turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 220 قېتىم كۆرۈلدى
ilim
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 629
شۆھرەت: 4147 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4213 سوم
تۆھپە: 2306 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2348 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 981(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 پاسىق مۇھىتنىڭ روھىيەتكە بولغان تەسىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ تېمىنى ئىزدىنىش تورىدىن كۆرىۋالغايسىز .
http://www.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=41226
بۇ تېمىغا 86 ئىسىملىك بىر تورداش تۆۋەندىكى بىر ئىنكاسنى يوللىغان ئىدى .سىز بۇ ئىنكاسنى ئوقۇپ
مۇھىتنىڭ ئىنسان روھىيتىغا قانداق تەسىرلەرنى يەنى گۇناھقا پاتقان مۇھىتنىڭ ئىسلام پەرزەنتىنىڭ
روھىي ئۆسۈپ يىتىلىشىگە قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى خېلى ئەتراپلىق ھىس قىلالايسىز .ئىنشائاللاھ .

مېنىڭ جەمىيەتتە قىلغان سۆز-ھەركەتلىرىم، جەمىيەتتە مېنىڭ شۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ قالغۇچى، مېنىڭ شۇ ھەركىتىمنى كۆرۈپ قالغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ، شۇلارغا نىسبەتەن بۇ مېنىڭ جەمىيەت تەربىيەسى قىلغانلىقىم بولىدۇ. مۇشۇنداق ھەر بىر شەخسنىڭ جەمىيەتتىكى تۇتقان يولى، سۆز-ھەركەتلىرى شۇنى كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن جەمىيەت تەربىيەسى بولىدۇ.كۆپ كىشىلەر ، بولۇپمۇ كۆز قاراشلىرى تېخى يېتىلۋاتقان ياشلاردىكى بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەتراپىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىدىن مەلۇم تەربىيە ئالىدۇ. مەسەلەن،چوڭلارنىڭ رېستۇرانغا يىغىلىشى، ھاراق ئىچىشى، تاڭسا ئوينىشى دىگەندەك ئىشلار شۇ مۇھىتتىكى باشقا يېتىلىۋاتقان كىشىلەرگە، شۇ ئىشلار نورمال دىگەن قاراش پەيدا قىلىپ داۋاملاشتۇرىغان قىلىپ تەربىيەلەپ قويىدۇ.  جەمىيەتتە كىشىلەرنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە قارىتا  ئاڭلىق-ۋە ئاڭسىز ھالدا ئىجابىي ياكى سەلبىي جەھەتتىن تەسىر ئالىدىغان كىشىلەر مەۋجۇت.
مېنىڭ، ئائىلەمدە تۇتقان يولۇمنىڭ ھەممىسى، ھەر بىر سۆزۈم، ھەر ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيەم، بالىلارغا، باشقىلار قىلغان گەپلىرىم، قىلغان مۇئاملەمنىڭ ھەممىسى، شۇ ئىشلىرىمنى كۆرۈپ تۇرغان بالام ئۈچۈن ئائىلە تەربىيەسى ھىساپلىنىدۇ.
مەكتەپمۇ بىر جەمىيەت، ئۇ يەر تەڭ ياشلاردىكى بالىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىپادىلىرى شۇ مۇھىتتىكى باشقىلار ئۈچۈن تەربىيە رولىنى ئۆتەيدۇ. 
بالىلار مانا مۇشنداق مۇھىتتا بىر ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.  يىغىپ ئېيتقاندا ئادەم باشقا ئادەملەرنىڭ تەسىرلىرى بىلەن ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.
مېنىڭ جەمىيەتتىكى ھەر قانداق سۆز -ھەركەتلىرىم باشقا بىرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنىڭ جەمىيەت تەربىيەسى ئېلىشقا بىر ئۈلۈش ھەسسەم بار بولغان بولىدۇ.
ھازىر ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن، دۇنيانىڭ ئۇ قېتىدىكى كىشىلەرنىڭ سۆز ھەركەتلىرىنىمۇ  بۇ ياقتا تۇرۇپمۇ كۆرگىلى ، ئاڭلىغىلى بولىدىغان بولدى. دىمەكچى، كىشىلەرنىڭ ئۇچرىشىدىغان جەمىيەت دائىرىسى كېڭەيدى.
