turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 200 قېتىم كۆرۈلدى
DDV
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3550
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 10 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مۇھەببەت

مۇھەببەت

ھېكايە

ئابابەكرى ئابدۇقادىر

1

ياشلىق سېھرىي كۈچى بىلەن روھىيىتىمگە يېپيېڭى مەزمۇنلارنى ھەدىيە قىلىپ تۇراتتى. ياشلىق ھېسلىرىغا تۇيۇنغان يۈرىكىم كۈچلۈك بىر شادلىق ئېقىمى ئىچىدە پىلتىڭلايتتى. شېئىردەك تاتلىق ھەر بىر دەقىقەم لېرىكا قوينىدا كۈي تۆكەتتى. رومانتىك ئارزۇلىرىم قەلب خانەمنى خۇش ھىدلارغا تۇيۇندۇراتتى. قەلب ئاسمىنىم ئەمدىلا تىلى چىققان بوۋاقتەك بىغۇبار، سەبىي ۋە ساپ ئىدى.
شۇ كۈنلەردە سەن قەلب ئۆيۈمگە كىرىپ كەلدىڭ. بۇ سېنىڭ ئەمدىلا 16 ياشنىڭ بوسۇغۇسىدىن ئاتلىغان چاغلىرىڭ بولۇپ، تۇرقۇڭ تەسۋىر تەڭ كەلگۈسىز گۈزەللىككە تۇيۇنغان ئىدى. سېنى ھەر بىر ئۇچراتقان چېغىمدا، شەھلا كۆزلىرىڭدىن ئېتىلغان ئۆتكۈر بىر نۇر كۆكرەك قەپىزىمنى تېشىپ ئۆتۈپ، يۈرىكىمگە ئىشق ئوتىنى باشلاپ كىرەتتى. قەددى - قامىتىڭ، يارىشىملىق كىيىنىشلىرىڭ، يەڭگىل قەدەم ئېلىشلىرىڭدىن تارتىپ، ھەمىمىسى مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك ئىدى. سېنى ھەر كۈنى، ھەر مىنۇت، ھەر دەقىق كۆرۈشنى ئستەيتتىم. بويۇڭدىن لاۋۇلداپ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان گۈزەللىكتىن بەھر ئېلىشنى، ھۇزۇرلىنىشنى ۋە شۇ دەقىق ئىچىدىكى تۇيغۇلىرىم بىلەن ئۇزاققىچە قۇچاقلىشىشنى ئارزۇ قىلاتتىم. كەلمىش دەملەرنى خىيالەن تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. پورەكلەپ ئېچىلغان بىر دەستە قىزىلگۈلنى ئەسلىتىدىغان چىرايىڭ يول يۈرگەن چېغىمدا كۆز ئالدىمدا، كىتاب ئوقۇۋاتقاندا كىتاب بەتلىرىدە ھەتتا تاماق يەۋاتقان چېغىمدا قاچامدا زاھىر بولۇپ تۇراتتى. شۇنداق دەقىقىلەردە يۈرەك - باغرىم شېرىن دەملەرگە چۆمەتتى. سەن قەلبىمدىكى ھېچكىم ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر بولالمىغان سۆيگۈ تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئەس - يادىمنى تامامەن ئىستىلا قىلىپ، يۈرىكىمدىن ئورۇن ئېلىپ بولغان ئىدىڭ.
سېنى، گۈزەللىكىڭنى ۋە تۇيغۇمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئويلاپ، سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلدىم. لېكىن ساڭا بولغان سۆيگۈمنى قايسى ئۇسۇل بىلەن ئىزھار قىلىش بېشىمنى قاتۇراتتى. ئىشقىڭدا بارغانسىرى كاۋاپ بولۇپ كېتىۋاتقان يۈرەك - باغرىمنىڭ ئاھۇ - زارى روھىيىتىمنى تالاي پىغانلارغا گىرىپتار قىلاتتى. كۆيۈشنىڭ تاتلىق بىلەن ئاچچىق گىرەلىشىپ كەتكەن دەقىقىلىرى يۈرىكىمگە ھەر خىل تۇيغۇلارنى بەخش ئىتىپ تۇراتتى. گاھى گۈزەللىكىڭدىن ۋە ساڭا بولغان مۇھەببىتىمدىن ھەتتا سېنىڭدەك چىرايلىق بىر قىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن شادلىق دەرياسىغا غەرق بولسام، گاھى تېخى ۋىسال شارابىغا لەۋ تەككۈزۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان سۆيگۈمنىڭ خەستە ھالىتى دىلىمنى پەرىشان قىلاتتى.
