saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 6937 قېتىم كۆرۈلدى
svzvk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5655
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 60 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 75 سوم
تۆھپە: 31 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 31 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قومۇلغا ئىچكىرلەش

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-02-07)
قومۇلغا ئىچكىرلەش

ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، رەسۇلۇللاھنىڭ ‹ئى ئاللاھ!مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئەتىگەنكى ۋاقىتلېرىغا بەرىكەت بەرگىن›دىگەن دۇئاسىنىڭ خاسىيتىنى كۆزلەپ ،بەشەيلەن 14-يانىۋار ئەتتىگەندە سائەت 7دە تارىخى شانلىق ماكان - قومۇلغا  ساياھەتكە ئاتلاندۇق،‹بىر ئادەم پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھو ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ساياھەتكە رۇخسەت قىلىشنى سورىغاندا، ئۇ مۇبارەك زات«ئۈممىتىمنىڭ ساياھەت قىلىشى جىھاد قىلغان بىلەن ئوخشاشتۇر» دىگەن، ئەبۇ داۋۇد،بەيھەقى ۋە ھاكىملار توپلىغان›...بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ مەقسىتىمۇ  چىڭقاپ تۇرغان نېرۋىمىزنى بوشۇتۇش، ئىلغار پىكىرلىك دوستلارنى زىيارەت قىلىش، تۇختام سۇدەك بىخسىپ تۇرغان پىكىرلېرىمىزنى زەرەتلەپ يېڭى ئىلھام ۋە تۇيغۇلار ئېلىش ،يېڭىلىق كۆرۈش ۋە ھېس قىلىش ئىدى...
 ھاۋامۇ ،دىللارمۇ ئوچۇق ئىدى، يولدا كۈلكە-چاقچاق،تالاش-تارتىش ،ئىلمى مۇنازىرىلەر بىلەن يول ئازابى ۋە يىراقلىقى بىلىنمىدى، چۈنكى بىزدە پىكىر ئوخشاشلىقى،ئەقىدە ئورتاقلىقى بار ئىدى، كەڭرى كەتكەن دالا،تاغلار، يىلاندەك سوزۇلغان يوللار ھەر بىرىمىزنى خىيال ۋە يېڭىلىق قاينىمىغا شۇڭغۇتاتتى...
ئالاھەزەل چۈش سائەت 11دىن ئاشقاندا شەھەر ئىچىگە كىردۇق،قۇرساقلامۇ ئېچىپ قالغانىدى، پاكىزرەك تاماق يەپ ھاردۇق ئېلىش مەقسىتىدە ‹ شۈبھىلىك ياكى ھارام نەرسە بىر لوقما ئىستىمال قىلىنسا 40 كۈنلۈك ئىبادەت مەقبۇل ئەمەس›دىگەن ھۆكۈمدىن ئەنسىرىشىپ، قۇمۇللۇق دوستىمىز ئۆمەرجانغا تېلفۇن قىلدۇق.
«بىرىڭلارنى بۇيرۇڭلار، بۇ تەڭگىلەرنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، كىمنىڭ تامىقى پاكىز بولسا، ئۇنىڭدىن سىلەرگە سېتىۋىلىپ ئېلىپ كەلسۇن –سۈرە كەھف19-ئايەتنىڭ بىر قىسمى »
ئۈمەرجان كورلىدا ئىدى، شۇڭا ئالدىمىزغا چىقىپ خىزمىتىمىزنى قىلالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ ، بىزگە شۈبھىدىن خالى، مۇسۇلمانچە تائامنىڭ ‹ پاكىزە ۋە ھالال بۇلۇش›تەك ئىككى پىرىنسىپىنى تولۇق قانائەتلەندۈرەلەيدىغان بىر ئاشخانىنىڭ ئادرىسىنى دەب بەردى، نۇرغۇن مېزىلىك پۇراق تارقىتىپ تۇرغان،ئىشىك ئالدىغا تىزىۋەتكەن تائاملېرىنىڭ رەڭگى ئادەمنىڭ ئىشتىھا-ھەۋەسلېرىنى قوزغايدىغان ئاشخانىلەرنىڭ ئالدىدىن كېسىپ ئۆتۈپ شەھەرنىڭ  چېتىگىرەك جايلاشقان ئاشخانىگە يېتىپ كەلدۇق...
قۇرساقنى ئوبدان ئەستەرلىۋىلىپ تۇرۇشىمىزغا خۇجايىن پەيدا بولدى،مۇھەممەد ئىسىملىك بۇ كىشى سۆزمەن ۋە بىلىملىك كىشىدەك تۇراتتى، ئۇنىڭ ئوچۇق مىجەزىنىڭ تەسىرىدە  ئارىمىزدىكى تارتىنىش دىگەنلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ،خۇددى ئۇزۇن يىللىق ئاغىنىلەردەك كەڭتاشا پاراڭلاشتۇق .
-كەلگىنىڭلار ياخشى بوپتۇ، ئۆزئارا ئۈگۈنۈش ۋە زىيارەت قىلىش تۇلىمۇ ياخشى خىسلەتتۇر، بۇ ئارقىلىق بىز ھېس قىلمىغاننى سىلەر بىلىسىلەر ،سىلەرنىڭ ئىنكاس-تەلەپلېرىڭلار ئارقىلىق بىز تۈزىتىمىز ۋە پىكىر ئالماشتۇرىمىز، سوغۇق ۋە جاپادىن قورىقماي كەلگىنىڭلارغا مەرھابا!قولدىن كېلىشىچە خىزمىتىڭلاردا بۇلىمىز!-دىدى مۇھەممەد ئەپەندى مەقسىدىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن.
-ئاۋال پاكىزرەك مېھمانخانە بولسا ئورۇنلىشۋېلىپ ،ئاندىن سەمى ئەپەندىم بىلەن كۆرۈشسەك دىگەن ئۈمىدتە بىز-دىدۇق بىز پىلانمىزنى ئاشكارىلاپ.