مەيلى كىتاپ كۆرەيلى، ياكى بىۋاستە سۆھبەتلىشەيلى، ياكى سەھنىگە ئېلىپ چىققان كۆرۈنۈشنى كۆرەيلى، يەنىلا يىغىپ ئېيتقاندا شۇ باشقا كىشىلەردىن تەسىر ئېلىپ ، ئاز-ئازدىن يىغىلىپ بىر خىل خاراكتىردىكى ئادەم بولۇپ چىقدىغان گەپ.
يەنى ئادەم ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان مەخلۇق.
بىر ئادەم ئۆز مۇھىتىدىكى ئارىلىشپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن بىر قېتىم ھاراق سورۇنىدا ئولتۇرۇپ قۇيۇپ، ياكى بىر ھېتىم ھاراق ئىچىپ قۇيۇپ، ھېچنىمە بولمىدۇمغۇ؟  ھېچ تەسىر قىلمىدىغۇ؟ دەيدۇ.  قانداق تەسىر قىلغانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ. چۈنكى بىر قېتىملىقنىڭ تەسىرىنى دەرھال سەزمەيدۇ. بىر قېتىملىق ھاراق ئىچىپ قۇيۇشى، بىر قېتىملىق سېرىق ناخشا تىڭشاپ قۇيۇشى، بىر قېتىملىق سېرىق رەسىمنى كۆرۈپ قۇيۇشىنىڭ تەسىرىنى مىسقاللاپ كۆرسەتكىلى بولمىغان بىلەن، شۇ تەرىقىدە داۋام قىلغاندىن كېيىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىى بىلەن ئۇنىڭ تەسىرى چوڭ بولغان بولسىمۇ يەنىلا سەزمەي قالىدۇ.
قانداق بولۇپ قالىدۇ؟  گۇنا قىلىشتا ئاللاھدىن ئىزا تارتمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئتىقاد قىلىمەن دەيدۇ، بەزى ئەمەللىرى ئىسلامغا ئۇيۇغۇن كەلسە بەزى ئەمللىرى ئىسلامغا زىت كېلىدۇ. بىر ياقتىن نامازمۇ ئۆتەپ قويىدۇ، نامازدىن چىقىپ قىمارمۇ ئويناپ قويىدۇ، غەيۋەتمۇ قىلىپ قويىدۇ، باشقىلارنىڭ نەرىسلىرىنى ئېلىۋېلىشتىن قورقمايدىغان، قىمارغا ياتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويىدىغان، زىنا ئىشلارنى قىلىشتا ھېچ ئەيمەنمەيدىغان (زىنا دىگەنگە كۆزنىڭ زىناسى، قۇلاقنىڭ زىناسىمۇ كىرىدۇ)،  گۇنا ئىشلارغا نىسبەتەن ئۆزىنى چەكلەش تۇيغۇسى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. مانا ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر شۇ ئۇششاق ئىشلار دەپ سەل قاراپ، گۇنالارنى داۋاملاشتۇرۋاتقان مۇھىتنىڭ تەسىرىدە مۇشۇنداق ھازىرقىدەك ھەممە گۇنا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بىر مۇھىت ،بىر جەمىيەت ھاسىل قىلدۇق.
ئەتارپىمىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلار مانا مۇشۇ جەمىيەتتىن جەمىيەت تەربىيەسى ئالىدۇ.
بۇزۇق جەمىيەتنىڭ ھاسىل بولۇپ قېلىشىدا، بۇزۇقلۇق غەرىپتىن ياكى شەرىقتىن ئەمەس، بەلكى بۇزۇق ئىدىيەلەردىكى كىشىلەر كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىگەن كىشىلەر توپىدىن،  شۇلارنىڭ تسەرلىرىدە ئاز-ئازدىن جۇغلىنىپ ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا داۋام قىلىپ شۇنداق ھاسىل بولۇپ قالدىۇ. ھەممە ئىنسان بىر-بىرىگە ئالىق ۋە ئاڭسىز ھالدا تەسىر قىلىشىپ تۇرىدۇ. شۇ جەمىيەتتىكى ھەر بىر ئىنسان شۇ جەمىيەتتىن ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا تەسىر ئېلىپ تۇرىدۇ.
