يۇندى ياغ ئىشلەپچىقارغان باش جىنايەتچىنى ئۆلۈم جازاسىغا
ھۆكۈم قىلىش ھەققىدە ئېنىق ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى
يېقىندائالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكىمىنىستىرلىقى يۇندى ياغ جىنايى ھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشتوغرىسىدا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى خەلقتەپتىش مەھكىمىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىدىن يۇندى ياغ جىنايىھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق،بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يۇندى ياغئىشلەپچىقارغانلارنىڭ جىنايى مەسئۇلىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى 144-ماددىسىنىڭزەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقارغانلارنى جازالاش بەلگىلىمىسىبويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.يۇندى ياغدىن ئىشلەنگەن ئاتالمىش «يېمەكلىك مېيى» ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپساتقانلارنىڭ جىنايى مەسئۇلىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى 144-ماددىسىنىڭ زەھەرلىك،زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىش جىنايىتىدىكى بەلگىلىمە بويچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.يېمەكلىك مېيىنى يۇندى ياغدىن ئىشلەپچىقارغان ياكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەنلىكىتەكشۈرۈپ ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلار بۇيېمەكلىك مېيىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتسا، بۇ ماينىڭ زەھەرلىك،زىيانلىق تەركىبى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 143-ماددىسىدىكى زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىش جىنايىتى بويىچە جىنايىئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىجىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 143- ماددىسىدىكى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە مۇۋاپىقكەلمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى سېتىش جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. يالغاننى راستقىلىپ، ناچارنى ياخشى قىلىپ، لاياقەتسىزنى لاياقەتلىك قىلىپ كۆرسەتكەن مەھسۇلاتلار ياكى ساختاتاۋار ماركىسىغا ياتىدىغانلىرىدىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىجىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 140-ماددىسىدىكى ساختا، ناچار تاۋارلارنى سېتىش جىنايىتىياكى 213-ماددىسىدىكى ساختا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش جىنايىتى،214-ماددىسىدىكى ساختا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى چاپلانغان تاۋارلارنىسېتىش جىنايىتى بويچە جىنايىئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يېمەكلىك مېيىبىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە يۇندى ياغ قانۇنغا خىلاپ جىنايىھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىدە ھوقۇقىنى قالايمىقانئىشلىتىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، شەخسىي غەرەز بىلەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپجىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى مەسئۇلىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇندى ياغ جىنايىتىنى بېكىتىشتەجىنايەتكە چېتىشلىق پۇل، جىنايەت ئۇنسۇرلىرىنىڭ سۇبيېكت رەزىللىكى ۋە ئۇنىڭجىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋاسىتىسى، جىنايى قىلمىشىنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىۋە تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش، بازار ئىگىلىكى تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىشدەرىجىسى، يامان تەسىرىنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك. قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشى،ئىلگىرىكى جىنايىتى، بىرلىكتە جىنايەت ئۆتكۈزگەن، گۇرۇھلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنباش جىنايەتچىلەر قاتارلىق ئەھۋاللار شۇنداقلا جىنايەتكە چېتىشلىق پۇل ناھايىتىكۆپ، قىلمىشىقەبىھ، زىيىنىئېغىر، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك، دۆلەت ۋە خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيانسالغان جىنايى ئۇنسۇرلار قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ؛ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانجىنايەتچىلەرگە قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىش لازىم. جىنايىتىنى يېنىكلىتىش،جىنايى ئىشلار جازاسى بېرىشنى كەچۈرۈم قىلىش شەرتلىرى قاتتىق چىڭ تۇتۇلۇش كېرەك.قانۇن بويىچە جىنايىتىنى يېنىكلىتىشتە ئادەتتە مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى بىر ۋاقىتتاجاكارلاپ، جىنايىتىنى يېنىكلىتىش سىناق مەزگىلىدە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشقاتارلىقلارغا ئالاقىدار ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
ي
[ بۇ يازمىنىsebirدە2012-02-28 12:59قايتا تەھرىرلىدى ]