يۈي شاۋيۈن
لىن بياۋ بىلەن يې چۈننىڭ ئوغلى لىن لىگوغا ساھىپجامال قىزلار ئىچىدىن " كىچىك خانىش" تاللىغان رەسۋاچىلىقى خېلى بۇرۇنلا جەمئىيەتتە تارقىلىپ ، شاۋقۇن - سۈرەن پەيدا قىلغان ۋە گېزىت - ژۇرناللاردا كۆپ قېتىم ئاشكارىلانغان بولسىمۇ ، لېكىن بۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئەپقاچتى گەپلەر ، بەزىلىرى ھەتتا خالىغانچە توقۇلغان توقۇلمىدىن ئىبارەت ، ئاپتۇر ئەينى يىللاردىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن لىن لىگونىڭ شاڭخەيدە « ساھىپجامال تاللىغان» لىقىغا دائىر بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى ئىگىلەپ ،كىتاپخانلارنىڭ دىققىتىگە سۇندى .
يې چۈننىڭ ئادەم ئەۋەتىپ سىناپ كۆرۈشى
لىن لىگو شاڭخەيدە « ساھىپجامال تاللاش» نى باشلىغاندا ، پەقەت كىچىك دائىرىدە ئوغرىلىقچە ئىش كۆرۈشكىلا جۈئەت قىلالىغان . 1969 - يىلى "9 قۇرۇلتاي"دىن كېيىن ، يې چۈن ئۆز كونتىروللىقىدىكى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىش بېجىرىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئارقىلىق دېڭىز ئارمىيىسىدىكى لى زوفىڭنىڭ بىر پارچە تونۇشتۇرۇشى بىلەن بېيجىڭدىن بىر نەپەر كادىرنى ئوغلىنىڭ « ساھىپجامال تاللىشى» غا ياردەملىشىش ئۈچۈن شاڭخەيگە ئەۋەتىدۇ . بۇ كادىر شاڭخەيگە بارغاندىن كېيىن شەرقى دېڭىز جەندۈيىنىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى گاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ ، دېڭىز ئارمىيە سېستىمىسىدىكى يوقىرى دەرىجىلىك كادىرلار مېھمانخانىسىنىڭ كۈتكۈچىلىكىگە شاڭخەيدىن بىر نەچچە كۈتكۈچى قوبۇل قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ . ئەينى ۋاقىتتا يەنە شاڭخەي شەھەرلىك ئىنقىلابى كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان گاۋ شەھەرلىك ئىنقىلابى كومىتېت قارمىقىدىكى مەلۇم بۆلۈم نامىدىن تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ، ئۇنىڭ قىزلارنى ئاساسى قاتلامدىن بىۋاستە تاللىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ .بۇ كادىرنىڭ ھەىكىتى ناھايىتى سىرلىق بولۇپ ،بىردەم دېڭىز ئارمىيىسى فورمىسىنى كىيسە ، ،بىردەم قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى فورمىسىنى كىيىۋالىدۇ ، بۈگۈنى مەكتەپكە بارسا ، ئەتىسى زاۋۇتقا بارىدۇ ، ھەم تىڭتىڭلاپ ھەم بىۋاستە كۆزدىن كۆچۈرۈپ مەخسۇس چىرايلىق ۋە ياش قىزلارنى تاللايدۇ . بۇ ئىش ئاممىغا گۇمان تۇغدۇرۇپ ، بەزىلەر يوقىرى دەرىجىلىك ئورۇنغا ئىنكاس قىلىدۇ ، نەتىجىدە يوقىرىدىن ئادەم كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ، ھېلىقى كادىر ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلىپ بېيجىڭگە غىپپىدە تىكىۋېتىدۇ .