بۇزۇقلۇق غەرىپتە بولسىمۇ، شەرىقتە بولسىمۇ، ياكى چىراق تۈۋىدە بولسىمۇ شۇنى كۆرۈپ تۇرغان شۇ مۇھىتنىڭ ئىچىدىكىلەرگە يېتىپ كېلىدۇ.
يۇقۇرىدا بىر تورداش، مەلۇم بىر ھادىسە، ئۆتكۈنچە يامغۇردەك ئۆتۈپ كېتىدۇ، تەسىرى قالمايدۇ دىگەن پىكىرنى بېرىپتۇ. ئىنسانلار ئىچىدىكى ھەر قەنداق بىر ھادىسىنىڭ تەسىرى بولىدۇ، ھەممىسنىڭ جۇغلانمىسى مانا ھازىرقىدەك ھالەتنى ھاسىل قىلغان.  بىر ئەۋلات بالىلار قىز-ئوغۇللار ئايرىم بىريەردە تۇرۇپ قېلىشتا بىرەر كىشىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قېلىشتىن نۇمۇس قىلىدىغان ئىزا تارتىدىغان ھالەتتىن، ھەممە ئادەملەر قاراپ تۇرسىمۇ قۇچاقلىشىپ قولتۇقلىشىپ يۈرۈشتىن ئىزا تارتمايدىغان،  شۇنداق ئەھۋالنى كۆرگۈچىلەرمۇ كۆڭلىدە ئانچە ئەيىپلىك ھېس قىلمايدىغان بولىدۇ.
بىر ئادەم ئاللاھنىڭ نەزىرىدە تەقۋادار بىر مۆمىن دەرجىسىگە بېرىش ئۈچۈن ، ئىمان ئېيتىپ قۇيۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ھەرگىز كۇپايە قىلمايدۇ!
ئۇ ئىمان ئېيتىش بىلىەن بىرگە، شەرىئەت بۇيرىغان ئىشلارنى داۋاملىق ئەمەلدە بىجىرىشقا تىرىشىشى، يەنە شەرىئەت چەكلىگەن ئىشلاردىن دامۋاملىق ئۆزىنى چەكلەپ تۇرىشى زۆرۈر بولىدۇ.  ئادەم باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ ھەركىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ.
گۇنا ئىشلارنى سادىر قىلىپ ئۇنىڭدىن چەكلىنىشكە ئاجىز كەلگەندە، ئېتىقادىمۇ ئاجىزلاديۇ،  ئېتىقادى ئاجىزلىسا گۇنا ئىشلارنى قىلىشتا ئاللاھدىن ئىزا تارتمايدىغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاللاھدىن يىراقلىشىدۇ.
ئەكسىچە، ھەر قانداق گۇنالاردىن ئۆزىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان كىشى بولسا، شەرىئەت بۇيرىغان ئىشلارنى بىجىرىشكە ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشى بولسا، گۇنا قىلشتا ئاللاھدىن ئەيمىنىپ ئىزا تارتىدىغان، گۇنا ئىشنى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن بىئارام بولىدىغان بولىدۇ، شۇنداق داۋام قىلىپ  ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، ئىمانى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ، شۇ جەرياندا شەرىئەت بىلىملىرىنى قېتىقىنىپ ئۈگىنىپ ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدۇ. مانا مۇشۇنداق، ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىش ھەركەتلىرىمۇ ئۆزىنىڭ دىلىغا تەسىرى بولىدۇ.
گاگادەكلەرنىڭ شەرىئەتتتە چەكلىنىدىغان ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ قۇيۇش بىلەن ھچنىمە بولۇپ قالمايمەنغۇ؟ ھېچ تەسىر قىلمىدىغۇ؟ دىگەن بىلەن شۇ خىل ئىشلارنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ نەتىجىسىدە، ھايا ھۈجەيرىڭىز ئاجىزلايدۇ، زىنا(كۆز زىناسىمۇ شۇنىڭ ئچىدە)نى ئېغىر بىلمەيدىغان،  گۇنا ئىشلارنى سادىر قىلىشتا ناھايىتى نورمال ھېس قىلىدىغان يۈزلىنىشكە باشلايدۇ.
