turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 85 قېتىم كۆرۈلدى
tarim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2064
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
شۆھرەت: 333 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 334 سوم
تۆھپە: 178 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 179 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 165(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 دېلو ۋە قانۇن: جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى

دېلو ۋە قانۇن: جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى

ئابلاجان تۇردى


ئىنسانلىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى بىلمىگەنلەر باشقىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ئاسانلا چېقىلىپ قويۇشى مۇمكىن.
قانۇن-ئىنسانلىق ھەق-ھوقۇقلىرى پۈتۈلگەن قەغەز. ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى بىلمىسە، ئۇنى قانداقمۇ قوغدىيالىسۇن؟
قانۇن-قۇدرەتلىك قۇرال. ئىنسان ئەنە شۇ قۇرال ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشنى بىلىۋېلىشى زۆرۈر.
گەپنى راست بولغان ئىشلاردىن باشلايلى.

1

ناھىيە بازىرىغا 70 كىلومېتىر كېلىدىغان چەت-ياقا بىر يېزىدا مۇنداق بىر دېلو يۈز بېرىپتۇ: راخمان بىلەن ئالىيە بىر مەھەللىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئىككىسىنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويماقچى بولۇپ، راخماننىڭ ئۆيىدىكىلەر ئالىيەنىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۈزۈپتۇ. ئالىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى ماقۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ، تويلۇقمۇ بېرىلىپتۇ. (موشۇ چوڭلارمۇ-زە، بېشىنى قوشىدىغان ئىككى ياشنىڭ بىر-بىرىگە كۆڭلى بارمۇ-يوق، دېگەننى ئويلاپمۇ قويماپتۇ). چوڭلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان بىر ئىش بوپتۇ: ئالىيە راخمانغا ياتلىق بولۇشقا قەتئىي قوشۇلماپتۇ، تويلۇق قايتۇرۇلۇپتۇ.
ئالىيەگە ئۆيلىنىىدىغان بولدۇم دەپ ئاغزىنى تاتلىق ئېتىپ يۈرگەن راخمانغا ئەلەم بوپتۇ. («سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ»كەندە). «ئالىيەنى ئالغىنىم ئالغان، ماقۇل بولسىمۇ ئالىمەن، ماقۇل بولمىسىمۇ ئالىمەن» دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ راخمان. (ئوغۇل بالا دېگەن ئاسماندىكى ئاينى ئالىمەن دېسە ئالالايدۇ، دېگەننى ئاڭلاپ قاپمىدىكىن)
ئالىيەنى ئېلىپ قېچىش پىلانىنى تۈزگەن راخمان بىر قانچە ئاغىنىسىنى ياردەمگە چاقىرىپ، ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن ئالىيەنى قايتىش يولىدا پايلاپ تۇرۇپتۇ. ئېشەك ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىپ كېلىۋاتقان ئالىيە بىلەن ھاممىسى نېمە ئىشلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە، راخمان ۋە ھەمدەمچى ئاغىنىلىرى ئالىيەنى موتسېكىلىتقا تاغار ئارتقاندەك بېسىپ ئېلىپ مېڭىپتۇ. (توۋا، قىز-ئوغۇل ئىككىسى قېچىشىپ كېتىپ توي قىپتۇ، دەپ ئاڭلىغان. مۇنداق زورلۇق بىلەن قىز بۇلىغاننى ئاڭلىماپتىكەنمەن). ئالىيە يىغلاپتۇ، قاخشاپتۇ، تېپىچەكلەپتۇ، قول-پۇتلىرى زەخمىلىنىپتۇ، ئالىيەنىڭ ھاممىسى يالۋۇرۇپتۇ، قورقۇتۇپتۇ، يەنىلا كار قىلماپتۇ. راخماننىڭ ھەمدەمچى ئاغىنىلىرى پىكاپ كىرا قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. ئالىيەنى پىكاپقا بېسىپ، قوشنا ناھىيىگە يۈرۈپ كېتىپتۇ.
ئەمدى گەپنى ئالىيەنىڭ ھاممىسىدىن ئاڭلايلى: ئالىيەنىڭ ھاممىسى ئىشنىڭ چاتاقلىغىنى پەملەپ، مىسىلداپ ماڭىدىغان ئېشەكنى ھەيدەپ بېرىشقىمۇ ساقلىماي، يالاڭياق يۈگۈرگىنىچە بېرىپ ئالىيەنىڭ ئۆيىگە خەۋەر يەتكۈزۈپتۇ. (كېيىن دەپ بېرىشىچە، قۇرۇق سۆز- قۇرۇق تۆھمەت ئۆزىگە توقۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇپ شۇنداق قىلغانكەن). دېلو ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىنىپتۇ، ساقچىلار جىددىي ھەرىكەتكە كەپتۇ. ئىككى كۈن جىددىي ۋە ئەتراپلىق رازۋېتكا قىلىش ئارقىلىق، راخمانلارنىڭ يوشۇرۇنغان ئۇۋىسى ئېنىقلىنىپ، ئالىيە قۇتقۇزۇلۇپ، راخمانلار تۇتۇلۇپتۇ. دېلو غەلىبىلىك پاش قىلىنىپتۇ. ساقچىلارغا رەھمەتلەر ئېيتىلىپتۇ.
ئاسىيە دوختۇرخانىدا يېتىپ، قول-پۇتىدىكى زەخمىسىنى داۋالىتىپتۇ. (ھېلىمۇ ياخشى، راخماننىڭ يەنىلا ئىنسابى بارىكەن، ئاسىيە يالۋۇرۇپ تۇرىۋالغاچقا، ئاسىيەگە چېقىلماپتۇ. ئەگەر چېقىلىپ قويغان بولسا، ئۆيلىنىمەن دەپ، باسقۇنچى جىنايەتچى بولۇپ قالاركەن).
راخمان سوتقا ئەيىپلىنىپتۇ. سوت مەھكىمىسى: راخماننىڭ قىلمىشى ئاسىيەنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ۋە نىكاھ ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان، بىر خىل قىلمىش ئىككى جىنايەت نامىغا چۈشۈپ قالسا، ئېغىرراق جىنايەتنى تاللاپ جازا بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، راخمانغا باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش جىنايىتى بېكىتىلىدۇ دەپ قاراپ، مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىپتۇ. («تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولماس». خەقنىڭ قىزىنى زورلاپ ئېلىپ قاچقاننىڭ ئاقىۋىتى شۇنداق بوپتۇ).