ئاخىرى ساڭا بولغان سۆيگۈمنى خەت ئارقىلىق ئىزھار قىلىش قارارىغا كەلدىم. قەلبىمنىڭ پىنھان دالاسىدىكى خرۇستالدەك سۈزۈك سۆيگۈ تامچىلىرىنى قاردەك ئاق قەغەزگە تولىمۇ ئاۋايلاپ بىرمۇ - بىر تىزىپ چىقتىم. سۆيگۈ ھىدى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان خېتىمدىن قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ساڭا يەتكۈزدۈم.
كۈنلەر ئۆتۈۋەردى. جاۋابىڭغا زارۇ - زار بولۇپ، دەقىقىلەرنى بىر - بىرلەپ ساناپ ئۆز ماكانىغا ئۇزاتتىم. كۈتۈشنىڭ يارقىن شولىسى ھەر بىر دەقىقەمنى ئۆزىنىڭ نۇرى بىلەن يۇرۇقلۇققا ئوراپ تۇرسىمۇ، جاۋابىڭ كەلمىگەنسىرى قەلبىمدىكى ئۈمىد نۇرى ئاستا - ئاستا خىرەلىشىشكە باشلىدى. ئوت پۈركۈپ تۇرىدىغان تىنىقلىرىم ئېغىر - ئېغىر ئۇھسىناتتى. ۋىسالىڭغا بولغان ئىنتىزارلىق مېنى ھەر دائىم ئازابلايتتى. چىرايىڭنى ھەردەم كۆرۈپ تۇرۇش، ۋەسلىڭگە قېنىش، سەرۋىدەك نازۇك بويۇڭنى باغرىمغا چىڭ بېسىپ تۇرۇپ، قاپقارا چاچلىرىڭنى قېنىپ - قېنىپ ھىدلاش، سەن بىلەن مۇھەببەت، ھايات، كەلگۈسى... توغرىسىدا ئۇزاقتىن - ئۇزاق پاراڭلىشىش ۋە تاتلىق ئارزۇلار ئىلكىدە ئوماق كۆزلىرىڭگە سىڭىپ كېتىش روھىي شادلىقىمنىڭ ئاساسىي باشلىنىش نۇقتىسى ئىدى.
كۆزلىرىم دىدارىڭغا زارىقىپ بارا - بارا خىرەلەشتى. قۇلاقلىرىم جاۋابىڭنى ساقلاپ سېزىمىنى يوقىتاي دېدى. ئۈمىد - ئىستەكلىرىم ساپال تاۋاقتەك چېقىلىشقا باشلىدى. قەلب گۈلزارىم قاقاس باياۋانغا ئايلاندى. سېنى چىن دىلىمدىن ياخشى قالغىنىم ئۈچۈن، ئاخىرى سېنى ناخشىلىرىمغا قوشۇۋەتتىم. چىرايلىق ئىسمىڭ روھىمدا، يۈرىكىمدە، تىلىمدا خۇددى مۇقەددەس ئايەتتەك زىكرى بولاتتى.
كۈتۈشكە مەھكۇم بولغان دەقىقىلەرنىڭ چىكىلدىشى يۈرىكىمگە تىغدەك سانچىلىشقا باشلىغاندا سەن بىلەن يۈز - تۇرانە كۆرۈشۈشنى ئويلاپ مەھەللەڭگە كەلدىم. لېكىن بۈگۈن سېنىڭ تويۇڭ بوپتۇ. ئۆيۈڭگە يېقىن دوقمۇشتا قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم. ئۆيۈڭ تەرەپتىن كېلىۋاتقان ناغرا - سۇناي ئاۋازى يۈرەك - باغرىمنى قاساپ - قاساپ يېيىشكە باشلىدى. دەھشەتلىك ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەي توۋلىۋەتتىم. رېئاللىق كۆز ئالدىمدا سوغۇق كۈلگىنىچە مېنى مەسخىرە قىلماقتا ئىدى. تۇيۇقسىز چۈشكەن ئۈششۈك پەسلى قەلبىم بېغىدا ساڭا ئاتاپ ئۆستۈرگەن خۇشپۇراق گۈللىرىمنى ساپسېرىق خازانلارغا ئايلاندۇرۇۋەتتى. روھىيىتىم دالاسى مۇڭلۇق مۇزىكىلارغا لىق تولدى. يۈرىكىم ئابدۇسوپۇر ئىسمائىلنىڭ « خوش مۇھەببەت » دېگەن ناخشىسىنى ئوقۇشقا باشلىدى. ۋۇجۇدۇم شامالدا قالغان ياپراقتەك تىترىگىنىچە ناخشىغا جور بولماقتا ئىدى.
تاماكا تۇتاشتۇرۇپ ئاچچىق - ئاچچىق شورىغاچ ئاستاغىنا پىچىرلىدىم:
- بەختلىك بول، مۇھەببەت...