باش تىمىدا تىلغا پەقەت بىر مىسال. پەقەت گاگالا كىشىلەرنى يامان يولغا يۈزلەندۈرۈپ قويىدۇ دەيدىغان گەپ ئەمەس، شۇخىل كىشىلەر ئەتراپىدىكى باشقا كىشىلەرگە بولۇپمۇ كۆز قارىشى ۋە ئېتىقادى مۇستەھكەملەنمىگەن كىشىلەرگە نىسبتەن شۇ خىلدىكىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇ غەرىپ ياكى شەرىق مەسىلىسى ئەمەس.  قىسمەنلىكنى ئومۇمىلىققا دەسسەتكىلى بولامايدۇ، قالغانلىرى ئۇنداق تەسىرلەرگە ئۇچىرىمىغان دىگەندەك پىكىرلەر چۈشۈپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئەتراپىمىدىكى بالىلار شۇ خىل مەينەتچىلىكنىڭ تەسىرلىرىگە ئازدۇر- كۆپتۇر ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ.  ھاياسىزلىق، ئىپپەتنىڭ قىممىتىنى بەك ئەرزان قىلىۋېتىشتىن ئىبارەت ھالەتنى ئەقلى بار ئادەم كۆزىنى يۇمۇۋالماي ئېتىراپ قىلىدۇ.  ئىپپەت دىسە قىزلار ئەمەس، ئوغۇل بالىلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
مۇھىتىمىزدىكى بۇزۇقلۇقنىڭ ھەممىسى مۇشۇ مۇھىتتىكى كىشىلەر گۇنا ئىشلارنى ئېغىر بىلمەي سادىر قىلىشلىرىنىڭ ۋاقىت جۇغلانمىسىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
ھەر بىر كىشى ئۆزىگە ۋە جەمىيەتكە مەسئۇل بولىشى كېرەك. ئۆزىگە مەسئۇل بولغانلىق، يەنە كېلىپ جەمىيەتكىمۇ مەسئۇل بولغانلىق بولىدۇ. جەمىيەتكە مەسئۇل بولۇش بىلەن ئىش قىلىشنىڭ ئۆزى يەنە ئۆزىگە مەسئۇل بولغانلىق بولىدۇ. چۈنكى ھەر بىر كىشى شۇ جەمىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى.
جەمىيەتتىكى ھادىسلەرنى تەھلىل قىلغانلاردا ، ئۇنىڭ مۇھىتتىكى كىشىلەرگە بېرىدىغان تەسىرلىرىنى تەھلىل قىلغاندا، بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنى كۆرۈپ، مىكرو ھالەتكىلا كۆز تىكىۋالماي، يەنە ماكرو جەھەتتىكى رولىنىمۇ كۆرۈش لازىم.
بىر گۈزەل ئىناق جەمىيەت قانداق بەرپا بولىدۇ؟
ھەر بىر شەخىس، شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىش بىلەن گۈزەل بىر جەمىيەت تەربىيەسى مۇھىتى بەرپا بولىدۇ.
ئاللاھ شەيتاننى جازالاشقا ئالدىرىماي، قىيامەتكە قالدۇرۇپ قۇيۇشى، ئاللاھنىى تونۇيدىغان كىشىلەرگە نىسبتەتەن شەيتاننىڭ ئازدۇرالماسلىقىنىڭ گېپىنى قىلىپتۇ. بۇنى يەنە ئاددىيلا قىلىپ دىموكراتىيە شۇ يەردىمۇ تۇرسا، ئېزىش ئازماسلىق ھەممە كىشىنىڭ ئۆزىدە، باشقىلارنى ئەيىپلەش دۇرۇس ئەمەس دىگەندەك يەكۈنلەپتۇ.
مەن سىلەرگە يەنە بىر تەرەپنىمۇ دەپ بېرەي: ئويلاپ كورۇڭلار
ئاللاھ ئادەمنى جەننەتتىن چۈشۈرگەندە، شەيتاننىڭ قىيامەتكىچە دۈشمەن ئىنكەلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ دامىغا چۈشمەسلىكنى بىلدۈرۈپ قويغان. يەنە كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ ئۈممەتلىرىگە  ھەقنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن.  مۇھەممەد ئەلەيھىسسلام(س ئە ۋ)نى پەيغەمبەر قىلىپ ، كىتاپ نازىل قىلىپ ئەۋەتىپ، ئۈممەتلىرىنى ھەققە دەۋەت قىلىشقا ئەۋەتتى.  مۇسۇلمانلارغا  شەرىئەت بىلىملىرىنى بىلدۈرۈپ، ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان يولدا مېڭىشقا چاقىرىش، ھەم دوزاق ئازابىغا دۇچار قىلىدىغان گۇنالاردىن بىر-بىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشنى   بۇيرىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بىزگە جەننەتتىن خۇش-خىەۋەر بەرگۈچى(قانداق كىشى جەننەتتە مەڭگۇ قالىدۇ) ھەم دوزاقتىن ئاگاھلاندۇرغۇىچى(ئادەملەر نىمە ئىشلارنى قىلىش بىلەن دەزىخى بولىدۇ).
مۇسۇلمانلار جامەسى كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، ياماندىن توساش، ئاگازلاندۇرۇشقا تاللانغان كىشىلەردۇر.
چۈنكى، ئىنسان مۇھىتنىڭ تەسىرىدە چوڭ بولىدىغان مەخلۇق.  شۇڭا، ئىنساننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا يامان تەسىر ئالدىغان ئىشلارنى چەكلەشكە بۇيرىدى. گۇنالارنى چەكلەشكا بۇيرىدى. ھەركەت بىلەن چەكلەشكە قادىر بۇلالىغاندا ھەركەت بىلەن چەكلەش، ئۇنىڭغا قادىر بولمىسا تىلى بىلەن نەسىھەت قىلىپ چەكلەش، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بۇلالمىسا دىلىدا بولىسمۇ چەكلەشكە بۇيرۇلدۇق.
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
"سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائەت بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر " [سۈرە ئال ئىمران -104-ئايەت]
 
 

يەنە، نىمىلەرنىڭ ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكى، نىمىلەرنىڭ ئاللاھ يامان كۆرىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى ئۈگىنىش، ۋە بىر-بىرىمىزگە بىلدۈرۈشكە بۇيرۇلدۇق. 
كۆپ جەھەتلەردە مەينەتلىشىپ كەتكەن مۇھىتتا، قايسى ئىشلار ھارام، قايسى يىمەك -ئىچمەك ھارام دىگەنلەرنى بىر-بىرىگە ئەسكەرتىپ قۇيۇش بىر مۇسۇلمانغا بۇيرۇلغان ئىش.  ھەمدە شۇنى بۇرۇن بىلمەي دىققەت قىلىۋالماي قالغان مۇسۇلمانلار بولسا، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، شۇنى يەتكۈزگەن كىشىگە ئاللاھدىن رەھمەت تىلەپ، خوش بولۇشنىڭ ئورنىغا، تۇتقان پوزىتسىيەلەرنى ئاللاھنىڭ تارازىسىغا سېلىپ بېقىڭلار "مۇسۇلمان" بولساڭلار.
مەن يۇقۇرىدا ، ئادەمنىڭ مۇھىت تەسىرى ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ قويدۇم. مۇھىتنى مەينەت قىلىۋېتىپ، كىم ساڭا مەينەتنى تېڭىپتۇ؟ دىيىش مۇتىھەملىك بولىدۇ.  شايتان ھېچكىمنى مۇجبۇرى ئازدۇرمايدۇ، بىلىندۈرمەي ئازدۇرىدۇ.  شەيتاننى ئەييىپلەيمىز. ھەر ئىشتا ئازدۇرۇش، ئېزىش مۇناسىۋىتىدە ئازغۇچىمۇ، ئازدۇرغۇچىمۇ ئەىيىپلنىدۇ. شەيتاننىڭ جازالىنىشىنى قىيامەتكە قالدۇردى.  شەيتانغا ئالدىنىپ باشقىلارنىمۇ ئالدايدىغان كىشىلەرنى ئەيىپلەيمىز. بۇنىڭدىمۇ ئازغۇچى ۋە ئازدۇرغۇچى ئىكىسىلى ئەيىپلىك. گۇدەكلەرگە نىسبەتەن ئازدۇرغۇچىنى بەكرەك ئەيىپلەيمىز.  بىز كىشىنى ئالداپ بولۇپ، كىم سېنى ئالدانسۇن دەپتۇ؟ ئەقلىڭنى ئىشلەتسەڭ بولمامدۇ؟ دىيىش مۇتىھەملىك.
  يىغىپ ئېيتقاندا، باشقىلارغا ھارام نەرسىلەرنى بىلدۈرۈپ ئاگاھلاندۇرۇپ قۇيۇش مۇسۇلماننىڭ بۇرچى. بىز شۇنداق قىلغانلارغا رەھمەت ئېيتىمىز. ئاللاھ شۇنداق قىلغانلارغا رەھمەت قىلسۇن.  يەنە شۇ خىل ھاراملاردىن چەكلىنىشكە دىققەت قىلغانلاردىن خوش بولىمىز.
مەن كاللامدىكىنى چۈنىشلىك قىلىپ ئىپادىلەشكە ئاجىز كېلىدىكەنمەن. شۇنداق بولسىمۇ يۇقۇرقى گەپلەرنى ياخشىراق ئوقۇپ تەھلىل قىلىپ كۆرۈڭ.  بەلكىم سىزلەر دىققەت قىلماي قالغان بىر تەرەپلەرمۇ باردۇ.  مەيلى دىنىمزدا بولسۇن، مەيلى جەمىيەتشۇناسلار بولسۇن، مەيلى مائارىپچىلار ، سىياسىيونلار بولسۇن، ئادەملەرنىڭ يېتىلىپ چىقىشىدا جەمىيەت تەربىيە رولىنى ئالاھىدە ئېتىۋارغا ئېلىپ ئېتىراپ قىلىدۇ. 
لەدىي گا گا،فېيجۇلىيۇ ۋە شۇ قاتاردىكى ئەخلاقنى چىرىتقۇچى سەنئەت ئەخلەتلىرى   يېتىۋاتقان كىشىلەرگە قانداق تەسىر بېرىدىغنالىقى، شۇنداق نەرسىلەرنىڭ مۇھىتى جۇغلانمىسىنىڭ نەتىجىسىدە جەمىيەتكە قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقىنى، يېقىننى ئەمەس، پۈتۈن جەمىيەتنى ھەممە كىشىنىڭ بىر-بىرىگە تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ياخشىراق تەھلىل قىلىپ كۆرۈڭ.
 سىزنىڭ ھەر بىر ھەركىتىڭىزمۇ، ھەر بىر سۆزىڭىزمۇ، شۇنىڭغا داخىل بولغۇچىلارغا نىسبەتەن جەمىيەت تەربىيەسىنىڭ بىر زەررىچە بولسىمۇ، ھۈجەيرىسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلەيسىز.
سەنئەت، دىمەك ئەسلى ئىلغارلىق دىمەك ئىدى.  ئەمما دىققەت قىلىنمىسا قالاقلىققا يىتەكلەش رولىمۇ بار.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم:  كىشىلەرنى قەستەن ئازدۇرماقچى بولغانلار دۈشمەن. (ئەقلىڭ بولسا ئازمىساڭمامدۇ؟ دىمەيلى)
ھەر بىرى جەمىيەتتە باشقىلارغا تەسىر قىلغۇچى.( كىم سېنى يامان تەسىرنى قۇبۇل قىلسۇن دەپتۇ؟ دىمەيلى، كىشىلەر ياخشى يامانىڭ ھەممىسىنى بىلىپ بۇلالمايدۇ، ياماننىمۇ ياخشى ، نورمال دەپ قۇبۇل قىلۋېلىپ يەنە باشقىلارغىمۇ شۇنى ئۈگىتىدۇ)
[ بۇ يازمىنىilimدە2012-01-04 11:03قايتا تەھرىرلىدى ]
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-01-04 01:18 |
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 220
شۆھرەت: 1422 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1426 سوم
تۆھپە: 793 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 800 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 215(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پاسصق مؤهصت ،پاسصقلارنص تةربصيةلةيدذ!.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-04 12:13 |
bahdaxohli
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 580
شۆھرەت: 3157 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3174 سوم
تۆھپە: 1855 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1887 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 230(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پاسىق مۇھىت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-04 17:53 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەرمىلەر