saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1497 قېتىم كۆرۈلدى
ihwan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 36
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 182
شۆھرەت: 1486 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1521 سوم
تۆھپە: 800 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 809 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 530(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تاھارەت توغرۇلۇق ئىجمائقا كېلىنگەن مەسىلىلەر


تاھارەت توغرۇلۇق ئىجمائقا كېلىنگەن مەسىلىلەر


(رەقەملەر ئەسلى مەنبەدىكى رەقەملەرنى كۆرسىتىدۇ، تاللاپ كىرگۈزدۈم)
1. نامازنىڭ تاھارەت بىلەن قوبۇل بولۇشىغا ھەممە ئىلىم ئەھلى ئىجمائقا كەلدى. (يەنى تاھارەتسىز ئوقۇلغان ناماز قوبۇل ئەمەس).
2. ئەر-ئاياللارنىڭ چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىشى، مەنىينىڭ چىقىشى، مەقئەتتىن يەلنىڭ چىقىشى، ئەقىل زاۋال تېپىپ ، بىھوش بولۇشلار تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ دېگەنگە ئىجمائقا، ئىتتىپاققا كېلىندى، يەنى ساھابىلەر، تابىئىنلار، ئەھلى ئىلىم، مۇجتەھىدلەر ئىتتىپاققا كەلدى.
5. نامازنىڭ سىرتىدىكى كۈلۈش تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ دېگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
6.ناماز ئىچىدە كۈلۈش نامازنى بۇزىۋېتىدۇ دېگەنگە ئىجمائقا كەلدى،(نامازدىكى كۈلۈش بىلەن) تاھارەتمۇ سۇنىدۇ دېگەن بىر قىسىم مۇجتەھىدلەر بار.
7.تاھارەت ئېلىش قىزىل گۈلنىڭ سۈيىدە، دەرەخ سۈيىدە سىقىپ چىقىرىلغان سۇلاردا دۇرۇس ئەمەس، مۇتلەق سۇدا، سۇ دەپ ئىسىم قويۇلغان سۇدا بىرەر شەرتى ، سۈپىتى بولمىغان سۇدا دۇرۇس دېگەنگە ئىجمائ قىلىندى.
8. قار-يامغۇر، مۆلدۈر، بۇلاق سۇلىرىدا تاھارەت ئالسا دۇرۇس دېگەنگە ئىجمائ قىلىندى.
9. ھەرخىل ئىچىملىكلەردە غۇسلى قىلىش ، يەنى چوڭ تاھارەت ئېلىش، كىچىك تاھارەت ئېلىش دۇرۇس ئەمەس دېگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
13.گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋانلار(يەنى پاك نەرسىلەرنى يەيدىغان، ئوتخور ھايۋانلار) نىڭ ئىچىپ، ئېشىپ قالغان سۈيى پاكىز، اھارەت ئېلىنىدۇ ھەم ئىچىلىدۇ، دېگەنگە ئىجمائقا كېلىندى.
14. گەرچە تاھارەت ئالغاندا ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ يۇيۇشقا بۇيرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن سول تەرەپتىن باشلاپ ئېلىپ قالسا، تاھارەتنى قايتا ئالمايدۇ، شۇ ھېساب بولىدۇ، دېگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
15. كامىل تاھارەت ئېلىپ، ئاندى شۇ تاھارەت ئۈستىگە ئئۆتۈك، مەيسە قاتارلىقلارنى كىيسە، ئاندىن تاھارىتى سۇنۇپ كەتسە، ئىككىنچى قېتىم تاھارەت ئالغاندا شۇ ئۆتۈككە مەسىھ قىلىپ پۇتىنى يۇمىسىمۇ بولىدۇ دېگەنگە ئىجمائقا كەلدى. چۈنكى بۇ مەسىھ قىلىش ھەدىسى مۇتىۋاتىردۇر.
17. مۇساپىرنىڭ ئىچكىدەكلا سۈيى بولسا، ئەگەر تاھارەت ئېلىۋەتسە، ئۇسساپ ئۆلۈشىدىن قورقسا، تەيەممۇم قىلىپ، سۇنى ئىچىپ ماڭسا بولىدۇ دېگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
20. كىم تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇسا، ئاندىن شۇ نامازنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ بولغاندا سۇنى كۆرۈپ قالسا، بۇ كىشى ئۇ نامازنى قايتا ئوقۇمايدۇ، دېگەنگە ئىجمائقا كەلدى، يەنى ساھابىلەر، تابىئىنلار، ئىلىم ئەھلىلىرى ئىجمائقا كەلدى.
22. سۇ بىلەن تاھارەت ئالغان كىشى تەيەممۇم قىلغان كىشىلەرگە ئىمام بولىدۇ، دېگەنگە ئىجمائ قىلىندى، ئەكسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، يەنى تەيەممۇ قىلغۇچى ئىمام بولالايدۇ، چۈنكى، بۇمۇ ئوخشاش تاھارەت.
24. ئەر ياكى ئايال كىشى چۈشىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ ئېھتىلام بولسا، لېكىن ھۆللۈكنى تاپمىسا، مەنىي، سۇ كۆرمىسە، غۇسلى تاھارەت ئېلىپ يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولمايدۇ دېگەنگە ئىجمائقا كەلدى.

<<ئىجمائقا كەلگەن مەسىلىلەر>>ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

تېما تەستىقلىغۇچى : ilim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-02-29, 10:11
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-02-28 16:53 |
ayding0999
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5590
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 105 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 105 سوم
تۆھپە: 63 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 63 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 37(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللاھ ئەجىرنى بەرسۇن . بەك ياخشى تېما يوللاپسىز ، بىلىۋالدۇق .
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-01 23:26 |
islamoglani
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4355
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 60
شۆھرەت: 386 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 388 سوم
تۆھپە: 222 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 224 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .يەتكۈگىنىڭىزگە رەھمەت.
ئەلىخان
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-02 19:31 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئادەت قېرىماس