2

يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنباسار باشلىق ما ئەپەندى خىزمىتىگە سادىق ئىكەن، ئىلغار بولۇشنى ئويلايدىكەن، بىرەر بالىمۇ پىلاندىن سىرىت تۇغۇلۇپ قالمىسىكەن دەپ تىلەيدىكەن. (مەنسىپىمنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن ئەمەس، خەلقنىڭ چاكىرى دېگەن نامغا لايىق ئىش قىلاي دېگەنمىدۇ؟). يېزىدىكى ئاياللار قورساق كۆتۈرۈپ قالدىمۇ يوق، پات-پات تەكشۈرۈلۈپ تۇرىلىدىكەن. بىر كۈنى پىلانلىق تۇغۇت پونكىتىدىكىلەر بىر ئايالغا تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشى ئېلىپ بارسا، ئۆيىدە يوق بولۇپ چىقىپتۇ. قېيىنئانىسىدىن ئەھۋال ئۇقماقچى بولغاندا، ماجرالىشىپ قاپتۇ. (ئادەم قېرىغاندا كاج بولۇپ قالامدىكىن-تاڭ). بۇ ئەھۋال ما شاڭجاڭغا جىددىي دوكلات
قىلىنپتۇ. ما شاڭجاڭ بىلەن پىلانلىق تۇغۇت پونكىتىنىڭ باشلىقى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ھېلىقى قېيىنئانىنى ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ كېتىپتۇ. قېيىنئانا پىلانلىق تۇغۇت پونكىتىنىڭ ھويلىسىدىكى بىر ئىشخانىغا قامىلىپ تەربىيەلىنىپتۇ. 15 كۈن ئۆتۈپتۇ. تەكشۈرمەكچى بولغان كېلىن كېلەرمىكىن دېسە، كەلمەپتۇ. قېيىنئانىمۇ قويۇپ بېرىلىپتۇ.
ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمەپتۇ. ما شاڭجاڭ باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش جىنايىتى بىلەن سوتقا ئەيىپلىنىپتۇ. تۇنجى قېتىملىق جىنايەت ئۆتكۈزىشىكەن، جىنايىتىگە توۋا قىلىپتۇ، دېيىلىپ، جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنىپتۇ. (پارا ئالماپتۇ، خىيانەت قىلماپتۇ، خىزمەتنى دەپ جىنايەت قىلىپ قاپتۇ)

