turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 261 قېتىم كۆرۈلدى
huxnur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4227
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 102
شۆھرەت: 695 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 700 سوم
تۆھپە: 382 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 382 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 211(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 يۇرتۇمنى سۆيىمەن  ( نەسىر )

      بىز ئىنسانلار تارىخىدا << ۋەتەنسىز ئادەم ، ئادەم ئەمەس >> دەيدىغان قىممەتلىك بىر جۈملە سۆز ئەلمىساقتىن  تارتىپ ، يادىكار  بولۇپ، ساقلىنىپ  كەلمەكتە .
       ۋەتەن دېمەك ، مۇقەددەس يۇرت دېمەك . جەمئىيەتتە كېيىنىش خىلمۇ خىل بولغىنىدەك، ئىنسانلاردىمۇ رەڭگارەڭ ھەۋەسلەر بولىدۇ . لېكىن ئەقلىنى بىلگەن ئادەن ئاشۇ رەڭگارەڭ ھەۋەسلەر دۇنياسىدىن پەقەت بىرىنىلا تاللاپ ،  شۇنىڭ ئۈچۈن تىنماي كۆرەش قىلىدۇ .  شۇڭا قايسىدۇر بىر پەيلاسۇپ :<< رەڭگارەڭ ھەۋەس كەينىگە كىرگەن كىشى ئاقىۋەتتە ھەممىدىن مەھرۇم قالىدۇ >> دەپ ناھايىتى ئوچۇق تەۋسىيە قىلغان .
    مېنىڭ يۇرتۇم قومۇل . قومۇل بوستانلىقى ئۇزاق تارىخقا ، پارلاق مەدەنىيەتكە ، مول كان بايلىقلىرىغا ، ئېچىش خاراكتىرلىك گۈزەل ، تەبىئىي مەنزىرىلىك ساياھەت ئورۇنلىرىغا ئىگە گۆھەر ماكان . قەدىمدىن بۇيان قومۇل شىنجاڭنىڭ << شەرقىي دەرۋازىسى >> بولۇش سۈپىتى بىلەن سودا ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە زور شان - شۆھرەتلەرگە ئىگە بولغان بولسا ، بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونى ئىقتىسادنىڭ مۇھىم توپلىشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ ، ئاسىيا ، ياۋروپا  چوڭ قۇرۇقلىقى 2-تۈۋرۈكنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ قالدى .
   مەن قۇمۇل شەھرىنىڭ غەرب قىسىمىغا جايلاشقان ئاستانە بازىرىدا تۇغۇلغان ، ئاستانە << مەركەز >> دېگەن مەنا سۆزى بولۇپ ، بۇ يۇرتۇمنىڭ قەدىمدىن تارتىپ سىياسىي ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ مەركىزى بولغانلىقىدىن ھەمدە  ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەمگەكچان ، مېھنەتكەش خەلق  ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . مەن شۇنىڭ ئۈچۈن يۇريۇمنى سۆيىمەن .
  يۇرتۇم ئاستانىنىڭ ئەتراپىدا نى-نىلىغان شورلۇقلار ، تۆگنىڭ لوكىسىدەك ئېگىز - پەس ، زەنجىرسىمان تۇتىشىپ چوقچايغان قۇملۇقلار ، تاقىر سايلىقلار سوزۇلۇپ يۇرتىمىزنىڭ سىرتقى مەنزىرسىگە تۇمان تاشلاپ قويىدۇ . لېكىن ، مەن ئۇلارنى ئۆز جېنىمدەك ياخشى كۆرىمەن ، چۈنكى ، ئەنە ئاشۇ كۈن نۇرىدا كۆمۈش لېگەندەك پارقىراپ تۇرغان شورلۇقلارنىڭ رەڭگىدە جاپاكەش ، مېھرىبان ئۇستازلىرىمنىڭ مۇقەددەس ، مھنەت جەريانىدا ئاقارغان ئاپئاق چاچلىرىنىڭ سىمۋۇلى جىلۋېلىنىپ تۇرىدۇ . بۇرنۇمغا بولسا شور ئەمەس ، بەلكى ، مېنى مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتۇرغان مېھرىبان ئانامنىڭ مېھىرلىك تىنىقى ئەكس ئېتىدۇ . ئاشۇ كۆز يەتمەس قۇملۇقلاردا بولسا ، دېھقان تاغا- ھەدىلىرىمنىڭ جاپاكەش ، تىنىمسىز ئىزلىرى يىلمۇ-يىل دەۋىرلىنىپ، ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ . دۇنياغا داڭلىق سۈپسۈزۈك كارىز سۇلىرى ئەجداد ۋە ئەۋلادلىرىمنىڭ بۈگۈنكىدەك بەختىيار كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشىگە ئۈنسىز تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە . مەن ئۇنىڭ بۇ خىل ئۈنسىز تۆھپە قوشۇش روھىدىن پەخىرلىنىمەن ، ئۆگىنىمەن .
     دۇنيادا پۇل بولمىسا بولىدۇ . ئەمما ، شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمزكى ، ۋەتەن ، ئانا يۇرت بولمىسا ھاياتىمىزنى جەننەت پەيزىدە ئۆتكۈزسەكمۇ ھېچبىر ئەھمىيىتى بولمايدۇ .  بۇ ھەقتە كونىلار بىزگە: << خەقنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغىچە ، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول >>  دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان .
   يۇرتۇمىزنىڭ زەمچە-زەمچە سۇلىرى بىز ئۈچۈن بىر تامچە قان ،   تەبىئەت ئاپەتلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىدىغان دەل-دەرەخلەر خۇددى بىزنىڭ كىرپىكلىرىمىزگە ئوخشايدۇ ،   بىزنىڭ پۇت تىرەپ تاپىنىمىزدا  دەسسەپ كېلىۋاتقان زىمىنىمز بىزنىڭ كۆزىمىز ،  ئاشۇ زېمىنننىڭ ئەسلىھەلىرى بىزنىڭ يۈرىكىمىز .  بۇ يۈرەك باشقىلارنىڭكىدەك ئالىپتە بولمىسىمۇ ، ھاياتىمىزنىڭ بىر بۆلىكى ، ئارزويىمىزنىڭ مۇجەسسىمى ، ئارمانىمىزنىڭ دەرمانى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇلۇغدىنمۇ ئۇلۇغ ، بۈيۈك ھەم مۇقەددەس . شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمەنكى :

                                      مېھرىبان ئۇستاز ئۇلۇغ ، ئاتا-ئانام ، ھاياتىم ئۇلۇغ ،
                                      ئۇلار بىلەن ئانا ۋەتەن تېخىمۇ ئۇلۇغ .
                                      ۋەتەنسىز ئەر ، ۋەتەنسىز قىز پۇچۇق مالدۇرمىز ،
                                      يۇرت سۆيگۈسى ئۆز سۆيگۈمىز ئويلايلى تولۇق .

                        مەنبە  :  قەلىمىم
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-30, 14:34
گۈزەللىك چىرايدا ئەمەس، قەلبتە .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-30 12:58 |
huxnur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4227
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 102
شۆھرەت: 695 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 700 سوم
تۆھپە: 382 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 382 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 211(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، تورداشلار ، كۆزۈم چارچاپ كەتكەچكە نەسىرىمدە ئىككى سۆزنىڭ ئىملاسىنى خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن ، تۈزىتىپ ئوقارسىزلەر :
   ئادەن - توغرىسى  ( ئادەم )
   يۇريۇمنى - توغرىسى ( يۇرتۇمنى)
lutun
گۈزەللىك چىرايدا ئەمەس، قەلبتە .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-30 15:43 |
bahdaxohli
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 601
شۆھرەت: 3262 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3279 سوم
تۆھپە: 1918 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1950 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 236(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ئەزىز دىيارىم قومۇلنى ھەرقانداققا بىر يۇرتقا تەڭ قىلمايمەن .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-30 17:40 |
alnur
ئىنسانسەن، ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر،بولسۇن ھەم ..

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 62
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 625
شۆھرەت: 3383 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3378 سوم
تۆھپە: 1986 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1995 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 279(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يۇرت سۆيگۈسى ھېچنېمىگە ئوخشىمايدۇ ئەلۋەتتە!!!!!!
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-31 10:10 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » شېئىر - نەسىرلەر