-ۋاھ! كەڭتاشا ئۆيلېرىمىز تۇرسا مېھمانخانىگە چۈشمەكچىمۇ؟ قەتئى بولمايدۇ،مۇسۇلماندارچىلىققىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس!-دىدى ئۇ كېسىپلا-مېھمانخانىغۇ قۇلايلىق ،ئازادە ۋە ئەپلىك،ئەمما شەرىئەت نۇقتىسىدىن ۋە دوسىتلۇق نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ  تازا قاملاشمىغان پىلان بۇپتۇ، مېھمانلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشنىڭ ئەجىر-ساۋابى ھەققىدە نۇرغۇن ھەدىسلەر باردۇر، سىلەر بىز بىلەن مۇڭدىشىشقا، پىكىرلىشىشقا ئاتاتيىن كەلگەندىكىن  ئۆيلېرىمىزدە قونۇپ، كەڭتاشا سۆھبەتلەشسەك تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ؟
بىز سەل خىجىل بۇلۇپ ‹ماقۇل› بولدۇق، ئۇ گەپ ئارلىقىدا  قومۇلدىكى بىر قىسىم ئاشخانىلەر ۋە قاسساپ-تىجارەتچىلەر پايدىنى كۆزلەپ ،ئىچكىرىدىن ئەرزان پۇللۇق كال-قوي گۆشلېرىنى كەلتۈرۋاتقانلىقنى، بۇ گۆشلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى، بۇغۇزلىنىش-سويۇلۇش جەھەتتە شەرىئەت  ئۆلچەملېرىگە توشۇش-توشماسلىقى قاراڭغۇ ئىكەنلىكىنى،شۇڭا ئېھتىيات قىلماق لازىملىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى...تۇغرا ، يىمەك-ئىچمەك ساھەسى قاتتىق بۇلغۇنىۋاتقان، ھالاللىق ئۆلچىمىنى كىشىلەر خالىغانچە سۈيىستىمال قىلىپ ،ئەقلىمىزنى ۋە گېلىمىزنى تۇغرىراقى دىلىمىز ۋە دىنمىزنى بۇلغاۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە...پاكىزلىق ۋە ھالال-ھارام مەسلىسىنى ئايرىش ھەممىمىزگە پەرزئەيىن(ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزى ئورۇندىماق شەرت)بولۇپ قالغان مۇشۇ كۈنلەردە...ئىلغىمىساق چاتاق چىقاتتى، بايقىماي يىيىش ئەقىلنىمۇ ،تەننىمۇ ،روھنىمۇ ،ئىماننىمۇ كاردىن چىقىراتتى...
بىز  مۇھەممەد ئەپەندى بىلەن خوشلىشىپ ، سەمى ئەپەندىم بىلەن كۆرۈشۈشكە كەتتۇق، تېلفۇندا دىيىشكەن ئورۇندا ئورۇق ۋە مۇلايىم،ئىگىز بويلۇق، بىز بىلەن تەڭدىمەتلىك بىرى بىزنى ساقلاپ تۇراتتى، قىزغىن كۆرۈشتۇق ۋە ئوز-ئارا تونۇشلۇق بەردۇق،ئۇنىڭ يول باشلىشى بىلەن 5-قەۋەتكە جايلاشقان ئۆيىگە قەدەم تەشرىپ قىلدۇق ، دۇئادىن كېيىن ئاددى ئەمما مەنىلىك سۆھبەتكە كىرىپلا كەتتۇق، سەمى ئەپەندىمنىڭ مىللەت،دىنىمىز ۋە كىملىكىمىز ھەققىدىكى قىسقىچە بايانلېرىدىن ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ خېلى چوڭقۇرلاپ قالغانلىقىنى،توغرا يول ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇلىمۇ سۈيۈندۇق....
« باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، اﷲنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) اﷲ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، اﷲنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.-سۈرە رۇم 30-ئايەت»
سۆھبەت ئارىسىدا كىشىلەرنىڭ  دۇنيا قارىشى،ئەھمىيەتلىك ياشاش تۇغرىسىدا، بىزنىڭ يۇرتىمىز ۋە قۇمۇل ھەققىدە  سېلىشتۇرۇلما بولۇپ ئۆتتى،سەمى ئەپەندىم دىيارىدىكى ئۆگۈنۈش-ئىلىم ئىلىش قىزغىنلىقى ھەققىدە «ئاڭلىسام بەزى مۇمايلار چېغىدا ‹ئىلىم ئۈگۈنۈش پەرز ئىكەن، بىلمەپتىمىز، قۇرئاننى تەجۋىدلىك ئوقۇشمۇ پەرز ئەييىن قاتارىدىكى ئەمەل ئىكەن، راۋان قۇرئان ئوقۇغانغا بىر ئەجىر بولسا ھەجىلەپ ،قىينىلىپ ئوقۇغانغا ئىككى ئەقىر بېرىلىدىكەن،ئۈگەنمىسەك بولماپتۇ...›دىيىشىپ بەس-بەستە ئۈگۈنۈشكە كىرىشىپتۇ،مەنمۇ ئاڭلاپ تەسىرلەندىم،  روھىمدا سىلكىنىش بولدى»دەپ قىستۇرۇپ ئۆتتى.
«بىلىڭلاركى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئويۇندىن، (كىشىنى ئاخىرەتتە غەپلەتتە قالدۇرىدىغان) مەشغۇلاتتىن، زىبۇزىننەتتىن، ئۆزئارا پەخىرلىنىشتىن، پۇل- مال، پەرزەنت كۆپەيتىپ پەخىرلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، (بىرەر يېغىش بىلەن ئۆستۈرگەن) ئۆسۈملۈكى دېھقانلارنى خۇرسەن قىلغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ ئۈسۈملۈك قۇرۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرىسەن، ئاندىن ئۇ يەنچىلگەن چۆپكە ئايلىنىدۇ. ئاخىرەتتە (كۇففارلار ئۈچۈن) قاتتىق ئازاب بار، (ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن) اﷲنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار، دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ( غاپىل ئادەم)  ئالدىنىدىغان بەھرىمەن بولۇشتۇر .سۈرە ھەدىد 20-ئايەت»
تۇيۇقسىز تەكچىگە تىزىقلىق تۇرغان ھارۋىغا ئوخشاش نەرسىنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالدۇق:
-بۇ تاۋۇتنىڭ مودىلى – دىدى سەمى ئەپەندىم  چۈشەنچە بېرىپ–بىر خارەت (ياغاچچى )قېرىندىشىمىز بار ئىدى، ئاتايىن ئۆزۈمگە ئاگاھلاندۇرۇرش بېرىش مەقسىتىدە ياساتتىم!