3

بەزى يەرلەردە كەنت كادىرلىرى جەرىمانە تۆلىمىگەن كەنت ئەزالىرىنى سولاپ قويغان ئىشلارمۇ بولغان ئىكەن. قەرزدارنى سولاپ قويۇپ قەرز قايتۇرۇشقا مەجبۇرلىغان ئىشلارمۇ بولغان ئىكەن.
خې مۇدىر كەنت مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقىلى 20 يىلدىن ئېشىپتۇ. خوشنىسىغا 550 مىڭ يۈەن قەرز بېرىپ تۇرغان ئىكەن. (كەنت مۇدىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەممە يەردە خېلى ياخشى). قەرزدار پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرالماپتۇ. خې مۇدىر قەرزدارنىڭ بالىسى، ئايالى، دادىسىنى سولاپ قويۇپ، قەرزداردىن قەرزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىپتۇ. قەرزدارنىڭ ئايالى ئىلاجىسىز قېلىپ، بىنادىن سەكرىۋاپتۇ. خې مۇدىر باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىۋېتىپتۇ.

4

لوياڭلىق جاۋ ئەپەندى سەيلى-ساياھەت قىلىپ كەلمەكچى بولۇپ، پايتەختكە بېرىپ قاپتۇ، پايتەختكە ئەرز-ھال ئېيتىپ بارغان ئەرزىيەتچىلەر بىلەن بىللە كىچىكرەك بىر قونالغۇدا يېتىپ قاپتۇ. ئون نەچچە نامەلۇم ئادەم پەيدا بولۇپ، جاۋ ئەپەندىنىمۇ ئەرزىيەتچىكەن دەپ، ھېلىقى ئەرزىيەتچىلەر بىلەن قوشۇپ لوياڭ شەھىرىگە ئېلىپ كېتىپتۇ. جاۋ ئەپەندى يولدا بارغىچە ئۆلگىدەك تاياق يەپ، ھۇشىدىن كېتىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن، يولنىڭ چېتىگە تاشلىۋېتىلىپتۇ. ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرى جاۋ ئەپەندى ئۇچرىغان ئۇۋالچىلىقنى ئاڭلاپ، جاۋ ئەپەندىنىڭ دادىسىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئوغلىڭىزغا ساۋاق بولۇپ قالسۇن، پايتەختكە بېرىپ يۈرمىسۇن. بۇ مەرتەمغۇ خاتا تۇتۇلۇپتىكەن، ھەر ھالدا ئۆزىنى كۆرەلىدىڭىز، كېيىنكى مەرتەم ئۆزىنىمۇ كۆرەلمىىسڭىز نېمە دېگۈلۈك؟» دېيىشىپتۇ.

5

ۋېنگرىيە شائىرى پتوفىنىڭ مۇنداق بىر شېئىرى بار:
«ھاياتلىق مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت.
لېكىن كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن،
ھۆرلۈك-ئەركىنلىك ئۈچۈنلا پەقەت.»
رۇسسۇ «ئىنسان تۇغۇلغاندا ئەركىن ئىدى، كېيىن ئۇ ھەر جەھەتتىن بوغۇلدى» دېگەنىدى. تەبىئىكى، ئىنسانلار مۇشۇ بوغۇلۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، تېخى ھازىرغا قەدەر داۋاملاشقان ئىقتىسادىي، سىياسىي كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى، باراۋەرلىك، ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك دېگەن ئىبارىلەرنى كەشىپ قىلدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن قانلارنى ئاققۇزدى. ۋەھالەنكى، ئىنسان زاتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مەنىدىكى ھەق - ھۈرمىتىنى ئەمەس، ئەقەللىيسى ئۆزىنىڭ بىر جاندار مەنىسىدىكى ھاياتلىقىنى قوغداش ھەم داۋام ئەتكۈزۈش ئىنتىلىشلىرىمۇ دەخلى - تەرۇزدىن قۇتۇلۇپ بولالمىدى.(ئا.جالالىدىن)
ئەركىنلىك – ھەر بىر ئەر، ھەر بىر ئايال ۋە ھەر بىر بالىنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغان ھوقۇقى، ئەركىنلىك – بىزنىڭ دۇنيارىمىزدا مەڭگۈلۈك تىنچلىق بەرپا قىلىشنىڭ يولى!
تارىختىكى ساۋاقلار مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئەركىنلىككە توسقۇنلۇق قىلغىلى بولىدۇ، ئەركىنلىكنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ، ئەمما ئۇنى ھەرگىزمۇ رەت قىلغىلى بولمايدۇ.
ئەركىنلىك -دۆلەت قۇرغۇچىلارنىڭ غايىۋى لايىھىسى، ھەر بىر قەلبنىڭ ئارزۇسىدۇر. ئەركىنلىك بىر دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچىنى ئازاد قىلىشىنىڭ ئەڭ ياخشى يولى، ئەركىنلىك بىر جەمئىيەتنىڭ ئادالەتكە يېتىشىنىڭ بىردىنبىر تەرتىۋى. ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى.
ئەركىنلىك- ئىنساننىڭ چەكلىمە ۋە دەخلىگە ئۇچرىماي، ئۆز ئىرادىسى ۋە مەنپەئىتى ئاساسىدا تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت قىلىشىدۇر. ئەركىنلىك ھوقۇقى ئىنساننىڭ چەكلىمە ۋە دەخلىگە ئۇچرىماي، قانۇن يول قويغان دائىرىدە ئۆز ئىرادىسى ۋە مەنپەئىتى ئاساسىدا تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىدۇر. ئەركىنلىك ھوقۇقى سىياسىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى، جۈملىدىن سۆز قىلىش ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، تەشكىلاتلارغا ئويۇشۇش ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى، شۇنداقلا ھەق تەلەپ ئەركىنلىك ھوقۇقى، جۈملىدىن جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى، نىكاھ ئەركىنلىكى ھوقۇقى، توختام ئەركىنلىكى ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى ئۈستىدە توختىلىمىز.

6

جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە بەدىنى ۋە ھەرىكىتى پۈتۈنلەي ئەركىن بولىدىغان، ھەرقانداق قانۇنسىز دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىمايدىغان ھوقۇقنى كۆرسىتىدۇ. جىسمانىي ئەركىنلىك پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە بىخەتەر قاتنىشىش ۋە ئائىلە تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ كاپالىتى، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ باشقا ھەرخىل ھوقۇقلارنى يۈرگۈزۈشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. جىسمانىي ئەركىنلىكنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقى بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئۆلچەيدىغان بەلگىلەرنىڭ بىرىدۇر.

