turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 445 قېتىم كۆرۈلدى
erpan0996
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4173
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 89
شۆھرەت: 505 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 505 سوم
تۆھپە: 291 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 291 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئىسلامدا چۈش ۋە چۈش تەبىرى

ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﺍ ﭼﯜﺵ ﯞﻩ ﭼﯜﺵ ﺗﻪﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﭼﯜﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ_ ﺭﻭﻫ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻦ يارىتىلغان، ﺭﻭﻫ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ، ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺭﻭﻫ ﺋﯘ <<ﺋﯚﻱ>> ﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ:
«ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺍﷲ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯚﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﺟﯩﻠﻰ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ)ﻧﯩﯔ ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﯩﭽﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﺟﯩﻠﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ) ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﯞﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ (ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ) ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ42»
(سۈرە زۈمەر 39-سۈرە،42-ئايەت)
ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯗﺭ، ﺭﻭﻫ ﻫﻪﻡ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ﻫﻪﻡ ﺋﯚﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺭﻭﻫﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﺩﯨﺌﺎﻟﻮﮔﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ:
« ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ (ﻳﻪﻧﻰ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ) ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗﺭﻛﻰ، «ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻢ! ﻣﯧﻨﻰ (ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ) ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻏﯩﻦ 99. ﻣﻪﻥ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﻜﯜﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻢ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ». (ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻰ) ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺷﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ (ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ) ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺳﻤﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ100»(سۈرە مۈئمىنۇن 23-سۈرە، 99-100-ئايەتلەر)
ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭﻫﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭﻫﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻤﺎﻗﺘﺎ.
بىلىدىغانلار بۇنىڭ بىلەن چۈش ئوتتۇرسىغا مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ، ئۇچراشقان روھلار سۆزلىشەلەيدۇ ۋە بىرى يەنە بىرىگە ئۇچۇر بىرەلەيدۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ (س ئە ۋ) تاغىسى ئابدۇلمۈتتەلىپنىڭ كۈرگەن چۈشىگە ئاساسەن، ئۇزۇن زاماندىن بىرى يوقالغان زەمزەم قۇدۇقىنى ۋە ئۇ يەردىكى غەزىنىنى تاپقان ئىدى.
قۇرئاندا چۈشكە ئالاقىدار ئۆرنەكلەر ناھايتى نۇرغۇن، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشى ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قاماققا كىرگەن ئىككى كىشىنىڭ چۈشلىرى ۋە پادىشاھنىڭ چۈشى يۈسۈف سۈرىسىدە بايان قىلىنىدۇ، ساففات سۈرىسىنىڭ 102 دىن 110 ىغا قەدەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشى، فەتىخ سۈرىسى 27- ئايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ (س ئەۋ) چۈشىنى بايان قىلىدۇ، بۇلارنىڭ چۈشى تەبىر گە ئىھتىياجى چۈشمىگىدەك دەرىجىدە ئوچۇقتۇر.
مەنبە:چۈش تەبىرى
يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبىرلىگەن بىر چۈشىگە ئاساسەن چۈش تەبىرى ساھەسىنى بىر تەتقىق قىلىپ كۈرەيلى:
«پادىشاھ ئىېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى كۆرۈپتىمەن، ئى ئەربابلار! سىلەر ئەگەر چۈش تەبىرىنى بىلسەڭلار، بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرىپ بېقىڭلار»43. ئۇلار ئېيتتى: «بۇ بىر قالايمىقان چۈش ئىكەن، بىز (مۇنداق) قالايمىقان چۈشكە تەبىر بېرىشنى ئۇقمايمىز»44. ھېلىقى ئىككىسىدىن (تۇرمىدىن) قۇتۇلغان ۋە ئۇزاق مۇددەتتىن كېيىن(يۈسۈفنى) ئەسلىگەن بىرسى: «مەن سىلەرگە بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، مېنى (يۈسۈفنىڭ يېنىغا) ئەۋەتىڭلار» دېدى45. (ئۇنى ئەۋەتىشتى، ئۇ تۇرمىگە بېرىپ يۈسۈفنىڭ يېنىغا كىردى ـ دە) «ئى راستچىل يۈسۈف! يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى(كۆرۈپ چۈشىگەن چۈشنىڭ تەبىرىنى) بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، مەن ئۇنى كىشىلەرگە (يەنى پادىشاھقا ۋە ئۇنىڭ دۆلەت ئەربابلىرىغا) خەۋەر قىلسام، ئۇلار (سېنىڭ پەزلىڭنى) بىلسۇن» دېدى46. يۈسۈف ئېيتتى: «يەتتە يىل ئۈزۈلدۈرمەي تېرىقچىلىق قىلىڭلار، ئالغا ھوسۇلۇڭلاردىن يېيىش ئۈچۈن ئازغىنىسىنى خامان تەپكەندىن تاشقىرى، قالغىنىنى (مىتە چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) باشىقى بىلەن قويۇڭلار47. شۇنىڭدىن كېيىن قەھەتچىلىك بولىدىغان يەتتە يىل كېلىدۇ، (بۇ يىللاردا) ئىلگىرى توپلىۋالغان ئاشلىقىڭلاردىن (ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن) ساقلاپ قويىلىدىغان ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسىنى يەپ تۈگىتىسىلەر48. شۇنىڭدىن كېيىن (مولچىلىق) يىللار كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ھۆل- يېغىن كۆپ بولىدۇ، كىشىلەر مېۋىلەردىن تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنى سىقىپ چىقىرىدۇ»(سۈرە يۈسۈف 12 سۈرە 43---49 - ئايەتلەر)
چۈش تەبىرى چۈشتىكى سىمۇۋۇللار بىلەن ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەھۋاللارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئوخشىشاشلىققا قاراپ تەبىرلىنىدۇ، بۇ مۇناسىۋەتنى بىلمىگەنلەر تەبىرنى بىرەلمەيدۇ، پادىشاھنىڭ ئادەملىرى بۇ مۇناسىۋەتنى ھازىرلىمىغان ۋە چۈشنى تەبىرلىيەلمىگەن.
مەنبە: روھ بىلەن بەدەننىڭ مۇناسىۋىتى
ئىنسان روھ بىلەن بەدەننىڭ بىرلىشىشىدىن ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ، بەدەن بىلەن روھ ئارىسىدا مۇستەھكەم مۇناسىۋەت بار. توغرا چۈش - بۇ كۈچلۈك باغلىنىشلىق مۇناسىۋەت ئەڭ ئاجىزلاشقان، بەدەن تېىنىچلانغان ۋە روھنىڭ راھەتلەنگەن ھالىتىدە كۆرۈلىدۇ، بۇ ھالەتتە روھ ، زىھنىنى مەشغۇل قىلغان نەرسىلەردىن ۋە كۈندىلىك ۋەقەلەرنىڭ ئاۋارچىلىقىدىن يىراقلاشقان بولىدۇ. بۇنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ شۇ سۆزلىرىدىن بىلەلەيمىز:
<< ئەڭ راست چۈش سەھەر ۋاختىدا كۆرگەن چۈشتۇر>> ( تېرمىزى ، چۈش 3, (2275))
بۇ ۋاقىتتا (سەھەر) ۋۇجۇد تىنىچلانغان ، ئاشقازان بوشىغان، زىھىننىڭ ۋە روھنىڭ مەشغۇللىرى ئەڭ تۆۋەنگە چۈشكەن بولىدۇ.
ئادەمنىڭ زېھنى بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولسا،ۋەياكى بىر ئىش زېھنىگە كىرىۋالسا، ئۇلارمۇ چۈشكە ئوخشاش كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن بىر قىزغا ئاشىق بولغان ۋە ئۇنىڭغا ئۆيلىنىشنى ئارزۇ قىلغان كىشى چۈشىدە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانلىقىنى كۆرىدۇ، ئەمما بۇ ھەقىقى چۈش ئەمەس.
شەيتان ئىنساننى ئازدۇرۇش ئۈچۈن سالاھىيەت ئالغانلىقى ئۈچۈن ، ئىشىنى چۈشىدىمۇ داۋاملاشتۇرىدۇ، پەيغەمبىرىمىز (س ئە ۋ) شۇنداق دىگەن :
<<چۈش ئۈچ تۈرلۈك ، بىرى سەھىھ چۈشتۇركى ئاللاھتىن بىر خوش خەۋەردۇر، ئىككىنجىسى كىشىنىڭ روھى بىلەن دىئالۇگى،يەنى بەدەن ۋە روھنىڭ پىچىرلىشىشىدۇر. ئۈچۈنجىسى شەيتاننىڭ كىشىنى قورقۇتىشىدۇر، كىمكى يامان چۈش كۆرسە ، قوپۇپ ناماز ئوقۇسۇن، چۈشىنى ھېچكىمگە سۆزلىمىسۇن>>. ( مۇسلىم ، چۈش 6 ، ھەدىس نومۇرى 2263)
پەيغەمبىرىمىزنىڭ (س ئە ۋ ) تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر سۆزى مۇنداق :
<< سىلەردىن بىر كىم ياخشى چۈش كۆرسە ، بىلسۇنكى ئۇ ئاللاھتىندۇر ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا ھەمدە ئېيتسۇن ، ۋە چۈشىنى سۆزلەپ بەرسۇن،ئەگەر يامان چۈش كۆرسە ئۇ شەيتاندىندۇر، شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سېغىنسۇن ۋە ھېچكىمگە دىمىسۇن ، ئۇ چۈش ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ>>. ( بۇخارى چۈش 3 )
مەنبە:ئىسلام نۇرى تورى
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-31, 11:13
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-30 17:05 |
ewerhol123
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 762
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 80 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 48 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەھمەت ..........................................
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-31 16:10 |
komulluk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5272
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راسمىدۇ؟                        كۈندە ياخشى چۈشلەرنى كۆرۈپ تۇرايلى.   
ئىتلار ھاۋشىپ قېلىۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا كېتىۋېرىدۇ.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-01 00:12 |
xehire
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 458
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 33
شۆھرەت: 170 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 170 سوم
تۆھپە: 101 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 101 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 135(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ﺍﷲ ھەر كۈنى ياخشى چۈش كۆرۈشكە نىسىپ قىلسۇن! ئۇخلىغاندا قارا بېسىپ قېلىشتىن خۇدايىم ساقلىسۇن!ھەممە سىرنى بىلگۈچى ئۇلۇغ ﺍﷲ دۇر.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-03 14:43 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە