ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 20قەۋەتتىكى قارلۇق007دە2012-03-05 20:22يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاۋامنىڭ سايلاش سايلىنىش ھوقوقىدىن ئىبارەت كىشلىك ھوقوقنىڭ ھەققى كاپالەتكە ئىگە بۇلىشى دىمكۇراتىك جەمىيەت تىنىچ جەمىيەت قۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسى دەپ قارايمەن.مەيلى پارتىكۇم مەيلى ھۈكۈمەت بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر سايلاش سايلىنىش ھوقوقى بۇيچە سايلاپ ۋۇقۇتقا كەلتۈرۈپ ئە،ەلدار تەيىنلەش كېرەك.يەنە كىلىپ چۇقۇم ئامما سايلىشى كېرەك.
دۆلەت ئىچىى ۋە سىرتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، بۇ خىل سايلامنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇكەن كەنتىدە ئېلىپ بېرىلىغان،دېھقانلار بىۋاستە سايلامغا قاتنىشىپ ئۆزلىرى ئىشەنگەن كىشىلەرنى كەنىت كادىرلىقىغا سايلىغان.يېڭى كەنىت رەھبەرلىك كوللىكتىپى بۇندىن كېيىنكى خىزمەت نىشانىنىڭ قولدىن كەتكەن كەنىت يەرلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ، دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن يىلى يەر ماجراسى تۈپەيلى كېلىپ چىقىپ 3ئايغا سوزۇلغان ۋۇكەن ۋەقەسى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مېدىيەلەرنىڭ ئىزچىل دىققىتىنى تارتىپ كەلگەنىدى. بەزى مېدىيەلەر بۇ خىل سايلامنى جۇڭگونىڭ سېياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلۇشىشىغا پائال تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، دەپ قاراۋېتىپتۇ.
ئەمما "ئىككى يىغىن'' غا قاتنىشىۋاتقان مەركىزى كومېتېت سېياسىي بىيوروسىنىڭ ئەزاسى ، گۇاڭدوڭ ئۆلكۈلۈك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ياڭ شىياڭگاڭ سۇمرۇغ تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سورىغان سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە : '' ۋۇكەندىكى سايلامدا ھېچقانداق يېڭىلىق يارىتىلمىدى، پەقەت ئىلگىرىكى شەكىلۋازلىق ئۆزگەرتىلدى'' دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
http://news.ifeng.com/mainland/special/2012lianghui/daiyanlu/fangtan9.shtml