2

سەن توي قىلىپ كەتكەندىن كېيىن يۈرىكىم ئۈچۈن قىبلىگاھ بولغان ھۆسنۈڭنى ھەر بىر كۆرگىنىمدە، دەرد - ئازابىم تېخىمۇ ئۇلغىياتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۆيۈمگە بېكىنىۋېلىپ، يىغلاڭغۇ ناخشىلارغا توۋلايتتىم. يالغۇزلۇق چىرمىۋالغان تۆت تام ۋۇجۇدۇمنى گاھى دەم تارتسا، گاھى ئامبۇردەك قىساتتى.
يېشىم چوڭايغانسىرى ئاتا - ئانامنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۆزۈم قىلچىىك چۈشەنمەيدىغان بىر قىز بىلەن توي قىلدىم. ھەر كۈنى ھۇجرا ئۆيۈمگە كىرگىنىمدە رەسمىيەت يۈزىسىدىن ئەرلىك مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىش مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئازاب بولدى.
تەسۋىرلىگۈسىز بىر روھىي بۇرۇختۇرمىچىلىق پۈتۈن روھىيىتىمگە سۇلتان بولۇۋالغان شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەن چۈشۈمگە كىرىپسەن. چۈشۈمدە سەن بىلەن كۆرۈشكۈدەكمەن. سەن يولدىشىڭدىن ئايرىلىپ كەتكىنىڭنى دېگۈدەكسەن. بۇ سۆزۈڭدىن شۇنداق خۇش بولۇپ، ساڭا مۇھەببىتىمنى قايتا ئىزھار قىلغۇدەكمەن. سېنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ قۇلىقىڭغا: « سېنى ھازىرمۇ ياخشى كۆرىمەن. بىز توي قىلايلى. » دېگۈدەكمەن. سەن جاۋاب بىرىپ بولغۇچە ئايالىم مېنى ئويغىتىپتۇ.
ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيىمىمنى كىيىپ، سىرتقا چىقتىم. ئۆيۈم ئالدىدىكى ئۆستەڭ بويىغا بېرىپ خىيال سۈرگەچ تاماكا چېكىپ ئولتۇردۇم. كېچە تەڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. ئۆيگە كىردىم. ئايالىم ئۇخلاپ قالغان ئىكەن. مەنمۇ ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتىم. لېكىن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. تۇرۇپلا سېنى ئويلاشقا باشلىدىم...
ئەتتىگەن ئويغانغان چېغىمدا ئۆيدە ئايالىم كۆرۈنمەيتتى. ئورنۇمدىن تۇرۇش خۇشياقماي بىر سائەتتەك خىيال سۈرۈپ ياتتىم. ئاخىرى قورسىقىم ئېچىپ كوركىراشقا باشلىغاندىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۈز - كۆزۈمنى يۇيۇپ، ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئايالىمنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلدىم. تېلېفوننى ئۇ ئېلىپ ئاجرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قوشۇلدۇم. ئاتا - ئاناممۇ باشقا گەپ - سۆز قىلمىدى. ھەپتىدىن كېيىن رەسمىيەتلەرنى ئېلىپ خەلق ئىشلار ئىشخانىسىغا باردۇق. ئارىدا بالا بولمىغاچقا مەسئۇل ئايال مۇناسىۋەتلىك گەپ - سۆزلەرنى سوراپ بولۇپ، توي خېتىنى ئايرىپ قولىمىزغا تۇتقۇزدى. سىرتقا چىقىپ تاماق  يىگەندىن كېيىن، بىر - بىرىمىزگە بەخت تىلەپ خوشلاشتۇق.
كۈنلەر كۈلدۈرۈپ، ئايلار ئالداپ، يىللار يىغلىتىپ ھەش - پەش دېگۈچە ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئايالىمدىن ئاجراشقاندىن كېيىن توي قىلىشنى نەچچە رەت ئويلىغان بولساممۇ سېنى ئۇنتۇيالمىغاچقا ھازىرغىچە يالغۇز ياشاپ كەلدىم. سېنىڭ بارغانسىرى تولۇپ ئېچىلىۋاتقان ھۆسن - جامالىڭ بىر سىكۇنتمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى. گەرچە سېنى بۇرۇنقىدەك كۆرۈپ تۇرالمىساممۇ، سېنى ھەر بىر ئۇچراتقان چېغىمدا، يۈرەك - باغرىمنى مۇجۇپ، روھىيىتىمگە بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئازابلارنى ئاتا قىلىدىغان ۋىسالسىز سۆيگۈمنىڭ دەرد - پىغانلىرى مېنى يەنىلا ئاچچىق ئويلارغا غەرق قىلىدۇ. سېنى ھەر ۋاقىت ئويلايمەن. سېغىنىمەن. ئىشقىڭدا كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىمەن.
يېقىندا ئاجرىشىپ كەتكىنىڭنى بىلدىم. ئاجراشقىنىڭ مېنى خۇشال قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا بەختىڭ ئۈچۈن ئىزتىراپ چەكتىم. سېنى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. ساڭا يۈرەكلىك ئىككى ئېغىز گەپ قىلالمىساممۇ، ھەر ھالدا بۇرۇنقى دەردلىرىم خېلىلا يېنىكلەپ قالدى.
قەلبىم ئاسمىنىدا يېقىملىق جىلۋە قىلىۋاتقان ئۈمىد نۇرىنىڭ ئەللەيلىشى بىلەن ساڭا تېلېفون قىلدىم. نەچچە يىلدىن بۇيان ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلغان ئاۋازىڭ قۇلاق تۈۋۈمدە خۇددى يېقىملىق مۇزىكىدەك ياڭراشقا باشلىدى. تېلېفوندىن ئېقىپ كىرگەن ئاۋازىڭ قۇلىقىم ئارقىلىق تۇمۇر - ھۈجەيرىلىرىمگىچە ئېقىپ كىرىپ، يۈرىكىمنى شادلىق قوينىغا باشلىدى...
شۇنىڭدىن كېيىن تېلېفوندا بىر نەچچە قېتىم پاراڭلاشتۇق. ھەر قېتىم پاراڭلاشقان چاغدىكى يۇمشاق ئاۋازىڭ يۈرىكىمدىكى ھىجران ئازابىنى قاياقلارغىدۇر چۆرۈۋېتەتتى. پاراڭلىرىمىز سۆيگۈ تېمىسىغا يېقىنلاشقانسېرى يۈرىكىمدە پەيدا بولغان شادلىق ھېسسى يالغۇزلۇققا تۇتقۇن بولغان دەقىقىلىرىمنىڭ تۇمان باسقان ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇپ، قەلب خانەمنى رومانتىك تۇيغۇلار بىلەن بېزەيتتى.
قىزىلگۈلدەك ئۈمىد پارچىسى يۈرىكىمگە تاتلىق ھىدلارنى بەخش ئەتكەن مۇشۇ مىنۇتلاردا قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى يۈرەك سۆزۈمنى ساڭا ئىزھار قىلىشنى لايىق تاپتىم:
- سېنى ياخشى كۆرىمەن، مۇھەببەت...

بۇ ھېكايە قاراقاش ناھىيىلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن
چىقىرىلغان « گۈزەل قاراقاش » ناملىق ئەدەبىي ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان.

تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-01-01, 19:47
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-01-01 18:25 |
uyghurizlari
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3877
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 64
شۆھرەت: 350 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 350 سوم
تۆھپە: 210 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 210 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇئەلايكۇمDDv...ياخشى يېزىپ سىز...تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى ئېۋەرتىپ تۇرىشڭىزنى ئۇمۇد قېلىمەن.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-01 20:04 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەرمىلەر