ئامرىكا تارىخىدىكى ئاجايىپ توغرا كىلىپ قىلىش
ئامرىكا تارىخىدا ئىككى زۇڭتۇڭنىڭ سۈيقەستكە ئۇچراش ئەھۋالى بولغان، بۇنىڭ بىرى 1865-يىلىدىكى لىنكۇلىن ۋەقەسى. يەنە بىرى، 1963-يىلىدىكى كىننىدى ۋەقەسى. بۇ ئىككى ۋەقەنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز يىلدەك ۋاقت پەرقى بولسىمۇ، لىكىن سىلىشتۇرۇپ كۆرگەندە، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئاجايىپ بىر ئوخشاشلىقنىڭ بارلىقىنى، بۇ ئوخشاشلىقلارنىڭ شۇنداق ئاجايىپ توغرا كىلىپ قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ؛ لىنكۇلىن 1860-يىلى زوڭتۇڭ بولغان، كىننىدى 1960-يىلى زوڭتۇڭ بولغان؛ لىنكۇلىنىنىڭ كاتىپىنىڭ ئىسمى كىننىدى، كىننىدىنىڭ كاتىپىنىڭ ئىسمى بولسا لىنكۇلىن؛ سۈيقەستكە ئۇچىرىغان ۋاقتتا، لىنكۇلىن «فورت» نامىلىق كۇلۇبتا ئويۇن كۆرۈپ ئولتۇرغان، كىننىدى بولسا، «فورت» ماركىلىق پىكاپتا ئولتۇرغان؛ ئىككى زوڭتۇڭنىڭ سۈيقەستكە ئۇچىرىغان ۋاقتى ئوخشاشلا يەكشەنبە كۈنى؛ ھەر ئىككىسىنىڭ ئايالى يېنىدا بولغان، ئوق ھەر ئىككىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كىلىپ باش قىسمىغا تەككەن؛ لىنكۇلىننى ئاتقان قاتىل بوس كۇلۇبتىن چىقىپ، بىر ئىسكىلاتقا يوشۇرىنىۋالغان، كىننىدىنى ئاتقان قاتىل ئوسۋالت بولسا، بىر ئىسكىلاتتا تۇرۇپ ئۇنى ئىتىپ بولغاندىن كىيىن، بىر كۇلۇبقا كىرىپ يوشۇرىنىۋالغان؛ ھەر ئىككى قاتىل سوت قىلىنمايلا نەق مەيداندا كىشلەر تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن؛ بوس 1839-يىلى تۇغۇلغان، ئوسۋالىت بولسا، 1939-يىلى تۇغۇلغان؛ بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا دەل بىر ئەسىر پەرق بار، تىخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ھەر ئىككى زوڭتۇڭنىڭ ئورنىغا چىققان ھەر ئىككى مۇئاۋىن زوڭتۇڭنىڭ فامىلىسى جونسۇن بولۇپ، لىنكۇلىننىڭ مۇئاۋىنى ئاندىرى جونسۇن 1808-يىلى تۇغۇلغان، كىننىدىنىڭ مۇئاۋىنى لىنتىن جونسۇن 1908-يىلى تۇغۇلغان، بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىمۇ بىر ئەسىر پەرق بار.
______ ئەخەت تۇردىنىڭ «يىراقتا قالغان مۇھەببەت» رۇمانىدىن