7

مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرى:
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسىنىڭ 1-، 3-ماددىسىدا:
ھەممە ئادەم زاتىدىنلا ئەركىن، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھوقۇقتا باپباراۋەر بولۇپ تۇغۇلغان. ئۇلار ئەقىلغە ۋە ۋىجدانغا ئىگە ھەمدە بىر-بىرىگە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە خاس روھ بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
ھەممە ئادەم ھاياتلىقتىن، ئەركىنلىكتىن ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق، دەپ بەلگىلەنگەن.
پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسىنىڭ 9-ماددىسىدا:
ھەممە ئادەم جىسمانىي ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىكتىن بەھرىمان بولۇشقا ھوقۇقلۇق. ھەرقانداق ئادەمنى خالىغانچە قولغا ئېلىش ياكى قاماپ قويۇشقا بولمايدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەب ۋە تەرتىپ بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەرقانداق ئادەمنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ. ھەر قانداق ئادەمنى قولغا ئالغاندا، قولغا ئېلىشنىڭ سەۋەبىنى ئۇقتۇرۇش، ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان ھەرقانداق شىكايەتنى تېزدىن ئۇقتۇرۇش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
ئاساسىي قانۇننىڭ 37-ماددىسىدا:
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى پۇقرالىرىنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ. ھەرقانداق پۇقرا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قارارىسىز ۋە ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىسىز ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجراسىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ. پۇقرالارنى قانۇنسىز سولاش ۋە باشقا قانۇنسىز يوللار بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەنئى قىلىندۇ، پۇقرالارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش مەنئى قىلىندۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 238-ماددىسىدا:
باشقىلارنى قانۇنسىز سولاپ قويغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇرۇش–ھاقارەتلەش قىلمىشى بولغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. زورلۇق ئىشلىتىپ ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 234–، 232–ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
قەرزىنى قايتۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنى قانۇنسىز تۇتۇۋالغان ۋە سولاپ قويغانلارغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىنىڭ 40-ماددىسىدا:
باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلىگەن، باشقىلارنىڭ تۇرالغۇسىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرگەن ياكى باشقىلارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرغانلارغا 10 كۈندىن يۇقىرى، 15 كندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن يۇقىرى، 10 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
دۆلەت تۆلەم قانۇنىنىڭ 3-، 17-ماددىلىرىدا:
مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، جىسمانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تۆلەمگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق:
(1) 
پۇقرالارنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا توختىتىپ قويغان ياكى قانۇنغا خىلاپ ھالدا پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قوللانغان بولسا؛
(2) پۇقرالارنى قانۇنسىز قاماپ قويغان ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغان بولسا؛
تەھقىقلەش، تەپتىش قىلىش، سوت قىلىش، تۈرمە باشقۇرۇش خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا جىسمانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تۆلەمگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق:
جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا خىلاپ ھالدا توختىتىپ قويۇش تەدبىرى قوللانغان بولسا، ياكى
جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش تەدبىرى قوللانغان بولۇپ، توختىتىپ قويغان ۋاقتى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن، دېلو ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، ئەيىپلەنمىگەن ياكى جىنايەتسىز دەپ جاكارلانغان بولسا.
(2) پۇقراغا قولغا ئېلىش تەدبىرى قوللىنىلغاندىن كېيىن، دېلو ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، ئەيىپلەنمىگەن ياكى جىنايەتسىز دەپ جاكارلانغان بولسا.
(3) ئەسلىدىكى جازا ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، سوت نازارەتچىلىك تەتىپى بويىچە سوت قىلىنغاندا جىنايەتسىز بولغان بولسا، دەپ بەلگىلەنگەن.
ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ 106–ماددا 2-تارمىقىدا:
خاتالىق ئۆتكۈزۈپ دۆلەت ۋە كوللېكتىپنىڭ مال - مۈلكىگە زىيان يەتكۈزگەن، باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىگە ۋە ئۆزىگە زىيان يەتكۈزگەن پۇقرا ۋە قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن.
ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىنىڭ 25-، 42–ماددىلىرىدا:
تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنى ھاقارەتلەشكە، ئىستېمالچىلارغا تۆھمەت چاپلاشقا، ئىستمالچىلارنىڭ يېنىنى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن نەرسە-كېرەكلىرىنى ئاختۇرۇشقا، ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
تىجارەتچىلەر مۇشۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمىتى ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەن بولسا، دەخلى-تەرۇزنى توختىتىشى، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، تەسىرىنى تۈگىتىشى، ناماقۇل بولۇشى ۋە زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
ئاخىرىدا م. كلائودىئوسنىڭ مۇنۇ سۆزىنى قوشۇمچە قىلغۇم كەلدى: باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەي تۇرۇپ، ھەممە نەرسىلەرنى قىلىش ئەركىنلىكتۇر.

2011-يىل 29-دېكابىر، پەيزاۋات

تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-31, 17:22
ئەلبەھرە تورى  www.elbehre.com
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-30 23:49 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار