ھۆرمەتلىك مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار ،ئالدى بىلەن مۇنبەر ئۈچۈن ئۈن -تىنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان ھارماس قوللىرىڭىزلارغا تېنچ-ئامانلىق ، بەرىكەت تىلەيمەن !
مەن<<پۇلنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى>> ۋە<< ئەپۇ قىلىشتىكى تۆت قەدەم >> قاتارلىق ئىككى تېمىنى باغداش تورىغا يوللىغان ئىدىم ، ( گەرچە ، ماتىرىيالدىن يوللىغان بولساممۇ ، ھەرپمۇ-ھەرپ ئۇرۇپ ، خېلى ئەمگەك ، ئەجىر قىلغان ئىدىم ) لېكىن باشقا بىرلىرى ، بۇ << ئەپۇ قىلىشتىكى تۆت قەدەم >> دېگەن تېمىنى ساغلاملىق بىلىملىرى مۇنبىرىگە ، << پۇلنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى >> دېگەن تېمىنى مىسىرانىم مۇنبىرىگە مۇشۇ مۇنبەردىن كۆچۈرۈپ يوللاپتۇ ، لېكىن ، باغداش مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈپ يوللىغانلىقىنى قىلچە ئەسكەرتىپمۇ قويماپتۇ ، بۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى توغرىمۇ ؟
<<پۇلنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى >> _ مىسىرانىم مۇنبىرى _ يوللىغۇچى
wenas: كەن . يوللىغان ۋاقتى :
يوللىغان ۋاقتى 3 سائەت ئالدىدا << ئەپۇ قىلشتىكى تۆت قەدەم >> - ساغلاملىق بىلىملىرى _ يوللىغۇچى:
سەرسان ئىكەن .
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:15 يۇقىرىقى تېمىلار مېنىڭ 10يىل ئىلگىرىكى كىتاب ئوقۇش خاتىرەمدىن ئېلىنغان ئىدى .
بۇلارنىغۇ مەيلى دەي ، ئەتە - ئۆگۈن ئىجادى ئەسەرلىرىمنىمۇ باشقا مۇنبەرلەرگە ئۆزىنىڭ نامىدا يوللىۋالسا، ماڭا ئۇۋال بولۇپ قالمامدۇ ؟
باغداش مۇنبىرىنىڭ تېمىلىرىنى باشقا مۇنبەرلەرگە خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئاپارسىمۇ ، چوقۇم يوللىغۇچىنى ۋە مۇنبەر نامىنى ئەسكەرتىشى كېرەكتە ...
ماڭا مۇشۇ ھەقتە بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىزلار !