ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى jenibakدە2012-02-07 14:54يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك قۇرلار بولۇپتۇ، رەھمەت سىزگە ئادەمنىڭ جىن بىلەن سۆزلىشىشىنى مۇمكىن ئەمەس دەپسىز ، مېنىڭمۇ بېشىمدىن مۇشۇنداق ئىش ئۆتكەن دەپسىز ، مەن چۈشىنەلنىدىم ، ئېغىىر كۆرمەي مۇشۇ قۇرلارنى يەنىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن؟! رەھمەت!!!
ئادەمنىڭ جىن بىلەن سۆزلىشىشىنى ئىنكار قىلغىنىم يوق ،مەن پەقەت جىن بىلەن سۆزلەشمەسلىك كېرەك ۋە ئۇ دېگەن گەپكە ئىشەنمەسلىك كېرەك ! دېمەكچى .
ئەمىسە قانداق ئۇسۇللار بىلەن جىن سوقۇۋەتكەن كىشىلەرگە ياردەم بېرىش كېرەك!
1. ئاللاھقا يىغلاپ ،يېلىنىپ دۇئا قىلىش.
2. جىن سوقۇۋەتكەن كىشىلەرنى ئىمكانقەدەر ئوبدان غىزالاندۇرۇش ، ئىمكانقەدەر كۆپرەك ،تىنىچ ئازادەمۇھىتتا ئۇخلىتىپ دەم ئالدۇرۇش.
3. جىن سوقۇۋەتكەن كىشىلەر ساق ۋاقتىدا يەنە تېخى تۇتمىغان ياكى جىن ھوجۇم قىلمىغان چاغدا ،ئۇلارغا مەنىۋى تەربىيەنى بولۇپمۇ ئاللاھقا بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىش ،تەۋھىد ئەقىدىسىنى چوڭقۇر سىڭدۈرۈش .
4. جىن سوقۇۋەتكەن كىشىنى ئىمكان بار مۇكەممەل شەرىئەت ئاساسىدا كېيىندۈرۈش.
5. ئۇلارنى سۈننەت بويىچە غۇسلە قىلدۇرۇش، داۋاملىق تاھارەت بىلەن يۈرۈشكە بۇيرۇش.
6. ئۇلارنى ھېچقانداق ۋاقتتا يالغۇز قويماسلىق ، قاراڭغۇ جايلاردا قويماسلىق ،كېچىلەر ياتقاندىمۇ چىراغنى يېقىپ ياتقۇزۇش.
7.ئۇلارنى قۇرئاننى داۋاملىق ئاڭلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش ياكى ئۆيلەردە داۋاملىق قۇرئان دەيلىرىنى قويۇپ بېرىش...
8. يېمەكلىكنىڭ ھالال پاكىز بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش.
9. جىن ھۇجۇم قىلغان ۋاقتتا - قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇش ،بولۇپمۇ ئايىتەل كۇرسى ،فەلەق ناس ،فاتىھە قاتارلىقلارنى چىن دىلىدىن ئوقۇش.
...ۋەھەكازالار...
دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ،ئالدام خالتىغا چۈشمەسلىككە تېگىشلىك مۇھىم ئىش:
1. قۇرئان ئوقۇلغان ،ئايەتلەر ئوقۇلغان زامات ياكى بىمارنىڭ كۆز قارچۇقلىرى تارتىشىپ ، بىمارنىڭ بايانىدا ياكى بىمارنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن جىن سۆزلىشى مۈمكىن. بۇ ھالدا ئۇنىڭ پاراڭلىرىنى ھېچبىر پىسەنتكە ئالماسلىق ،ئۇنىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى نەزەرگەئىلماسلىق كېرەك.ئادەتتە چاپلىشىۋالغان جىنلار ئامال بەر ئۇششاق گەپ قىلىپ ،ۋاقتنى كەينىگە سوزۇپ ،ئۇزاق پاراڭلىشىشنى ئىستەيدىكەن ۋە پاراڭلىرى ئارىسىدا شەرىئەتكە خىلاپ تەكلىپلەرنى قويىدىكەن ۋە ئىمانغا دەز كەتكۈزىدىغان بەزى تەلەپلەرنى دەپ ، شۇ تەلەپلەر ئورۇنلانغاندا ،ئاندىن ئۆزىنىڭ زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدىكەن. ھالبۇكى بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرقىلتاق .
ھەقىقى بىر مۇسۇلمان جىن ھەرگىزمۇ بىراۋغا ئۇنچىلىك دەرىجىدە زىيان يەتكۈزمەيدۇ چۈنكى مۇسۇلمان ئاللاھتىن قۇرققۇچىدۇر .ئادەتتە چېپىلغاننىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇشرىك ،بىدئەتچى ياكى كافىر جىن بولىشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن . ھەتتا ئۇلار ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇلار بىلەن زىنھار پاراڭلاشماسلىق كېرەك. چۈنكى ئىنسان يارالغان بىز - ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىز . ئۇلارنى كۆرەلمەيدىغان ،ئۇلار ھەققىدە تۈزۈك مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس بىزلەر ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشىنىشكە تېىخىمۇ ئامالسىز .قۇرئان ۋە ھەدىسمۇ بىزنى ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشقا ياكى ئۇلار گەپ قىلسا ئىشىنىشكە بۇيرۇمىغان .بۇ پاراڭلىشىش ھالبۇكى ئىنتايىن خەتەرلىك ئىشتۇر. بىزمۇ ئەينى چاغدا (ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن!) 4سائەتتىن ئارتۇق پاراڭلاشقان . ئۇ بەزى يولسىز ،بولمىغۇر ،شەرىئەتكە زىت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان - ئەمما بىز كەسكىن رەت قىلغان ، تەۋھىدتە مۇستەھكەم تۇرغان ،بارلىق تىلەكنى ئاللاھقا قىلىپ ،ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ دۇئا قىلغان بولساقمۇ ،كېين سەزگۈرلۈك بىلەن ئويلىساق ،بەزى ئەسكەرتمىلەرگە دېققەت قىلساق ،ئەسلى پاراڭلاشقىنىمىزنىڭ ئۆزىلا خاتاكەنتۇق .چۈنكى پاراڭلىشىش قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ نۇرغۇن گەپلىرىگە قىسمەن ئىشىنىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. شۇڭا مۆئمىن كىشى ھەرگىز بۇنداق بولمىغۇر ،بىدئەت ئىشلارغا يېقىن يولىماسلىق كېرەك .ئەينى ۋاقتتا شۇ سورۇندا يۇرتىمىزدىكى بارلىق مۆتىۋەر ئۆلىمالار ھەممىسى كەلگەن بولسىمۇ ،ئەمما ھېچكىممۇ پاراڭلىشىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى دەل ئېيتالمىغان. دېمەك گەرچە شۇ سورۇندا بىزدىن گەپ سۆزدە خاتالىق ئۆتمىگەن (ئاللاھدىن شۇنى تىلەيمەن ۋە خاتا گەپلەر ئۆتكەن بولسا كەچۈرىشىنى تىلەيمەن) بولسىمۇ ،ئەمما سۆزلىشىش دېمەك - ئېتراپ قىلماق دېمەك ،گەپ سۆزلىرىنى نەزەرگە ئىلماق دېمەك ئىدى...
زەن سېلىپ قارىسىڭىز،بۇ كىچىك ئىش ئەمەس. قېنى كىم ،قايسى ئالىم ياكى قايسى داموللا - ئۇلارنىڭ ھەربىر سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئېيتىيالايدۇ ياكى دەلىل كەلتۈرەلەيدۇ؟ ئۇلارغا ئىشەنمەي پاراڭلىشىمەن دېگۈچىلەر ئەمىلىيەتتە ئۆز گېپىنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر!...چۈنكى ئىشەنمىگەن كىشى بىلەن قانداق پاراڭلاشقىلى ،گەپلىرىنى تەستىقلىماسلىققا تېگىشلىك كىشىلەر بىلەن قانداق پاراڭلاشقىلى بولسۇن ؟
مەسلەن : جىن : مېنىڭ ئىسمىم ھەسەن ...دېسە،
پاراڭلاشقۇچى : ئۇنداقتا سەن مۇسۇلمانمۇ؟...دەپ سورىشى مۈمكىن.
جىن : ھەئە ،مەن مۇسۇلمان ...دەپ ئالدىسا،
پاراڭلاشقۇچى : بىر تالاي تەبلىغلەرنى قىلىپ ،سەن مۇسۇلمان تۇرۇپ ...نېمىشقا....دەپ بىر تالاي گەپلەرنى قىلىشى مۈمكىن.
--
خوش : ئاتالمىش جىننىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمىگۈچى ۋە تەستىقلىمىغۇچى قانداقسىگە قەدەممۇ قەدەم مۇنداق پاراڭلىشالىسۇن؟ چۈنكى ئىسمىنىڭ ھەسەن ئىكەنلىكىگە 10 پىرسەن بولسىمۇ ئىشەنمىگەن كىشى ئۇنىڭ ئېتىقادى ھەققىدە سورىمايدۇ . ئېتىقادى ھەققىدە ئىشەنمىگۈچى ،ئۇنىڭ "سەن مۇسۇلمان تۇرۇپ...."دەپ تەبلىغ باشلىمايدۇ .
مانا ئاتالمىش پاراڭلاشقۇچىلار - ئېغىر بىر خاتالىقنى سادىر قىلىدۇ دە...چوڭ بىدئەتتىن بىرنى بەرپا قىلىدۇ.
ئېھتىمال بۇ قىيامەتنىڭ پىتنىللىرىدىن بىرسى بولسا كېرەك! چۈنكى ئەڭ ئۇششاق ئىشلارمۇ يۈز بەرگەن پەيغەمبەر زامانىسىدا ،بۇنداق ئىش ھېچبىر يۈز بېرىىپ باقمىغان .مانا بۈگۈنكىدەك بۇزۇقچىلىق ئېغىرلاشقان دەۋىردە ،مانا ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلار كۆز ئالدىمىزدىلا كۆرۈلمەكتە ۋە ھەتتا نۇرغۇن ئەھلى ئىلىملەرمۇ خاتالاشماقتا!
2. مەيلى نېمە كېتاب بولسۇن ،قۇرئان ھەدىستە كۆرسىتىلمىگەن ھېچقانداق بىر شەكىلنى قوللانماسلىق ،نەرسىلەرنى ئوقۇماسلىق كېرەك.
3. ئەگەر بىمارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى قۇرئاننى تەجۋىدلىك ئوقالايدىغان ، سالىھ مۇسۇلمانلار بولسا - ھەدېسىلا قارى ،ئەھلى ئىلىملەرنى تەكلپ قىلىپ تۇرىۋالماسلىق كېرەك .ئېنىقكى ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسدا ھېچنىمە يوقتۇر ! ئىشىنىڭكى سىزنىڭمۇ دۇئايىڭىز ئەڭ تورلۇق ،ئىخلاسىڭىز بولسىلا ئەڭ ئۆتكۈردۇر .ئىمكان بار دۇئا قۇبۇل بولىدىغان پەرز نامازلارنىڭ كەينىدە، يېىرم كېچىلەردە تۇرۇپ دۇئا قىلىڭ ،ئاللاھقا يېلىنىپ زارۇ تەزەررۇ ئەيلەڭ . جىنمۇ بىزگە ئوخشاش بىر مەخلۇق ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۇ ئىنساننى نېمە قىلالىسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگەئىنسان ئۇلاردىن ئەزىز يارىتىلغان تۇرسا؟>>>.
....