ياغاق يۈزلۈك، كوتۇلداق مومام،
دوقمۇشۇمنىڭ دوڭغاق جىگدىسى.
بىر نەرسىنى ساقلاۋاتىدۇ،
ئېخ، مىھىرلىك چېقىر ئۈجمەمنى
شىرت- شىرت قىلغان يۈچۈن ئاۋازدا،
تۇرمۇش چىدىماي ئاقلاۋاتىدۇ
تۇرمۇشنىڭ تولغىقىدا قاق بولغان مومام،
موھتاجلىق ھاۋۇسىغا چاق بولغان مومام .
بالا ، مەھەللە، مۇھاببەتنى دەپ
يىللارنىڭ زەربىسىدە ساق تۇرغان مومام.
ئوتۇندەك چاراسلاپ كۆيىۋاتقان مومام،
تۇرمۇشنى ھەر دائىم قايناتسام دەيدۇ،
يۆگىمەچتەك ئۆسكەن بالىلىرىنى،
دەرت تارتقۇزماي ئايناتسام دەيدۇ.
مومامنىڭ تىكىنى بار سانجىلمايدۇ،
سانجىيمەن دەپ تۇرۇپ ئۆزىگە سانجىيدۇ.
قانات چىقىرىپ ئۇچىمەن دىسە،
ۋاقىت ئۇنىڭدىن نىمانچە رەنجىيدۇ؟
موما سېنى كېپىنەك دىدىم ، رەنجىمىگىن،
سەن بۇۋامنىڭ بېغىغىلا قارانچۇقمۇ؟
رەڭ چىقىرىپ پىلىلداپ بىر ئۇچۇپ باقە،
دەپ بېقىڭلار ئۇلۇغ مومام ياسانچۇقمۇ؟
مومامنىڭ چىشى كاماك، تىلى چىقتى،
يانچۇقىغا موھتاجلىقنى پۇرلەپ تىقتى.
ئۇ بارىنى بارمىقىدا چىمدىپ تۇرۇپ ،
ھەشەمەتنىڭ كارنىيىنى مىجىپ سىقتى.
چەكسىزلىككە سىڭىپ كېتەر مومام روھى،
كېپىنەك بولوپ ئايلىنىدۇ مەھەللەمنى.
كۆز يېشىدا پىشانەمگە سۆيۈپ قويۇپ،
چاندۇرماستىن يۈدۈپ كېتەر غەملىرىمنى.
سۈپسۈزۈك كېپىنەكلەر پىلدىرلايدۇ،
جان مومامنىڭ قولىقىغا شىۋىرلايدۇ.
توي كۆڭلىكى قانات بولوپ يېيىلغاندا ،
چۈشلىرىمنىڭ ئاسمىنىدا جىمىرلايدۇ.
قۇياش كىرىپ كۆز قىسقاندا دەرىزەمدىن،
كېپىنەك بولوپ چىقىپ كەتتى مومام روھى.
مەھەللەمنى ئويغاتماستىن كەتكىنىدىن،
يىراق يەردىن چاقىرىپتۇ بۇۋام ئۇنى.
مەنبە : ئۆز قەلىمىم سەھرايى كۆلبەم : غۇلجا ___ توققۇزتارا