لىن لىگونىڭ "ئادەم ئىزدەش گۇرۇپپىسى" قۇرۇشى
شۇنىڭدىن كېيىن ، لىن لىگو ئۆزى بىۋاستە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ . 1970 -يىلى 5 - ئايدا لىن لىگو شاڭخەيدە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 4 - كورپۇسىدىن ئادەم تاللاپ ،مەخسۇس ئوبيېكت تاپىدىغان "ئادەم ئىزدەش گۇرۇپپىسى" قۇرىدۇ . ئۇ بىرىنچى قەدەمدە ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارىغان سەككىز كىشىنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ گۇرۇپپا دەسلەپتە "سەككىز كىشىلىك گۇرۇپپا " دەپ ئاتالغان ، ئەزالىرى كۆپەيتىلگەندىن كېيىن ،لىن لىگو ئۇنىڭغا "شاڭخەي گۇرۇپپىسى" دەپ نام بېرىدۇ . « ساھىپجامال تاللاش» تىن ئىبارەت بۇ ئىش توغرىسىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ھاۋا ئارمىيە 4 -كورپۇسىنىڭ بىرىنچى سىياسى كومىسسارى ۋاڭ ۋېيگو ( لىن بياۋ ئەكسىلئىنقىلابى گۇرۇھىنىڭ غوللۇق ئەزاسى) ئۆزىنىڭ يېقىن ئاداملىرىگە مۇنداق دەيدۇ : " تالانت ئىگىسىگە ياردەمچى تاللايدىغان ئۇلۇغ ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش" .
لىن لىگونىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سالاھىيىتى گەرچە ھاۋا ئارمىيە ئۇرۇش قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولسىمۇ ، لېكىن ھاۋا ئارمىيىسىدە "ھەممىگە قۇماندانلىق قىلىپ ، ھەممىنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيتتى" . ئۇ "شاڭخەي گۇرۇپپىسى" غا بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن ، گۇرۇپپا بەلگىسىنى ناھايىتى نەپىس ئىشلەتكۈزگەن ، يەنە "شاڭخەي گۇرۇپپىسى" نىڭ قۇرال تاپشۈرىۋېلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ، گۇرۇپپا ئەزالىرىغا ئۆز قولى بىلەن قۇرال تارقىتىپ بەرگەن . "شاڭخەي گۇرۇپپىسى" غا قاتناشقان كىشىلەر "گۇرۇپپىدا قەسەم بېرىش" كە قاتناشتۇرۇلغان . قەسەمنىڭ مەزمۇنىدا : "رەئىس ماۋزېدۇڭغا سادىق بولىمىز ، مۇئاۋىن رەئىس لىن بياۋغا سادىق بولىمىز" دېگەنلەردىن تاشقىرى يەنە : "لىن مۇئاۋىن بۇجاڭ ئۈچۈن ھېچ نەرسىدىن قوقمايمىز " ، " لىن مۇئاۋىن بۇجاڭنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قەتئىي ساقلايمىز " دېگەنلەرمۇ بار ئىدى . يەنە كېلىپ كېيىنكىسى قەسەمنىڭ يادرولۇق قىسمى ئىدى . "شاڭخەي گۇرۇپپىسى" نىڭ ئەزالىرى يەنە "گۇرۇپپىغا كېرىشتە بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار" نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى لازىم ئىكەن . "بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار" دا گۇرۇپپىنىڭ ۋەزىپىسى _ پرولتارىيات سىلىڭبوسى بىۋاستە تاپشۇرغان كۆپ خىل ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ، "بولۇپمۇ گۇرۇپپىمىزنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى _ لىن مۇئاۋىن بۇجاڭنىڭ يوليۇرۇقىنى ھېچقانداق كىشىگە ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن .
"شاڭخەي گۇرۇپپىسى" نىڭ ئەزالىرى كېيىن يىگىرمىگە يەتكەن بولۇپ ، ھەممىسى قۇرال ئىشلىتەلەيدىغان ، رەسىم تارتالايدىغان ، ماشىنا ھەيدىيەلەيدىغان كىشىلەر ئىكەن . ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن سوۋېتتە ئىشلەنگەن "ۋولگا" ماركىلىق ماشىنا بېرىلگەن . "شاڭخەي گۇرۇپپىسى' نىڭ رەھبەرلىكىگە ۋاڭ ۋېيگومۇ قاتناشقان ، ئۇ "گۇرۇپپىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى چوڭ ۋەزىيەتكە پايدىلىق بولۇشى لازىم ، مۇئاۋىن بۇجاڭنىڭ ئۆزى چوڭ ۋەزىيەت" دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن . "شاڭخەي گۇرۇپپىسى" نىڭ لىن لىگو ئۈچۈن « ساھىپجامال تاللاش» ئىشى سرتقا قارىتا قەتئىي مەخپىي بولۇپ ، قەتئىي ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن ،ھاۋا ئارمىيە 4 -كورپۇسىدىكى بەزى رەھبەرلەرمۇ بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدىن بىخەۋەر ئىكەن .لىن بياۋ كۈيۈپ ئۆلگەندىن كېيىن ، جۇزۇڭلىنىڭ يويۇرۇقىغا ئاساسەن "شاڭخەي گۇرۇپپىسى" نىڭ ئەزالىرىغا قارىتا ئايرىپ تەكشۈرۈش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، " "شاڭخەي گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپىغا كېرىشتە بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار " ، " قەسەمنامە" . لىن لىگو يېزىپ بەرگەن بېغىشلىما ، گۇرۇپپا بەلگىسى ، « ساھىپجامال تاللاش» تا ئىشلىتىلگەن فۇتۇ ئاپپارات ، ئەلبوم ۋە باشقا سايمانلار قولغا چۈشۈرۈلۈپ ئىشەنچلىك ئىسپاتقا ئېرىشىلىدۇ .بۇنىڭ ئىچىدە "شاڭخەي گۇرۇپپىسى" نىڭ ئەزاسى تاۋ ئەينى ۋاقىتتا بىر مۆجىزە يارىتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ، لىن لىگونىڭ شاڭخەيدىكى ھەر بىر ھەرىكىتىنى ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە تەپسىلى خاتىرلەپ ماڭغان . لىن لىگو بىلەن لىن بياۋ براقلا تۈگەشكەندىن كېيىن ، بۇ خاتىرە لىن لىگونىڭ رەزىل قىلمىشلىرى توغرىسىدىكى مۇھىم جىناتى پاكىتقا ئايلىنىپ ، لىن لىگونىڭ شاڭخەيدە « ساھىپجامال تاللاش» جەريانىدىكى تۈرلۈك پەسكەچلىكلىرىدىن ھەقىقى ھەم تەپسىلى خەۋەردار بولىشىمىزغا ئىمكانىيەت يارىتىلدى .
« ساھىپجامال تاللاش» تا جۈلۇ يولىدىكى ، ھاۋا ئارمىيە 4 -كورپۇسىنىڭ مېھمانخانىسى بازا بولغان
شاڭخەي جۈلۇ يولىدىكى ھاۋا ئارمىيە 4 -كورپۇسىنىڭ مېھمانخانىسىنىڭ قۇرۇسى ئىچىدە چەت ئەلچە گۈلزارلىق ھويلا بەرپا قىلغان بولۇپ ، لىن لىگو ھەر قېتىم شاڭخەيگە كېلىپ ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندا شۇ يەردە تۇرغان . بۇ جاي ئەسلىدە شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ خەلقارا مەسىللەر تەتقىقات ئورنىغا تەۋە بولۇپ ، "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" باشلانغاندىن كېيىن مېھمانخانا ئىگەللەپ ئىشلەتكەن . چەت ئەلچە گۈلزارلىق ھويلا ئىگىز قورۇق تام بىلەن قورشالغان . بۇ يەرگە كېرىدىغان ماشىنىلار جۈلۇ يولىدىن قايرىلىپ ئۇزۇن تار كوچا بىلەن مېڭىپ تۆمۈر دەرۋازىدىن كېرىدىكەن - دە ، مېھمان كۈتۈش ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى چۆپلۈكنىڭ يېنىدا توختايدىكەن ؛ بۇ ھويلىنىڭ يەنە بىر تۆمۈر ئىشىكى ئارقىلىق ھاۋا ئارمىيە 4 - كورپۇسىنىڭ مېھمانخانىسىنىڭ چوڭ ھويلىسىغا چىققىلى بولىدىكەن ، بۇ جاي ھەم خىلۋەت ھەم قۇلايلىق بولغاچقا ، لىن لىگو "شاڭخەي گۇرۇپپىسى" نىڭ "ساھىپجامال تاللىشىى" غا مۇشۇ يەردە تۇرۇپ بىۋاستە قۇماندانلىق قىلغان .
( داۋامى بار )
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-02-18 16:47قايتا تەھرىرلىدى ]