قەلبىم لەرزىگە كەلدى. ھېسىياتىم ئۆركەشلەپ، كۆز ئالدىمغا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن ،ئۆلگەندىن كېيىن  قۇلىنى تاۋۇتتىن چىقىرىپ قويۇشقا بۇيرۇغانلىقى كەلدى، قايسى كۈنى توردىن كۆرگەن «ئوسمان ئىمپىرىيسى پادىشاھلىرىنىڭ ۋە ئالىملىرىنىڭ بىشىغا ئورىۋالغان سەللىسى ئۆزىنىڭ كىپىنىدىن ئىبارەت بۇلۇپ،دائىم ئۈلۈمنى ئويلاپ تۇرۇپ بىر ئىشلارغا قارار بىرىدىكەن،ۋاپات بولغاندىن كىيىن بىشىدىكى سەللىسى ئۆزىنىڭ كىپەنلىكى بۇلىدىكەن» دىگەن ئۇچۇر كاللامنى غىدىقلاشقا باشلىدى، سەمى ئەپەندىمنىڭ قەلبىمدىكى ھۆرمىتى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى، ئۇنىڭ ياپ-ياش تۇرۇپلا ئۈلۈم ۋە ھايات ھەققىدە ئېنىق بىر چۈشەنچىگە كېلىپ، ئۆمرىنى مەنىلىك ۋە پاكىزلىق بىلەن ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلىشى، ئۆز ئۆزىنى غەپلەتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرالىشى،ھوشيار –سەگەك ھالەتتە ئۆزىنىڭ نىشانىنى بويلاپ ھەر بىر مىنۇت-سىكۇنت ۋاقتىنى قەدىرلەشكە ئەمەلى ھەركىتى بىلەن ئاتلانغانلىقىغا بىز ھەقىقەتەن قايىل بولدۇق...
«ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا- سېتىق ئۇلارنى اﷲنى زىكرى قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ، ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدىن قورقىدۇ).-سۈرە نۇر 37-ئايەت»
بۈشۈك ۋە تاۋۇت، تاۋۇت ۋە بۈشۈك چەمبىرەكتەك ئايلىنىپ تۇراتتى،ئىككىلىسى ياغاچتىن ئىدى،بىرى ھاياتلىق ئۈچۈن بولسا بىرى ماماتلىق ئۈچۈن ئىدى،ھەر ئىككىسىگە نۇرغۇن كىشىلەر گۇۋاھ ۋە ھازىر ئىدى، بىرى خۇشاللىق بولسا بىرى قايغۇ ئىدى ،ئەمما ئىككىلىسى ھەقىقەت ئىدى، ئۆلمەك ھەق-تىرىلمەك ھەق... تۇغۇلۇش-بويسۇنۇشتىن دىرەك بېرەتتى، ئۆزىنى تونۇپ  بويسۇنغۇچى –ئۇ مۇسۇلمان ئىدى، ئاللاھنىڭ ھالال-ھارام ئاتلىق چىگرالېرىغا قاتتىق دىققەت قىلىپ، ئۆمرىنى ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ چاقىرىق-نەسىھەتلېرىگە ئەمەل قىلىپ،بويسۇنۇپ ،خاتىرجەم ۋە گۈزەل ياشاپ ،قەبزى روھ قىلىنغاندىن كېيىنمۇ يۈزلېرى ئاپپاق ،قەلبى خاتىرجەم،خۇشال ھالدا ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشاتتى،بۇ ئۇنىڭ غەلبىسى ۋە ئىككى ئالەملىك مۇكاپاتى ئىدى...
ئەمما ئىسيانكار،ھەددىدىن ئاشقۇچى،قۇلاقلېرى ھەقتىن گاس،كۆزلېرى ھەقتىن كور، دىللېرى قارىيىپ كەتكۈچى تەكەببۇر ئىنسانلار بولسا  بۇيسۇنمايىتتى، خۇددى پەرىشتىلەرگە مۇئەللىم بولغان لەنەتگەردى ئازازۇل شەيتان  تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغاندەك ،ئاسمانلارنى تېشىۋەتكۈدەك گېدىيىپ،يەرنى تېشىۋېتىدىغاندەك دەسسەپ ،چاھارپايلاردەك قورسىقى ۋە سېسىق جىسمىنڭ راھىتى ئۈچۈن ياشايتتى...
 «سىلەرنىڭ اﷲنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقىنىڭلار پەقەت سىلەر ئۆزەڭلار ۋە ئاتا- بوۋاڭلار ئاتىۋالغان (بۇتلارنىڭ ۋە غەيرىينىڭ) ناملىرىدىنلا ئىبارەت، اﷲ (ئۇلارنىڭ اﷲنىڭ شېرىكى بولۇشى توغرسىدا) ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرگىنى يوق، ئىبادەت ۋە دىن بارىسىدىكى بارچە ھۆكۈملەر پەقەت اﷲغىلا مەنسۈپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن كىشلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ-سۈرە يۈسۈپ 40-ئايەت»
ئازغۇن كۆڭلىنىڭ ئارامى ئۈچۈن تىنىم تاپماي پالاقشىپ ،ئاللاھ بەرگەن بۈيۈك گۈھەر-سالامەتلىكنى ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئۇپرىتىپ تۈگۈتەتتى...
«ئۇلار ھاياتىي دۇنيانىڭ تاشقى كۆرۈنىشىنىلا بىلىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتىن (يەنى ئاخىرەت ئىشلىرىدا ئويلىنىشتىن ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن ئىشلەشتىن) غەپلەتتىدۇر. سۈرە رۇم 7-ئايەت»
ئۇلارنىڭ ئەيشى –ئىشرەتلىك ھاياتى تۈگىگەندە بولسا ،ئۆلۈمگە تۇغرا يۈزلىنەلمەي،ئارمان،ھەسرەت-نادامەتلەر بىلەن سەكراتقا چۈشەتتى، جانلېرى تۇلىمۇ قاتتىق چىقاتتى، يۈزلېرى قارا،كۆزلېرى كۈپكۈك، سېسىق تەرلېرىگە چۈمۈلگەن ،نامە-ئەئمالى سول قولىغا تۇتقۇزۇقلۇق ،تۇلىمۇ ئېغىر ئازاب چەككەن ھالەتتە ئاللاھقا ئۇچرىشاتتى، ئاللاھ بۇ بىچارە ئىنسانلارغا رەھمەت نەزەرى بىلەن قاراپمۇ قويماي، رەھىم –شەپقەتنى بىلمەيدىغان پەرىشتىلەرگە قاتتىق ئازاپلاشقا ،جەھەننەمدە مەڭگۈ قالدۇرۇشقا بۇيرۇق بېرەتتى...
بىر ئىمام جامائەتتىن سورىدى:نامازسىز ئەزان ۋە ئەزانسىز ناماز نمىدۇر؟
جامائەت زۇۋان سۈرەلمەي قالدى، ياشقىنە بىر يىگىت ئىجازەت سورىغاندىن كېيىن  دىدى:
-بۇۋاق يېڭى توغۇلغاندا ئوڭ قۇلاققا ئەزان ،سول قۇلاققا تەكبىر ئوقۇلىدۇ، ئەمما بۇ ئەزانغا ناماز يوقتۇر. مۇسۇلمان ئۆلگەندىن كېيىن مىيىت نامىزى چۈشۈرۈلدۇ،ئەمما بۇ نامازغا ئەزان ئېيتىلماس!
ئىمام بۇ يىگىتنىڭ ئەقىلىگە ئاپىرىن ئوقۇپ،خەيرلىك دۇئا قىلدى ، جامائەت بىر ئىلىمگە ئىگە بولدى....
ئىنسان ئەقلى بىلەن ھەقنى تونۇسا ۋە بويسۇنسا ئەلۋەتتە سائادەتمەنلەردىن بولغۇسى، ھەققە بويسۇنغۇچى ھەر دائىم ئۆزىنىڭ ھاياتى ئۈستىدە ۋە ئۆلگەندىن كېيىنكى ھالىتى ئۈستىدە كۆپرەك تەپەككۈر قىلسا كېرەك...خۇددى مۇنۇ قېرىندىشىمىزدەك!
ھەر -ھەر سالاپەتلىك، چوڭ سەللىلىك ،ئاقساقال كىشىلېرىمىز بار، ئىبادەتلېرى نىشان مەقسەتسىز، مەنىسىنى بىلمىگەن ھالەتتە بىخۇتلۇق ئىلكىدە ئىدى، ئۇلارنىڭ ئېيتقان ئىمانى بۇغۇزىدىن نېرىسىغا ئۆتمىگندەكلا ئىدى،قارىسىڭىز نامازدا بار ،مەسچىتتىن چىقسىلا گۇناھى كەبىرىدە ۋە ياكى بىدئەتچىلىكلەردە ھەم بار ...
«كىشىلەر ئارىسىدا اﷲغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار، ھەقىقەتەن ئۇلار ئىشەنمەيدۇ (يەنى ئاغزىدا ئىشەندۇق دېگىنى بىلەن، كۆڭلىدە ئىشەنمەيدۇ)-سۈرە بەقەرە 8-ئايەت»
« شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ-سۈرە مائۇن4-5-ئايەت»
گەرچە ھەر تۈرلۈك كىسەللىكلەر ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ، چامى يەتسىلا نەپسى-راھىتى ئۈچۈن ھەر گۇناھلاردىن ئۆزىنى تارتالمايۋاتاتتى:
«شۈبھسىزكى، اﷲنىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى(ھەقنى ئاڭلىماي) گاس بولۇۋالغان،(ھەقنى سۆزلىمەي) گاچا بولۇۋالغان، (ياخشى- ياماننى پەرىق ئەتمەي) ئەقلىنى يوقاتقان كىشلەردۇر...سۈرە ئەنفال 22-ئايەت »...
ھەر -ھەر سۆلىتىنى ئات تارتالمايدىغان،چىرايلىق،پاكىز كىيىم-پاكىز جىسىملىك كىشىلېرىمىز بار،ئەمما ئۇلار ئەقىدە پاكىزلىقىدىن مەھرۇم بولغاچ  نىمىنىڭ ئىسلام،نىمىنىڭ دىن ،نىمىنىڭ قەلب ھوزۇرى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ياكى بىلىشكىمۇ قىزىقمايدىغان، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئىلاھى پەقەت ۋە پەقەت كەڭتاشا تۇرمۇش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھالىتى- خۇددى بىر خىرىستىئان ئالىمىنىڭ ‹ ھازىرقى خىرىستىئان مۇرتلېرى يەنى ئىنگىلىزلار 6 كۈن ئەنگىلىيە بانكىسىغا ئىبادەت قىلىدۇ، پەقەت بىر كۈن چېركاۋنى ئەسلېرىگە ئېلىشىدۇ...›دىگىنىگە ئوخشاپ قالىدۇ...
«دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن ، غەپلەتتىنلا ئىبارەت، تەقۋادارلىق قىلىدىغانلارئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇ دۇنيا ياخشىدۇر، (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟-سۈرە ئەنئام 32-ئايەت»
«ئۇلار (يەنى گۇناھكار كۇففارلار)نىڭ دىللىرى بۇنىڭدىن (يەنى قۇرئاندىن) غەپلەتتىدۇر، ئۇنىڭدىن (يەنى كۇفرىدىن) باشقا، ئۇلار كېلەچەكتە نۇرغۇن (يامان) ئىشلارنى قىلىدۇ.- سۈرە مۆئمىنۇن 63-ئايەت»
ماددى مەئىشەت ئۇلارنىڭ قەلبىنى چىرىتكەن، ھەقتىن يۈز ئۆرىگەن بولغاچقا ،ھاياتىنى تۇلىمۇ مەنىسىز ھېس قىلىدۇ ياكى شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ بىخۇت ھالەتتە ،ئۆزىمۇ تۇيمايلا ئۆلۈم سائەتلېرىگە كېلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئەمما ئۇ چاغدا كېچىككەن بۇلىدۇ...
 «ئاسماننى بىز بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاسماندىكى (كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارغا ئوخشاش اﷲنىڭ بارلىقىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلەردىن غەپلەتتىدۇر.-سۈرە ئەنبىيا 32-ئايەت»
سەكراتتىكى تەۋبە پىرئەۋىن دېڭىزغا غەرق بۇلۇۋاتقاندا ئېيتقان تەۋبىسىدەك ئۈنۈمسىز ۋە پايدىسىز بۇلىدۇ، بۇ بىچارە بەندىنىڭ ئازابلىق، نادامەتكە تولغان مەڭگۈلۈك ھاياتى شۇ چاغدا باشلىنىدۇ...
ئاللاھ بىزنى مەغپىرەت قىلسۇن، دىلىمىزدىكى قارىلىقنى ئاقارتسۇن،ھەقنى تىڭشاشتىن گاس قىلمىسۇن،ئىمانلىق ۋە ئەمەللىك مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن !ئامىن...
.............................................................................................................................................................................
ئەمدى يەنە سەپەر تەسىراتلېرىغا كەلسەك: بىر چاغدا ئاشخانە غوجايىنى مۇھەممەد ئەپەندى كەلدى، ئۇ كىشى تۇلىمۇ قىزغىن ۋە يومۇرىستىك كىشى ئىدى، گوڭۈر-مۇڭۈر پاراڭلار بىلەن تازا موڭدىشىپتۇق، سەمى ئەپەندىمنىڭ كىتاپلېرىنى ئاچىقتۇرۇپ، قولدىن قولغا ئېلىپ ھەۋەس بىلەن ۋاراقلاشتۇق:
-ھازىرقى چىقىۋاتقان  بەزى كىتابلار تولىمۇ ئالدىراپ يېزىلىپ قالىدىكەن، بەزى سۆز –جۈملىلەر ئېتىقادىمىزغا، دىنىمىزغا تۇلىمۇ زىت كېلىدىكەن، كىتاب يېزىۋاتقانلار  كىتابىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىدىيسىنى بۇزىدىغان،ئېتىقادىنى خاتا يۈنىلىشكە باشلايدىغان قۇرال بولۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىشى تۇلىمۇ زۈرۆر ئىكەن، بۇنداق بولۇپ قالسا تولدۇرۋالغۇسىز زىيان تارتىپ كېتىدىكەنمىز ،باشقىلارغىمۇ مۆلچەرلىگۈسىز زىيان ئېلىپ كەلگەن بۇلىدىكەن -دىدى سەمى  تۈزلا قىلىپ.
«شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ...پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، اﷲنى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ-سۈرە شۇئەرا 224-227-ئايەتلەر »
بىز ئۇنىڭ مەسئولىيەتچان،پاكىز ئەقىدىلىك، ئەستايىدىل خىسلىتىدىن يەنە بىر دەرس ئالدۇق...
قومۇلنىڭ ئەنئەنىۋى خاس تامىقى‹قومۇل ياپمىسى›نى ھوزۇرلىنىپ يىگەندىن كېيىن ، ئازادىرەك يېتىشنى مەقسەد قىلىپ،ئۆمەرجاننىڭ ئۈيىگە قاراپ ماڭدۇق، ئۇمەرجان ئاللىقاچان تېلىفۇن ئارقىلىق ئۇكىسىنى تاپىلاپ بۇپتىكەن،ئۇكىسى بىزنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇرپ خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى، بىز سەمى ئەپەندىم بىلەن كىچە سائەت بىرلەرگىچە پاراڭلىشىپ ئۇخلاپ قالدۇق، ئەتىسى سەھەردە تۆت كوچىغا جايلاشقان مەسچىتكە بامدات ئوقۇشقا باردۇق، مەسچىت تۇلىمۇ چىرايلىق سېلىنغانىدى، جامائەتلەرمۇ 10سەپ ئەتراپىدا تەخمىنەن 4-5يۈزلەرچە كىلەتتى ،كۆڭلىمىز بۇ ھالەتتىن خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى... بىزنىڭ يۇرتتكى مەسچىتلەردە بامداتقا 1-2 سەپ ئاران توشاتتى، سانىمۇ 70-80ئەتراپىدا بولاتتى، بۇ روشەن سېلىشتۇرمىدىن ئەپسۇسلاندۇق...
15-يانىۋار، ناشتىدىن كېيىن ،سەمى ۋە مۇھەممەد ئەپەندىملەرنىڭ مۇھىم ئىشلېرى بولغانلىقتىن، زەرەر يەتكۈزمەيلى دىيشىپ بۇ ئاقدىل دوستلېرىمىز بىلەن قىيالماسلىق ئىچىدە خوشلاشتۇق، تاھىرجان ئىسىملىك بىرەيلەن قارا دۈۋە يېزىسىنى كۆرگىمىز بارلىقىنى ئاڭلاپ ، بىزگە خالىس يول باشلىماقچى بولدى، دىمەك ئىشلار ئاسان ۋە راۋان بولۇۋاتقانىدى ...يول بۇيى تاھىرجاننىڭ قىزىقارلىق گەپ سۆزلېرىدىن كۈلۈشۈپ، ئاستانە ،لاپچۇق ۋە باشقا بازار-كەنىتلەرنى كېسىپ ئۆتۈپ 80كىلومىتىر  يولنى بىردەمدىلا بېسىپ تۈگەتتۇق...
قار دۈۋە بازىرىىڭ بۇرۇنقى ھالىتىنى بىلمەيدىكەنمىز ئەمماكى ھازىرقى ھالىتى خېلى زامانىۋى تۈس ئالغانىكەن، بىر غول كوچىسىنىڭ تۈزۈلۈشى گويا ئۇرۈمچى خەلقارالىق چوڭ بازىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن مودىلىغا ئوخشايدىكەن، ساپ ئۇيغۇر خەلقى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كوچىلاردىن پاكىزلىق ۋە ساددىلىق چىقىپ تۇراتتى،ئاڭلىساق  دۇكانلاردا قەتئى  ھاراق-تاماكا سالمايدىكەن، ھەممىسنىڭ دىننى ئېتىقادى كۈچلۈك، تولىمۇ ئىتتىپاق ئىكەن، بۇ يەردە قاردۇۋە تۇغرىلىق كوكتۈرۈك ئەپەندىم تورغا يوللىغان مونۇ ماتىريالنى ئەسلەتمە(قىستۇرما) قىلسام ئەيىبكە بۇيرۇماڭ:
قارادۇۋە ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە توختالغاندا بۇ يۇرتنىڭ قەۋمى سەل مۇرەككەپرەك تارىختىكى نەچچە قېتىملىق يۇرت كۆچۇش ۋە قىرغىنچىلىقتىن كىيىن ھازىرقى قارادۇۋە ئۇيغۇرلىرى شەكىللەنگەن ،تۇرپاننىڭ تەسىرى قارادۇۋە ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تىل سېستىمىسىغا تەسىر قىلىپلا قالماي خاراكتىر ئالاھىدىلىگىگىمۇ ئالاھىدە تەسىر قىلغان . تىل ئىشلىتىلىش جەھەتتە ،سەل قوپال،تۇز،ئاددى-ساددا ،تىل قاتلىمى ۋە تىلدىكى ئەگرىلىك ئاساسەن يوق،ئىنتوناتسىيە جەھەتتە ئۆزگىرىشچان ئەمەس ،سىپايە،خۇشامەت خاراكتىردىكى ئاھاڭ -تاۋۇشلىرى ئاساسەن يوق.
 قارادۆۋە ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىگى مەھەللىۋى بىردەكلىك،ۋە مەھەللىۋى كوچا مەدىنيىتى... بىر كۇنى ناتونۇش بىر مويسىپىت ئادەم ئۇچىراپ قالغان ئىدى ،مەن تونىمىغاندىكىن دەپ بېشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپ ئۆتۇپ كىتىپتىمەن :
،-ھوي ،كىمنىڭ بالىسىسەن؟-دىدى مويسىپىت.
- پالانچى ئاخۇننىڭ ....
-  ئەتىسى ئۆيگە كەلسەم ھېلقى بۇۋاي  ئۆيدە ئولتۇرۇپتۇ:
- قانداق بالا تەربىيلىدىڭ ھە؟ چوڭلارغا سالام قىلمايدىغان ،قانداق تەربىيە بۇ -ھە؟-دەپ ئاتامنى تەنقىدلىگىلى تۇرۇپتۇ. ئاتام خجىل بولۇپ ،مەن بالىغا ئەدەپ ئۆگىتەي،دەپ بوۋاينى ئۇزۇتۇپ قويدى،شۇندىن باشلاپ تونىسام -تونىمىسام چوڭلارغا سالام قىلىمەن....
بىر جەميەتشۇناس قارادۇۋىدىكى بىر قانچە نامرات  ۋە باي دىھقاننىڭ ئۆيىدە ئوخشاش ئائىلە مۇھىتنى،قېلىپلاشقان ئائىلە مەدىنيەت مۇھىتىنى بايقىغان بولۇپ ،سۇئاللارغا بېرىلگەن جاۋاپ ئوخشاش بولغان:
-سىلەر نىمە ئۇچۇن ياشايسىلەر؟ سىلەردىكى خوشاللىق ۋە بەخىت نىمە ؟
-بىز سىلەردەكلا يەپ-ئىچىمىز،ئۇخلايمىز... باشقا ۋاقىتتا  ئىبادەت قىلىمىز، ئەمگەك قىلىمىز!
قارادۇۋە ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن ئىچىملىك ۋە چىكىملىكتىن يىراق بولۇپ تەبئى ھالدا كىشىلەر بۇ ئىككى نەرسىنى ئەيىب سانايدۇ،ئىچىملىك ۋە چىكىملىككە بىرىلگەن كىشىلەرنى ھىچكىم ياراتمايدۇ،كۆزگە ئىلمايدۇ،ھەتتا قىز بەرمەيدۇ،بۇرۇن ھۆنىرى بولمىسا قىز بەرمەيتتى ،ھازىر بولسا قىزلارنىڭ ئۆلچىمى ئىتقاد خاراكتىردىن رەڭ ئالغان ئىدى.
ئوقۇغۇچىلار ساپ ئىسلام ئائىلە مۇھىتىدا ئائىلە تەربىيسى ئالىدىغان بولۇپ مەكتەپتىكى  ئاتىزىم تەربىيسى بىلەن قۇتۇپلىشىش ئېغىر بولغاچقا نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى مەكتەپتىن خالىسا تۇتۇۋالاتتى،خالىسا مەكتەپكە بىرەتتى،بۇ بىر ئىجابى تەرەپمۇ ياكى سەلبى تەرەپمۇ كەمىنە بۇ ھەقتە ھۆكۇم قىلىشقا ئامالسىزمەن. كوچىدا ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ قالغان ئادەمنى كۆرگىلى بولمايدۇ،كوچىدا ،كىشىلەر توپلاشقان يەردە بەڭگىلەر ئاساسەن تاماكا چەكمەيدۇ،...يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان بىر خىزمەتچى قارادۇۋىدە ھاراق ئىچىپ سىرتقا چىقىپ يول ياقىسىدا ئۇخلاپ قالغان ئىكەن ،بىر نەچچە ياش بالىلار ھېلىقى ھاراقكەشنى ئىككى پۇتىدىن تۇتۇپ سۆرىگىنچە كۆلگە تاشلىۋەتكەن ئىكەن....
يەنە بىر مىسال .يېڭىدىن كەلگەن بىر يېزا باشلىغى قارادۇۋىدىكى شۇنچە كۆپ دۇكانلاردىن ھاراق-تاماكا تاپالماي ھەيران بولۇپ:
- بۇ قانداق يۇرت-ھە؟ بۇ يەردە ھۆكۆمەت يوقتەك نىمىشقا ھاراق سېتىلمايدۇ ؟
دەپ قول ئاستىدىكىلەرنى  تەنقىدلىگەندە ،ئۇلار چۇشەندۇرۇپ :
-بۇ يەردىكى دۇكانچىلار ھاراق ساتقىلى ئۇنمايدۇ،بىز كۆپ ئىدىيە -خىزمەت ئىشلىدۇق ،ئۇنۇمى بولمىدى- دىگەندە،  ھېلقى يېزا باشلىغى بارمىغىنى چىشلىگىنچە ھەيران بولغان ئىكەن...
قارادۇۋىدە توي-تۆكۇن،نەزىر -چىراق باشقا يۇرتلارغا قارىغاندا ئۆزگىچە بولۇپ ،بۇرۇنقى مەشرەپ ۋە توي تاماشىسىنىڭ ئورنىغا  چېلىش ۋە بوكىس مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇش ئوموملاشقان،توي ئىگىسى ئايرىم بىر ئۆيگە ياكى بىر مەيدانغا چېلىش مەيدانى ياكى بوكىس مەيدانى ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىدۇ،پالۋانلار چېلىشىدۇ،مۇشتلىشىدۇ،پالۋان ئاتالغان يىگىتكە ساھىبىخان چاچقۇ چاچىدۇ ،چېلىش شۇنچىلىك قىزىپ كىتىدۇكى ،مەيدىسىدە ئەركەك تۇكى باركى ئەر كىشىنىڭ بىر قەپەس تۇتىشۋالغۇسى كىلىپ كىتىدۇ، ھەي كارامەت پالۋانلار بار جۇمۇ...تارىخى رىۋايەتلەردە چوڭلارنىڭ ئىيتىشىچە ،شامەخسوت ۋاڭ چېلىش ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوردا چېلىشچىسى ھەممىنى يەڭگەن بولۇپ،ئاخىرىدا قارادۇۋىدىن بارغان پالگانلار بىلەن چېلىشقان بۇ ۋاقىتتا قارادۇۋە پالۋانلىرى  ئوردا چېلىشچىسىنىڭ پۇتىنى ئۇزىۋەتكەن ئىكەن ...
بىز تاھىرجاننىڭ باشلىشى بىلەن قارى ئىسىملىك بىرىنىڭ ئۆيىگە كىردۇق، قارى بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئۇنىڭ خۇشخۇي ۋە تەمكىن مىجەزىدىن  بىز قورۇنۇشلېرىمىزنى تاشلاپ  ئەركىن سۆھبەتكە كىرىپ كەتتۇق، ئۇ بىزنىڭ يۇرت كۆرۈپ-ساياھەت قىلىپ كەلگىنىمىزنى ئاڭلاپ خوش بولدى ۋە قاردۇۋىنىڭ ئۇمومى كەيپىياتى، ياشلار بلەن چوڭلارنىڭ ئىتىپاقلىغى،كىشىلەرنىڭ ئاڭ ۋە تۇرمۇش سەۋىيسى ھەققىدە، ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەي ئۈگۈنۈش ياكى ئىشلەشنىڭ ئەمەلى ئۈنۈم يارىتىدىغانلىقى تۇغۇرلۇق تەپسىلى توختالدى، بىزمۇ بۇ يۇرت ھەققىدە ئاڭلىغانلېرىمىزنى سورىدۇق، ئۇ كىشى قىزىقارلىق ۋە كۈلكىلىك ئىشلارنى مىسال قىلىپ بىر سۆزلىگىلى تۇرۇۋىدى-بىز ئاغزىغا قاراپلا قاپتۇق...بىر ئازدىن كېيىن تاماق تارتىلدى، تاماقتىن كېيىن يەنە كۆپرەك ئولتۇرغىمىز بولسىمۇ ،ئۇ كىشىنىڭ سەل مىجەزى يوقلىقىنى كۆرۈپ   خوشلاشتۇق، ئۇ كىشى ياخشى تىلەكلەر تىلەپ قالدى...
بۇ قېتىملىق سەپەر گەرچە ئىككى كۈنلۈك چاقماق سەپەر بولسىمۇ،چىرايى ناتۇنۇش ئەمما قەلىبلەر تونۇش كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ،مۇڭدىشىپ،دوستلىشىپ ئالاھىدە تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇق، قەلبىمىزمۇ باشقىچىلا ئېچىلىپ قالدى.
 بىنا-يول-مەيدانلار ھەممە يەردە ئوخشاش، ئەمما  يۇرت-يۇرت كىشىلېرىنىڭ پىسخىكىسى،تورمۇش ئۆرۈپ-ئادەتلېرى،كىشىلىك دۇنيا قاراش ھەتتا شىۋىسى ،چىرايى پەرىقلىق ،رەڭگارەڭ بولغاچقا  ئۆزىگە بىلىنمىگەن بىلەن باشقا كىشىگە يېڭىلىق تۇيۇلاتتى، بىزگىمۇ خۇددى شۇنداق بولدى، بۇ ئىنچىكە تەسىراتلارنى يازسا گەپ بەك ئۇزىراپ كېتىدۇ(ھېلىمۇ بەك ئۇزىراپ كەتتى)يىغىنچاقلىغاندا :
قومۇلۇقلارنىڭ بولۇپمۇ بىز ئۇچراتقان كىشىلەرنىڭ ئاقكۆڭۈللىكى،مېھماندوستلىقى، دوستانە خۇش-خۇي مىجەزى،تىرىشچان ئۆگۈنۈش روھى،
كۆڭلىدە نىمە بولسا يوشۇرماي دەيدىغان تۈزلۈكى بىزگە يېڭى دەرىس بولدى.
قارادۇۋىلىكلەرنىڭ ئۆم-ئىتتىپاقلىقى، ئۆزئارا ھەمنەپەس يار –يۈلەكتە بولۇش روھى ،ساپ ئېتىقادى ۋە ئەمگەكچانلىقى بىزنى چوڭقۇر تەربىيىگە ئىگە قىلدى....
بىز قومۇلدا يەنە بىرەر كۈن تۇرۇش ياكى قايتىپ كېتىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىپ، ‹يولۋاس ئىزىدىن قايىتماس،يەنە 80 كىلومىتىر يولنى كەينىمىزگە يېنىپ  يۈرگۈچە قايتايلى،يازدا كىلەرمىز ،ئىنشائاللاھ !... خوش ،مېھىرلىك ماكان!ئاللاھدىن مېھماندوست قەۋمىڭگە بەرىكەت ۋە ھىدايەت تىلەيمىز›دىيىشىپ غەرىب تەرەپكە يول ئالدۇق... (تامام)

تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-02-07, 11:33
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-02-07 10:58 |
turan
سۇكۇتتە تۇرۇشۇم ئاجىزلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 578
شۆھرەت: 3307 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3328 سوم
تۆھپە: 1927 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1934 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 533(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەزكور تىما تۇلىمۇ ياخشى يېزىلپتۇ،تىمنى كۆرۇپ قۇمۇلغا بولغان مۇھەببىتىم ھەسسلەپ ئاشتى،بۇلۇپمۇ  قاردۇۋە ئۇيغۇرلرى قايىللىقمىنى ھەسسلەپ ئاشۇردى،اللە خالىسا بۇ يىل قارادۇۋىگە بىر بارمىسام...باشقۇرغۇچىلار بۇ تىمىنى نادىرلاپ قويغان بولسا  بەك بەلەن بۇلاتتى..
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-07 12:02 |
orhuni
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5725
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 247 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 247 سوم
تۆھپە: 136 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 139 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەزكۇر تېمىنى كۆرۈپ قۇمۇلغا بولغان تۇنۇشۇم 1توننا ئاشتى جوما .....
      ھەممە كىشىلىرىمىز    قاردۇۋە ئۇيغۇرلىرىدەك بولسا  ئۆم بولسا ھە.......
نېمە قىلىش مۇھىم ئەمەس ،قانداق قىلىش ئەڭ مۇھىم
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-07 14:50 |
bahdaxohli

دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1175
شۆھرەت: 6343 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6397 سوم
تۆھپە: 3751 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3795 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 453(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى orhuniدە2012-02-07 14:50يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەزكۇر تېمىنى كۆرۈپ قۇمۇلغا بولغان تۇنۇشۇم 1توننا ئاشتى جوما .....
        ھەممە كىشىلىرىمىز    قاردۇۋە ئۇيغۇرلىرىدەك بولسا  ئۆم بولسا ھە.......
 
قارىسام سىز قومۇلدىن ئەمەسكەنسىز ،  سىزنىڭ چاقچاق مەنىسىدە بۇنداق ئىنكاس قايتۇردۇڭىزمۇ ياكى قارادۈۋە توغۇرسىدىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ بۇنداق ئىنكاس قايتۇردىڭىزمۇ بىلمىدىم ،
قارادۈنىڭ ئادەملىرى ھەقىقەتەن ئۈم ، ئىتتىپاق ، ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىق كۈچىنى ئادەتتىكىچە چاغلىغىلى بولمايدۇ ، قومۇلنڭ باشقا جايلىرىدا بۇنداق ئىتتىپاقلىق كۈچى ئاساسەن ئاجىز ھەم شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ قارادۈلىكلەردىكى ئىتتىپاقلىق بار دىسە ئىشىنەلمەيمەن ،
قارادۈۋە قۇمۇلدىكى بىردىنبىر ھاراقتىن خالىي يۇرت ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ھاراقتىن خالىي يۇرت دىسىمۇ بەلكىم ئارتۇق كەتمەيدۇ ،
ئەگەر پۈتۈن شىنجاڭدىكى جىمىكى ئۇيغۇر قارادۈلىكلەردەك ئىناق ئىتتىپاق بولغان بولسا بەلكىم بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقى ھەل بولغان بولاتتى ھەم   ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-07 18:03 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1816
شۆھرەت: 9986 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10048 سوم
تۆھپە: 5876 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5886 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2573(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كاتتا سەپەرلەر بولۇپتۇ ،  مەرھابا مەرھابا
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-07 19:37 |
www.kuznak.com
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5696
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 112
شۆھرەت: 576 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 583 سوم
تۆھپە: 344 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 346 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھارمىغايسىز.............
                   http://www.kuznak.com
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-07 20:04 |
ihwan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 36
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 182
شۆھرەت: 1486 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1521 سوم
تۆھپە: 800 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 809 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 530(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قېرىنداشلىرىم ، يۇرتۇمىزغا كەلگەن بولساڭلارمۇ دىدار -مۇلاقات بولالماپتىمىز ،ئاللا خالىسا كىيىنكى قېتىمدا مۇڭدىشارمىز .ئاللا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرغا ئۆم- ئىتتىپاقلىق ئاتا قىلسۇن!
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-07 21:50 |
anwarkapak
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 98
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 443
شۆھرەت: 2308 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2329 سوم
تۆھپە: 1379 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1380 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 277(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قاردۈۋە يېزىسى بىز  ئۇيغۇرلارنىڭ  پەخرى .
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-07 22:08 |
jenibak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5582
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 205 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 205 سوم
تۆھپە: 123 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 123 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 258(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      ھەربىر مۇسۇلمان ياشاۋاتقان يۇرت بىزنىڭ پەخرىمىز.     ئاللا ئاشۇ جايلارغا ئىناق-ئىتتىپاقلىق، بەرىكەت ئاتا قىلسۇن!
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-07 23:10 |
orhuni
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5725
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 247 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 247 سوم
تۆھپە: 136 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 139 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى bahdaxohliدە2012-02-07 18:03يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
 
قارىسام سىز قومۇلدىن ئەمەسكەنسىز ،  سىزنىڭ چاقچاق مەنىسىدە بۇنداق ئىنكاس قايتۇردۇڭىزمۇ ياكى قارادۈۋە توغۇرسىدىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ بۇنداق ئىنكاس قايتۇردىڭىزمۇ بىلمىدىم ،
قارادۈنىڭ ئادەملىرى ھەقىقەتەن ئۈم ، ئىتتىپاق ، ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىق كۈچىنى ئادەتتىكىچە چاغلىغىلى بولمايدۇ ، قومۇلنڭ باشقا جايلىرىدا بۇنداق ئىتتىپاقلىق كۈچى ئاساسەن ئاجىز ھەم شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ قارادۈلىكلەردىكى ئىتتىپاقلىق بار دىسە ئىشىنەلمەيمەن ،
قارادۈۋە قۇمۇلدىكى بىردىنبىر ھاراقتىن خالىي يۇرت ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ھاراقتىن خالىي يۇرت دىسىمۇ بەلكىم ئارتۇق كەتمەيدۇ ،
ئەگەر پۈتۈن شىنجاڭدىكى جىمىكى ئۇيغۇر قارادۈلىكلەردەك ئىناق ئىتتىپاق بولغان بولسا بەلكىم بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقى ھەل بولغان بولاتتى ھەم   ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

 توغرا مەن قۇمۇلدىن ئەمەس ،مەن مەزكۇر تېمىنى كۆرۈپ قۇمۇل قاردۈۋە توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بۇلۇپ ئاندىن ئىنكاس قايتۇردۇم ،بىزنىڭ يۇرتىتىكى كەلپىن خەلىقىمۇ ناھايىتى ئۆم ...
نېمە قىلىش مۇھىم ئەمەس ،قانداق قىلىش ئەڭ مۇھىم
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-08 10:56 |
mehrigiyah
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 553
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 129
شۆھرەت: 668 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 669 سوم
تۆھپە: 399 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 400 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 121(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەر قانداق جاي ھەم ھەر قايسى يۇرت كىشىلىرىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى، مىجەز- خاراكتىرى بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ئاۋام خەلىقنىڭ ئىناق ئۆتكىنى ئەۋزەل!!!!!!!!!
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-08 11:09 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » باغداش مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيتى