ئۇزۇن يىلنىڭ ئالدىدا بىر جاڭ جاڭ قىشتا ، ھەربىيلىكتە تۇرغان بىر ئاغىنەم بىلەن قۇمۇلغا بىرسەبدىشىنى يوقلاپ بارغانتۇق .
كەچتە بىرئۆيگە باشلىدى ، ئۆيى يېزىدا ئىكەن ئۆيگە كىرسەك ئۆي شۇنداق ئىسسىپتۇ بۇنچىۋالا چوڭ ئۆينى ئىسسىتقان نىمىدۇ دەپ قارىسام بەنچاڭنىڭ يېنىدا بىر مەش باركەن .
چاپانلىرىمىزنى سېلىۋېتىپ ئەركىن ئازادە جايلىشىۋالغاندىن كىيىن ئۆيگە تەپسىلى قاراۋېتىپ يانا مەش دىقىتىمنى تارتىپ قالدى .
چۈنكى مەشتە تاكى كانايغىچە بىرنەرسە چاپلاپ كۆيگەننىڭ ئىزى تۇراتتى . مەن خىيالىمدا ئۆي ئىگىسىنىڭ كىچىك ئۇكىسى بولسا مەشكە سۇلياۋ چاپلاپ ئويناپ چىقارغان ئىز ئوخشايدۇ دەپتىمەن .
بىرچاغدا چاي ئىچىلىپ بولغاندىن كىيىن ئازراق تاماششا قىلايلى دەپ باللىدىن نەچچىنى چاقىرىپ كىردى .
ئاندىن ئەمبەل بىلەن چەيدونى ئەكىرىپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلدى .
- ئېغىنىلە ياخشى كىپ قاپسىلە ، دوسلار بىلەن تونۇشقاچ ئەركىن ئازادە ئولتۇرايلى دەپ ئۆيگىلا باشلىدىم .
قېنى ئەمسە مەشنىڭ يېنىغا كىلەيلى دەپ داستىخاننىمۇ سەل يېنىغىراق يۆتكىدى .
ئاندىن سىرىتقا چىكىتىپ بىرھازادىن كىيىن يوغان بىركاللەك كالىنىڭ گۆشىنى ئەكىرىپتۇ . توڭلاق گۆشنى پارچىلىغۇچە خېلى جاپا تارىتقان ئوخشايدۇ ، گوشنى قويۇپلا مەشنى قۇچاقلىغۇدەك بوپكەتتى .
يانا بىر پىيالىدا زىرە ، تۇزنىمۇ ئەكەپ قويغاندىن كىيىن كاللام يىشۇنىڭ كاللىسىدەك تىرىڭڭىدە ئېچىلىپ كەتتى .
مەشتىكى ئالاۋالداق ئىزلار ئەسلى گوشنى مەشكە چاپلاپ مەش كاۋىپى قىلغاندا چىققان ئىزكەن ئەمەسمۇ .
پاراڭ ئارلىقىدا مەشنى كۆرۈرۈپ ئويلىغانلىرىمنى سۆزلەپ بەرسەم كۈلۈپ كىتىپ گۆش چاپلانمىغان بۇ ئىككىسىنىڭ ئۆيىمۇ قالمىدى دەپ ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان ئىككەيلەننى شەرەتلىدى .
ئەسلىدە بۇ ئۆيدە بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا بىركالا سويۇپتىكەن ،كۈن ئارىلاپ ،كەچتە چوڭلار ئۇخلىغاندىن كىيىن بۇ بىرنەچچە << كاۋاپچى >> ھەركەتكە كىلىپ ئۆزئارا << كاۋاپچىلىق >>
قىلىشىۋاتقان ئىكەن .
شۇكۈنى كەچتە مەشنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئۆزقولىمىز بىلەن ياپىلاق گۆشنى مەشكە چاپلاپ پىشسا سويۇپ ئېلىپ ئەمبەلگە قويۇپ تۇز بىلەن زىرە سېپىۋېتىپ مەززە قىلىپ قىززىق پاراڭلار بىلەن بىركىچە ئولتۇرغان ئىدۇق .
شۇ چاغلار يادىمغا كەپ قالدى .