل ئېلىپتۇ. مەيلى قانداق ئېلىشىدىن قەتئىي نەزەر، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرۈپتۇ: «ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش، ئەيدىزنى كەمسىتىش ۋە ئەيدىزدىن ئۆلۈشتىن ئۈچ خىل زىيانلىق ئاقىۋەتنى نۆلگە چۈشۈرۈش».
دەرۋەقە، شىنجاڭدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. 2006-يىلىلا نوپۇزلۇق ئورۇنلار «شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمى خەتەرلىك قىلمىشتىكى كىشىلەردىن ئاددى پۇقرالارغا قاراپ كېڭەيمەكتە» دەپ ئىزاھلاپ بولغان ئىدى. ئەيدىز ۋىرۇسى «شپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش» ئارقىلىق يۇقۇش يولى ئازلىغان بىلەن، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يوللىرىنىڭ نىسبىتى بارغانسېرى چوڭلىماقتا. مەنچە بولسا، توغرا ئۇچۇرلار ئارقىلىق كەڭ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلىپ، ئاۋامنىڭ ئەيدىزگە بولغان چۈشەنچىسى ئۆستۈرۈلسە، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ۋە ئەيدىزنى كەمسىتىش ئەھۋاللىرى تەبئىي ھالدا تۆۋەنلەپ نۆلگە يۈزلىنىدۇ، ھەمدە ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان غەمخورلۇق ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى سۈپەتلىك ئېلىپ بېرىلسا، ئەيدىزدىن ئۆلۈش نىسبىتىمۇ نۆلگە قاراپ ماڭىدۇ.
مەنبە ئەلداۋا ساغلاملىق تورى: http://www.eldawa.com/

تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-01, 18:20
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-01 18:07 |
bahdaxohli
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 580
شۆھرەت: 3157 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3174 سوم
تۆھپە: 1855 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1887 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 230(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا ھازىر بىز ئەيدىسگە گىرىپتار بولغان ئەڭ كۈپ مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدۇق ،  ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسۇلىيتى .
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-01 18:59 |
bahdaxohli
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 580
شۆھرەت: 3157 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3174 سوم
تۆھپە: 1855 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1887 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 230(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەممىمىز ئورتاق ئەيدىزگە قارشى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن ھايالىق ،ساغلام ،پاكىزە ، ئىناق ئىتتىپاق ئۇيغۇر جەمىيتى قۇرۇپ چىقايلى !!!!!!!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-01 19:10 |
muhlisa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2710
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
شۆھرەت: 250 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 250 سوم
تۆھپە: 150 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 150 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 96(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ئۆزۈم ئاساسى قاتلامدا  ئاياللار خىزمىتىنى ئىشلىگىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ   ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا خېلىلا  چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم شۇنداقلا مېنىڭمۇ مۇشۇ پىدا ئىلار  گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش ئارزۇيۇم بار ، ماڭا ياردەم  قىلساڭلار قانداق ئالاقىلىشىمەن ؟
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-02 15:21 |
eldawa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4696
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
تۆھپە: 28 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 28 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى muhlisaدە2011-12-02 15:21يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن ئۆزۈم ئاساسى قاتلامدا  ئاياللار خىزمىتىنى ئىشلىگىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ   ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا خېلىلا  چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم شۇنداقلا مېنىڭمۇ مۇشۇ پىدا ئىلار  گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش ئارزۇيۇم بار ، ماڭا ياردەم  قىلساڭلار قانداق ئالاقىلىشىمەن ؟

خالىسىڭىز ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئەيدىز سەھىپىسى ھەر ۋاقىت سىزنى قارشى ئالىدۇ....
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-03 17:45 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەن ساقلىق -زور بايلىق