بوستان بالىلار باغچىسى 1993- يىلى مەرىپەتپەرۋەر مەرھۇم زەينەپ ئابدۇل تەرىپىدىن كىچىك بىر ھويلىدا بىر ئوقۇتقۇچى، 12 نەپەر ئوقۇغۇچى ۋە ئاددىي ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن ئىش باشلىغان. كىيىن يەنى 1995- يىلى شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ ئارقا ھويلىسىنى ئىجارىگە ئېلىپ، كۆلىمىنى كېڭەيتىپ 3 سىنىپ 2 ياتاق ھەم پائالىيەت مەيدانى بولغان مۇھىتنى ھازىرلىغان، ئوقۇغۇچى سانى 80 دىن ئاشقان، ئوقۇتقۇچى 8 نەپەر، كەڭ جەمئىيەتنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ سەمىمىي ياردىمى ئاستىدا ھەر خىل بالىلار ئويۇنچۇقلىرى، بالىلار كارىۋاتلىرى ۋە ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر تولۇق بولغان ئاساسەن كۆلەملەشكەن بالىلار باغچىسى بولۇپ شەكىللەنگەن. خەلىقىمىزنىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجى ۋە ئوقۇغۇچى سانىنىڭ كۈنسايى ئېشىشى سەۋەپلىك بۇ ئورۇنمۇ ئېھتىياجنى قاندۇرالماي1997- يىلى بوستان بالىلار باغچىسىنىڭ ھازىرقى ئورنىنى 60 تۈمەن قەرز بىلەن قۇرۇپ چىققان. بۇ جەرياندا مەرھۇمە ناھايىتى ئېغىر كۈنلەرنى كۆرگەن بولسىمۇ قىلچە ۋايسىماي ۋە قەتئىي تەۋرەنمەي، تىنماي ئىزدىنىپ بوستاننىڭ بۈگىنىنى ياراتقان. پەرزەتلىرى بولغان بىز يەنە شۇ ئىزنى بويلاپ مەرىپەت نۇرىنى ياندۇرۇپ كىلىۋاتىمىز ھەم مەڭگۈگە ياندۇرىمىز ۋە تېخىمۇ جۇلالاندۇرىمىز. بىز مۇشۇ تارىختىن شۇنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇقكى، بوستاننىڭ ھەر بىر تىنىقى خەلىقىمىز بىلەن، خەلىقىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى بولمىسا بىز ھېچ قانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايمىز. ئىلتىماسىمىز شۇكى، بىز سىلەر بىلەن كۆكلەيمىز، سىلەر بىلەن مىۋە بىرىمىز، سىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت بىزمۇ ئۇنتۇپ قالماي سۇ باشلاپ تۇرۇشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز.
- مۇنبەرداش تۇپراقنىڭ ئىنكاسى